ئاق بۈركۈت خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى تەرجىمان قوبۇل قىلىدۇ.
بىز كىم ؟
بىز ئۆز قىزىقىشىمىز بىلەن خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي ئۇزۇقىنى بېيىتىشقا تىرىشىۋاتقان، ئانا تىلىمىزنى قىزغىن سۆيەر ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان پىدائىيىلار بىز، گەرچە تەرجىمە قىلىنغان فىلىملەرنى بىر سومدىن سېتىۋاتقان بولساقمۇ، بۇنى «بىر سوم پىلانى» غا ئاتىۋتتتۇق، ئۇنداقتا بىزگە قوشۇلغاننىڭ نېمە پايدىسى بار، ئەلۋەتتە بۇ ئىشنى پايدىنى كۆزلەپ قىلمايمىز، لېكىن ھازىر ھېچكىمنىڭ بىكارغا ئىشلىگۈسى يوق، ھەممىمىز قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ قىممىتى بولسا دەپ قارايمىز، ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندە بولسۇن.
مەنپەئەت: سىز تەرجىمە قىلغان فىلىمنى بىر سومدىن سېتىپ ھەر يۈز سومغا يەتكەندە بۇنىڭ 60% ئى يانچۇقىڭىزغا كىرىدۇ، لېكىن پىدائىيىلىق بىلەن «بىر سوم پىلانغا» ئاتىۋەتسىڭىز ياق دېمەيمىز ئەلۋەتتە.
تەلەپ: بەلگىلىك خەنزۇچە سەۋىيىگە ئىگە بولشىڭىز كېرەك، باشقا تىللارنى بىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.
شەرت: ئۇزۇن مۇددەت قىلالايدىغان بولىشى، ئەك ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ ئايدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، بىردەملىك قىزغىنلىق بىلەن ئۆگىنىپ باقايچۇ، قىلىپ باقايچۇ دېگەنلەر ۋاقتىپ ئىسراپ قىلماڭلار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر فىلىمنى بىر قانچە گۇرۇپپىلارغا تەڭ بېرىدىغانلارمۇ ئاۋارە بولماڭلار.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: 18 ياشتىن تۆۋەن بولغانلار بۇ ئىشنى قىلىمەن دەپ زېھىن خوراتماڭلار، ئوقۇش ئىشىڭلار ھەممىدىن مۇھىم !
بىزگە قوشۇلۇشنى خالايدىغانلار، تۆۋەندىكى شەكىل بوليىچە مۇنبەرنىڭ يېڭى ئەزالارنى كۈتۈۋېلىش رايونىغا تېما قالدۇرۇڭلار.
تىل قابىلىيىتىم:
ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئۈچ فىلىمىم:
تورغا چىقىش ۋاقتىم:
كومپىيۇتېر سەۋىيەم:
تۇرۇشلۇق جايىم:
كەسپىم:
كىرىش مەقسىتىم:
جىنسىم:
يېشىم:
QQ:
قىسقىچە تەرجىمىھالىم:
يۇقارقىدەك تېما يوللىنىپ بولغاندىكىن. تەھرىرلىرىمىز سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ سىزگە مەخسۇس ياردەمدە بولىدۇ، تېخنىكا جەھەتتىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
تورداشلارنىڭ بىزگە قوشۇلىشىنى قىزغىن قارش ئالىمىز !
ھۆرمەت بىلەن:
ئاق بۈركۈت تەرجىمە گۇرۇپپىسى
خەلق ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن دەپ ئاغزىمىزدا مىڭ توۋلىغاندىن، كىچىككىنە بولسىمۇ ئەمەلى ئىش قىلغان ئەۋزەل. ئازراقلا ۋاقىت چىقارسىڭىزلا نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايسىز. قېنى سىزمۇ بىز بۈركۈتلەرگە قوشۇلۇپ كۆكلەردە پەرۋاز قىلىڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-30 11:35 PM