مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە :
نۇرمۇھەممەت ئۆمەر
تۈمەن(0998)
قەشقەردە ئەر ئوقۇتقۇچىلارنى مەلىم ،بەك ئىلمىي ئاتغسى كەلسە مۇئەللىم،ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى بولسا خانىم دەپ ئاتايدىغان ئادەت بار.
مەكتىپىمىز ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ بولۇپ مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىرىمىدىن كۆپرەكى ياتاقلىشىپ ئوقۇيدۇ ،سىنىپ مەسئۇللىرى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى بارلىق ئۈگۈنىش تۇرمۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇردۇ.قالغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار(ئائىلسى مەكتەپكە يىقىنراق ئوقۇغۇچىلار)ئەتىگەندە مەشخۇلىيەت ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ كىلشى كىرەك.مەكتىپىمىزدىكى ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ داۋام ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس ،بىز ئەتىگىنى مەكتەپكە كەلمىگەن ۋە مەكتەپكە كەلمەي داۋامسىزلىق قىلۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى تىلفۇن بىرىپ ياكى ئائىلسىگە بىرىپ ئىلىپ كەلمىسەك سىنىپىمىزنىڭ داۋامىغا تەسىر يىتىدۇ،بەزىدە ھەتتا مۇشۇنداق سوغۇقتا 10-15كىلومىتىر موتسىكلىت ياكى ماشىنا بىلەن يول يۈرۈشكە توغرا كىلدۇ.
بىر كۈنى مەكتەپتە ياتاقلىشىپ ئوقۇۋاتقان بىر قىز ئوقۇغۇچۇم كەچلىك مەشخۇلىيەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مەندىن رۇخسەت سوراپ ئىشخانامغا كەپتۇ.يىنىدا بىرنەچچە ساۋاقداشلىرى بىللە ئىدى.
-نىمە ئىش ئىدى ؟سورىدىم مەن،مەلىم ياتاقتىكى باللار مەشنىڭ كانىينى ئوڭشايمىز دەپ كانەينى ئۆرىۋەتتى كانەيدىكى ئىسلار مىنىڭ چاپىنىمنى قاپقارا قىلۋەتتى شۇڭا چاپىنىمنى ئۆيگە بىرىپ يۇيۇپ كىلەي دىگەن .
-قىنى ئۇ چاپىنىڭىز ؟ئوقۇغۇچۇم قولدىكى بىر خالتىغا سىلىنغان قىزىل رەڭلىك تەنھەركەت چاپىننى كۆرسەتتى ،چاپانغا قارسام ئانچە دىگۈدەك قارا بوپ كەتمەپتۇ.
-مەلىم،ئۈچەيلەن كانەينى قىقۋىتەيلى دەپ كانەينى چىقىرۋاتساق جەينەكتىن چىقىپ كىتىپ كانەي نىڭ ئىسى ئازراق تۆكۈلۈپ كەتتى ،مىنىڭمۇ چاپىنىم قارا بوپ كەتتى ئۇنچىۋالا ئەمەس كەچتە بىردەمدە يۇيۇپ قۇرتىۋالمىز دىدى يەنە بىر ئوقۇغۇچۇممۇ.-قانداق بولدى ؟مەشنى يەنە ئوڭشاپ ئورۇنلاشتۇرالىدىڭلىمڭ يا؟ھە مەلىم ئۇنچىلىك ئىش دىگەننى.......
-ئۇكام مەشنىڭ كانىينى ئوڭشاپ قويايلى دەپ ئھتىياسىزلىقتىن باللار چاپىنىڭىزنى قارا قىلۋىتىپتۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيىڭىزمۇ خىلى يىراق ،بىرىپ كەلگىچە سوغۇقتا قىينىلىپ يۈرمەڭ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتە ۋاقتىدا دەرىسكە كىلەلمەي دەرىستىن قالسىز ھەم سىنىپنىڭ داۋامىغا تەسىر كۆرسىتىسىپ قويماڭ يەنە ،مۇنداق قىلايلى ياتاقتا كىر سوپۇن بارمۇ؟-بار،ئۇنداق بولسا ياتاقتا كەچلىكى باللار بىلەن بىللە يۇيۇپلا قۇرتىۋالسىڭىز بولدۇ.بىر ياتاقتا بولغاندىكىن....
ئەمما بۇ ئوقۇغۇچۇم تازا گىپىمگە قوشۇلغاندەك ئەمەس ،مەن -خەجلەيدىغان پۇلىڭىز قالمىدىمۇ يە؟دەپ سورىدىم .-ياق پۇل بار.پەقەت بولمىسا مۇنداق قىلايلى سىزمۇ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭ ،چاپىنىڭزنى مەن ئالغاچ كىتىپ ئۆيۈمدە پۈتۈن ئاپتۇماتىك كىرئالغۇ بار سىلىپلا قويسام بىردەمدە يۇيۇپ قۇرتىپ چىقىردۇ ،مەن يۇيۇپ ئالغاچ كىلەي.
-بولدى مەلىم .-ۋاي تارىنغىدەك ئىش يوق تەنە قىلمىدىم جۇمۇ راست دەۋاتىمەن.-بولدى.
ئوقۇغۇچۇم قايتىپ كەتتى ،مەنمۇ ئىشتىن چۈشۈپ قايىتتىم ،ئەتىسى 2-سائەتلىك دەرىسكىچە بۇ ئوقۇغۇچۇم سىنىپتا يوق، ئىزدىرىكىنى قىلدىم .بۇ ئوقۇغۇچۇم ئاخشاملا ئۆيىگە كەتكەن ئىكەن.مەن ھەر ئىھتىمالغا قارشى ئائىلسىگە تىلفۇن قىلدىم.
-تۇرغۇنكا تىنىچلىقما ؟.-چىما سىللە ،مەن زورىگۈلنىڭ سىنىپ مۇدىرى زورىگۈل ئۆيدە بارمۇ ،ئاخشام ئۆيگە كىتىپتىكەن ،-ھە سىلە مەلىممۇ خانىممۇ ؟،ھەيران قالدىم بۇ ئوقۇغۇچۇمنىڭ دادىسى ئاۋازىدىن قارىغاندا مەن دىمەتلىك تۇراتتى قۇلاق ئاجىز ئوخشايدۇ،-ۋاي مەن مەلىم مەلىم.-ھە سىلە ئەر كىشىمۇ خوتۇن كىشىمۇ ؟-نىمە دەيدىغاندۇ ما ئادەم ،-ۋاي مەن ئەر كىشى .
-مەن تىخى سىلنى خوتۇن كىشىمىكىن دەپتىمەن ،بالا ئاخشام كەچ كەپتۇ چاپىننى كۆرگىلى بولمايدۇ قاپ -قارا سىلە شۇنداق قىلۋەتكەن ئادەمنى تىپىپ قاندا قىلدىڭ مانى دىمەپسىز ،يانا تىخى چاپىنىڭىزنى مەن يۇيۇپ بىرەي دەپسىز ،سىلە خوتۇنكىشمىتىلە كىژ ژۇيدىغان.
نىرۋام قىرىققا چىقسىمۇ مۇئەللىم بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تۇتۇۋىلىپ بولغان ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم ،ئۇنىڭغا كۆيۈنۈش يۈزسىدىن شۇنداق قىلغانلىقىمنى ئىيىتتىم .
-سىللە مىنىڭلا قىزىمنىڭ چاپىننى ژۇيۇپ بىرەمتىڭىز ؟،زادى نىمىشقا مىنىڭ بالامغا چاپىنىڭنى ژۇيۇپ بىرمەن دەيسىز .-ئاكا سىلنىڭلا باللىرىنىڭ ئەمەس سىنىپىمدىكى ھەر قانداق باللىنىڭ ئاشۇنداق ئەھۋالدا بولۇپ قالسا چاپىننى يۇيۇپ بىرىمەن .كىر يۇغىنىم مىنىڭ ئەر كىشى ياكى خوتۇن كىشى ئىكەللىگىمنى بىلدۈرمەيدۇ ،بۇ باللىرىغا كۆيۈنگىنىم ، مىنىڭ ئايالىم ،بالام بار ئادەم ،سىلىنىڭ باللىرى مەكتەپتە سىلدىن ئايرىلىپ ئوقۇۋاتىدۇ سىلىنىڭ ئورۇنلىرىدا، ئانىسىنىڭ ئورنىدا مەن شۇنداق كۆيۈنمىسەم بولمايدۇ،بىرەر ئاۋارچىلىققا ئۇچرىسا ياكى مەكتەپتە بىر نىمە بولسا ماڭا يەنە خاپا بولىلا ھەقاچان.............
-يا سىلە زادى مەلىممۇ خانىممۇ ؟نىمىشقا سىلە شۇنداق دەيلا دەۋاتىمەن،سىلىگە ئوقۇغۇچى لازىم بوسا ئۆيگە بىى كە سىلە مەن بىر كۆرەپ باقاي سىلە قاندا مەلىم................
گىپىمىز شۇ تەرىقىدە بىر سائەتكە يىقىن داۋاملاشتى .
بۇ ئوقۇغۇچۇمنىڭ دادىسىغا گەپ چۈشەندۈرۈپ بولالماي تىلفۇننى بىسىۋىتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
مەن ئۆزۈمنى نوقتىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 6-7يىللىق خىزمەت سىتاژى بار مۇئەللىم. كىملىگىمگە قارسام تەقى تۇرقۇمغا قارسام 30ياشتىن ئاشقان راۋۇرۇس ئەر كىشى، ئۇ ئادەمچە كىر يۇيۇشنىڭ گىپى مىنى مۇئەللىمدىن خانىمغا ئايلاندۇۋەتكەن ئوخشىمامدۇ؟
مەنبە:تۈمەن0998