مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2788|ئىنكاس: -1

نۇر ئۆچكەن مىللەت. ‹ سەتئىسىل› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەۋەت تالىشىش قەۋەت تالىشىش بۇ قەۋەت تالىشىش تېمىسى،قەۋەتلەرنى تالىشىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز!  مۇكاپاتلىنىدىغان قەۋەتلەر: 1  تالىشىۋالغان قەۋەتلەرنى كۆرۈش

ئۈزۈڭنى قەدىرلە ،ئۆزگىنىمۇ ھەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74275
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4383
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 04:08:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

]                                                             نۇر ئۆچكەن مىللەت   

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇنبەر ئالدىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم ،ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن.
بۇگۇن مەن مىللەت دىگەن ئۇقۇم توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئوتسەم ،تۇنجى ئەسىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كەمچىلىكلەردىن خالى بولماسلىقى مۇمكىن ،شۇڭا ھەر قايسى ئۇستازلارنىڭ ماڭا يىقىندىن ياردەمدە بۇلۇپ كەمچىلىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت.


مىللەت بۇيۇم ئەمەس،پۇلغا سېتىۋالغىلى بۇلىدىغان ياكى پۇلغا ساتقىلى بۇلىدىغان.
مىللەت ئېسىل ۋە ھەشەمەتلىك پىكاپ ۋە ياكى داچا ئەمەس ، ئېسىل بېزەپ باشقىلارغا كۆز كۆز قىلىدىغان ،لازىم بولسا ئشلىتىدىغان ،تەكەببۇرلۇق ئۈچۈن باشقىلارنىڭ كۈزىدىن ئوت چىقىرىپ ھەيدەيدىغان .
مىللەت گۈل ئەمەس ، تىكىپ قويسا ياشناپ كىتىدىغان ، ھەممە ئادەم پۇرىقىدىن ھۇزۇر ئالالايدىغان، سوۋغات سۈپىتىدە باشقىلارغا سۇنغىلى بۇلىدىغان.
مىللەت بەدەنگە چىكىۋالىدىغان رەسىم ئەمەس ، چىكىپ  قويسا ئۆلگىچە بەدەندىن ئۆچمەيدىغان.
مىللەت شۇنداق نەرسىكى ،شۇ توپ ئىچىدىكى بارلىق ئەزالارنى بىر بىرى  بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ مۇكەممەل، مۇنتىزىم ،تەشكىلات قۇرۇش ئۈچۇن چاقىرىق قىلىشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ.ئالغا ئىلگىرلەشتىكى كومپاس.دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتىكى مەنىۋى قالقان .
مىللەت تاماق ئەمەس يىگىلى بولمايدۇ ، كىيىم ئەمەس كەيگىلى بولمايدۇ ،قىز ئەمەس ،لەززەتلەنگىلى بولمايدۇ.
لېكىن ئىسىڭىزدە بولسۇن  .مىللەت شۇنداق مۇقەددەس قانۇننى قىبلىنامە قىلغان .ئۇ سىزگە قانداق تاماقنى يىيىشنى ،قانداق كىيىم كىيىشنى ، قانداق قىزلار بىلەن، قانداق يۇسۇندا ،قانداق چەكلىمىلەر ئاستىدا لەززەتلىنىشنى ئۈگىتىدۇ.
مىللەت تور ئۇيۇنى ئەمەس ، قىزىقىپ كەتكەن ئادەم بىر كۇن كەچكىچە  باش كۇتىرەلمەيدىغان ، قىزىقمايدىغانلار نىمىدۇ  بۇ  دەپ قاپىقىنى سۈزىدىغان.پۇل خەجلەپ ئالاھىدە ئەزا بولغىلى بۇلىدىغان. ئوينىغانسىرى دەرىجىسى ئۆسۈۋۋىرىدىغان .
يىغىپ ئېيتسام مىللەت ئۇيغۇر دىگەن نام ئەمەس ، ئۇيغۇر باللىرىنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا تەۋە بۇلۇپ كىتىدىغان ، ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى ياخشى بۇلۇپ كىتىدىغان،ئۇيغۇر بىز دەپ قۇيۇپ ئالدىغا نىمە كەلسە قىلىۋۋىرىدىغان،قىزلىرى ھايادىن ،ئۇغۇللىرى ۋاپادىن يىراقلىشىپ كەتسە بۇلۇۋۋىرىدىغان.
مىللەت بىر تور بەت ئەمەس دوسلار ، ئۈستىگە ئاللاھنىڭ مۇبارەك  ئىسىم - سىپاتىنى چىقىرىپ قۇيۇپ، دىجى چاكىنا سۈرەتلەرنى لىققىدە تۇلدۇرۋىتىدىغان،
مىللەت سەنئەت ساھەسى ئەمەس ، بىرسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ چولپان قىلىۋېتىدىغان ،يەنە بىرەيلەننى داغدا قويىدىغان.
مىللەت شۇنداق مەجبۇرىيەت ھەم مەسئۇلىيەتكى مىللەت ئۈچۈن ھەم بارلىق ئەزالار ئۈچۈن ئۇن- تىنسىز  تۆھپە يارىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان.ھالاۋەتنىمۇ  تەڭ كۈرۈشكە چاقىرىدىغان.
مىللەت ھەم شۇنداق نەرسىكى بۇگۇنكى كۇنلەردىكىدەكgangnamstayl
  يەنە بىر ،يەنە بىر چولپانلارغا ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيتىنى تاشلاپ قويسا ياشنىمايدىغان   ،كۈندىن- كۈنگە يىلتىزسىز گۈلدەك  سولىشىدىغان . بەرگىلىرى قاياق -قاياقلارغا ئۇچۇپ يوقىلىپ كىتىدىغان.

شۇڭا بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ  ئۇيقۇسنىى ئېچىپ مىللەت سۆيگۈسىنى  ئۇرغۇتۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيتىمىزنى جۇلالاندۇرۇش ئۈچۇن تىرىشىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن ۋە چاقىرىق قىلىمەن .



ياشا ئۇيغۇر   .....   ئۇچقىن كۆكتە   قانىتىڭدۇر سىنىڭ بىز.........




                                      مەنبە ...  سەتئىسىل

                                                                                      2012.11.30

قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87067
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 290
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 12:00:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ‹شېئىر ۋە شائىر› نى ئۈلگە قىپسىز ، ئاپىرىن، ...ئەمما بەزىدە ھېسسىياتنى، ھاياجاننى بىۋاستە ۋە ئوپئوچۇق ئىپادىلەش ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى پۇچەكلەشتۈرۈپ، ئۆمرىنى قىسقارتىۋىتىدۇ، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۇ ئەسىرىنىڭ ھازىرغىچە قەدىرلىنىپ كېلىشىگىمۇ، «تىلنىڭ ئىچىدىكى تىل» سەۋەپ بولغان  ....... شۇڭا سىزگە تەكلىپىم، ئەسەرنىڭ تىلىغا بەكراق ئىشلىسىڭىز ....... بەزى سۆزلىرىڭىز بەك قوپال ........  ( شەخسىي پىكىر )....

پاراسەت تور كىتاب دۇكىنىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ ، مەنزىل : http://paraset.taobao.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 12:00:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللەت نى پۇلغا سىتىۋالغىلى بولمايدۇ.جەمىيەت تەرەققىي قىلغانچە ئىخدىساد يىغىپ باي بولغان ئۇيغۇر بايلىرىمىز مىللىي خاسلىققا مىڭىۋاتىدۇ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2604
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 570 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 01:36:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرىھىم ئۆتكۇر نىڭ  ‹‹شائىر  ›› دىگەن نەسرى شئىرىغا  ئوخشاپ كىتىدىكەن

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4805
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 757 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 02:15:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تايىنى يوق تېما، يەنە كىلىپ چاكىنا. ھەممىنى دىمەي بولدى. مىللەت قىز ئەمەس لەززەتلىندىغان دىگەن نىمە گەپ ئەمدى؟ ئويناپ سۆلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە دەپتىكەن كونىلار.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئاشىق كۈيى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1693
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12270
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 768 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 02:56:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىدىكى گەپلەر ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويغا سالمايدىكەن،مىللەت ئۇ ئەمەس،بۇ ئەمەس،ئۇنى قىلغىلى بولمايدۇ،بۇنى قىلغىلى بولمايدۇ....دىگەن گەپلىرىڭىزگە بىرەر گەپ يۇشۇرۇنغانمۇ قانداق دەپ شۇنچە قارىساممۇ بىرەر گەپ يوق،ھەممە گەپنى يىيىپ قۇيۇپسىز.
تۇنجى ئەسىرىڭىزكەن،بۇندىن كىيىنكى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن تىرىشقايسىز.

بىر ساڭىلا كۈيىدۇ يۈرەك،
خۇددى تىنىم ئوتتا كۆيگەندەك.
بىر جــىنـىـمـغـا بـىـرلا يار كــېــرەك،
يار تۇتـمايـمـەن سـىـنـىـڭـدىن بــۆلــەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 2050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 03:29:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىسەم بولار ،سىز دەۋاتقان بۇ نۇقتىنى مىنىڭچە ئەقىلى جايىدا ھەممە ئادەم ھىس قىلىپ بولغان ھەم ھىس قىلىپ كىلۋاتقان بولشى مۆمكىن ،يەنە ئەزۋەيلەپ ئولتۇرۇشىنىڭ پەقەت ھاجتى يوقتى ،مۇشۇ نەسىر خاراكتىرىدىكى ئەسەرلەر بىلەن ئانچە خوشۇم يوق چۈنكى تەكىتلىندىغان ئىدىيە بەك بەك تەكرار ،گەپ سۆزدىنمۇ بىر ئادەمىنىڭ ساپاسى بىلىنىشىدۇ گەرچە بۇ مەۋھۇم دۇنيا بولسىمۇ ،گەپ سۆز سەل چىكىدىرەك بولسا قانداق ئادەمىنى بىئارام قىلدىغان ھىچكىم ئوقۇشىنى ،ياكى ئاڭلاشىنى ياقتۇرمايدىغان گەپ سۆز ئاز بولغىنى ياخشى

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 05:14:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇيەردە بىر مەسىلە ئېنىق،ئاپتورنىڭ ئۇيغۇرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ ،بىرلىكتە تىرىشايلى دىگەن ئىدىيىسى توغرا .ئەمما ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا سەل مەسىلە باركەن...رەھمەت.كېيىنكى تېمىلىرىڭىزدا كۆپرەك تىرىشىڭ....
ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى نىمە...سەتمۇ ئەمەس ،ئېسىلمۇ ئەمەس، ئوتتۇرھال دىمەكچىمۇ يا؟

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئۈزۈڭنى قەدىرلە ،ئۆزگىنىمۇ ھەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74275
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4383
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 07:22:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تايىنى يوق تېما، يەنە كىلىپ چاكىنا. ھەممىنى دىمەي بولدى. مىللەت قىز ئەمەس لەززەتلىندىغان دىگەن نىمە گەپ ئەمدى؟ ئويناپ سۆلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە دەپتىكەن كونىلار.
ئەجەپ قىزىق  ئىكەنسىز  ھە تايىنى يوق ،چاكىنا دىگەن، نىمە دىگەن گەپ ئۇ   .مىللەت زادى  قىز ئەمەس بەزى ناخوش ئۇغۇللارنىڭ كۆڭلىنى ئاچالمايدۇ.  ئۇلار مىللەتتىن لەززەت ئالالمايدۇ دىمەكچى .ئاچچىقىمدا گەپمۇ قىلاممايمەن دىسە .ئەڭ ياىشىسى ئىلمىي گەپ قىلىشنى ئۈگىنىڭ ھە .بولمىسا سەكرەپ ھېرىپ قالىسىز تىخى .ئۇزۇن ئالەم.بۇ

قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس.

ئۈزۈڭنى قەدىرلە ،ئۆزگىنىمۇ ھەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74275
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4383
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 07:24:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇيەردە بىر مەسىلە ئېنىق،ئاپتورنىڭ ئۇيغۇرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ ،بىرلىكتە تىرىشايلى دىگەن ئىدىيىسى توغرا .ئەمما ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا سەل مەسىلە باركەن...رەھمەت.كېيىنكى تېمىلىرىڭىزدا كۆپرەك تىرىشىڭ....
ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى نىمە...سەتمۇ ئەمەس ،ئېسىلمۇ ئەمەس، ئوتتۇرھال دىمەكچىمۇ يا؟


دەششەت ئىسىل دىگەن گەپ   .ئۇقالمىدىڭىزما   ،  ھەي  ماۋۇ  جىلە بولغىنىمنى

قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش