möljarli يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 05:17 AM 
بِسْمِ اللَّەِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
يَا أَيُّەَا ال ...
سىزناۋادابىرئەھلى مۇسۇلمان بولسىڭىز ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىغاقۇربى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشغاتەكلىپ بەرمەي بەلكى ،ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام دىنىنى مۇسۇلمانلارغازۇلۇم سېلىش ئۈچۈن ياراتمىغىنى، ھەمدەمۇسۇلمانلارنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشلارغاتەكلىپ قىلمايدىغىنىنى ،شۇنداقلاھايات قىلىش ئۈچۈن چوشقاگۈشىنى يىيىشىگەيول قويغانلىغىنى، ئاللاھ تائالانىڭ:«ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسمايدۇ. ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئاللاھ سىلەرنى پەقەت دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە چىقىرىشقا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ. كىم ئۇلارنى دوست تۇتسا، ئۇلار زالىملاردۇر.»دىگەنلىگىنى( سۈرەمۇمتەھىنە 60/8-9). يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىردا كاپىر بىر پادىشاھنىڭ دەسلەپتە خەزىنە مىنىستىرى، كېيىن باش مىنىستىرى (زۇڭلىسى) بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقى يۇسۇف سۈرىسىدە ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بۇ قىسسىنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىشى بىزگە ھېكايە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قېلىپ بىر كاپىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئىشلەشكە توغرا كېلىپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن ھېچ ئىككىلەنمەي ئىشلىسە بولىدىغانلىقىنى . دىنىمىزدا ئۆزنۆۋىتىدەكاپىرلارغا دوستلۇق ئىزھار قىلىشقىمۇ رۇخسەت بەرگەن. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«لاَّ يَتَّخِذِ الْمُؤْمِنُونَ الْكَافِرِينَ أَوْلِيَاء مِن دُوْنِ الْمُؤْمِنِينَ وَمَن يَفْعَلْ ذَلِكَ فَلَيْسَ مِنَ اللّەِ فِي شَيْءٍ إِلاَّ أَن تَتَّقُواْ مِنْەُمْ تُقَاەً وَيُحَذِّرُكُمُ اللّەُ نَفْسَەُ وَإِلَى اللّەِ الْمَىِيرُ {28}»
«مۇئمىنلار مۇئمىنلارنى قويۇپ كاپىرلارنى دوست تۇتمىسۇن. كىم شۇنداق قىلسا ئاللاھنىڭ دوستلىقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. لېكىن كاپىرلاردىن قورقۇپ دوستلۇق ئىزھار قىلىشىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر »-( ئال ئىمران 3/28)دىيىلگەندەك ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىغادىن ۋەتۇرمۇش ئىشلىرىدائەمىليەتنى چىقىش قىلغان ئاساستائەھۋالىغاقاراپ ئىش تۇتۇش كېرەكلىگى توغرىسىداتەبلىق قىلسىڭىزتوغرابولاتى.ئەپسۇس !سىزئۇيغۇرلارنى تاريولغاقىستاۋاتىسىز.
ئاخرىداسىزدەكلەرگەبىرقانچەسۇال:نىمەئۈچۈن كاپىرلارياسىغان كومپىيوتورنى،بېسىپ تارقاتقان پۇللىرىنى ئىشلىتىسىلەر؟نىمەئۈچۈن كاپىرلارياسىغان كومپىيوتور،تارقاتقان پۇللارنى ئىشلەتكەن چېغىڭلاردامۇسۇلمانچىلىغىڭلارتۇتمايدۇ؟نىمەئۈچۈن بۇچاغداقەھرىمانلىق قىلمايسىلەر؟سىلەرنىڭ ھازىرغىچەھايات يۈرەلىشىڭلارسىلەرنىڭ كاپىرھۆكۈمەتكەئىتائەت قىلغانلىغىڭىلارنى چۈشەندۈرمەمدۇ؟