مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1187|ئىنكاس: 12

ئادەم ۋە ياخشى سۆز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4698
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9621
تۆھپە نۇمۇرى: 375
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 12:49:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ تائالا ئادەمنى ياخشى (توغرا) سۆز قىلىشقا ئەمىر قىلغان بولۇپ، مۇشۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنى مۇسۇلماننى ياخشى سۆز قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. شۇڭا، ياخشى سۆز قىلىش ئىلاھى پەرمان ھېسابلىندۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھتائالا ئۆزىنىڭ كالامى قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلماننى ياخشى سۆز قىلىشقا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھدىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار». (سەرە ئەھزاب 33-سۈرە 70-ئايەتنىڭ بىر قىسمى). ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نىمە دىگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. (سۈرە نىسا 4-سۈرە 58-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

«بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دىمە». (سۈرە بەنى ئىسرائىل 17-سۈرە 36-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

«ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ كۈزۈتۈپ تۇرىدۇ». (سۈرە قاپ 50-سۈرە 18-ئايەت)

ياخشى سۆز تۈرلۈك شەيئىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىللكىنى تونۇتۇپ، ئىنساننى غاپىللىقتىن ساقلاپ، مۇكەممەل ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ. دۇنيادا ھەرقانداق ئادەم ياخشى سۆزنى ياقتۇرىدۇ، ياخشى سۆز قىلغان ئادەمنى خالاپ (سۆيۈپ) ئۇنىڭغا يۈكسەك ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۇ ئادەمنى ئەزىزلەيدۇ. ئىنسان ھاياتىدا داۋاملىق ياخشى سۆز ئاڭلىغۇسى كىلىپ، ياخشى سۆزگە قانمايدۇ. ياخشى سۆز قىلىش ئادىمىيلىك خىسلەتكە خاس خۇسۇسىيەت.

ھاياتلىق ئالىمىدە، ئەقلى نورمال ھەر قانداق بىر ئەر ۋە ئايال بىر-بىرىنىڭ ياخشى سۆز قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ياخشى سۆز قىلغان ئادەمنى ئىلھاملاندۇرۇپ مەدەت بىرىدۇ. ئىنسان ئۆمىرى ئاخىرلاشقۇچە ياخشى سۆز ئاڭلاشقا تەشنا ھالەتتە ياشايدۇ.

ئىنساننىڭ تەبىئىتى تۇغۇلما ھالەتتىن باشلاپ ياخشى سۆزنىڭ تەمىنى تېتىپ يىتىلگەچكە، بىر-بىرىدىن ياخشى سۆز ئىشىتسە ئۇنۇتمايدۇ. ئادەم كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئېلىم-سېتىم ۋە خىزمەت قىلىش جەريانىدا تۈرلۈك مىجەزدىكى كىشىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىدۇ. سۆزى قوپال ئادەمگە ئۇچىرىغاندا شۇنداق ئادەم بىلەن تەڭ بولماي، ياخشى سۆز قىلىش كېرەك. بۇ ھەقتە رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«چېلىشقاندا يەڭگەن ئادەم نوچى ئەمەس، ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى بېسىۋالغان ئادەم ھەققى نوچىدۇر!» دىگەن. ئادەم غەزەپلەنگەندە ئەقلىنى يوقۇتۇپ ئەدەپسىز سۆزلەرنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ سالىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئىمان مەنپەئەتكە مەنسۇپتۇر، ئەدەپسىز سۆز قوپاللىقتۇر، قوپاللىق دوزاخقا مەنسۇپتۇر دىگەن. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «مۆمىن ئادەم كىشىلەرگە تىل تەككۈزمەيدۇ، كىشىلەرنى تىللىمايدۇ، يامان سۆز قىلمايدۇ ۋە سۈرەن سالمايدۇ» دىگەن (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

يەنە رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم :«سۆز ۋە ھەركىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا زىيان زەخمەت يەتكۈزمىگەن ئادەم كامىل مۇسۇلمان ھېسابلىندۇ» دىگەن. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

ياخشى سۆز قىلغان كىشىگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى سۆز قايتۇرۇش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدىكى ئېسىل خىسلەت. ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ:«سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياىشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار (يەنى بىر كىشى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ دەڭلار)، ياكى ئۇنىڭ سالمىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار (يەنى ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەڭلار)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىدىن (يەنى بەندىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىدىن) ھېساب ئالغۇچىدۇر». (سۈرە نىسا 4-سۈرە 86-ئايەت)

ئىنسان ياخشى سۆز قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدىدىكى خارەكتىرنى نامايەن قىلىدۇ. ئادەمنىڭ ياخشى تەبىئەتلىك ياكى يامان تەبىئەتلىكنى ئۇنىڭ يۈركىنىڭ قات-قېتىدىن چىققان ياخشى سۆزى بەلگىلەيدۇ. ياخشى سۆز ئىنساننى ئىشەنچىگە ئىگە قىلىپ، بىر-بىرى بىلەن يېقىنلىشىشقا، دوسىتلىشىشقا، تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرۈتكە بولىدۇ.

ياخشى سۆز قىلىش پىشىپ يىتىلگەنلىك ۋە بۈيۈكلۈك، ھەرقانداق زاماندىكى دەۋىر ئادەمدىن ياخشى سۆز قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنساننىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يۈزلىنىپ، ئالغا ئىلگىرلىشى پاكلىققا ئىنتىلىشى ۋە ئادىمىيلىك ئوبرازى بىلەن ئامان ئېسەن، باياشات تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشى ياخشى سۆز قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك. ئادەم دۇنياغا نەزەر سېلىپ، تەسەۋۋۇر كۆزى ئارقىلىق دۇنيانى ئەتراپلىق كۈزىتىدىغان بولساق، ياخشى سۆز قىلىشنىڭ پاساھەتلىك ھېكىمىتىنى، تەسىرلىك رىئال كۆرۈنۈشلەردىن مەنىسى چوڭقۇر، بەلگىلىك ئالامەتلەردىن ئەقىل بىلەن ھېس قىلىپ، روشەن چۈشۈنۈپ يەتكىلى بولىدۇ. ھاياتلىق مەنزىلدە ھەل بولمىغان قېيىن مەسىللەرنى ياخشى سۆز بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. جىدەل قىلۋاتقانلارغا ياخشى سۆز قىلسا بېسقىدۇ، ئاداۋەتلىشىپ قالغانلار ياخشى سۆز ئارقىلىق يېقىنلىشىدۇ. نادان ئادەمگە ياخشى سۆز قىلسا خاتالىقتىن قول ئۈزۈپ نەتىجە ھاسىل قىلىدۇ، ماجرالىشىپ قالغان ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىنىڭ ياخشى سۆزىنى ئاڭلىسا ھەممىنى ئۇنتۇپ، قەلبى ئىللىپ، چېھىرى ئېچىلىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىگە خۇشاللىق قاناتلىرىنى قېقىشىپ، بەخىت گۈلىستانىغا شەرىق بولىدۇ. ياخشى سۆز كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولغان بوغۇنلارنى ئىقتىدارلىق يىتىلدۈرۈپ، ياراملىقلار سىپىگە قوشىدۇ. ياخشى سۆز ئاتا-ئانىنىڭ دۇئاسىنى ئېلىشقا تۈرۈتكە بولۇپ، قان-قېرىنداشلارنى، ئۇرۇق-تۇققانلارنى ئەۋلات ئەزالىرىنى ۋە ھەممە كىشىنى رازى قىلىدۇ. ياخشى سۆز ئادەمگە چەكسىز خۇرسەنلىك بېغىشلاپ، ئادىمىيلىكنىڭ يۈكسەك قىممىتىنى غايەت زور دەرىجىدە تونۇتۇپ، ئادىمىيلىك ئالاقە جەريانىدا ئىنسانغا نەتىجە كۆرسىتىدۇ. بىلال ئىبنى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«ھەقىقەتەن كىشى ئاللاھ رازى بولدىغان بىر ئېغىز ياخشى سۆزنى قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ سۆزنىڭ قەيەرگىچە يىتىپ باردىغىننى گۇمانمۇ قىلمايدۇ. ئاللاھ بۇ كىشى ئۈچۈن شۇ بىر ئېغىز سۆزنىڭ سەۋەبىدىن تا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئۇچراشقۇچە رازىلقىنى يازىدۇ» دىگەن. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

ياخشى سۆزنى سۈپەتلەشكە ئىنساننىڭ تىلى ئاجىز كىلىدۇ، ياخشى سۆزنىڭ سېھرى كۈچى چەكسىز. بىزدە: «ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز باشنى» دىگەن گەپ بار. ئادەم سۆز قىلىشتىن ئاۋۋال ئويلۇنۇپ، ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە، سورۇن كەيپىياتىغا ماس كىلدىغان پاساھەتلىك سۆز قىلىش كېرەك.

رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم :«ھەقىقەتەن پاساھەتلىك، بالاغەتلىك سۆز قىلىشتا، ئەقىلنى لال قىلدىغان سېھىر باردۇر، (كىشىنى پاساھەتلىك، كىلىشكەن سۆزلەرنى ئاڭلىسا ھەيران قالىدۇ، قايىل بولۇپ كىتىدۇ، خۇددى، سېھىر بىلەن تەسىرلەنگەندەك، تەسىرلىندۇ)» دىگەن. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

سورۇن مۇھىتى ياخشى سۆز قىلىشقا لايىق بولمىسا، ئەجەبلەنمەي سۈكۈتتە تۇرۇش لازىم، سۈكۈت قىلىش ياخشى سۆز قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىندۇ.

ئەبۇ شۇرەيىھ خۇزائى رەزىيەللەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۆز قىلمىسۇن» دىگەن. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

ھاياتلىق مەنبەسىدە ياخشى سۆزنىڭ سىھىرى كۈچى ئىنسانغا گۈزەل نىشان بەلگىلەپ، ئىنساننى توغرا ھەركەت قىلىشقا يىتەكلەپ، ئەقىدە-ئىخلاس بىلەن قەلبى دۇرۇس، تەبىئىتى ئېسىل، خىسلىتى گۈزەل، سۆزى ياخشى پەزىلەتلىك ئادەم بولۇشقا ئۈندەيدۇ.

ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم :«ياخشى سۆزنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەدىقە» دىگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

بىزدە: «ياخشى سۆز ئىنساننىڭ ئىشى، يامان سۆز شەيتاننىڭ» دىگەن گەپ بار. سۆز سېستىمىلىق، ئىخچام، ۋەزنى ئېغىر، تەلەپپۇزى گۈزەل، مەزمۇنى روشەن بولسا، چۈشىنىش ئاسان بولۇپ، ياخشى سۆز ئاڭلىغۇچىلار مەنىۋى نەپكە ئېرىشىپلا قالماي، سۆز قىلىش ئۇسلۇبىنى تەلەپكە لايىقلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۆزىنى ۋە سۆز قىلىش مىتوتىنى تەكشۈرۈپ، سۆز قىلىشتىكى خاتالىقنى تونۇيدۇ-دە، توغرا ۋە خاتا سۆزنى ئايرىپ، ھاياتلىقتىكى قوللانسا بولدىغان-بولمايدىغان سۆزلەرنى ئەتراپلىق، ئەينەن تونۇپ يىتىدۇ.

ئىنسان كۆپىنچە ھاللاردا، ئېغىزدىن تىزگىنىسىز تۆكۈلگەن سۆزنىڭ سەۋەبى بىلەن خاتالىشىپ قالىدۇ. مانا بۇ سۆز قىلىشتىكى سەۋەنلىكتىن سادىر قىلغان پۇشايمانلىق ئازاب چىكىشتۇر. رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم :«ھەقىقەتەن كىشى ئاللاھ غەزەپ قىلىپ كايىدىغان بىر ئېغىز يامان سۆزنى قىلىدۇ، ئۇ بۇ سۆزنىڭ قەيەرگىچە يىتىپ باردىغىننى گۇمانمۇ قىلمايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇ بىر ئېغىز سۆزنىڭ سەۋەبىدىن تا قىيامەت كۈنىگىچە غەزەپ نەپىرىتىنى ئۆچلىكىنى يازىدۇ» دىگەن. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان، چۈىنىش قېيىن سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، ھەقىقەتقە يۈزلىنىپ، ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، مەنتىقىگە ئۇيغۇن كىلدىغان ئىنسان روھى قوبۇل قىلالايدىغان شىرىن سۆزلەرنى ئىشلىتىش كېرەك.

ھەزىرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىندۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناھايىتى ئېنىق سۆزلەيتتى، ئاڭلىغانلا ئادەم چۈشىنەلەيتى. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)

ئىسلامىيەت مەشئىلىنى چاقنىتىدىغان شەرىئەت ئەھكام-ئەركانلىرىنى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تەرجىمھالىنى، رەسۇلۇللاغا ۋەھى كىلىشتىن ئىلگىرىكى جەمئىيەتتە كۆرۈلگەن ئىجابى تەسىرنى، رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىك ھاياتىدىكى جاپالىق ھالەتلىرى، ھىجرەتتىكى يۈكسەك چۈشەنچىلىرىنى، ئىبادەتلىك سۈننەتلىرىنى، ئادالەتپەرۋەر روھى-قىياپىتىنى، قانچە ئايال بىلەن نىكاھلانغان تۇرمۇش ئائىلە ئەھۋالىنى، بۇلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى، ساھابىلارنىڭ چىدامچانلىق ھەركەت-ھالەتلىرىنى، تابىئىنلارنىڭ گۈزەل ئىش-ئىزلىرىنى، مۇشىتىھىتلارنىڭ تەقۋالىق بىلەن ئىجاد قىلغان كىتابلىرىنى، خەلىپلەرنىڭ تەزكىرە-بايانلىرىنى، دۇنيانىڭ قىممىتىنى،ئالىملارنىڭ جەزبىدار ئەخلاقى خىسلەتلىرىنى ۋە ئىنساننىڭ ياشاش يولىدىكى توغرا ھالەتتە ئادا قىلدىغان پىرىنسىپلىق مىزانلارنى سۆزلىگەندە چۈشىنىشلىك بايان قىلىش، جەمئىيەتتىن نەقىل ئېلىپ سۆز قىلغاندا، ئىجابى جەھەتتە قىممىتى بار، سەلبى تەرەپلەردە تەربىيۋى ئەھمىيتى ئەتراپلىق، ماھىيتى تىرەن، مەزمۇنى چوڭقۇر ئىشلارنى مىسال كەلتۈرۈپ سۆز قىلىش كېرەك.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «كىشىلەرگە ئۇلار چۈشىنەلەيدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ بىرىڭلار» دىگەن. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

ئادەم تولا گەپ قىلماسلىق لازىم، ئىنساننىڭ ئابرويىنى يوق قىلدىغان ئابروينىڭ بىرى سۆزنى كۆپ قلىش، سۆزنى ئۇزۇن قىلغاندا ئادەمنىڭ نىرۋىلىرى ھېرىپ، تېتىمسىز گەپلەرنى قىلىپ سالىدۇ. گەپنى قىسقا، مېغىزلىق، باشقىلارغا ياقىدىغان قىلىشى، گەپكە ئۇستىلىقنى (سۆزمەنلىكنى) كۆز-كۆز قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «قىيامەت كۈنى مەن ئەڭ يامان كۆرىدىغان ۋە مەندىن ئەڭ يىراق بولدىغىنىڭلار تولا گەپ قىلدىغان، ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلايدىغان، سۆزمەنلىكنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى تولدۇرۇپ گەپ قىلدىغانلاردۇر» دىگەن. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

يەنە بىر رىۋايەتتە، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «ھايا قىلىش بىلەن سۆزنى ئاز قىلىش ئىماننىڭ ئىككى شاخچىسىدۇر، پاھىشە سۆز قىلىش، ئېغىزى بەزەپلىك بىلەن كۆپ سۆزلىۋىتىش، مۇناپىقىنىڭ ئىككى شاخچىسىدۇر» دىگەن. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

ھاياتلىق جەريانىدا ئاغزىغا كەلگەنچە كىشىلەرنىڭ ياشاش پائالىيەتلىرىگە، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە، تۇرمۇش ئەھۋالىغا، خىزمەت نەتىجىسىگە، جەمئىيەتتىكى ئىجابى، سەلبى ئورنىغا چېتىشلىق ئادەمنىڭ غەزپىنى قوزغايدىغان ۋە ئاخىرەتلىك سائادەتمەنلىكىگە زىيانلىق سۆزلەرنى قىلماسلىق كېرەك. ئادەملەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى، مىجەز-خۇلقى باراۋەر بولمىغانلىقتىن بەزىلەرنى ماختىسا، بەزىلەرنى تەنقىدلىسە، بەزىلەرگە چاقچاق قىلسا رەنجىيدۇ. بىزدە «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە» دىگەن گەپ بار. بىر-بىرى بىلەن چاقچاق قىلىشقاندا يېقىمسىز، تەمى يوق سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك، كىشىلەرنى مەسخرە قىلدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىق، سۆز قىلغاندا ئاغزىنى مايماقلاشتۇرۇپ ئادەمنى دورىماسلىق، قالايمىقان سۆزلەرنى قىلماسلىق لازىم.

ئىبنى ئەمرۇ ئبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كىشىلەردىن سۆز قىلغاندا، باشقىلارنى مەسخىرە، زاڭلىق قىلدىغان، خۇددى كالا، ئوت-چۆپلەرنى پۇلاپ، يۆگەپ يىگەندەك، تىللىرىنى يوغىنتىپ قالايمىقان ھەممە گەپنى سۆزلەيدىغان، ياڭزا چىقىرىپ، مەسخرە سۆزنى كۆپ قىلدىغان مۇبالىغىچى كىشىگە ئۆچ بولۇپ، غەزەپ قىلىدۇ.، دۈشمەن تۇتىدۇ» دىگەن. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)

ئىنساننىڭ توغرا سۆز قىلماسلىقى نادانلىقنىڭ روشەن ئالامىتى، ئادەم گەپ قىلغاندا سۆزنى ئۇزۇن داۋاملاشتۇرۇپ، قېشىدىكى كىشىلەرنى زىرىكتۈرمەي سۆزنى ياخشى، ئوتتۇراھال قىلىش كېرەك، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«مەن سۆزنى قىسقا، نورمال قىلىشىمغا بۇيرۇلدۇم، سۆزنى نورمال، ئوتتۇراھال قىلىش بەك ياخشىدۇر» دىگەن. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)

خاتىرجەملىك سېتىۋالغىلى بولمايدىغان زور بەخىت، خاتىرجەملىكنىڭ مۇھىم كاپالىتى ئېغىزنى ئوبدان كونتىرول قىلىش، سەھلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «كىم ماڭا ئاغزى بىلەن ئەۋرىتىدىن ئىبارەت ئىككى ئېغىزغا كىپىل بولسا، مەن ئۇ كىشىگە جەننەت بىلەن كىپىل بولىمەن، يەنى ئېغىزنى، ئەۋرەتنى مەھكەم ساقلاڭلار» دىگەن. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن: «ھەر كۈنى ئادەم بالىسى تاڭ ئاتقۇزسىلا، ئۇنىڭ بارلىق ئەزالىرى تىلنى ئەيىبلەپ، تىلغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يالۋۇرۇپ، مۇنداق دەيدۇ : بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھتىن قورىققىن، ھەقىقەتەن بىز ساڭا باغلىق، سەن رۇس، تۈز بولساڭ، بىزمۇ شۇنداق بولىمىز، ئەگەر سەن ئەگىرى بولساڭ، بىزمۇ ئەگىرى بولىمىز.» (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

يالغان سۆز قىلىشتىن ساقلىنىپ توغرا سۆز قىلىش كېرەك، سۆز قىلغاندا كۆرسەتمىدىن چىقماسلىق لازىم. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«بەندە يالغان سۆزلىگەن ھامان، ئۇنىڭ يالغان سۆزىنىڭ سېسىقلىقىدىن، پەرىشتە ئۇنىڭدىن بىر مىبىل، يەنى ئىككى كىلومتىر يىراقلاپ كىتىدۇ» دىگەن (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دىمە». (سۈرە بەنى ئىسرائىل 17-سۈرە 36-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

«ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ كۈزۈتۈپ تۇرىدۇ». (سۈرە قاپ 50-سۈرە 18-ئايەت)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىكى نەرسىنى سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ يالغانچىلىقى ئۈچۈن يىتەرلىك دەلىلدۇر» دىگەن. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

ئادەم ئاڭلىغانلىكى سۆزنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەسلىكى لازىم، ئىنسان راسىت سۆزنىمۇ، يالغان سۆزنىمۇ ئاڭلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى سۆزلىسە يالغان ئېيىتقان بولۇپ قالىدۇ، ئاڭلغان گەپنىڭ ھەممىسى راسىت بولۇشى ناتايىن، شۇڭا ئاڭلىغان خەۋەرلەرنىڭ راسىت-يالىغانلىقنى ئېنىقلاپ توغرا سۆز قىلىش كېرەك.

ھېسياتقا بىرىلىپ سۆز قىلماسلىق لازىم، دەپ بولغان سۆزنى قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ. دۇنيادا بەخىت-سائادەتكە، ئاخىرەتتە جەننەتى نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ياخشى سۆز قىلىش. ئەدى ئىبىن ھاتەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «كىشى ياخشى سۆز بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلانسۇن» دىگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

ئادەمنىڭ غورۇرىغا، تۇرمۇش مەدەنىيتىگە، ھاياتىغا دائىر ۋە تۈرلۈك سۆزلەردە ئىچكىرلەپ كەتمەسلىك كېرەك، سۆز قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەي ياخشى سۆز قىلمىغاندا مەغلۇبىيەتكە، خاپلىققا ۋە گۇناھقا مۇپتىلا بولۇپ قالىدۇ.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «سۆز-ھەركەتتە چوڭقۇرلىشىمەن دەپ ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكۈچىلەر ھالاك بولىدۇ» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

بىر-بىرىگە ياخشى سۆز قىلىشنى ياخشىلاپ ۋە داۋاملاشتۇرۇش ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق ئۈمىدى. ئادەم ھاياتلىق مۇساپىسىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ياخشى سۆز قىلىش مارشىنى دادىل قەدەملەر بىلەن جاسارەتلىك ھالدا ياراملىق روھى قىياپىتى ئارقىلىق، ساغلام ئۇسۇلدا جانلىق ياڭرىتىپ، ياخشى سۆز قىلىش ھالەتتە دۇنيانى گۈزەللەشتۈرۈپ (بىزەپ)، ياخشى سۆز قىلىش ئارقىلىق ئىناقلىق گۈللىرىنى مەڭگۈ ئېچىلدۇرۇش لازىم.

چارۋىچىلار ئېغىل-قوتانلاردا، ئوتلاق-يايلاقلاردا ئاسراپ باقىدىغان، دېھقانلار يېزا-قىشلاقلاردا تېرىقچىلىق ئەمگەكلىرىگە ئىشلىتىدىغان، ھارۋىغا قېتىپ تۇرمۇشقا لازىم قىلدىغان تۈرلۈك ھايۋانلارغىمۇ، ئائىلىدە كىتەك بالىخانلاردا ئەتىۋارلاپ بېقىلدىغان ھەرخىل ئەرمەك قۇشلارغىمۇ ياخشى سۆز قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا مۇنداق ئىش يۈز بەرگەن، ھەزىرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر سەپەردە رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ھەمرا بولغاندا، ھەزىرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ تۆگىسى تەرسالىق قىلغان، ئائىشە غەزەپلىنىپ، ئاغزىدىن:«لەنەت» دىگەن سۆزنى چىقىرىۋەتكەن. رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قاراپ :«تۆگىنى قايتۇرۋەت، مەلئۇن نەرسىلەر بىز بىلەن بىللە بولالمايدۇ» دېگەن. رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنىڭ بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ھايۋانلارغىمۇ يامان سۆز ئىشلەتمەسلىك كېرەكلىكنى ئۈگەتكەن.
پايدىلانغان كىتابلار:

«قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى» مىللەتلەر نەشىررىياتى 1986-يىل نەشىرى

«مىشكاتۇل مەسابىھنىڭ ئۇيغۇر تەرجىمىسى 2-قىسىم» 443-447-448-451-457-458-459-بەت

«ياخشىلار باغچىسى» ئۇيغۇرچە شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2005-يىلى نەشىرى 359-660-بەت

«قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما ئۇيغۇرچە» مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1993-يىلى نەشىرى 188-184-186-191-بەت

«ھەزىرىتى ئائىشە ئۇيغۇرچە» مىللەتلەر نەشىرىياتى 2008-يىل نەشىرى 30-بەت



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
قەھۋە + 100 رەھمەت ئەجرىڭىزگە!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئىشەنگەن تاغلىرىمدا ياتمىدى بىرمۇ كىيىك، دوسىتلىرىم زىرىكتى مەندىن، دۈشمىنىم سەنمۇ زىرىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3981
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9326
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2408 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 01:53:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ  رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم .ياخشى تىمىكەن .

ھەرۋاقىت سەۋرىچ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 407
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9087
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2010-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 01:58:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

ئاللاە ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2357
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3093
تۆھپە نۇمۇرى: 414
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 02:07:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل دۇردانىلىرىڭىزگە تەشەككۈر!ئوماق قىز.بۇ ئەجىرىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ سىزگە زور ساۋاب ئاتا قىلغاي...

بىردەملىك تاقەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2025
يازما سانى: 3030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21377
تۆھپە نۇمۇرى: 734
توردا: 4929 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 02:14:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇگۈن سىزنىڭ  ئىلھامىڭىز شاشقۇ ئەزىزەم..نادىر تىمىللىرىڭىز ، مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن

تاڭ ساباسى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3506
يازما سانى: 592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11629
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2833 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 02:42:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ مەن بىلەن بىللە ، ئاللاھ ھەممىنى كۆرۇپ تۇرغۇچىدۇر ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر .
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن ، داۋاملىق ئىسىل  تېمىلار ئۇزۇلمىسۇن .

ھايات شامى ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يىنىق ،
كەلدىڭمۇ دۇنياغا كەتمىگىڭ ئىنىق .
شۇ كىلىپ كىتىشنىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،
تەييار بول سۇئالغا پۇتكىچە تىنىق .

*گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىمىغىن ،لكىن ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىغىن!

ئاللاھ ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4698
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9621
تۆھپە نۇمۇرى: 375
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 04:27:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2(uyughur520)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

دىگىنىڭىز كەلسۇن قېرىندىشىم، مىنى قوللىغىنىڭلار كۆپ تەشەككۈر!!! [s:36]

ئىشەنگەن تاغلىرىمدا ياتمىدى بىرمۇ كىيىك، دوسىتلىرىم زىرىكتى مەندىن، دۈشمىنىم سەنمۇ زىرىك.

ئاللاھ ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4698
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9621
تۆھپە نۇمۇرى: 375
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 04:29:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت karmalika كە 2010-08-15 02:14 PMئەۋەتىلدى :
بۇگۈن سىزنىڭ  ئىلھامىڭىز شاشقۇ ئەزىزەم..نادىر تىمىللىرىڭىز ، مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن

دىگىنىڭىز كەلسۇن، مەن يەنىلا سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا مۇھتاج.

ئىشەنگەن تاغلىرىمدا ياتمىدى بىرمۇ كىيىك، دوسىتلىرىم زىرىكتى مەندىن، دۈشمىنىم سەنمۇ زىرىك.

ئاللاھ ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4698
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9621
تۆھپە نۇمۇرى: 375
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 04:31:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت RIFAT كە 2010-08-15 02:07 PMئەۋەتىلدى :
ئىسىل دۇردانىلىرىڭىزگە تەشەككۈر!ئوماق قىز.بۇ ئەجىرىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ سىزگە زور ساۋاب ئاتا قىلغاي...

مەن داۋاملىق تىرشىمەن، بۇ ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردىكى ساۋاب ھەمىمىزگە تەڭ بولغاي  قېرىندىشىم.

ئىشەنگەن تاغلىرىمدا ياتمىدى بىرمۇ كىيىك، دوسىتلىرىم زىرىكتى مەندىن، دۈشمىنىم سەنمۇ زىرىك.

ئۈزۈڭگە ئىشەن، ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3680
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10464
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 05:01:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.................ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!!تېخىمۇ ياخشى تىمىلارنى يوللىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ................

خەيىر ئامان بۇلۇڭلار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش