ئەسكەرتىش : بۇ يازمىنىڭ ئاپتورى مەن ئەمەس ، مەن پەقەت بۇ يازمىنى تېخىمۇ كۆپ تورداشلار كۆرسە ، بىزنىڭ يۇرت ماكانىمىزنى قوغدىشىمىز ئۈچۈن كەڭ تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىپ يوللىغان !!
نوم دىيارى نىمە گۇنا قىلدى؟
( نوم بازىرى بولسا ، قومۇل شەھىرى ئاراتۈرۇك ناھىيەسىگە قاراشلىق تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغان بازار ، < قومۇل قوغۇنى > نىڭ ئاساسلىق بازىسى )
بىزئىككى ئائىلە كىشىلىرى 2012 – يىل 10 - ئاينىڭ 6 – كۈنى تۇققان يوقلاش ئۈچۈن ئەتىگەن سائەت 10 لار ئەتراپىدا 2 ماشىنا بىلەن نوم بازىرىغا يولغا چىقتۇق، ئاداق يېزىسىدىن ئۆتۈپ تۈز سايلىقتا ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ‹‹گۇاڭخۇي›› شىركىتىنىڭ ھەيۋەتلىك بىنالىرىنىڭ قارىسى ئېنىقلىشىشقا باشلىدى، بىز:‹‹ نوم شەھەر بولۇپ كېتىپتۇ – جۇمۇ،قالتىس تەرەققى قىلىپتۇ.... دىگەندەك تەرىپلەشلەر ئىچىدە كېتىۋاتاتتۇق. تۇيۇقسىزلا بۇرنۇمغا مەن مۇشۇ ھاياتىمدا قەتئى پۇراپ باقمىغان ئاجايىپ بىرخىل سېسىق بۇراق ئۇرۇلدى. ھەممەيلەن ھەيرانلىقتا بىر –بىرىمىزگە قارىشىپ: ماشىنىدىن چاتاق چىقتىمۇ –يا ؟بىريېرى كۆيىۋاتامدۇ – نىمە؟دىيىشىپ ماشىنىنى يولنىڭ چېتىگە توختىتىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق. ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى پۇراق قانچىلىك، ئەسلىدە پۇراق سىرتتا ئىكەن. ھەممەيلەن تەڭلا:‹‹ ماشىنىغاچىقىڭلار! تېز بولۇڭلار!›› دىيىشىپ ئالدىراپ ماشىنىغا چىقتۇق، چاپانلىرىمىزنىڭ پەشلىرى، لۈڭگە- ياغلىقلار بىلەن بۇرۇنلىرىمىزنى توساپ، ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ15 كىلومېتىردىن ئارتۇق مېڭىپ نوم بازىرىغا كىرگەندە پۇراق سەل – پەل پەسەيدى. شۇ بىردەملىك پۇراق تەسىرىدىن ئىچلىرىمىز ئېلىشىپ، باشلىرىمىز قېيىپ، ئاغرىپ تاسلاقالدۇق قۇسىۋەتكىلى. ئەسلىدە بۇ پۇراق‹‹گۇاڭخۇي›› شىركىتىنىڭ ‹‹بۈيۈك زاۋۇتلىرى›› دىن قويۇپ بېرىلگەن كېرەكسىز،زەھەرلىك گازنىڭ پۇرىقى ئىكەن. مەن بۇ ئىشقا 2012 – يىل 11- ئاينىڭ 18 – كۈنى يەنەبىر قېتىم يولۇقتۇم، يەنىلا شۇ لەنىتى سېسىق پۇراق!
توۋۋا! مۇشۇ زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇكا –سىڭىللىرىمىز قانداق قىلىۋاتقاندۇ؟ ئۇلار قانچە قېتىم مۇشۇنداق پۇراق بىلەن نەپەسلەنگەندۇ؟ پۈتۈن نوم خەلقى قانداق قىلىۋاتقاندۇ؟ قانداق چىداۋاتقاندۇ؟ ئەمدى شۇ پۇراقنى پۇرىغىنى پۇرىغانمىدۇ؟! دۇنيا مۇھىت تەكشۈرۈش مۇتەخەسىسلىرىنىڭ بىردەك‹‹ پۈتۈن جۇڭگو بويىچە بولغانمىغان، ئورگانىك يىمەكلىك يېتىشتۈرۈش بازىسى›› دىگەن ئېتىراپى نەگە كەتتى؟ شۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان خەقلەرنىڭ دىيىشىچە،يېققىن ئەتىراپتىكى دېھقانلار كېچە – كۈندۈز نەملەنگەن ماسكا تارتىپ يۈرىۋېتىپتۇ،چاشقان، چىۋىنلەر ئۆلۈپ ئاساسەن ئۆلۈپ كېتىپتۇ، يەنە تېخى ئەتىۋالىق (ئورگانىك چوشقىلار)مۇ ئۆلۈشكە باشلاپتۇ.....چىۋىن ياشىيالمىغان يەردە ئىنسانلار قانداق ياشىيالىسۇن؟! توۋۋا ئەمدى قاچان زاۋۇتتىكى ئىشچىلار زەھەرلىنىپ ئۆلۈشكەباشلاپتۇ... نوم قىرسايدا مۇنچە بوۋاق مېيىپ تۇغۇلۇپتۇ....بۇلاق سۇلىرىنى ئىچكەن كالىلار شۇ يەردىلا ئۆلۈپ قالغىدەك............... دىگەندەك ۋەھىمىلىك خەۋەرلەرنى ئاڭلارمىز................
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇزاۋۇتنى باشقا رايونلارغا قۇرۇشنى پىلانلىغاندا يەرلىك خەلق ۋەخەلقنىڭ باشلامچىسى بولغان رەھبەرلەر بىردەك ئېتىراز بىلدۈرۈپ قۇرۇشقا يول قويمىغانمىش، ئەمدىلىكتە بۇ پۇلدار خوجايىنلار كىمنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، قانداق يوللار بىلەن بۇ لەنىتى زاۋۇتنى بىرنىڭ يۇرتىمىزغا، بۇلغانمىغان پاك دىيارىمىزغا قۇرۇشقا پېتىندىكىن! ئۇلار پۇل تېپىپ نىمە قىلماقچى؟ پۇل تېپىش بەدىلىگە بىگۇناھ چىۋىن، چاشقان، (چوشقىلانى) ئەڭ مۇھىمى بىزنىڭ گۈزەل دىيارىمىزنى ۋەيران قىلماقچىمۇ؟ بىچارە دېھقاننىڭ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىشىگىمۇ يول قويماقچى ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرىدىغان ھىچ كىم يوقمۇ؟! بۇنىڭغا كىم جاۋاپكار؟! ئاجىز دېھقان پۇلدار بايغا گېپىنى ئۆتكۈزەلەرمۇ؟ بىزگە ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا قەغەردىن ياسالغان پۇل كېرەكمۇ؟ سۈيىنى ئىچكىلى بولمايدىغان، ھاۋاسىدىن بىرمۇ تىنىق ئالغىلى بولمايدىغان،تۇپرىقىدىن بىرتالمۇ زىرائەت ئۆسمەيدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ ياشىشى مەنئى قىلىنغان بۇلغانغان زېمىن كېرەكمۇ؟ شۇ پۇلدار بايلار بىزگە تاشقى پىلانتتىن ياشاش ماكانى تېپىپ بەرگۈدەكمۇ؟! بىز زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟!!! يۇرتىمىزنى تاشلاپ كېتىشىمىزكېرەكمۇ؟ ئەجداتلىرىمىز قان تۆكۈپ قۇررۇپ چىققان دىيارىمىزنىڭ شۇنداق ۋەيران بولىشىغا قول قوشتۇرۇپ، باش ئېگىشىمىز كېرەكمۇ؟
( رەسىملەرنى مەن تارتقان )
ئاپتورى : چۇقان
مەنبە: ئۆز قەلىمى
2012 - يىل 11- ئاي قومۇل ئاراتۈرك
مەنبە : ئاراتۈرۈك مۇنبىرى http://araturuk.com/forum.php
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-30 10:01 PM