سەنەم جېنىم!سېنىڭ بۇ يۇرتۇڭ نېمە دىگەن چىرايلىق ھە!ئالدىنقى قېتىم كەلگەندە نېمىشقىمۇ مۇشۇ توقايلىقنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەندىمەن ،تويىمىزنىڭ خاتىرە لېنتىسىغا مۇشۇ گۈزەل مەنزىرلەرنى قاتقان بولسا ئاجايىپ ئۆزگىچە چىقاتتىكەن.قارا بۇ دۆڭلۈكتىن قارىسا تۆت ئەتراپتىكى پايانسىز كەتكەن يېشىل بوستانلارنى ،سالا سالا ئېتىزلارنى ،ئىشقىلىپ بارچە گۈزەللىكتىن بەھىر ئالغىلى بولىدىكەن كۆپكۈك ئاسمانغا نەزەر تاشلىسا ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەسلىنىپ پارچە -پارچە بۇلۇتلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەپ قالىدىكەن كىشى .بۇ يېقىن ئەتراپتا تاغ يوق ئەمما ئاۋۇ قايسى جاينىڭ تېغىدۇ؟نېمانچە چىرايلىق!
-ۋاي-ۋۇي يۈسۈپ !بۈگۈن بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىڭىزمۇ قانداق ؟مەن سىزنىڭ بۇنچىلىك رومانتىك تۇيغۇغا باي ئېكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلماپتىكەنمەن.جۆيلىۋاتامسىز نېمە قايسى تاغ؟
-كۆردىڭىزمۇ؟
ۋاھ!نېمە كارامەت بۇ ،تاغلار بۇ يەردە قانداق بولۇپ كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدىكىنە. بۈگۈن ھاۋا بۆلەكچىلا ئوچۇق بولغاچقا ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغلار ، كۆرۈنىۋاتامدۇ يا !قاراڭ تاغلاردىن سۇ چۈشۈۋاتقاندەك قىلىدۇ،شارقىراتمىكەن .
-قارا بۇ ياققا، بۇ تەرەپتىمۇ ئوخشاش مەنزىرە،سۇغا قېنىپ ئۆتمىگەن بۇ زېمىنغا ئاللاھ ئۆز رەھمىتىنى ياغدۇرۋاتقان ئوخشايدۇ.
ھەيۋەتلىك شارقىراتما ھاسىل قىلغان تاغلاردىن چۈشىۋاتقان پەقەت سۇلا ئەمەس ئېدى ئەمما بۇ ئىككى جۈپ كۆزگە ئېنىق كۆرۈنمەيتى ، بارغانچە روشەنلىشىشكە باشلىغان بۇ مەنزىرە بۇ ئىككىسىنىڭ ھەيرانلىق ۋە شاتلىق جىلۋىسى ئۆچۈشكە ئۈلگۈرمىگەن كۆزلىرىدە قېتىپ قالدى
-،تۆت ئەتراپتىكى ھەممە مەنزىرە ئوخشاشقۇ؟توۋا بۇ ئولۇغ سۇلار نەگىمۇ سىغار؟
كۆڭلۈم بۆلەكچىلا تۇرىدۇ،سەنەمجان تىز بول ئاۋۇ ئەڭ ئېگىز توقايغا چىقايلى .
-ياق ئۆيگە قايتايلى.ئانام بىزنىڭ يولىمىزغا قاراۋاتىدۇ.
- جىددىيلەشمە ئومىقۇم. ئۆزۈڭنى بېسىۋال .ھازىر ئۆيگە قايتىش بەك خەتەرلىك ،مەن بىلەن ماڭ.
-ۋايجــــــــــــــان!بۇ يەرگە قاراڭ يىلان!
ئۆڭسۈلى ئۆچىكەن يۆسۈپ سەنەمنىڭ قولىدىن تارتىپلا ئىگىزگە قاراپ يۈگەردى،ھالسىزلانغان بۇ ئىكەيلەن بۇ يەردىكى ئەڭ ئېگىز دۆڭلۈكتە ئۇلاشتى ،تەرەپ تەرەپتىن ئۆرۈلۈپ ئېقىپ كېلىۋاتقان ئۆيلەر ،كاتتا ئىمارەتلەر،ۋەر تەرەپتىن ئاڭلىنىۋاتقان قىيا -چىيالار ،ۋەھىمىلىك گۈلدۈرماما ،قاراس قۇرۇس سۇنىۋاتقان مەزمۇت دەرەخلەر ،بىر چۆكۈپ بىر لەيلەپ ئېقىپ كېلىۋاتقان ئادەم جەسەتلىرى ،قۇرت قوڭغۇزلار ،،،قىسقىسى بارلىق مەۋجۇداتلار ،ئىنسانغا توپان بالاسىنى ئەسلىتەتتى.
-قاراڭ بۇ يەردە ئانام خاتىرجەم ئولتۇرۇپتىغۇ ،دادامچۇ ؟ئۇ نەدىدۇ؟ئاكام ،ئۇكام مېنىڭ قىرىنداشلىرىم نەدىدۇ؟
-ئانا!ئانا !بۇ مەن قىزىڭ سەنەم ،نېمىشقا كۆزۈڭنى يۇمىۋىلىپ ئولتۇرسەن،دادامچۇ ئۇلار ھازىر نەدە؟
- جىددىيلەشمە چىرايلىق قوزام،ئۇلارمۇ بىر يەردە باردۇ ،ئەمما داداڭ ئىككىمىزنىڭ قولىمىز ئاجىراپ كەتكەن ئىش يامان بوپتۇ.ئۇ قۇرۇقلۇققا چىقىپ بولغانمىدۇ ياكى ،،،،،،
- بولدى گەپ قىلما!
- تېز بولۇڭلار بۇ يەرمۇ چۆكۈشكە ئاز قالدى ،يۈگرەپ باقايلى ؛-دىدى يۈسۈپ جىدديلىشىپ.
- نەگە ئالدىرايسىلەر بالام؟ھەممە ياق توپان بالاسىغا كۆمۈلگەن تۇرسا نەگە قاچالايتۇق،قاچىدىغان بىرلا يېرىمىز بار باللىرىم ،ئەجداتلىرىمىز ،رەھمەتلىك بوۋا موماڭلارنىڭ تۇپراپ بېشى تەرەپكە قاچايلى،قولۇڭلارنى چىڭ تۇتۇڭلار يۈسۈپ ئوغلۇم قىزىمنىڭ قولىنى ھەرگىز قويۋەتمە،ئۇلارنىڭ روھى بىزنى چىللاۋاتىدۇ ھېچ بولمىسا ئۇلار بىلەن يېقىن تۇپراقتا ھىدلىشىپ ياتارمىز،جەسىدىمىز لەيلەپ قالمىغاي ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللاھ،ئىمانىمىز بىلەن كەتكىلى نېسىپ قىلغايسەن ئامىن!
ئۇلار غايۋانە بىر روھنىڭ تۈرۈتكىسىدە تۇپراق بېشى تەرەپكە ئۈزۈپ ماڭماقتا،ئەمما كېيىملىرى ھۆل ئەمەس ئېدى.
- قاراڭ ،ئاۋۇ تەرەپكە ئۇ نىجات ئەمەسمۇ ئاھ خۇدا نېمانچە ۋەھشىي!نىجات،نىجات،نىجات!!!!!!!!!!!!!!!!!!
-مېنى قۇتقۇزۇڭلار ،يۈسۈپ ئاكا مېنى قۇتقۇزۋال،ئانا ،ئانا !،،،،،،،،
ئۇنىڭ ۋارقىراشلىرى شاۋقۇنلار ئارسىدا ئاڭلانماي قالدى.بوينىدا ئۇۋىسىدىن قېچىپ چىققان يىلان چايانلار يامىشۋالغان ،ئۆزى بىر جىلغىنىڭ ئىغىزىغا قاپلىشىپ قالغان بولۇپ ،ئېقىپ كەلگەن بىر پارچە ئۇچلۇق ياغاچ ئۇنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىپ چاچىراپ چىققان قانلار سۇلارغا ئارىلىشىپ كەتكەن ئېدى،
بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىدىن ئۆزىنى يوقاتقان سەنەم كۆزىنى ئاچماي نەپسى توختاپ قالغاندەكلا جىم ئېدى،
- قىزىم ،كۆزۈڭنى ئاچقىن ،
- ھاياتىم ،كۆزۈڭنى ئاچ !مېنى قورقۇتما
- ئاھ بىز تېخى ھاياتما ؟ئانا جىنىم ئانا بۇ توپان بالاسى بىلەن،قىيامەت قايىم بولدىمۇ ؟
- شۇنداق قىزىم بىز ئەجداتلىرىڭنىڭ قەبرىسىگە كەلگەندە بۇ بالانىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىمىغان بۇ يەردىن پاناھلاندۇق.بۇ قەبرىدىكىلارنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟ئۇلار ئاتا بوۋاڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا بوۋىسىنىڭ ئاتا بوۋىلىرى ياتقان جاي،بىزنى ئۇلار تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان ،قانداق ياشاشنى ئەمەس ئالدى بىلەن قانداق ئادەم بولۇشنى ئۈگەتكەن،شەرىئەتنىڭ ھۆكىمى بويچە ئىش تۇتقان،ھالال ياشاپ پاكىز يۈرگەن،بىزگە كەلگەندە دەۋىر ئالماشتى دەپ مودىغا ماڭدۇق ،ئۇزۇن كېيسە مەتۇ دىدۇق.ياغلىق چىگىپ يۈرسە ،چېچى مەينەتمىكىن دىدۇق.
ئىشقىلىپ مەدەنىيلىشىپ سېنىڭ دەۋرىڭگە كەلگەندە مەن سېنى بۇ بىر توپ مەدەنىيەت ئۈلگىلىرىنىڭ ئارسىدىن تارتىپ چىقىرىشتا قىينالدىم.ۋە سىلەرمۇ چەتكە ئۆتىۋىلىشتىن قىينالدىڭلار،ياغلىق ئارتىپ چىرايلىق يۈرۈڭ دىسەم باشقىلار مازاق قىلىدۇ دەپ ئارتمىدىڭ قىزىم.
سەن باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياشايسەن،سېنى مەسخىرە قىلغانلار بۇ بالادا سەن بىلەن بىرگە ماڭالامدۇ؟مۇنكىر-نەكىر سۇئالىغا ساڭا ياردەملىشىپ جاۋاپ بىرەلەمدۇ؟گورنىڭ ئازابىدىن ،قىيامەتنىڭ سورىقىدىن سېنى قۇتۇلدۇرالامدۇ؟ شۇڭا خاسلىقىڭ بولسۇن دەيمەن قىزىم .ئاللاھنىڭ يولى ھەق يولدۇر بىر ۋاق ناماز بىلەنلا ھەركىم ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دىيىشكە تىلى كۆيىدۇ،نېمە دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندىڭلار باللىرىم.ئوغۇللار ،ئاكىلار،دادىلار،ئەرلەر ئالدى بىلەن ئاجىزەلەرگە ئىگە بولۇڭلار .
ئانا مېنى كەچۈرگىن ،مەن ئەمدى ھەممىنى چۈشەندىم ،داداملار قېنى ؟
بىلمەيمەن قىزىم !ئاھ خۇدا بۇ بىر چۈشۈم بولۇپ قالسىكەن،ئادەمدەك ياشىشىمغا يەنە بىر پۇرسەت بېرىلسىكەن.
بۇ كېچە نېمە بولدى ساڭا گۈلۈم .سەن راستلا چۈش كۆرگەن ئوخشايسەن،يېنىڭدا مەن بار قورقىما .
- بۇ چۈشۈممۇ ؟
- ھەئە !تېخى سائەت ئىككى بولدى.تەرلەپ كەتكىنىنى قارا بۇنىڭ .نېمە چۈش كۆرگەنسەن بۇنچە؟
- بولدى مەن تۇراي ،شۈكىرى نامازغا تۇراي .
- ما گېپىڭ بەك بەلەن بولدى،بۈگۈن ئۇلۇغ جۈمە،مۇسۇلمانلارنىڭ بايرام كۈنى.ئۇزۇنراق كېيمىڭنى كەيگىن.
- ماقۇل ،گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن،ئاللاھ پەرزەنت ئاتا قىلسا ئۇنى چوقۇم ياخشى تەربىيلەيمەن،مەن بۇندىن كېيىن ياغلىق ئارتىمەن ماڭا ياغلىق ئەپ بېرىڭ جۇمۇ؟
- بۈگۈنلا چىقىپ 10نى ئەپ بېرىمەن ساڭا .
مەنبە:كېچە كۆرگەن چۈش
2012-11-30
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 赛乃木江 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-30 11:03 AM