ئاممىۋى قويغۇلارنىڭ سەلبى تەسىرى بىزگە نىمىلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ
ئاپتۇرى : ئابدۇرېھىم ئابلەت
(مىسىرانىم مۇنبىرىنىڭ 2013-يىللىق مەشىرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە)
ھەرخىل مەتبۇئات،تور،ئالاقە ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائى پائالىيەتلەردە
مىللى خاسلىقىمىزنى قوغداش،ئۆزىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان
ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللى مەدەنىيتىمىزنى يەنىمۇ بېيىتىش ،زامانىۋىلىق
بىلەن ئىجابى بىرلەشتۈرۈش تەكىتلىنىۋاتقان بۆگۈنكى كۈندە مىللى خاسلىقىمىزنى سىقىپ
چىقىرىۋاتقان ،ئۇنىڭغا تەسىر كۆرستىدىغان ئامىللار جەمىيتىمىزدە مەۋجۇت .بولۇپمۇ ياش
ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇنداق مىللى خاسلىقىمىزنى تۈگەشتۈرىۋاتقان ئاتالمىش <<زامانىۋى
مەدەنىيەت>>نى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى ھەربىر مىللى غورۇرى بىلەن ياشاۋاتقان
كىشىنى ئويغا سالىدۇ.ئاددى خەلىق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سەبى بالىلاردىكى
بۇنداق ئۆزگىرىشنى دائىم ئۇچرىتپ تۇرىمەن.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىشقا مەجبۇر
بولدۇم.
ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسقا چىقسام ئاپتوبۇستىكى قويغۇدا
قويۇلىۋاتقان ،پەخىرلىك ناخشچىمىز ئابدۇللانىڭ نادىر كۈيلىرىگە كىرىشتۈرۈلگەن
ھىندىستاننىڭ <<گۈزەل>> چولپانلىرىنىڭ مەيدىسى،كىندىكى ئوچۇق ھالەتتە
ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى، تاماق يېيىش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرسەم ياش
ناخشىچىلىرىمىزنىڭ لىرىك كۈيلىرىگە كىرىشتۈرۈلگەن چاچلىرىنى غەلىتە پاسۇندا تاراپ
،ساڭگۇل-سۇڭگۇل كىيىملەرنى كىيىۋالغان كورىيە چولپانلىرى رول ئالغان
<<نادىر>> كىنۇ فىلىملىرىنىڭ كۆرۈنۈشلېرى. چاچ ساقاللىرىمنى ئالدۇرۇش
ئۈچۈن ساتىراچخانىغا كىرسەم ھەممىلا جايدا <<شاش د ج >> دەپ قارشى
ئېلىنىۋاتقان ،ئۇياتلىق ئەزالىرىدىن باشقا ھەممە يېرى ئوچۇق <<گۈزەللەر>>
ئۇسسۇل ئويناۋاتقان چەتئەلنىڭ دېسكو مۇزىكىلىرى.يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولاي دەپ
تورغا چىقسام قايسى بىر مۇنبەرگە <<ئالامەت شوخ ئۇسسۇل>> تېمىسى بىلەن
يوللانغان ھىندىستاننىڭ قايسى بىر ناخشىسىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ،ئوغۇل بالىمىكىن
دىسە قىزلاردەك خۇلۇق چىقىرىپ ،كاسسىسىنى ئاپپاق ئىشتاندىن سويمىدەك چىقىرىپ ھەر
تەرەپكە تاسقاپ ،قىز بالىمىكىن دىسە كۆكسى يوق كالتە چاچ ،بەدەن قۇرۇلۇشى
ئوغۇللارنىڭكىگە ئوخشاپ كىتىدىغان ،جىنسىنى پەرىق قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئۇيغۇر
پەرزەنتىنىڭ ئويناۋاتقان <<شاش>> ئۇسسۇلى،تېخى بۇنى ئاز دىگەندەك
ئېكىراننىڭ بۇلۇڭىغا <<* * * *ناۋاسى >> دەپ جەنۇبى شىنجاڭدىكى قايسى
بىر يۇرتنىڭ نامى ئېنىق قىلىپ يېزىپ قويۇلغان.تېخى بىر قانچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا
مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدىكى زالنىڭ تېمىغا ئېسىقىلىق تېلېۋىزوردىن چىققان مۇنۇ كۆرۈنۈش
مىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سېلىپ قويدى، ئاشخانىنىڭ زالىغا ھەقسىز تاماقتىن بەھرىمان بولىۋاتقان 60نەچچە نەپەر ئوقۇغۇچى چۈشلۈك تاماق يېيىش ئۈچۈن يىغىلغان بولۇپ تېلېۋىزوردا قويۇلىۋاتقان ،8-9-ياشلار دىكى بىر سەبى ئۇيغۇر قىزىنىڭ مەيدىسى،كىندىكى ،قولتۇقى ئوچۇق كۆينەك ۋە كالتە ئىشتان كىيىپ قايسى بىر ھەۋەسكارنىڭ ئەبجەش ناخشىسىغا قايسى مىللەتنىڭ ئىكەنلىكىنى پەرىقى قىلغىلى بولمايدىغان غەلىتە ئۇسسۇلنى ئويناۋاتقانلىق كۆرنىشى ئىدى .مەن تاماق بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن تاماق شىرەسىنىڭ يېنىغا كىلىپ ئورۇن ئالغاندىن كېيىن بۇ كۆرۈنۈشكە تېخىمۇ دىققەت قىلدىم .قارىسام بۇ ھەرگىزمۇ بىرەر ئورۇن ئويۇشتۇرغان پائالىيەت بولماستىن بەلكى جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئولتۇرۇشىدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈش ئىدى .كۆرۈنۈشتىكى قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ شۇ سورۇندا بار بولۇپ چەكسىز پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا قارىشىپ ئولتۇرۇشقاندەك قىلاتتى .زالدىكى ئوقۇغۇچىلار بولسا تامىقىنىڭ سوۋۇپ قالغانلىقى بىلەن ھىسابلاشماي ئېغىزلىرىنى ئېچىشقان ھالدا بۇ <<بالا چولپان>>غا ھەۋەسلىنىپ قارىشىپ ئولتۇرۇپتۇ.شۇ ئىش يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي مەكتىپىمىزنىڭ سەنئەت پائالىيىتىدە مەلۇم بىر قىز ئوقۇغۇچى مەن ئاشخانىدا كۆرگەن ھېلىقى <<بالا چولپان>> ئوينىغان ئۇسسۇلنىڭ نەق ئۆزىنى 600دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ئويناپ قىزغىن <<ئالقىش>>قا ئېرىشتى .ئاشخانىدىكى شۇ كۆرۈنۈشنىڭ بۇنچىۋالا تېز <<كارامىتى>> نى كۆرستىدىغانلىقى خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئىكەن .
نىجاسەتنىڭ سېسىق پۇرىقىدەك ھەممىلا جاينى قاپلاپ كەتكەن بۇنداق يۈزلىنىش ھەقىقەتەن ئادەمنى سەسكەندۈرىدۇ. قارىماققا بو ئانچە ئويلىنىشقا ،باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان مەسىلىدەك كۆرۈنسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ھالەت ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ،سەبى بالىلارنىڭ قەلبىدە ،گەپ سۆزلىرىدە ،يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلماقتا .
مىللى مەدەنىيتىمىزنىڭ ،مىللى خاسلىقىمىزنىڭ كىلەچەكتىكى نامايەندىسى بولغان ياش ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشى ھەرگىزمۇ سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەس. ئونىڭ ئۈستىگە بۇ خىل كۆرۈنۈشلەر بىزنىڭ مىللى خاسلىقىمىزنىڭ يىمىرلىشىنى تىزلەتكەننى ئاز دەپ پەخىرلىك ناخشىچىلىرىمىزنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ ئىجاد قىلىپ مىڭ-بىر مۇشەققەتتە نەشىر قىلدۇرۇش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل ھوزۇرىغا سۇنىۋاتقان نادىر كۈيلىرىگە كىرىشتۈرۈلۈپ مەنىۋىيتىمىزگە تېخىمۇ چۇڭقۇر سىڭىپ كىرىپ ئۆزلۈك ئېڭىمىز ۋە مىللى خاسلىقىمىزغا تاجاۋۇز قىلماقتا .
بۇخىل ئىس-تۈتەكسىز تاجاۋۇزچىلىقنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولسا ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ ،كومپىيوتېر ئىشلىتىشتىكى بەزى ئاددى تېخنىكىلارنى ئۆگۈنۈۋېلىپلا ئاز تولا ئىقتىسادى مەنپەئەت ياكى شەخسى ھەۋەس ئۈچۈن پالانى ئۈن-سىن مەركىزى ، پوكۇنى سىتودىيىسى ،*** لايىھەسى ، دېگەندەك ناملار بىلەن چەتئەلنىڭ كىنو ياكى ناخشىلىرىدىكى ئەخلاق مىزانلىرىمىزغا ماس كەلمەيدىغان كۆرۈنۈشلەرنى نومۇسسىزلارچە مىللى ناخشىچىلىرىمىزنىڭ كۈيلىرىگە كىرىشتۈرۈپ تارقىتىۋاتقان ،ھېلىقىدەك جىنسىنى پەرىق قىلغىلى بولمايدىغان نادان ياشلارنىڭ تېتىقسىز ئۇسسۇللىرىنى ۋە ھېلىقى <<بالا چولپان>> لارنىڭ <<نادىر >> ئۇسسۇللىرىنى كۆپلەپ قانۇنسىز كۆپەيتىپ تارقىتىۋاتقان ،كاللىسىدا ئازراقمۇ ئۆزلۈك ئاڭ شەكىللەنمىگەن ،مىللى خاسلىق دېگەندىن ئازراقمۇ خەۋرى يوق ئەشۇ بىر ئۇچۇم نادانلاردان ئىبارەت خالاس .
بۇ نۇقتىنى يىتىلىۋاتقان جەمئىيەتشۇناس ئۆزباش ئەپەندىم << بىز قانداق چاكىنىلىشىمىز >> نامىلىق ماقالىسىدە نورغۇن دەلىل ئىسپاتلار ئارقىلىق خۇلاسىلەپ مۇنداق دەيدۇ : << كوللىكتىپقا ،ئىجتىمائي توپقا مۇناسىۋەتلىك ھەركەتلەردە ئەقىلسىزلىق نادانلىق ھەركەتلىرى كۆرۈلسە شۇ توپنىڭ قىممەت قارشى تاجاۋۇزغا ئۇچرىماي قالمايدۇ >>. دېمەك ئىقتىسادى مەنپەئەت ياكى كىچىككىنە ھەۋەس ئۈچۈن بۇنداق ساھەنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئاز ساندىكى نادان كىشىلەر بىزنىڭ قىممەت قارشىمىزغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىقنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە بەرپا قىلغۇچىلىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .
ئۈن-سىن دۇكىنى ئاچىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى فىلىم كىرىشتۈرۈش ماھىرلىرى ،ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئۇنىڭ ناخشىسىغا بۇنىڭ كۆرۈنۈشىنى ، ئۇنىڭ مۇزىكىسىغا بۇنىڭ رەسىملىرىنى كىرىشتۈرۈپ باشقىلارغا سېتىپ پۇل تېپىش ھەم خۇشاللىق تېپىش .ئەمما ئۇلار بۇ خۇشاللىقنىڭ ئۆز خەلقىگە قايسى دەرىجىدە سەلبى تەسىر بېرىۋاتقانلىقىنى ئويلاشمايدۇ ،ھەتتا ئويلىيالمايدۇ .
مەدەنىيەت بازارلىرىدىكى بۇنداق قالايمىقانچىلىققا كىم جاۋاپكار ؟ ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز مىللىتىنىڭ كىملىكى ۋە ئۆزلۈكى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق ئەرزىمەس ھالقىلار بىلەن كارىمىز بولمىسا بولامدۇ ؟ ئەجەبا بۇ بىزدىكى مۇقەررەر يۈزلىنىشمۇ ؟ ياكى بۇ كارىل ماركىس ئوتتۇرغا قويغان <<مىللەتلەرنىڭ يوقىلىشى>> تەلىماتىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسىمۇ ؟ ناخشچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قان تەر بەدىلىگە كەلگەن ناخشىلارنىڭ باشقا ئەللەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بىلەن كىرىشتۈرۈلۈپ ،مەدەنىيەت بازارلىرىدا پاخال بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنبى بىلمەمدىغاندۇ؟ ياكى بىلسىمۇ كارى يوقمۇ ؟ تېلېۋىزىيەنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن تەسىرى يىتەرلىك بولمىغاندەك بۇنداق ساھەنىڭ مەيدانغا كېلىشى زادى نىمە سەۋەپتىن ؟ ئەجەبا ئەشۇ بىر ئۇچۇم كىشىلەرگە ئەشۇنداق ئەبجەش مەدەنىيەت يارىتىشتىن باشقا چىقىش يولى يوقمىدۇ ؟ مانا موشۇنداق باش-ئاخىرى يوق چىگىش سۇئاللار كاللامدىن كەتمەيدۇ . ھەتتا بەزىدە :<< ئىجتىمائى مەسىلىلەرگە قارىتا زىيادە سەزگۈرلۈكۈم ئېشىپ كەتتىمۇ نېمە ؟>> دەپ ئۆزۈمدىن گۇمانمۇ قىلىپ قالىمەن .
قويغۇلارنىڭ ئۇچقاندەك تەرققى قىلىشى مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنى ھەقىقەتەن بېيىتتى .بۇنىڭدىن سۆيۈنمەي تۇرالمايمىز .ئەمما ئونىڭ سەلبى رولىنىڭمۇ كۆرۈنۈرلىك بولىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز .ئۈنداقتا قويغۇلارنىڭ سەلبى تەسىرىنى قانداق تازىلىشىمىز كېرەك .؟ بۇ تومۇرىدا ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئېقىۋاتقان ئەقلى ئويغاق ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەربىر ياشنىڭ ئويلىنىپ كۆرىشىگە تېگىشلىك تەخىرسىز مەسىلە .
گەرچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۈزلۈكسىز تۈردە قانۇنسىز نەشىر بويۇملىرىغا زەربە بېرىپ ،ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ ،قارىماققا چەكلەشكە تىگىشلىك بولمىغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ياش ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەيدىغان ،مىللى قىممەت قارشىمىزغا ، مىللى كىملىكىمىزگە سەلبى تەسىر كۆرستىۋاتقان، ھەتتا يوقىلىشىغا تۈرتكە بولىۋاتقان ، چولپانلىرىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىدىغان ناچار سۈپەتسىز ئۈن-سىن بويۇملىرى يەنىلا مەدەنىيەت بازارلىرىنى قالايمىقان قىلماقتا .
مېنىڭچە ئاممىۋى قويغۇلارنىڭ سەلبى تەسىرىنى تازىلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەش تولىمۇ زۆرۈر .
1. بىزنىڭ ياش ناخشچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ <<بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى >> نى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم .
چۈنكى بىر ئۇچۇم نادان كىشىلەر ،بىزنىڭ ناخشچىلىرىمىز مىڭ-بىر مۇشەققەتتە رۇياپقا چىقىرىپ خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل ھوزۇرىغا سۇنىۋاتقان ناخشىلارنى خۇددى ئۆزلىرىنىڭ شەخسى مۈلكىدەك ھەرخىل غەيرى كۆرۈنۈشلەرگە خالىغانچە كىرىشتۈرۈپ ،كۆپەيتىپ تارقىتىپ ، بىر تەرەپتىن شۇ ناخشچىلارنىڭ ئەمگىكىگە بىھۆرمەتلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ئاممىۋى قويغۇلارنىڭ سەلبى تەسىرىنىڭ زورۇيىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ياش ناخشچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ <<بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى>> نى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم .
2. ئۈن-سىن بازارلىرىنى تەرتىپكە سالغۇچىلار ئۆزخىزمىتىنى تىرىشىپ ئىشلەپ ،قانۇنسىز نەشىر قىلىنغان ياكى قانۇنسىز كۆپەيتىلگەن ئۈن-سىن بويۇملىرىنى (شەخسى ئولتۇرۇشلار خاتىرىسى ، ئەخلاق مىزانلىرىمىزغا ماس كەلمەيدىغان چەتئەل ناخشا پىلاستىنكىلىرى ، ھەرخىل كىرىشتۈرۈلگەن ناخشىلار توپلىمى )تازىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى ھەم بۇ جەھەتتە قېلىپلاشقان خىزمەت مىخانىزىمىنى ئورنتىشى لازىم .چۈنكى خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسى خېلى ئۆسكەن بولسىمۇ ئەمما يەنە كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز يەنىلا ياخشى بىلەن ناچارنى پەرىق قىلالمايدۇ .
3.ئۈن-سىن تەخسىلىرىنى سېتىۋالغاندا چوقۇم تاللاپ سېتىۋېلىش لازىم .
ئۈن-سىن دۇكىنى ئاچىدىغان دۇكاندارلارنىڭ كۆپىنچىسى فىلىم كىرىشتۈرۈش <<ماھىرلىرى>> . بۇنداق دۇكانلارغا كىرسىڭىز ،قانۇنلۇق نەشىردىن چىققان سىنتەخسىلەردىن ئۆزلىرى خالىغانچە كىرىشتۈرۈۋالغان ياكى ئۆزلىرى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىۋالغان ناچار، سۈپەتسىز ،ئەبجەش فىلىملەر ياكى بولمىسا قاراڭغۇ ئۇۋىلاردا كۆپەيتىلگەن شەخسى ئولتۇرۇش خاتىرسى دەمسىز ،ياكى مەلۇم ھەۋەسكارنىڭ تېتىقسز ناخشىسى دەمسىز ئىشقىلىپ ياخشىسىدىن ناچىرى ،سۈپەتلىكىدىن سۈپەتسىزلىرى كۆپ.شۇڭا ئۈن-سىن تەخسىلىرىنى سېتىۋالغاندا ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئەمەس بەلكى مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ھەقىقى كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ قولىدىن چىققان ياخشى سىنتەخسىلەرنى سېتىۋېلىشىمىز لازىم . بىزنىڭ بىلىپ بىلمەي ناچار سىنتەخسىلەرنى سېتىۋالغىنىمىز بولسا ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان مىللى كىملىكىمىزگە قىلىنغان <<تاجاۋۇزچىلىق >>نىڭ قوللىغۇچىلىرى قاتارىغا كىرىپ قالغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ .
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ! قىمەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بۇ تېمىنى ئوقۇغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ،ئەگەر دىمەكچى بولغانلىرىمنى چۈشەنگەن بولسىڭىز قېنى كېلىڭ ! ئاممىۋى قىويغۇلارنىڭ سەلبى تەسىرىنى تازىلاش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى !!!!!!!!!!!
مەنبە : ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-1 11:26 AM