|
|
|
|
ھەي ئۇماق پەرىشتەم ئسىڭدىمۇ ، ئىككىمىز تۇنجى كۈرۈشكەن شۇ ئايدىڭ كېچە ، سەن تۇنجى كۈرۈشكەنلىكىمىزدىنمۇ ئىشقىلىپ كۆپ گەپ قىلمىدىڭ ، شۇ كۈندىن باشلاپ بىز كۇندە دىگىدەك تېلفۇندا كۈرۈشۈپ تۇردۇق ، كىيىن بارا -بارا يېقىللىشىپ دوسلىقىمىز مۇھەببەتكە ئايلاندى. سەن شۇنچە شوخ ئىدىڭ دائىم كۈلۈپ تۇراتتىڭ ، شۇ ۋاقىتلادا شۇنچە خۇشال ئۆتكەن ئىدۇق ، مەن ساڭا كۈندە نەچچە رەت تېلفۇن قىلاتتىم ،شۇنداق كۈنلەر خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى . مەن ساڭا بەك يېقىن بۇلۇپ كەتتىممۇ بىلمىدىم سەن مەندىن يىراقلاشتىڭ تېلفۇن قىلساممۇ بەزىدە ئالىسەن كۈپۈنچە چاغلاردا ئالمايسەن، كىيىن بىر كۈنى تېلفۇن قىلىپ ئايرىلىپ كىتەيلى دىدىڭ ، مەن ساڭا شۇنچە
يالۋۇردۇم لىكىن كار قىلمىدى . مەن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم ، سىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنتالمىدىم ھەي ۋاپاسىز يار مەن سىنى مەڭگۈ ئۇنتۇشۇم كېرەك خەيرى-خوش تۇنجى مۇھەببەت .
قەلبىمدە سۆيگىدىن ئەسەر قالمىسۇن ،
ئۆتمۈشكە ئايلانغىن ،تۇنجى مۇھەببەت.
باغرىمنى ھەسرەتلىك خەنجەردە تىلدىڭ ،
ئۆتمۈشكە ئايلانغىن تۇنجى مۇھەببەت .
ئاپئاق تاڭ ئاتقۇزغان تۈنلىرىم سانسىز،
ھىجراندا ئۆرتىنىپ بوپ قالدىم جانسىز.
ئۇنتايمەن پىغانلىق كەچمىشلىرىمنىم،
ئۆتمۈشكە ئايلانغىن تۇنجى مۇھەببەت .
سۆيەلمىدىم سىنى ياخشى كۆرسەممۇ،
خىيالغا ئەسىر بوپ تەنھا ئۆتسەممۇ.
يوق يەردىن ئۈمۈدنى باغلاپ يۈرۈپتىمەن،
ئۆتمۈشكە ئايلانغىن تۇنجى مۇھەببەت .
2012يىلى 29- نويابىر
مەنبە : قەلمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-30 07:42 PM
|
|
|
|
|
|