مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 870|ئىنكاس: 16

ئانا يۇرتۇمدىن بايانىم (مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە تەۋىسىيە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7695
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 09:17:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                             ئانا يۇرتۇمدىن بايانىم (مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە تەۋىسىيە )
                                                        ھەسەنجان ئابدۇرېھىم     
         مەن ئۈرۈمچىدە مەلۇم  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن ، ئۆزۈم دىھقان ئائىلىسىدە چوڭ  بولغاچقىمىكىن  مۇشۇ دېھقانلارغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ، باشقا جايلاردا قانداقكىن بىزنىڭ يېزىدا ھەر يىلى ئەتىيازدا  دېھقانلار  بانكىدىن قەرز ئالغىلى  كەنىتتىن خەت  ئېلىپ ،  يېزىدىن خەت ئېلىپ ئاندىن  بۇ تېرىقچىلىققا كېتىدىغان مەبلەغنى ھەل قىلىشىدۇ،  ھەتتا مۇشۇ خەتلەرنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ  نەچچە ئارقا  ئىشىكلەرنى قىلمىسا  ئۆچرەتنىڭ  ئەڭ كەينى بولۇپ تۇرۇپ قالىدىغان گەپ، نەگە بارسا  مۇشۇ  چوڭاملار قۇرۇق  گەپ قۇلاققا  خوشياقمايدۇ دېسە بۇنىڭ تېگىنى بىلگەن ئەقىللىق كشىلىرىمىز  ئانچە مۇنچە گەپنى ‹نەمدىتىپ›  قىلىپ مۇشۇ  چوڭاملارنىمۇ  كۆندۇرۇپ  قويىۋاتىدۇ.  ئەڭ ئاۋال قەرز  بىجىرەلەيدىغانلار  ھەر قايسى كەنىتنىڭ  ‹چوڭلىرى›  ئاندىن  قولىدا  سەل باراقلىرى ،ئارقىدا  يەنىلا  شۇ  قول ئىلىكىدە يوقلار .............    يېزىلاردىكى بەزى ئامما بىلەن كەنىت كادىرلىرى ئارىسىدىكى  يۈز بەرگەن  ئىشلار   يا مەن  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاچقىمۇ  كاللامدىن زادى ئۆتمەيدۇ........
              ھەر يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ ئۆينىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا  قارىشىپ بېرىمەن، بىزنىڭ يېزىدا  بولۇپمۇ  بىزنىڭ كەنىتتە  ئۇرۇق قوناقنى يامان كۆپ تېرىيمىز ، ئەتىيازدا تېرىساق  ئاۋال ئانىلىقىنى بىر تېرىيمىز  سەككىز توققۇز  كۈن ئۆتۈپ ئاندىن ئاتىلىقىنى تېرىيمىز  ، مۇشۇ  ئارلىقتىكى 15 كۇن ئىچىدە ھاۋا ياخشى بولسىلا  قوناقلار يامان ئەمەس  ئۈنۈپ  چىقالايدۇ،  ئالىمادىس  يامغۇرلار يېغىپ كەتسە نەچچە  كۈنلەپ ئېتىزلىقتا قوناقنى تۆشۇكىدىن چىقىرىمىز دەپ يەر تاتلايدىغان ئىش، ئاندىن ئىككى ئاي  ئۆتكىچە ئوغۇت سۈيىلىرىنى  ۋاقتىدا  بېرىپ تۇرمىساق ھەم  بولمايدۇ،ئاندىن  كېيىن پۆپىكىنى (بەزى چوڭلىرىمىز  ‹پۆپچەك› دەپمۇ  قويىدۇ يەنە بەزىلەر ‹پىپەك› مۇ دەيدۇ ) ئالىمىز دەپ يەنە ئىككى  ئاي،  كۈندە نەچچە  قېتىم  قوناقلىقنى ئارىلاپ يۇرۇپ گەدەن پاتتاڭ يۈز  كۆزلەرنى  قوناق شاخلىرى جىياپ  قىپقىزىل ئىششىتىپ  نەچچە  يېغىرلارغا  تولۇپ  كېتىدۇ، مۇشۇ پۆپەك  ۋاقتىدا  قايسى ئانىلىق قوناق بالدۇر چىقارسا شۇنىڭدىن باشلاپ پۆپەك ئالىدىغان گەپ. بەزى يەر ئىگىلىرى كۆرمەي قالغان پۆپەكلەر بەزىدە چېچەكلەپ  چاڭ تارقىتىۋەتسە ئەتراپتىكى قوناقلارمۇ  بولمايدىغان ئىش، شۇ  كۈنلەردە  ئۇرۇق پونكىنتنىڭ  خادىملىرىمۇ  نەچچە  كېلىپ ئېتىز  بېشىغا چىقىۋېلىپ دۇربۇندا  قوناقلىقنى  كۆزەتمىسە  بولمىغان، تېخى قوناقلار ھەددىدىن ئېشىپ بەس بەستە  پۆپەك چىقارغىلى تۇرسا سەل كۆپرەك تېرىغانلارنىڭ ئەمگەك كۈچى يېتىشمەي  قالغانلىقتىن پۆپەكلەر ساقلىمايلا ئېچىلىشقا باشلايدۇدە ، شۇ  ۋاقىتتا  كۆرۈڭ كارامەتنى  ئۆيدىكى ئۇششاق-چوڭ، پىششىق-توڭ  ھەممەيلەن قوناقلىققا  چىقىپ  شۇ بازانى  قايناتقىلى تۇرىدۇ، بۇ  ئېتىزدىكىنى ئالسا  يەنە بىر  ئېتىزدىكىسى   تۇرغان  بىزنىچۇ  دەپ،  شۇنداق  ۋاقىتتا  ئۇرۇق پونكىنتىكىلەر  سىلەر بەك قاشاڭكەنسىلەر! نىمىشقا تېخىچە  تۈگىمەيدۇ؟  ئېتىزلىقىڭلارغا ئادەم سېلىۋاتىمىز دېگۈلى  تۇرىدۇ .   _ۋاي ئۇنداق قىلمىساڭلار  ئۆزىمىز  ئېلىۋەتسەك  بولاتتىغۇ _، دېگەن  يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ  قارىماي  باشقا  يەرلەردىن بىر تال پۆپەك ئاچىقساڭلار  ئىككى كويدىن  بېرىمىز  دەپ  ئادەم ئەكىلىپ  سالغۇزىۋەتكەن .  كېين  پۆپەكنى  ئاچىقىپ بىردىن  ساناپ  بەزىلەرنىڭ كۈنلۈكى   500   600  كويغا  توغىرلىشىپ قالسا  ،  ئۇرۇق پونكىنتتىكىلەر  ئەسلى مۇنداقتى دەپ  بىر  تال  پۆپەكنىڭ باھاسىنى  ئىككى  موغا  چۈشۈرسە  كەلگەن ئادەملەر  _سەن بىزنى نېمە كۆرۇپ قالدىڭ ، گېېپىڭنى باشتا  ئوچۇق قىلساڭ  بولمامدۇ ؟،  ئۇنداق  ئادەمنى  ئاخماق  ئەتكىچە  ئۆزۈڭلار  قىلساڭلار  بولمىدىمۇ ؟......دەپ  بىر مۇنچە  جېدەل، مۇشۇ قېتىممۇ  شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى بىلەن  ئۇرۇق  پونكىنتتىكى بىر خادىم  سوقۇشۇپمۇ  ئۈلگۈردى  ھېلىمۇ  بىز  بوپقاپتىكەنمىز  ۋاقتىدا  ئاجىرىتىۋالدۇق. ھەم  مۇشۇ  مەزگىلىدە مەھەللىدىكى قوناق تېرىغان ھەممە ئائىلىدىن بىردىن ئادەم  چىقىپ ، بىر پۈتۈن  مەيداندىكى  قوناقلىقنى تەكشۈرۈپ ماڭىمىز، ئەگەر  قونالىقتا  تولا مېڭىۋېرىپ ئانىلىق قوناقنىڭ چېڭى  سىزگە  تارقىلىپ كەتسىغۇ  ھېچنىمە بولمايسىز  ئەمما  كۆزىڭىزنى  يوغان ئېچىپ ماڭالماي قالسىڭىز  بەزىدە  ئانىلىقنىڭ  پۆپىكىنى ئالدىم دەپ ئاتىلىقنى  ئېلىپ  قالسىڭىز ئىش چاتاق، يەرنىڭ بېشىغا  پۆپەك  سانىغىلى  چىققاندا  نەچچە  ئون يىللىق  قوناق  تېرىپ پىشىپ كەتكەن تەجىربىلىك دېھقانلار  قولىڭىزدىكى  پۆپەكنىڭ   قانداقلىقىنى بىر قاراپلا  بىلىۋالالايدۇ،  مانا  مۇشۇ  يەردە  باياقى  ئىككى موغا چۈشۈپ قالغان پۆپەك  بىراقلا  200  كويغا  چىقىدۇ،  مانا  ئاتىلىقىنىڭ پۆپىكى  ئانىلىقىىغا  قارىغاندا  نەچچە ھەسسە  مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى  بىلىپ  يەتتىڭىزغۇ دەيمەن.   بۇنى بەلكىم  مۇنبەردىكى شۇ ئۇرۇق قوناقنى تېرىپ باققان دېھقان مۇنبەرداشلار  بولسا  بىلىدىغۇ  دەيمەن ،  ئارقىدىن  ئانىلىقى پىشماستا يەنى ئەمدى دان تۇتۇشقا باشلىغاندا  ئاۋال ئاتىلىقىنى ئورۇۋتمىسەك  قوناق چالا مەدەك بوپ  قېلىۋاتقان. ...... ئۇندىن باشقىسىنى  دېمىسەممۇ  بىلىسىلەرغۇ  دەيمەن قانداق  يىغىۋېلىشنى............. مانا مۇشۇنداق  جاپاسى  تولا  بۇ  قوناقنىڭ.   
             مۇشۇ  يازلىق   تەتىل بولۇشى بىلەنلە ئويگە  قايىتقان ئىدىم بىزنىڭ 20 مو ئېتىزنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇ ئۇرۇق  قوناق كەپتىكەن،  ئۆيگە بېرىپلا   ئىككى  ئايدىن  كۆپرەك ۋاقىتتا پۆپەك ئالدىم،   لېكىن نەچچە  ۋاقىتتىن بېرى ئىش قىلماي يۈرۈپ ئازراق  ھورۇن بوپقاپتىمەن. تېخى تەتىلىمىزمۇ توشمىغان ۋاقىتلاردا بىزنىڭ كەنىتكە مۇشۇ ئۇرۇق قوناقنى تەكشۈرگىلى ۋىلايەتتىن دەمدۇ ئاپتونۇم رايۇندىن دەمدۇ باھالاش  كېلەمىش دەپ مۇشۇ كادىرلارنىڭ  قىلىمىغان قىلىقى قالمىدى ھەتتا  نەچچە  ئون يىلدىن بېرى ھېچقانداق كەتمەن تېگىپ باقمىغان، ئانچە مۇنچە مەھەللىدىكىلەر  قويلىرىنى ئاچىقىپ بېقىپ قويىدىغان شۇ  قوناق تېرىغان ئېتىزنىڭ باش ئايىغىنى پۈتۈن مەھەللىدىكىلەرنى ئاچىقىپ ئوتىغىلى قويدى ،ئەسلى ئۇ يەر  بەكمۇ ئوت بېسىپ كەتكەن يەرمۇ ئەمەس، ئوتىمۇ  بار ھەم ئۇ يەرنىڭ  بەك قاتتىقلىقىدىن كەتمەننى بىر قېتىم چاپسىڭىز كەتمىنىڭىز  قاڭقىپ  قوللىرىڭىز  قېقىلىپ كېتىدۇ. نىمىشقا ئوتايمىز دېسەم  كادىرلار: _ ھە  شۇ چوڭ باشلىقلار كېلىپ  قوناقنى كۆرۈپ ماڭىدىغان يەر بۇ دەپ سۆزلەپلا كەتتى.  مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى چىققاندىكىن ئامال يوق بىزمۇ  چىقتۇق. كېيىن ۋاقىت ئاز قالغانسېرى بۇ  ئىشلارمۇ تۈگىمەي پۈتۈن يېزىدىكىلەردىن باشقا خوشنا كەنىتلەردىن قوناق تېرىغانلاردىن  ئەكىلىپ ئوتاتقۇزدى،  نېمىشقا  دېسەڭلار  چۈنكى بىزنىڭ  كەنىت  قوناق  تېرىشتا  ئۈلگىلىك  كەنىتمىش. شۇنداق  تەكشۈرۈش، باھالاشلار  بولسۇن بىرىنجى قېتىم  بىزنىڭ كەنىتكە  چۇشىدۇ، شۇ ۋاقىتلاردا ئادەمنى بىر  خۇش قىلىدىغان يېرى ھەر قېتىم مۇشۇنداق تەكشۈرۈشلەر كەلگەندە ياسالماي قالغان كۆۋرۈكلەر ،  ئەسكىرەپ كەتكەن يوللار  خېلى ئوبدانلا  بوپ قالىدۇ دېسە.......... شۇنداق قىلىپ  پىشىپ بولاي دېگەن قوناقلىقنىڭ ئىچىنى باش  ئايىقىدىن 50 مېتىر يەرگىچە ئوتايسىلەر ئەگەر ئوتىمىساڭلار بىر مو يەرگە 30 كويدىن  پاكەن  دەپمۇ  ئۈلگۈدى  كەنت كادىرلىرى، سەل چوڭ يولنىڭ  بويىدا  ئېتىزى  بارلىرى  بەكراق،  چەتتىراقلىرىمىز  سەل ئازراقتىن  ئوتىدۇق،  كادىرلار  قارىسا  يەنە بولمىغان ، ئاش تېرىسا  ھەر  قانداق  ئېتىزنىڭ  باش  ئايىقى  تازا  ياخشى  بولمايدۇ، شۇڭا پونكىنتىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ مۇشۇ  بولمىغان  جايدىكى  قوناقنى  ئورۇۋېتىشنى  قارار  قىپتىكەن. ئەزالار  ئۇنىڭغا  دەسلەپتە  ئۇنىمىدۇق، كېيىن شۇ ئورۇۋەتكەن قوناقنىڭ تۈپىگە ئۇرۇق پونكىنتتىن بەش مودىن  پۇل بېرىپ ئورۇۋەتسە  دەپ  پىكىر  قىلساق، كەنىتنىڭ  شۇجىسى  بولغان  يوغان قورساق  ھەممىنىڭ ئالدىدا:_  ياق  بولمايدۇ  دەپ  ئاخىرى ئۈچ مودىن  بېكىتىپ ،  يەنە شۇلارنىڭ   دېگىنى بۇيىچە  بولدى،    ئارقىدىن  قوناقمۇ ئورۇلۇپ  بولدى ئاندىن ئورنىنى قايتىدىن  تۈزەپ  ياساپمۇ  بولدۇق ،  ۋاي  مانا  تەكشۇرۇش ئەتە زادى  كېلىدىكەن  دېگەن گەپنى  ئاڭلىدۇق  ،  بىردەمدە  ئەزالار يىغىلىڭلار دەپ يىغىن ئاچماقچى بولدى.    يىغىندا  ئاڭلىساق  قايسى كۈنى بىز  ياساپ  تۈزلەپ قويغان يەرنىڭ  توپىسى  ئۆرلەپ كېتىپتۇ  شۇڭا  ھازىردىن  باشلاپ  شۇ  يەرگە سۇ چاچىمىز   دېمەسما!!!    جۇدۇنۇم بىر  گەز  ئۆرلىدى.   تېخى مەن كىچىك يا سوقۇشقىلى ئەسلى بولمىغان،  ۋاي  مۇشۇ  ئىشمىتى  دەپ كېيىن ئۆيدىكىلەردىن سۇ  چاچقىلى ھېچكىمنى  چىققىلى  قويمۇدۇم .....
      مانا   ئەتىسى  سەھەردىلا  ئۆيدىكى قويلارغا  ئوت ئەكەلگىلى شۇ قوناق ئېتىزنىڭ قېشىغا باراي دەپ  چوڭ  يولنىڭ قېشىغا كەلسەم بىر مۇنچە ئەزالار  توپلىشىۋاپتۇ ، نىمە ئىش  بولدى دەپ سورىسام  شۇ  ھازىر  باھالاش  كېلەمىش  دەپ يوللارنى توسۇپ ھېچكىمنى ماڭغىلى قويماپتۇ،  مەنمۇ ساقلاي دەپ پاراڭلىشىپ تۇرساق  بىز  كۈتكەن  تەكشۈرۈش  ئۆمىكى ئاخىرى  يېتىپ  كەلدى،  ھەر  ئۇزۇن  ماشىنلاردىن  يەتتە  سەككىزى  كەلدى،  قاراپ تۇساق  ھېلىقى كەلگەن ماشىنىدىكىلەردىن  پەقەت  بىر  ماشىنىدىن  15 تەك  ئادەم  چۈشۈپ  ئېتىز  بېشىدا  بەش مىنۇتچىمۇ  تۇرماي  كېتىپ  قېلىشتى........        يوللاردا    تۇرغانلار   بىز  مۇشۇلارنى  كېلىدۇ  دەپ  ئون  نەچچە  كۈن   ئىشلىسەك   بىرەر  سائەتمۇ   كۆرۈپ  قويمىدى  دەپ  غودۇڭلاشلىرىنى  ئاڭلاپ  قالدىم ......      بىر ئازدىن كېيىن  يوللارمۇ   ئېچىلدى   مەنمۇ   قويلۇرۇمغا   ئوت  ئېلىش   ئۈچۈن  يۈرۈپ   كەتتىم.....  ئىچىمدە  كىملەرنىڭدۇر  ئېيتقان  ‹باشلىق  كېلىدۇ›  دېگەن ناخشىسى يادىىمدىن  كەچتى....

ھەممە  پۇقرا  يۇيۇپ تارانسۇن باشلىق كېلىدۇ ،
پۇزۇر كىيىپ ئۇز ياسانسۇن باشلىق  كېلىدۇ،
يول يوللارغا  سۇ  سېپىلسۇن  باشلىق كېلىدۇ،
.....................................................

2012-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى               (  جۈمە  )
مەنبەسى  :   ئۆز  بارماقلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   naildin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-30 09:19 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 111 تىرىشىڭ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 111   باھا خاتىرىسى

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4544
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28276
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 09:08:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىلىرىڭىزنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق يوللىنىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مومكىن بپ؛سا بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تىمىلارنى يوللىغايسىز

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12885
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 09:13:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ توغۇرلۇق بىر شېئىر يېزىپ مەلۇم بىر ژۇرنالغا يوللىدىم يېقىندا ،،بېسلارمىكىن تاڭ ..

قەلەمىي بېلوگى

ئەسەرلىرىمدىن زوقلىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىمگە ھۆرمەت قىلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7695
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 09:21:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2012-11-30 09:08 PM
يازمىلىرىڭىزنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق يوللىنىپ تۇر ...

rahmat sizga kerindixim! mening bu tunji ketim asar yezip misranimga awatixim,  buningdin keyinmu allah halisa awatip turiman.  telifunda qikkaqka muxundak yezip kaldim apau kilarsiz!

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2611
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 573 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 10:11:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مومايلارمۇ ئوسما قويسۇن باشلىق كىلىدۇ

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 12:42:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئىرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76746
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 04:40:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىزلاردا يۈز بىرۋاتقان ھەقىقى ئش ئىزلارنى يېزپسىز بۇ خىل ئەھۋال بىز تەرەپلەردىمۇ ناھايىتى ئىغىر..ياخشى تېما بۇپتۇ .ئەسىرڭىزنڭ مۇكاپاتقا ئىرشىشىگە تىلەكداشمەن

سەن مەنپەت ئۈچۈن ياشساڭ ،مەن ئادىمىيلك ،ئىنسانيى پەزلەت ئۈچۈن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7695
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 04:50:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulbelik يوللىغان ۋاقتى  2012-12-1 04:40 PM
يىزلاردا يۈز بىرۋاتقان ھەقىقى ئش ئىزلارنى يېزپسىز بۇ خ ...

tunji temamni korgingizga rahmat !       xundak, muxundak ixlar bak kop yuz beridu, bolupmu janubi xinjangda bak egir! kadamda degudak uqrap turidu, hatta yeza kant kadirlirining xakilwazlik kilix ixliri bak egir!  teliufunda qikkaqka muxundak yezip kaldim kaqurung!  

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76746
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 04:53:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
naildin يوللىغان ۋاقتى  2012-12-1 04:50 PM
tunji temamni korgingizga rahmat !       xundak, muxundak ixlar bak kop yuz beridu, bolupmu janubi ...

شۇ توغرا دەيسىز ..بۇنداق ئىشلارنىڭ ھامان بىر كۈنى تۈگەيدىغىنغا ئىشنىمەن

سەن مەنپەت ئۈچۈن ياشساڭ ،مەن ئادىمىيلك ،ئىنسانيى پەزلەت ئۈچۈن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78259
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3745
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2014-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 02:10:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز، مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە  تىلەكداشمەن!!!

كۆيگىن كۆيدۈرگىن، كۆيدۈرەلمىسەڭ كۆيگىنىڭنى بىلدۈرگىن....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش