|
|
|
|
تەبەسسۇم شىركىتىگە ئىككى كەلىمە
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم تەبەسسۇم شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ۋە تەبەسسۇم شىركىتىدىكى بارلىق تېخنىڭ ھەم ئىشچى يولداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار ؟
سىلەر ئۇيغۇر مىللى كارخانىلىرى ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شىركەتنىڭ بىرى بولغان « شىنجاڭ تەبەسسۇم خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى»نى قۇرۇپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە تېلىۋېزور ،ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان مىللىي نۇسخىدىكى توڭلاتقۇ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ، ئېسىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەتلىك ھەم ئىشەنچىلىك چىقىشى ئۈچۈن باش قۇتۇرۇپ ئويلىنىپ نۇرغۇن ئىسسىق سۇغۇقلارنى ھەم ئاز بولمىغان جاپالارنى تاتتىڭلار ، سىلەرنىڭ بۇ ئىشىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن !
مەن تەبەسسۇم شىركىتىنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىكى ۋاكالەتچىسى ، سىلەرنىڭ مەھسۇلاتىڭلارنى سېتىۋاتقىلى ئۇزاق بوپ كەتتى بۇ جەرياندا مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەتلىك ھەم ئىشەنچىلىكى بىلەن خېرىدارلىرىم رازى بولىۋاتسا ، مەن سىلەرنىڭ ئانا تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلمىغىنىڭلارغا نارازى بولىۋاتىمەن .
بۇبىر ئىككى قېتىملىق مەھسۇلاتلارنىڭ يەشىكىنى ئىشلەش جەريانىدىكى خاتالىق بولسا كېرەك دەپ يۈرگەن ئىدىم لىكىن ئۇزاق بولۇپ كەتتى ھەممە قېتىملىق مەھسۇلاتلارنىڭ يەشىكىدىكى خەتلەردە يەنىلا شۇنداق خاتالىق بار . مەھسۇلاتىڭلارغا قارىتا باشقا پىكرىم ھەم پىكرىمىز يوق ، ئۆزۈم ھەم خېرىدارلىرىم ئىنتايىن رازى بولدى ھەم رازى بولىۋاتىدۇ مەن ھەم خېرىدارلىرىم داۋاملىق تۈردە قوللايمەن ھەم قوللايمىز .
تۆۋەندە مەن شۇ ئىملا خاتالىقىنىڭ ئاز قىسمىنىلا سۈرەتكە تارتىپ يوللاپ قويدۇم ، قالغىنىنى ئۆزۈڭلار كۆرۈپ تۈزىتىۋالاسىلە .
بۇ بىر كىچىك ئىشكەنغۇ دەيدىغانلار چىقىشى مۇمكىن ئەمما مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن ، چۈنكى بۇ كىرئالغۇ،توڭلاتقۇ قاتارلىق چوڭ ھەجىمدىكى نەرسىلەرنى تەبەسسۇمنىڭ زاۋۇتى نىڭبو شەھرىدىن شىنجاڭغا كەلگۈچە تاكى ھەربىر پۇقرانىڭ ئۆيىگە كىرىپ بولغۇچە ماشىنىلاردا 3چاقلىق موتولاردا بېسىلىپ ، بۇ ئىملا خاتالىقى بار خەتلەرمۇ شۇنچىلىك چوڭ ئۇچۇق ئاشكارا كۆرىنىپ ماڭىدۇ يا بۇ مەھسۇلاتلارنى داستىخان ياكى رەخىت دېگەندەك نەرسىلەردە يۆگەپ ئېلىپ ماڭمايدۇ ،دىمەك ئانا تىلىمىز خاتا يېزىلغان ھالەتتە ئېلىپ مېڭىلدى دېگەن گەپ ، بۇنداق بولغاندا سىرتققى تەسىرى ياخشى بولمايدۇ ، بىر مىللىي كارخانا ئۆزىنىڭ تىل-يېزىقىغا ھۆرمەت قىلمىسا باشقىلار قانداقمۇ ھۆرمەت قىلسۇن ؟
مەن بىۋاستە تىلىفۇن ئارقىلىق ئۇقتۇرۇپ قوياي دېسەم مەن بىر ناھىيەسىدە ھەم شىركەت بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلالمىدىم شۇڭا بۇ خەتنى يېزىش قارارىغا كەلدىم .
شۇڭا شىنجاڭ تەبەسسۇم خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتىدىكى يولداشلارنىڭ بولسا مۇشۇ ئىشقا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىشىنى ،ئانا تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، ھۆرمەت بىلەن بۇ خەتنى يازغۇچى مىسرانىم مۇنبەر ئەزاسى ئوت . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئوت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-29 07:19 PM
|
|
|
|
|
|