مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1649|ئىنكاس: 16

ئايالنىڭ تالاق قېلىش (ئاجرىشىش ) ھوقۇقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86886
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 03:38:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئايالنىڭ تالاق قېلىش (ئاجرىشىش ) ھوقۇقى

خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقى رەئىيسى پەزىلەت ساھىبى يېتۈك ئالىم دوكتۇر يۇسۇف قەرزاۋىي مۇنداق بىر سوئالنى تاپشۇرۇۋالدى : بۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا كېلىدىغان بىر سوئال بار: بىر قىسىم سەۋەبلەر ۋە ئاقلاشلاردىن بىلگىنىمىزدەك ، تالاق قېلىش ئەرنىڭ قولىدا بولغان بولسا ،ئۇنداقتا شەرىئەت نېمىنى ئايالنىڭ قولىدا قىلدى؟  ھەمدە ناۋادا ئۇ ئېرىنىڭ ئەسكى مىجەزى ،ياكى ناچار ئەخلاقى ياكى ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئۇنىڭ روشەن  سەل قارىشى ، ياكى بەدەن ياكى ئىقتىسادى ئاجىزلىق سەۋەبلىك ئۇنىڭ بۇ ھەق-ھوقۇقلارنى ئادا قىلماسلىقى ، ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ياقتۇرمىسا ، ئۇنىڭ ئەرنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇشتىكى يولى قايسى ؟
ئۇنىڭغا جاۋابەن ، يېتۈك ئالىم قەرزاۋىي مۇنداق دېدى :
ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، مەدھىيە ئاللاھقىدۇر ، ئۇنىڭ ئالقىشى ۋە ئامانلىق ئاللاھ ئەلچىسى مۇھەممەدكە بولسۇن ۋە دەيمەنكى:
  ھەممىدىن دانا قانۇن بېكىتكۈچى (ئاللاھ) ئايالغا بىر نەچچە چىقىش يولى بېكىتكەن بولۇپ، ئايال ئۇلاردىن بىرى ئارقىلىق قېيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلالايدۇ:

1-نىكاھ كېلىشىمىدە تالاقنىڭ ئۆز قولىدا بولۇشنى شەرت قېلىش ، بۇ بولسا ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە ۋە ئەھمەدنىڭ قارىشىدا دۇرۇستۇر . ھەمدە سەھىيھتە باركى:«  ئادا قىلىشىڭلارغا ئەڭ ھەقلىق شەرت بولسا سىلەر فەرجلەر(جىنسىي ئەزاسى)نى ئۇ ئارقىلىق ھالاللىغان نېمىدۇر .» بىردەكلىك بولۇنغان، ئۇقبەھ بىن ئامىر ھەدىيسىنىڭ بىر قىسمى ؛ لالە ۋە مارجان : 2 / 894  .

2-خۇلئە قېلىش : يەنى، ئېرىنى ياقتۇرمايدىغان ئايالنىڭ، ئالغان تويلۇق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نېمىلەرنى ئېرىگە قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۇنىڭدىن ئازاد قېلىشتۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭ  ئايرىلىش ۋە ئەر-خوتۇنلۇق ئۇۋىسىنى بۇزۇشنى خالىشى ، ھەمدە ئەرنىڭ بولسا بىردىنبىر زىيان تارتقۇچى بولۇشى ئادىللىق ئەمەس.  ئاللاھ مۇنداق دىگەن:« ئۇنداقتا ناۋادا سىلەر ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرىسەڭلار  ، ئۇنداقتا ئۇ ئايالنىڭ (خۇلئە قېلىش ئۈچۈن) قايتۇرۇپ بەرگەن نېمىسى ھەققىدە ھەر ئىككىلىسىگە گۇناھ يوقتۇر.» بەقەرە: 229
ھەمدە سۈننەتتە باركى : سابىت بىن قەيسنىڭ ئايالى ئاللاھ ئەلچىسىگە-ئاللاھ ئۇنىڭغا ئالقىش ۋە ئېسەنلىك بەرسۇن-ئېرىگە قاتتىق ئۆچلۈكىنى شىكايەت قىلىۋېدى ،ئۇ ئۇنىڭغا :« بېغىنى قايتۇرۇپ بېرەمسىز؟ » دېدى_ باغ بولسا ئۇنىڭ مەھرى ئىدى_ ئۇ : ھەئە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئەلچىسى-ئاللاھ ئۇنىڭغا ئالقىش ۋە ئېسەنلىك بەرسۇن- سابىتقا ئۇنىڭدىن بېغىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ھەمدە ئوشۇق ئالماسلىققا بۇيرىدى. بۇخارىي6 \170،تالاق بۆلۈمى ،12-بابتا ئىبنۇ ئابباستىن نەقىل قىلغان.

3-ئەپ ئۆتەلمىسە ئىككى ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ ئايرىۋېتىشى. ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ھەمدە ئەگەر ئۇ ئىككىسىنىڭ ئەپ ئۆتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىسەڭلار ،ئۇنداقتا ئۇ(ئەر)نىڭ ئائىلىسىدىن بىر ھۆكۈم قىلغۇچى ۋە ئۇ(ئايال)نىڭ ئائىلىسىدىن بىر ھۆكۈم قىلغۇچىنى ئەۋەتىڭلار ،ئەگەر ئۇ ئىككەيلەن ياخشىلاشنى خالىسا ،ئاللاھ ئۇ ئىككىسىنى ياراشتۇرۇپ قويىدۇ.» [نىسا : 35 ] قۇرئاننىڭ بۇ ئائىلە مەجلىسىنى ئىككى ھۆكۈم قىلغۇچى دەپ ئاتىشى ،ئۇ ئىككىيلەننىڭ ھۆكۈم قېلىش ۋە ئايرىش ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
ھەمدە بىر قىسىم ساھابىلەر مەزكۇر ئىككى ھۆكۈم قىلغۇچىلارغا : كېلىشتۈرۈشنى خالىساڭلار  كېلىشتۈرۈڭلار ، ۋە ئەگەر ئايرىۋېتىشنى خالىساڭلار ئايرىۋېتىڭلار ، دىگەن..

4-جىنسىي ئەيىبلەر سەۋەبلىك ئايرىۋېتىش... ئەگەر ئەردە بىر ئەيىب بار بولۇپ ،ئۇ  ئۇنى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئاجىز قىلىپ قويسا ، شۇ سەۋەبلىك  ئايال، ئىشىنى سوتقا سۇنغان بولسا، ئۇنداقتا سوت ئايالنى زىياندىن توسۇش ئۈچۈن، ئىككىسىنى ئايرىۋېتىشكە ھۆكۈم قىلىدۇ . چۈنكى ئىسلامدا زىيانمۇ يوق ،زىيان سېلىشمۇ يوق .

5-خوتۇنغا زىيان يەتكۈزگەنلىكتىن مەجبۇرى ئاجراشتۇرۇش(تالاق قىلدۇرۇش )... ئەگەر ئەر خوتۇنىغا زىيان يەتكۈزگەن، ئۇنىڭغا ئازار بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا خىراجەت قىلىشتىن باش تارتىشقا ئوخشاش ،زالىملارچە ئۇنى تەس كۈنگە قويغان بولسا ، شۇنىڭ بىلەن ئايال قازىي(سوتچى)دىن ئاجراشتۇرۇش(تالاق قىلدۇرۇش)نى تەلەپ قىلسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن زىياننى ۋە زۇلۇمنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، ئۇنى  مەجبۇرىي ئاجراشتۇرىدۇ (تالاق قىلدۇرىدۇ). ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دىگەن : «زۇلۇم قىلىش مەقسىتىدە زىيان يەتكۈزۈپ ئۇلارنى يېنىڭلاردا  تۇتماڭلار.» [ بەقەرە :231 ] يەنە مۇنداق دىگەن: « ئۇنىڭدىن كېيىن (خوتۇنىنى) چىرايلىقچە يېنىدا تۇتۇش، ياكى ياخشىلىق بىلەن (يەنى زۇلۇم قىلماي، يامان گېپىنى قىلماي، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرماي) قويۇۋېتىش لازىم.» [ بەقەرە : 229 ] ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈشلەردىن بىرى بولسا ئۇنى ناھەق ئۇرۇشتۇر.
بەلكى بەزى ئىماملار: ئېغىر قەرزدار ئېرى ئۇنىڭ خىراجىتىنى قىلالمىسا، ھەمدە ئايال ئۇنى تەلەپ قىلسا، ئۇ ئىككىسىنى ئايرىۋېتىشكە بولىدۇ دىگەن؛ چۈنكى ئايال ئۇنى ئەقىدىگە ۋاپا قېلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق قاتارىدا قوبۇل قىلمىغانلا بولسا، شەرىئەت ئۇنىڭغا نامرات ئەر بىلەن ئاچلىققا چىداشنى يۈكلىمىدى.
مانا بۇ چىقىش يوللىرى ئارقىلىق ئىسلام ئايالغا بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ زوراۋانلىقىدىن ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ناھەق باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلۇشقا بىر نەچچە ئىشىكلەرنى ئېچىپ بەردى .

«ھازىرقى زامان فەتىۋالىرى» ناملىق كىتابىمنىڭ ئېرىنى ياقتۇرمايدىغان خوتۇننىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى 2 / 361 - 366 گە قاراڭ .
ئەرلەر تۈزىۋالغان قانۇنلار، ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قېلىشتىن خالىي ئەمەس، لېكىن ئەر ۋە ئايالنى ياراتقۇچى ۋە ئىككىسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۈزگەن قانۇن بولسا  ئۇنىڭدا نە دەپسەندە قېلىش ، نە ئۈستۈن كۆرۈش يوق بولۇپ ، ئۇنىڭ قانۇنى پۈتۈنلەي ئادىلدۇر. «(ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان خەلقكە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار ؟» [ مائىدە(داستىخان) : 50]
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر


مەنبە:ھەق دىن ئىسلام.



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sargarda + 200 ...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ie▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃∥ЯаββΙΜ≡ ρακαТ ŠàGiια  ŠèGiÑíΜàÑ▂▂▂▂▂▂ХυκЯÍ åιιå

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3610
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10490
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1551 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 12:18:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداق  بىر  ئىش  باركەن  .   ئەر   تەرەپ   ئايالىنى  تالاق قىلغاندىن
كىيىن يەنە  ياراشقۇسى  كىلىپ   قالسا  ،   ئايال  كىشىنىڭ  ئىددىتى
توشقاندىن كىيىن يات  بىر  ئەر  بىلەن   ھېلقىدەك   ئىش  قىلىشقاندىن  
كىيىن  ئاندىن  پاكلىنىدۇ ، نىكاھ  ئوقۇسا  يۈرۈشىدۇ   دەيدىكەن  .
بۇ   زادى  قانداق  گەپ  ؟
يېقىندا  بىزنىڭ  يۇرىتتا  بىرى  ئايالىنى  تالاق  قېلىپتۇ  .  كىيىن  باللىرى
بولغاچ ياراشقۇسى  كىلىپ  ،  ئايالىنى  مەھەللىدىكى  بىر   مەزىنگە  بىر
كىچە خۇتۇنلۇققا بېرىپتۇ  .  ئاندىن      قايتا   نىكاھ  ئوقۇپ  بىر  ئۆيگە
كىرىپتۇ .  
ئىش  بۇنىڭ  بىلەن  تۈگىمەپتۇ  .  ئۇ ئايال  شۇ  ئىشتىن كىيىن  ، ئانچە  ـ
مۇنچە مەزىن  بىلەن  خۇپيانە  ئۇچرىشىدىغان  بولۇپتۇ  .  بۇ  ئىشتىن
خەۋەر تاپقان مەزىننىڭ  ئائىلسىدىكىلەر   ئۇ  ئايالنى  راسا  ئۇرۇپتۇ  .   
ھەي  جاھاننىڭ  ئىشلىرى  ...       ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-1 03:07 AM  


مۇۋەپپىقىيەت  قازىنىش  ، مەن  توغۇلۇش  بىلەنلا  خۇدانىڭ
ماڭا   يۈكلىگەن   مەسئۇلىيىتىدۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44755
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4825
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 4034 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 02:31:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2012-12-1 12:18 AM
مۇنداق  بىر  ئىش  باركەن  .   ئەر   تەرەپ   ئايالىنى  تالاق  ...

سىز ئەجىبا مۇشۇ بىمەنىلىكنىما بىلەممىدىڭىزما ؟ بۇ ئوچۇقتىن ئوچۇق ئۆزىنى ئالدىغانلىق يەنە كىلىپ ئاللاھقا ئاسىي بولغانلىق ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق  قېرىندىشىم   بۇنداق ئىشلارنى بۇ يەرگە يېزىپ  بۇ   زادى  قانداق  گەپ  ؟ دەپ يېزىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بىمەنىلىك  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3610
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10490
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1551 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 02:55:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muratxah88 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-1 02:31 AM
سىز ئەجىبا مۇشۇ بىمەنىلىكنىما بىلەممىدىڭىزما ؟ بۇ ئو ...



ئارىمىزدا   ھېلىھەم   بۇنداق  ئىشلار  يوق  ئەمەس  .  بولۇپمۇ  بىر  قىسىم دىنىي زاتلار
دىننىي   ئۆزىنىڭ  خاھىشى  ،  ئۆزىگە  پايدىلىق  ئىشلارغا  پۇراپ  ،  ساددا كىشىلەرنى  
ئالدىماقتا  .   نەچچە  يىللار  ئىلگىرى  ؛  خەلىقمىز  ئارىسىدا   يېشىغا  توشمىغان
قىزلارنى    بىرەر  موللامغا   ،  <<  دۇئا  ھەققى >>   گە  بېرىۋىتىدىغان ئىشلارمۇ  بار
ئىدى .  بۇنى  دېگەننىڭ  ،  بىلگەننىڭ نېمە  زېيىنى ؟  مۇنبەر  دېگەندە   مۇشۇنداق  
ھەر  خىل  گەپلەر  بولىدۇ  .
يا  سېلىنىڭ   ئۆينىڭ   تېمىغا   يازمىسام  ...  ؟   
ئابدۇكېرىم  ئابلىزمۇ   ساما   توۋلاپتۇ   دېگەندەك تۇترۇقسىز  تېمىلار ئۇچرايدىغۇ  ؟
ئەگەر   يۇقرىدىكى  ئىنكاسىمنى  :  ئۇلىنىش  خەۋەرلەر  باش  بېتىدە  :  ‹‹ مەزىن
ئاشنا  ئوينىدى  ››  دەپ   يوللىسام ، كۈنىدە  نەچچە  مىڭ  ئادەم  كۆرىدۇ  .
ئىشەنمىسىڭىز   :  بىر  سېتودىنىت   ھاجەتخانىدا   تۇغۇتىدا  ئۆلۈپ  قالدى  ،  مەكتەپ
مۇدىرى  ،   ئۇقۇغۇچىغا  باسقۇنچىلىق  قىلدى  .  تايلاندتىكى  13   ياشلىق پاھشە قىزلار
دېگەندەك  خەۋەرلەرنىڭ   كۆرۈلۈش   قېتىم  سانىغا  قاراپ  بېقىڭە  ؟  پايدىلىق
تېمىلاردىن   ،  مۇشۇنداق  تېمىلارنىڭ  ئاۋاتلىقى  ئېشىپ  كېتىدۇ  .  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-1 02:59 AM  


مۇۋەپپىقىيەت  قازىنىش  ، مەن  توغۇلۇش  بىلەنلا  خۇدانىڭ
ماڭا   يۈكلىگەن   مەسئۇلىيىتىدۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3610
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10490
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1551 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 03:03:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زوراۋان  ئېرىدىن  تاياق  يەپ  ،  ئەر  ،  ئائىلە   خوۋلۇقى  كۆرمەي  ؛  
‹‹  تەقدىرىم   شۇنداق  ئوخشايدۇ  ››  دەپ  چىداپ  ياشاۋاتقان  ئاياللار
بۇ  تېمىنى  ئوقۇپ   ،  ئۆززۈڭلارغا  چىقىش  تاپساڭلار  بولغۇدەك  ...  ؟

مۇۋەپپىقىيەت  قازىنىش  ، مەن  توغۇلۇش  بىلەنلا  خۇدانىڭ
ماڭا   يۈكلىگەن   مەسئۇلىيىتىدۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 904
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4365
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 12:52:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86886
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 01:01:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1 سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابى :شەرىيەت  بۇيىچە بالىنى  بىقىش  ھەققى ئاتىنىڭ  زىمىسدا  بولىدۇ...

2 سۇئالىڭىزغا كەلسەك : مىنىڭچە بالىنىڭ ئۆز  ئىختىيارى بۇيىچە، ئانىسنىمۇ  ياكى دادىسىنىمۇ،

تاللىشىغا  يول قۇيۇش توغرىمىكىن،،،،،،،،،،  

ie▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃∥ЯаββΙΜ≡ ρακαТ ŠàGiια  ŠèGiÑíΜàÑ▂▂▂▂▂▂ХυκЯÍ åιιå

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14164
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5414 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 01:02:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2012-12-1 03:03 AM
زوراۋان  ئېرىدىن  تاياق  يەپ  ،  ئەر  ،  ئائىلە   خوۋلۇقى   ...

   مىنىڭچە ھازىر زوراۋان ئەرلەردىن زوراۋان ئاياللار كۆپمىكىن دەيمەن  ..............

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 1735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10521
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4751 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 01:11:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2012-12-1 12:18 AM
مۇنداق  بىر  ئىش  باركەن  .   ئەر   تەرەپ   ئايالىنى  تالاق  ...

بەندىنى ئالدىسا اللاھ ئالدانمايدۇ ،ساڭا كىرىكى شۇمىتى دەپ اللاھ قا دوق قىلغاندەك چاكىنلىك قىلسا دەردىنى تارتىپ قالىدۇ ،دىيارىمىزدا ئاياللارغا زۇلۇم بەك ئىغىر ئاغزىمىزدىن كۆپۈك چىقىپ سۆزلىسەك ھىچكىم چۈشەنمىدى ئەمەسمۇ ،ئايال كىشىنى خورلايدىغانلار ئاۋۇپ قالغان قەۋىم خاتىرجەم بولسۇنكى زاۋالىققا يۈزلەنمەي قالمايدۇ ،توغرىنى بىلگۈچى اللاھ ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 1735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10521
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4751 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 01:13:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Merter007 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-1 07:37 AM
مېنىڭ سوئالىمغا كىم توغرا جاۋاپ بېرەلەيدۇ؟
سوئال: ئايا ...

ھەر قانداق ئىشتا نىيەتنىڭ مۇھىم ئىكەنلكىنى بىلسەك بولدى ،يامان نىيەت بىلەن قىلىنغا سەدىقىمۇ مەقبۇل ئەمەس ھەتتا ...................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش