windows8 تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ دېسەم ئىشىنەمسىز؟ بەلكىم بەزىڭلار ئىشىنىشىڭلار يەنە بەزىڭلار دەر گۇماندا بولىشىڭلار مۇمكىن. خوش، ئەمسە مېنىڭ ئۇشبۇ مۇلاھىزىلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ.
تۇنجى DOS مەشغۇلات سىستېمىسى بارلىققا كەلگەندىن ھازىرىقى windows8 نىڭ بۈگۈنىگىچە بولغان كومپيۇتېرلىشىشنى ئەسلەيدىغان بولساق microsoft ئىزچىل تۈردە مەشغۇلات سىستېمىچىلىقنى مونوپول قىلىپ كېلىۋاتقان بولىدۇ.
بۇرۇن بىز windows سىستېمىسىنى ئىشلەتكىنىمىزدە ئاددىي ھەم ئىقتىدارى تۆۋەنرەك ئىدى، شۇڭا خېرىدارلار(ئىشلەتكۈچىلەر) نىڭ تەلىۋىي ۋە ئارزۇلىرى بويىچە ئىزچىل تۈردە ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە. مۇرەككەپلىكتىن ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا(بىر قەدەر مۇكەممەللىككە)، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقتىن ھازىرىقىدەك مېترو يۈزلۈك ئاددىي قوللىنىشچانلىققا تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ كېلىندى. شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى، مېترو يۈز زامانىمىزدىكى يېڭى بىر ئېقىم، يېڭى بىر ئۇسلۇب.
مېترو قارىماققا ناھايىتى ئاددىي، لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى، مېترو يۈزگە DOS مەشغۇلات سىستېمىسىدىن windows7 غىچە بولغان App ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ جەۋھىرى، ئادىتى، قوللىنىش ئۇسۇلى ئەپچىللىك بىلەن ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايسىز. چۈنكى سىز ۋە مەن windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز ئەمەسمۇ...
شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، windows8 ئىشلەتكۈچىلەرنى يېڭى بىر مۇھىتقا باشلاپ كىرىدۇ. كۆپ ساندىكىلىرىمىز ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەرنىڭ قوللىنىشچان ۋە ئاددىي بولىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەڭ توۋەن سەرپىيات بىلەن ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئىستەيمىز. يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن windows8 ھەرقايسى ساھە ھەر قايسى كەسىپلەردە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشقا باشلىغاندا بىز merto غا يۈزلىنىپ ئۇنى ئاللىقاچان تۇرمۇش ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ بولغان بولىمىز، خۇددىي بۇرۇن windows XP/,Vista,7لەرگە ئوخشاش.
mocrosoft ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن بەلكى، پىروگراممېرلارنىڭمۇ تۇرمۇش ئادىتى ۋە پىروگرامما ئېچىشىنىمۇ يېڭى بىر ساھە ۋە ئۇسلۇبقا ئېلىپ كىرىشى مانا مەنلا دەپ تۇرىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە metro يۈزلۈك App ۋە يۇمشاق دېتاللار Visual studio2012 ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ( بۇ مېنىڭ شەخسەن قارىشىم جۇمۇ)، ھەمدە بۇ يۇمشاق دېتال سۇپىسىدا باشقا پىروگرامما تىلىدىن خېلى يۇقىرى بولغان ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ، ئەلۋەتتە. يىغىپ ئېيتسام، پىروگراممىچىلار يېڭى بىر پىروگرامما مۇھىتىغا ئۆزى سەزمىگەن ئاساستا ۋە ياكى مەجبۇرەن كىرىپ كېتىشىدۇ.
ماقالەمنىڭ تېقىسى " مىكروسوفت ئىمپېراتورلىقى ". قېنى ئويلاپ بېقىڭ، سىز ۋە مەن ئىزچىل تۈردە مىكروسوفتنىڭ تىرىتورىيىسىدە ياشاپ كېلىۋېتىپتۇقمۇ؟...
windows8 ئېلان قىلىنغان قىسقىغىنە بىر ئايدىن بويان 40مىليون يۈرۈش سېتىلىپ بولۇنغان، 2009 -يىلىwindows7 ئېلان قىلىنىپ ئىككى ئايدا 60 مىليون يۈرۈش سېتىلغان. windows8 ئېلان قىلىنغىنىغا ئەمدى بىر ئاي بولدى. دېمەك يەنە بىر ئايدا قانچە يۈرۈش سېتىلىشى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ھەممىمىزگە ئايان بولىدۇ.
windows8 ئىشلەتمەيمەن دەيدىغانغا يەنە باھانىڭىز بارمۇ؟ باھانىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ قانچىلىك پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. microspftنىڭ پائالىيەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ بۇرۇن ھەقىقىي نەشىردىكى windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئىلەتكەن بولسىڭىز 98سومغا windows8 سېتىۋېلىڭ، ئەكسىچە بولسا 248سومغا سېتىۋالسڭىزمۇ بولىدۇ. كېلەر يىلى 2-ئايدىن باشلاپ 1200سوم(ئالىم ئەھەت 1200 ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن دېگەندەك قىلغان) غا چىقىپ كەتسە بىھۇدە چىقىمدار بولۇپ قالىسىز، ھازىر ئىشلەتمىسىڭىزمۇ سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويوپ ۋاقتى كەلگەندە ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.
مەنبە:
www.alpbeg.com