كەچ كۈز پەسلى ئاخىرلىشىپ قىش پەسلىمۇ كىرىپ كەلدى مانا، دەل –دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقىلىرى خۇددى بەرگىلىرىدىن ئاجراپ يەرگە چۈشۈشنى خالىمايۋاتقاندەك مەيۈسلۈك ئىچىدە ئاستاغىنە لەيلىمەكتە.دەرەخ ئانا ‹‹كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلار بالىلىرىم،سىلەرنىڭ ھازىر يەرگە چۈشۈشىڭلار باھار پەسلىگە تەييارلىق قىلىپ، يېڭى ھاياتقا يۈزلەنگنىڭلار ››دەپ تەسەللى بېرىۋاتىدۇ ئەنە بۇ سۇلغۇن يوپۇرماقلارغا قاراپ. گەرچە سوغۇق بولسىمۇ ،بىراق يۇرتۇمنىڭ قىش پەسلىمۇ باشقىچىلا گۈزەل كۆرىنىدۇ ئادەمگە....
كېچىچە لەپىلدەپ ياغقان ئاپئاق قار يوللارنى ، دەل -دەرەخلەرنى ، ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىنى ئاقلىق قوينىغا ئالغان ئىدى، يوللارمۇ ئاق،باغلارمۇ ئاق،ئېتىز –دالا،ھويلا –ئارام،تاغلارمۇ ئاق !ھەمە يەر ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان،دەرەخ شاخلىرىدا يالتىراپ تۇرغان ئاپئاق قار خۇددى چوكا مۇزلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى، ئاق لىباس يېپىنغان ئانا تەبىئەت ئاتا قىلغان بۇ ئاپئاق گۈزەل مەنزىرە كۆڭلۈمنى شۇنچلىك سۆيۈندۈرگەن ئىدى! ئاپئاق قارنى غاچىلدىتىپ دەسسەپ كېتىپ بارىمەن، قارغا بۆلەكچىلا ئامراق ئىدىم ،ئاپئاق قارنى غاچىلدىتىپ ئايلىنىپ مېڭىشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم،قاردا ماڭسام باشقىچىلا يايراپ كېتەتتىم ،بۈگۈنمۇ قانغۇچە مېڭىۋالدىمغۇ ئاپئاق قارنى بولىشىغا كېچىپ،ئىككى مەڭزىم سوغۇقتىن توغاچتەك قىزىرىپ،قوللىرىم توڭلاپ قولاشمىغاندا ئاندىن كۆزۈم قىيمىغان ھالدا بۇ ئاقلىق قوينىدىن ئۈزۈپ چىقىپ ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم...!
كېتىۋېتىپمۇ يەنە شۇ قار ياغقان ۋاقىتتىكى تاتلىق ئەسلىمىلەر...!بالىلىق مەزگىللەردىكى بالىلار بىلەن چۇرقىرىشىپ يۈرۈپ قار بوۋاي ياساشلار، ياشلىق ھېسلىرى ئۇرغۇپ تۇرغان شۇ دەقىقىلەردى ‹‹ئۇ››نىڭ بىلەن تۇنجى قاردىن پومزەك ياساپ بىر –بىرىمىزگە ئېتىشىپ قوغلۇشۇپ ئويانشلىرىمىز،ئاپئاق قاردا قول تۇتۇشۇپ شېرىن ھېسلار قوينىدا ئۈزۈشلىرىمىز.ئاھ،ئۇنتۇلماس شۇ مىنۇتلار....! زىمىن ئاق لىباستىن تون كىيگەن شۇ كۈنلەردىكى ئۇنتۇلماس قار ئەسلىمىلىرى قانداقمۇ ئېسىمدىن چىقسۇن....!
تاتلىق خىياللار بىلەن ئۆيگە قانداق كېلىپ قالغىنىمنى تۇيمايلا قالدىم،كونىلار ‹‹قار قانچە قېلىن ياغسا مول –ھوسۇل شۇنچە كۆپ بولىدۇ،قار مول –ھوسۇلنىڭ بىشارىتى››‹‹قار قانچە كۆپ ياغسا ،ھاۋا شۇنچە ساپ بولۇپ، ئۆلۈم –يېتىم ، كېسەل –ئاغرىقلار ئاز بولىدۇ››..دەپ تەرىپلىشىدىكەن،شۇنىڭغا قارىغاندا قارنىڭ خاسىيىتى كۆپ ئوخشايدۇ... ئاپئاق قار- پاكلىقنىڭ،پاكىزلىقنىڭ،ھالاللىقنىڭ،ساپلىقنىڭ سىموۋۇلى. ياغقىن ،خاسىيەتلىق قار! توختىماي ياغقىن، سېنىڭ خاسىيىتىڭدىن بارلىق پاسكىنىچىلىقلار ،بۇزۇقچىلىقلار تۈگەپ، ھەممە يەر پاكلىققا ،پاكىزلىققا تولسۇن،كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئاقلىق،ھالاللىق ،ساپلىق بىلەن تولسۇن، ياغقىن ئاپئاق قار،كۆڭۈللەرنى سۆيۈىدۈرۈپ توختىماي ياغ...!
مەنبە : ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-29 11:34 PM
|