2013-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدىغان قاتناش قائىدىسى ئىچىدىكى ،نۇمۇر تاتىش ۋە جەرىمانە قۇيۇش توغۇرسىدىكى8بىلىۋىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
1:قىزىل چىراقنى بېسىپ ئۈتۈپ كەتسىڭىز 6نۇمۇر تاتىلىپ،200يۇەن جەرىمانە تۆلەيسىز.
2:ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز،شوپۇرلۇق كىنىشكىڭىزنى 6ئايلىق تۇتۇپ قېلىنىپ،12نۇمۇر تاتىلىدۇ.1000-2000يۇەنگىچە جەرىمانە تۆلەيسىز.
يەنە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ،10كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى،1000-2000يۇەنگىچە جەرىمانە تۆلەيسىز ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىڭىزدىن مەڭڭۈلۈك ئايرىلىپ قالىسىز. تىجارەت خاراكتىرىدىكى ئابتۇموبىللار نىڭ شوپۇرلىرى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسە،كىنىشكىسى ئەپكەس قىلىنىدۇ .15كۈن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىپ،5000يۇەن جەرىمانە تۆلەيدۇ.قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.5يىل ئىچىدە شوپۇرلۇق كىنىشكە ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.ئەگەردە ھاراق ئىچىپ ،ئېغىر قاناش ۋەقەسى كەلتۇرۇپ چىقارسا ،قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىپ،بىر ئۇمۈر كىنىشكە ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
3:ماشىنا ھەيدەۋېتىپ،تاماكا چەكسە،بىرنەرسە يەپ ماڭسا.بىر نەرسە كۆرۈپ ماڭسا 20يۇەن جەرىمانە قۇيۇلۇپ،2نۇمۇر تاتىلىدۇ.
4:ئالدى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغان يولۇچى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاتمىسا 20يۇەن جەرىمانە قۇيۇلۇپ نۇمۇر تاتىلمايدۇ.تېز سۈرەتلىك تاش يولدا (ئالدىدىكى يولۇچى)بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاتمىسا 50يۇەن جەرىما قۇيۇلۇپ نۇمۇر تاتىلمايدۇ.
5:شوپۇر تېز سۈرەتلىك تاش يولدا،بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاتمىسا 2نۇمۇر تاتىلىپ200يۇەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ.تېز سۈرەتلىكتىن باشقا يوللاردا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاتمىسا 50يۇەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ.شەھەر ئىچىدىكى تېز سۈرەتلىك يوللاردا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاتمىسا 2نۇمۇر تاتىلىدۇ.
6:ماشىنا ھەيدەۋېتىپ تېلفون ئۇرسىڭىزياكى تېلفون ئېلىپ ،بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈسسىڭىز 50يۇەن جەرىمانە قۇيۇلۇپ 2نۇمۇر تاتىلىدۇ.
7:ماشىنىنى ھەيدەپ چىققاندا نومۇر تاختىسىنى ئاسمىغانلار،قەستەن تۇسۇپ قويغانلار،بۇزۇۋاتقانلار،قائىدىگە خىلاپ نومۇر تاختىسى ئاسقانلارغا 200يۇەن جەرىمانە قۇيۇلۇپ،12نومۇر تاتىلىدۇ.
8:سۈرەتنى 50%ئاشۇرۋاتقانلاردىن12نومۇر تاتىلىدۇ.20%ئاشۇرۋاتقانلاردىن چوڭ تىپتىكى ماشىنا تېز سۈرەتلىك تاش يولدا بولسا 12نومۇر شەھەر ئىچى تېز سۇرەتلىك يولدا 6نومۇر ،كىچىك تىپتىكى ماشىنا ھەر ئىككى يولدا بولسا 6نومۇر تاتىلىدۇ.20% تۇۋەن ئاشۇرۇپ ھەيدىسىڭىز تېز سۈرەتلىك يولدا،چوڭ تىپتىكى ماشىنا6نومۇر،كىچىك تىپتىكىسى3نومۇر،شەھەر ئىچى تېز سۈرەتلىك يولدا چوڭ-كىچىك تىپتىكىلەردىن 3نومۇر تاتىلىدۇ.
مەنبە:
http://bst.xjfl.com/Item/2246.aspxدىن بىلىشىمچە تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.خاتالىقتىن خالى ئەمەسمەن،ئاز بولسىمۇ پايدىلانسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.