مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2114|ئىنكاس: 14

شىخو دىكى تۆت كوچا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 10:29:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                             شىخودىكى  تۆت  كوچا
       كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئانا ماكانىم شىخو شەھىرى رايونىمىزدىكى ئەڭ قەدىمىي دىيارلارنىڭ بىرى. ئەتراپىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىپ " بالدۇر چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ " دېگەندەك تەرەققىياتتا ئېشىپ كەتكەن مايتاغ، كۈيتۈن ، قاراماي شەھەرلىرىنىڭ ئەسلى يىلتىزى دىيارىم شىخو . قەدىمىي تارىختىن بەت ئېچىشقا توغرا كەلسە ئەلۋەتتە شىخونىڭ تارىخى ۋاراقلانماي تۇرۇپ ئۇلارغا نۆۋەت يوق ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە شىخەنزىمۇ بار . مەن بۇ يەردە تارىخ ۋاراقلىماقچى ئەمەس ، بەلكى كۈچلۈك يۇرت مۇھەببىتىم بىلەن بالىلىقىمنىڭ ئەڭ غۇبارسىز چاغلىرىنى ئۆتكۈزگەن شىخودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكى بولغان تۆت كوچا ھەققىدە ئازراق توختالماقچى  ،خالاس .
     شىخودىكى بۇ تۆت كوچىنى كۆرمىگەنلەر كۆرسە  ،بەلكىم ئۇلارغا ئانچىمۇ كۆپ تەسىر قالدۇرالماسلىقى ئېنىق ، ئەمما شىخودىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۇ تولىمۇ كۆپ قىرلىق مەنىگە ئىگە ئالاھىدە ئاپتونوم رايونغا ئوخشايدۇ ، دېسەم ئاشۇرۋەتمىگەن بولىمەن . گەرچە شەھىرىمىزنىڭ يېقىنقى بەش، ئالتە يىلدىن بېرىقى تەرەققىياتى زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، ئەسلىدىكىدىن كېڭىيىپ يېڭى شەھەر رايونلىرى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ قەدىمىي تۆت كوچىمۇ ماس قەدەمدە ئىلگىرلەپ ئىلگىرىكى ھاياتىي كۈچىنى يوقاتقىنى يوق ئىدى . بۇ يەردە شەھىرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ " شىخو چوڭ جامىئەسى " ئۆز ئەتراپىغا تالايلىغان ئىخلاسمەنلىرىنى يىغىپ شەھىرىمىزنىڭ يېڭى بىر كۈنلۈك ھاياتىنى باشلاپ بېرىدۇ . سەھەردىلا باشلانغان بۇ تىركچىلىك ئەل ياتقۇدا ئاران بېسىقىدۇ . بۇ كىچىككىنە بازاردىن رىسقىنى تېپىپ يەۋاتقانلار ئاللىقاچان بازارنىڭ كۆلىمىدىن ھالقىپ كەتكەن .  ئەنە سودىنى بىر - بىرىگە ئۆتۈنىۋاتقان تېرىچىلەر... بۇ تېرىچىلەرنىڭ بەزىلىرى تۆت كوچىنىڭ ئوتتوز ، قىرىق يىللىق كونا دوستلىرىدۇر . ئۇلار تۆت كوچىنىڭ ھەربىر ئۆزگىرىشلىرىنى بەش قولدەك بىلىدۇ . ھەتتا بىر ئۆمۈر تۆت كوچىدىن باشقا جايدا تېرە تېجارىتى قىلىپ باقمىغانلارنىمۇ ، تەلىيىنى سىناپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ   تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرنى تۆت كوچىلىرىدىن جاي تاپالىغان ، بەلگىلىك نوپوزغا  ئىگە زەردارلارنىمۇ مۇشۇ تۆت كوچا يېتىشتۈرگەنىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ماگېنىتتەك تارتىش كۈچى بىلەن شۇنچە يىراققا كەتكەن بالىلارنىمۇ قايتۇرۇپ كېلىپ ئۆز قوينىغا ئېلىپ تۇرىدۇ ، تېخى ئۆزىگە مەبلەغ سالغۇزۇپ گۈللەندۈرۋاتىدۇ . مانا ھازىرقى ئاۋات ، سودىلار يۈرۈشۈپ تۇرغان ، ئەتراپتىن ئۇيغۇر كۈلكىسى ، ناخشىسى ، كۈلۈمسىرىشى ئۈزۈلمەيدىغان ئۈمىدكە تولغان ماكان . بۇ كوچىلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تۇتاش ، دەپ ئويلايمەن . دۇنيانىڭ تۆت كوچىسى مانخانتونغا ئاپىرىپ قويسا بەلكىم مېنى غېرىپلىق ، يالغۇزلۇق باسىدىغىنى ئېنىق . مەن ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈكتە تۇرۇپ تۆت كوچىمىزدىكى " قىزىل كۆۋرۈك "  نى سېغىنغان ، خەلقئارا چوڭ بازارنى ئايلىنىۋېتىپ تۆت كوچا بازىرىمىزنى سېغىنغان ، ھېيتگاھتا جۈمە نامىزىغا قاتنىشىۋاتقاندىمۇ ئۆزۈمنى " چوڭ جامىئە"  دە تۇرغاندەك ھېس قىلغان ، قەدىمىي ماگىزىنلارنى كۆرگەندە ، مۇسابايىفلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ  تۆت كوچىدىكى تارماق ماگىزىنلىرىنى كۆرگەندەك بولغان ، توكلۇق ۋېلسىپىتتە تېجارەت قىلىۋاتقانلارنى كۆرگەندە ، سېلىم بوۋاينىڭ تۆت كوچىدا  ئېشەكلىك كىرسىن ساتقانلىرىنى ئەسلىگەن ، ئاسمانپەلەك بېنالارنى كۆرگەندە بۇنداق بېنالارنىڭ تۆت كوچىمىزغا قانچىلىك دەرىجىدە ھۆسىن قوشۇدىغانلىقىنى قىياسلىغان ، يەنە قانداق قىياپەتلەرنىڭ ئۇنى ئۇز كۆرسىتىدىغانلىقىنى دېرەكلىگەن ، قىسقىسى مېنىڭ تۆت كوچا ھەققىدىكى خىياللىرىم بەك كۆپ . ھەر قېتىم ئۇنى ئەگىپ ئۆتكۈنۈمدە ئۆزۈمنى باشقىچە روھلۇق ھېس قىلىمەن . ئارمانلىرىم قاناتلانغاندەك بولىمەن . باشقا يۇرتلاردا بىر نەچچە كۈن تۇرسام يۇرتۇمنىڭ بەك سېغىنىپ كېتىدىغان يېرى يەنىلا تۆت كوچا . تۆت كوچا! ھەي تۆت كوچا  ! سەن تېخى بەتلىرى ئېچىلىپ ۋاراقلىنىپ باقمىغان تۈگىمەس - پۈتمەس قامۇس ، يېزىلىپ باقمىغان قالتىس قىسسە ، ئۇقۇلۇپ باقمىغان نادىر شېئىر ، پۈتمىگەن ئۆلمەس ئېپوس ، ئابىدە تىكلەنمىگەن مەڭگۈتاش ، سېنى قانچە تەرىپلىسەممۇ تەرىپىم ئاز ، قەلىمىم گال . مەنمۇ سەن ئۇچۇرما قىلغان بىر پەرزەنتىڭ . سەن ماڭا ئادىمىيلىكنىڭ نېمىلىكىنى ئۆگەتكەن زېمىن ئانامسەن . مەن ئۈچۈن دۇنيادا بىرلا تۆت كوچا بار ، ئۇ بولسىمۇ پەقەت سەنلا ... سەندىن يىراقلاشتىن ، سەندىن ياتلىشىشتىن قورقىمەن . سەن مېنىڭ قەلبىمدە ئەشۇنداق ئولۇغسەن ، تۆت كوچا ...
        مەن يەنە سەن تەرەپكە ماڭدىم ، قارشى ئالىسەن ئەلۋەتتە ....!!!
       مەنبە : ئۆزۈم ،  تۆت كوچا .    2012- 11-30 .    ئەبەي تارىم .        شەھىرى شىخو . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-30 10:32 PM  


بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 01:06:15 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرت سۆيگۈسى ئالدىدا يار سۆيگۈسى بىر پۇلچە يوق، تۆت كوچا سىزنىڭ كىچىك ۋەتىنىڭىز...

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5289
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 03:17:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسمىنىمۇ   قوشۇپ  يوللىغان  بولسىڭىز   ،  ياخشى  بولار  ئىكەن  .  

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1745
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9711
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 10:03:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توت كوچا ھەقىقەتەنمۇ يۇرتىمىزنىڭ مىللى مەدەنىيەت بۆشۇكى ، ئەسىرىڭدىن  توت كوچىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىڭنى ھىس قىلدىم .ئانا يۇرتنى سۆيۇش ،ئەزىزلەش ،ۋە ئۇنى كۈيلەش ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مەجبۇريىتى.
تېماڭنى ئوقۇپ توۋەندىكى ناخشىنى ئەسلەپ قالدىم:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xiho تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-1 10:05 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aptap104 + 11 ئىسىل ناخشا ، بالىلىق.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،
رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.
شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،
ئەمدى بىلدىم ؛ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14137
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7277 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 10:47:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن شۇنداق، تۆت كوچا بىرخىل سېھرىي كۈچكە تولغان، يىراق يۇرتلاردىن كەلگەن شىخو شەھرىگە نىسپەتەن تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغان بىر ئادەمگە نىسپەتەن توت كوچا بەلكىم ئالاھىدە بىر تەسىر بىرەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما بۇ يەردە توغۇلغان، بۇ يەرنىڭ سۈيىنى ئىچىپ نېنىنى يەپ چوڭ بولغانلار ئۈچۈن توت كوچا تولىمۇ گۈزەل. بۇ يەردە سودا قىلىۋاتقان ھەربىر ئادەم، يېقىندىن كېلىۋاتقان خۇشبۇي تاماقلارنىڭ ھېدى، قايناق سودا، جامىئەگە چىقىپ كىرىۋاتقان ھەر بىر ئادەم بۇ جاينىڭ گۈزەللىكىگە يەنىمۇ گۈزەللىك قوشقان.
رەھ مەت مۇئەللىم، يۇرتىمىزنى جاھان ئەھلىگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تەۋرىتىۋاتقان قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي. ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87116
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 10:51:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   سىز نىڭ يۇرتنىڭ  ئۇيغۇر چە ئىسمى يۇقمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 10:51:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما بىلەن ئىنكاس شەكلىدىكى ناخشا بىرلىشىپ قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ ئۇھسىندۇرۇپلا قۇيدىغۇ............ئادەمنى.

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3467
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12197
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 11:15:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىخودا،غولجا يولى دەپ كوچا بار دەپ ئايلايمەنغۇ.

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر ئارىسىدا مەن گۇناھسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13223
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8083 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 11:26:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىدا يۇرتىغا بولغان كۈچلۈك مۇھاببەت ئىپادىلىنىپتۇ ،دېمىسىمۇ ھەممىمىزنىڭ بالىلىغىمىزنى ،ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمىزنى ،ياشلىغىمىزنى ،قىران چاغلىرىمىزنى ،ياشاغان چاغلىرىمىزنى ئۆتكۈزىدىغان بىر گۈزەل ماكانىمىز بولىدۇ . بەزىلەر ئۆمرىنىڭ ھەممە پەسىللىرىنى بىرلا تۆت كوچىدا ئۆتكۈزىدۇ يەنە بەزىلەر ئۆمرىنىڭ ھەر بىر پەسلىنى ھەر قايسى تۆت كۆچىلاردا ئۆتكۈزىدۇ . لىكىن ،ئاشۇ بالىلىقنى ئۆتكۈزگەن تۆت كوچا بولسا ئەستىن مەڭگۈ چىقمايدىكەن .مېنىڭچە ۋەتەن مۇھابىتى دېگىنىمىز دەل ئاشۇ بالىلىقنى ئۆتكۈزكەن تۆت كوچا مۇھابىتى بولسا كېرەك .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12374
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8134
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 4000 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2014-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 01:31:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سايرام يوللىغان ۋاقتى  2012-12-1 10:51 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   سىز نىڭ يۇرتنىڭ  ئۇيغۇر چە ئىسمى ي ...

شىخۇ دىگەن شۇ ئۇيغۇرچە ئىسىمدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش