مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4360|ئىنكاس: 42

ۋېتنام تارىختا جوڭگۇنىڭ بىر قىسمى بولغانمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87830
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1227
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:11:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنكى ۋېتنامنىڭ شىمالىي قىسمى چىن سۇلالىسىدىن كېيىن مەركىزىي سۇلالىلەرگە بىۋاستە قاراشلىق زىمىن ئىدى. چىن سۇلالىسى غەربىي جەنۇپقا لەشكەر تارتىپ گۇاڭشىدا ئايماق – ناھىيە تەسىس قىلغاندىن باشلاپ، غەرىبىي خەن، شەرقىي خەن، شەرقىي ۋۇ، غەرىبىي جىن، شەرقىي جىن، ليۇ، سوڭ، چى، لياڭ، چېن، سۈي دەۋىرلىرىگىچە ۋېتنامنىڭ شىمالىي قىسمى ئىزچىل تۈردە مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان. ۋېتنامنىڭ شىمالىي قىسمى نىڭخەي، جيۇجېن ئايماقلىرىغا تەۋە ئىدى.

     تاڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ۋېتنامنىڭ شىمالىي قىسمى ۋۇلىڭ تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئايماقلارنىڭ تەۋەلىكىدە ئىدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە جياۋجۇ ئايمىقى ئەننەن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلدى. جۇۋېن كېيىنكى لياڭ خانىدانلىقىنى تىكلىگەندىن كېيىن تاڭ سۇلالىسى مۇنقەرز بۇلۇپ، ئوتتۇرا ئىقلىم تۆرە _ بەگلەرنىڭ تەپرىقىچىلىكىدە قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئەننەن (ۋېتنامنىڭ شىمالى) بۆلۈنمە ھالەتتە تۇردى. مىلادىيە 938- يىلى دىكابىردا، كېيىنكى جىن خانلىقىنىڭ خانى ئەننەنگە جازا يۈرىشى قىلدى. 944- يىلى جىن خانى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەننەن يەنە مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىپ كەتتى.

     ئىچكى رايۇنلاردا غەلىيانلارنىڭ ئەۋج ئېلىشى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ زەئىپلىشىشى نەتىجىسىدە، ئەننەندىكى «12 بەگ ئىسيانى» بولدى. دىڭ قەبىلىسىنىڭ ئاتامانى بىر نەچچە يىل داۋام قىلغان توپىلاڭدىن كېيىن، يەنى 968- يىلى ئۆزىنى خان دەپ جاكارلاپ، دۆلەت نامىنى بۈيۈك جۈييۆ دەپ ئاتىدى. بۇ ۋېتنام تارىخىدىكى تۇنجى سۇلالە – دىڭ پادىشاھلىقى ئىدى.

     ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئىقلىمدا شىمالىي سوڭ سۇلالىسى تىكلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، يەنى كەيباۋ سەلتەنەتىنىڭ 3- يىلى (970- يىلى) ئۇلۇغ سانغۇن پەن مېي ئون ئايماق لەشكەرلىرىنى باشلاپ، ئەننەن ئىشغال قىلىۋالغان نەنخەنگە تىگىش قىلدى. سىنتەبىردە بىۈگۈنكى خېجۇ (بۈگۈنكى گۇاڭشىنىڭ خېشيەن ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا توغرا كىلىدۇ) ئايمىقىنى قورشىۋالدى. قوشۇن نەنخەنگە ھەمدەمچى قوشۇن كىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ 20 چاقىرىم چىكىنىپ، نەنشياڭ (بۈگۈنكى خېشيەن ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى شىندۇ) دا پىستۇرما قۇرۇپ، نەنخەنگە كىتىۋاتقان ھەمدەمچى قوشۇننىڭ بىر تۈمەن لەشكىرىنى تالاپەتكە ئۇچراتتى ۋە خېجۇ ئايمىقىغا ھۇجۇم قىلدى. ئارقىدىنلا شاۋگۇەن ئايمىقى (بۈگۈنكى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن) غا تىگىش قىلدى. ئوقيالىق لەشكەرلەر نەنخەننىڭ پىللىق لەشكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، 10 تۈمەندىن ئارتۇق لەشكەرنى يوقاتتى. شۇ يىلى فېۋرالدا تۈۋەنكى ئىقلىمغا غەلىبەسىرى ئىلگىرلىدى.

      جوۋ كۋاڭيىن ئەلنى يېڭى باشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئەننەندىكى يۆدىڭ سۇلالىسى باش كۆتۈرۈپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانلىرىغا بويسۇنمىدى. ئەمما مىلادىيە 981- يىلىدىن باشلاپ يۆدىڭ سۇلالىسى زەئىپلەشتى. سوڭ سۇلالىسى لەشكەرلىرى سۇ، قۇرۇقلۇق ئىككى يولدىن ئەننەن (ۋېتنام) غا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. مىلادىيە 981- يىلى ئەتىيازدا سوڭ لەشكەرلىرى بىلەن ۋېتنام لەشكەرلىرى كۆپ قېتىم قانلىق جەڭ قىلدى. سوڭ لەشكەرلىرى تولۇق غەلىبە قىلمىغان ئەھۋالدا، ۋېتنام لى خانلىقىنىڭ ئولپاڭ تاپشۇرۇشىنى قۇبۇل قىلدى.

     1075- يىلى ۋېتنامدىكى لى سۇلالىسى 10 تۈمەن لەشكەر بىلەن سوڭ سۇلالىسىنىڭ غەرىبىي جەنۇبىدىكى رايۇنلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ، بىر نەچچە ئايماقنى ئىشغال قىلىۋالدى ۋە 58 مىڭ ئادەمنى پاجىئەلىك ھالدا قىرىپ تاشلىدى. سوڭ سۇلالىسى يەنە بىر قېتىم زور قۇشۇن بىلەن جازا يۈرىشى قىلىپ، قولدىن كەتكەن زىمىنلىرىنى قايتۇرىۋالدى. 1076- يىلىنىڭ ئاخىرى ۋېتنام چېگراسىغا بېسىپ كىردى. بۇ قېتىم ۋېتنام تەرەپ ئېغىر مەغلۇپ بولدى. بۇنىڭ بىلەن ۋېتنام تەرەپ ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

     مىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنى 1406- يىلى ۋېتنامغا لەشكەر تارتىپ توپڭلاڭنى تىنجىتتى ۋە ۋېتنام جوڭگۇنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىندى. ئەمما نەچچە ئون يىل ئۆتمەي مىڭ سۇلالىسى مەنسەپدارلىرى ئىقتىدارسىزلىق قىلىپ، ئەلنى ئىدارە قىلالمىدى. ۋېتنامنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىسيان كۆتۈرۈلدى. مىڭ لەشكەرلىرى چىكىنىشكە مەجبۇر بولدى. چىڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە، يەنى 1789- يىلى چىڭ لەشكەرلىرى ۋېتنامنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا ئارلىشىپ، شىمالىي رايۇننى تىزگىنلىدى.

     1945- يىلى ئاۋغۇستتىن 1946- يىلى مارتقىچە، جوڭگۇ قوشۇنلىرى ۋېتنامغا كىرىپ، ياپون ئارمىيەسى بىلەن جەڭ قىلىپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەركىۋىدە ياپونىيەنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلدى.

     ۋېتنام تارىختا بەزىدە جوڭگۇغا ئاۋارچىلىق تۇغدۇرسا، بەزىدە جوڭگۇنىڭ ئامانلىقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ كەلدى. ئەمما ئەزەلدىن ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرەلمىدى.


     (دۆلەت مۇداپىيە گېزىتىدىن جۇشقۇن تەرجىمىسى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   panama تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-29 03:13 PM  


ئەسسلامۇ -ئەلەيكوم تاۋباۋ توردۇكىمىزدىن تېلىفۇنغا پۇل قاچىلسڭىز ئىشەنچىلىك. چ چ  مۇلازىمەت ۋە 穿越火线cfمۇلازىمەت كەسپلىرى بارcolor] m]كارتون تور دۇكىنى مەرھەمەت،كارتون توردۇكنى مەرھەمەت مىنى چىكىڭ.

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7972
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 2911 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 07:07:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرخىل خەۋەرلەر چىقىۋاتىدۇ ئارال ماجراسى بولغاندىن بۇيان

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87830
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1227
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 07:11:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋىتنام كىچىك ئاجىز دۆلەت.لېكىىن ئۇ يەنىلا مۇستەقىل ئىگىلك ھوقوقىغا ئىگە دۆلەت

ئەسسلامۇ -ئەلەيكوم تاۋباۋ توردۇكىمىزدىن تېلىفۇنغا پۇل قاچىلسڭىز ئىشەنچىلىك. چ چ  مۇلازىمەت ۋە 穿越火线cfمۇلازىمەت كەسپلىرى بارcolor] m]كارتون تور دۇكىنى مەرھەمەت،كارتون توردۇكنى مەرھەمەت مىنى چىكىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7719
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2339 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 07:19:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىدە ئاسىيا قىتئەسىدىكى بارلىق دۆلەتلەر ئەسلىدە جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەندە؟

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39371
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4702
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1533 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 07:25:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلمىسا يۇلداشلارنىڭ چىراي شەكلى بەك ئۇخشايدۇ.

مەن ئۇلارغا ھېسدشلىق قىلمايمەن،بەلكىم ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئېچىنمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8150
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1280 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 07:40:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلۈپلا قۇياي

ئاتمايدىغان تاڭ يوق ،
پاتمايدىغان كۈن يوق .

ئىزلار نەدە.......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4777
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 436 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 07:52:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ۋاقىتلاردە باشقۇرغان بولسىمۇ باشقۇرغاندۇ. (ئۇنى دېسە سەددىچىنىنڭ بۇ تەرىپىنى كىم باشقۇرغانلىقىنى بىلمىزغۇ)

لىكىن خەق ھازىر مۇستەقىل بايراق ئاستىدا، بۇنداق سۆزلەرنى قىلىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ياخشى بولماس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6555
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8823
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 08:03:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالەم بەنا بولغاندىن تارتىپلا پۈتۈن دۇنيا جۇڭگونىڭ ئىكەنتۇق…… ئاغزىمغا بىرگەپ كەلگەن ……

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 731
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15109
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 5888 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 08:37:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا تارىختا بۇ بەنچەننىڭ ئەلچى بۇلۇپ بارمىغان يىرى يوق ئىكەندە ،. ئۇ بارغانلىكى يەر جوڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بۇلاتتى ئەمەسمۇ .......

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3392
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 08:54:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خى خى ئەمدى بۇلاردىن ئىگىلىك ھوقوقى تەلەپ قىلىمىزدە ... ۋىتنام بىزنىڭ دەپ ...

دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش