مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1890|ئىنكاس: 45

بۇ دۇنيادا كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87698
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 800
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 01:44:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈندىلىك خاتىرەمدىن...
                                                     بۇ دۇنيادا كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ،
                                                                كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ .  
  ھاياتتا ئاجايىپ-غارايىپ ئشلار ماڭىلا ئۇچرامدۇ ياكى ئەتراپىمدا يۈزبەرگەن كىچىك ئشلارمۇ مەندە ئالاھىدە تەسىرقالدۇرامدۇ ؟! بۇنى بىلمىدىم ، بۇ قېتىملىق سەپەر ئۈستىدىكى كىچىككىنە بىر ئشمۇ مەندە ئنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.
  ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىغا چىققان ۋاقىتلىرىم ،تەتىل ۋاقتىم توشۇپ،مەكتەپكە قايتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم.گەرچە مەكتەپكە ماڭىدىغانغا يەنە ئۈچ كۈن ۋاقىت بولسىمۇ، كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم ئىدى ،تولۇق ئوتتۇرا ، ئالىي مەكتەپنى قوشقاندا ئۆيدىن ئايرىلغىلى 5 يىل بولدى.ئەمەلىيەتتە سىرىتتا ئوقۇپ ، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ۋاقتىم ئۇزارغانسېرى تېخىمۇ قەيسەر،جاسارەتلىك بولۇشۇم كېرەك ئىدى . بۇنىڭ ئەكسىچە بارغانسېرى بوشۇشۇپ،يىغام يىلدىن-يىلغا كۈچىيىۋاتاتتى. ئۈچ كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلەلمەي قالدىم. كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقىدىن بولسا كېرەك ، نە سۇ ، نە تاماققا كۆڭلۈم تارتمايتتى . ئوقۇغىلى باردىغاندەك ئەمەس ،خۇددىي ئۆلگىلى باردىغاندەك كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم. ئۈزۈمنى ئاتا- ئانا مىھرىگە
قانماي قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم. ئەمما ئوقۇماي نېمە ئامال ؟!  ئاتا-ئانىمىز بىزگە مەڭگۈ باقىۋەندە بولمايدۇدە،ياخشى ئوقۇپ ئۆزىمىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئۆزىمىز يارىتىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە
غۇلاش تۈگەپ ،غېرىچى قالغاندا قانداقمۇ ئوقۇمايمەن دېگىلى بولسۇن دەيسىز؟!
  مەكتەپكە ماڭىدىغان ۋاقىتمۇ يېتىپ كەلدى، مەن ئوقۇۋاتقان جايغا كورلىدىن بىۋاسىتە باردىغان پويىز بولمىغاچقا ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ پويىز ئالمىشىشقا توغرا كېلەتتى.
بۈگۈن 2012-يىل9-ئاينىڭ1-كۈنى(شەنبە)،ئەتتىگەن ئورنۇمدىن بالدۇر تۇرۇپ ،ئۆيدە بۇ يىلقى ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋاخ چاينى ئچىپ،نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرغاندىن كېيىن ، يۈك-تاقلىرىمنى كۆتۈرۈپ، ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە ئاپتوبۇس بېكىتىگە قاراپ يولغا چىقتۇق.كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولسىمۇ،ئۆيدىكىلەرگە چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئۆزۈمنى تەستە كونترول قىلىۋاتاتتىم.ماشىنا بىلەن ئاپتوبۇس بېكىتىگە كېتىۋاتقاچ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم , گەپ قىلماسلىقىم ئۇلاردىن خاپا بولۇپ ياكى باشقا سەۋەپتىن ئەمەس بەلكى ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلىۋېتىشتىن ئەنسىرەيتتىم.
  ئاپتۇبوس بېكىتىگە كېتىۋاتقاچ ئۆز-ئۆزۈمگە :" غەيرەتلىك بول ، سەن ئىنتايىن قەيسەر قىز ئىدىڭغۇ،ئەمدى نېمە بولدۇڭ ؟! ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا يىغلىما ، سەنغۇ يىغلاپ-يىغلاپ كېتىپ قالارسەن ، ئەمما كۆز ياشلىرىڭنى كۆرگەن ئاتا-ئاناڭنىڭ يۈرۈكى لەختە-لەختە بولۇپ كەتمەمدۇ؟! سەن يا كىچىك بالا بولمىساڭ؟! ئۆزۈڭنىڭلا ئەمەس ، ئاتا-ئاناڭنىمۇ ئويلاپقوي." دەپ تەسەللىي بەردىم.
    شۇ خىياللار بىلەن بىكەتكىمۇ كېلىپ قاپتىمىز. نەرسىلىرىمنى كۆتۈرۈپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ ، ئاپتوبۇس ساقلاش زالىغا كىردۇق. ئاپتوبۇس قوزغىلىدىغانغا 20 مىنۇت ۋاقىت قالغان ئىدى ، ئاپام:" ئاللاغا ئامانەت بالام ،ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ...."دېيىشى بىلەنلا ،ئۆزۈمنى پەقەتلا تۇتىۋالالمىدىم،زالدا ئادەم بار-يوق دېمەي بىر ھازا يىغلاپ ھازا ئاچتىم،ئاپامنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ياشلار تاراملاپ قۇيۇلۇۋاتاتتى.
دادام مېنى چىڭ قۇچاقلاپ ،"يىغلىماڭ بالام "دىن باشقا ھېچنىمە دېمىدى،گەرچە دادام ئارتۇق گەپ قىلمىغان بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ مېنىڭكىدىن بەكرەك يېرىم بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
يىغام ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس،"ئەمسە مەن ماڭدىم ،ئاللاغا ئامانەت ..." دېدىم-دە،  ئاپتۇبۇسقا چىقتىم،كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ئۇلارنى يەنە بىر كۆرۈۋالاي دېدىميۇ جۈرئەت قىلالمىدىم ، شۇنداق قىلىپ يىغا
ئارىلاش خىياللارغا چۆكۈپ 7 سائەت ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ ، ماڭا ئەزەلدىن ئىللىق تەسىر بېرىپ باقمىغان ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدىم .
ئۈرۈمچى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا مېھرىدىن مۇز ياغدۇرغان ھالەتتە « يەنە كەلدىڭمۇ ؟» دېگەندەك قىلىپ مېنى كۈتىۋالغان ئىدى . ئاپتوبۇستىن چۈشۇپ ، نەرسىلىرىمنى ئېلىپ ، چامادانىمنى سۆرەپ ،بېكەت سىرتىغا چىقتىم ، ئادەم ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ھەممە ئادەم ناتونۇش ئىدى ، شۇنچە كىشى ئارىسىدىن بىرەر تونۇش كىشىمۇ
كۆرۈنمەيتتى ، قارا ماشىنا شوپۇرلىرى :« نەگە بارىسىز ؟ ئاپىرىپ قوياي ،پويىز بېكىتى ، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت ، يېزائىگىلىك ئۇنۋېرسېتىتى....» دەپ خېرىدار چاقىرماقتا ئىدى . ھېچ كىشى بىلەن ھېچ كىشىنىڭ كارى يوق ،ھەممە كىشى ئۆز ئىشلىرى ھەلەكچىلىكىدە . يولغا چىقىپ تاكسى توسۇپ ئۇدۇل پويىز بېكىتىگە كېتىشنى ئويلاشقان بولساممۇ ، « ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كەلمەپتۇ » دېگەندەك تاكسىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى . تاكسى توسۇيالمايدىغىنىمغا كۆزۈم يېتىپ ، قارا ماشنىغا چىقىپ ماڭماقچى بولدۇم -دە، خېرىدار چاقىرىۋاتقان بىر كىشىنىڭ قېشىغا كېلىپ :« مېنى پويىز بېكىتىگە ئاپىرىپ قويالامسىز ؟» دپ سورۇدۇم .
- شوپۇر ناھايىتى كەسكىن ئاھاڭدا :« نەچچە ئادەم ؟» دەپ سورىدى .
-مەن :« بىر ئادەم .» دەپ جاۋاب بەردىم .
-شوپۇر:« 20 كوي ،  ئەمما بىردەم ساخلاپ قالىسىز ،ئادەم توشقاندا ماڭىمىز !» دېدى -دە ، ماشىننى كۆرسۈتۈپ قۇيۇپلا خېرىدار چاقىرىش ئۈچۈن كېتىپ قالدى .
   شوپۇر كۆرسۈتۈپ قويغان ماشىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇياق-بۇياققا قاراپ تۇردۇم ،شوپۇر ھېچ كېلىدىغاندەك ئەمەس ، شۇ ئەسنادا قۇلىقىمغا ۋاقىراشقان ئاۋاز ئاڭلىنىپ قالدى-دە ، نەزىرىم شۇ تەرەپكە چۈشتى ،
قارىسام ياغلىق چىگىۋالغان ئىككى 19-20 ياشلار قۇرۇلمىدىكى قىزلار بىلەن ، ئۇ قىزلاردىن چوڭراق كۆرۈنىدىغان بىر شوپۇر ئاكاش سوقۇشۇۋېتىپتۇ . ئېھتىمال قىزلارنىڭ قىلغىنى خاتا بولسا كېرەك ،شوپۇر
ئاكاش :«ھەرقايسىڭنىڭ كۆزى يوقما ؟.......» دەپ قىزلارنى سەن دېگىنىچە ھاقارەتلەۋېتىپتۇ ، قىزلارمۇ بوش كەلمەيۋاتاتتى .
ئۇلارغا قاراپ « توۋا » دەپ ئۇيلۇنۇپ تۇرۇپلا قالدىم ، « قىزلار كەچۈرۈم سورىمىغانمىدۇ ؟ ياكى كەچۈرۈم سورىسىمۇ ئۇ يىگىت ئەزۋەيلەپ قىزلار بىلەن ئۇرشىۋاتامدىغاندۇ ؟! ناھايىتى كىچىككىنە سۈركىلىش ئىكەنغۇ ،
بۇنچە قىلىپ نېمە كەپتۇ . يىگىتلىرىمىزگە نېمە بولغاندۇ ؟ مۇشۇمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىز ؟ كەتسە جان كەتمىگەندىكىن ئۆز-ئارا كەچۈرۈم سوراپ ، قىزلارغا يول قويسا نېمە بولىدۇ ؟ قىزلارچۇ تېخى ياغلىقنى مەھكەم
چىگىۋالغىنى بىلەن قىلچە بىر ھېيىقىش يوق ، تەڭ ۋارقىراپ ئۇرىشىۋاتىدۇ . مەيلى كىمنىڭ خاتا كىمنىڭ توغرا بولسۇن ، قىزلار بىر ئېغىز گەپتىن قالغان بولسا ،يىگىت خىجىل بولۇپ قالاتتى ، ئەگەر يىگىت قىزلارغا يول
قويغان بولسا قىزلار خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەن بولاتتى ئەمەسمۇ. » دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە .
قېنى؟! بىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزدىكى  مەردلىك-مەردانىلىك ؛ قېنى ئۇيغۇر قىزلىرىمىزدىكى شەرمى-ھايا  ئۇياتچانلىق . بىز ئۇزاق تارىخقا ئىگە مۇشۇنداق مەدەنىيەتسىز مىللەتمىدۇق ؟!
بۇ مەن ئۇچراتقان كىچىككىنە بىر ۋەقە خالاس ، يەنە قايسى يەرلەردە ، قانداق ئشلار بولىۋاتىدۇ ؟ بۇلار ئاللاھ ئۆزىگە ئامانەت .
ئائىلە تەربىيەم جەريانىدا دادام دائىم :« ئوغۇللار قىزلارنى ئەيمەندۈرەلىسە ، قىزلار ئۆزىنى سوراشنى ئۆگۈنىدۇ ؛ قىزلار ئۇغۇللارنى ئەيمەندۈرەلىسە ، ئۇغۇللار ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگۈنىدۇ .» دەيتتى . بۇ سۆزنىڭ
توغرىلىقىنى بۈگۈن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم .
ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ، قىزلار ئۆزىمىزدە ئېغىر-بېسىقلىق ، يۇزى تۆۋەنلىكتىن ئىبارەت ئېسىل پەزىلەتنى يېتىلدۈرىدىغان بولساق ، ئوغۇللار بىزگە چاقچاق قىلىش ئەمەس ، گەپ قىلىشتىنمۇ ئەيمەنگەن بولاتتى .
ئەمما ھازىرچۇ ؟ دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە :" قىز-ئوغۇللار باراۋەر " دېگەن ئىدىيە كىشىلەر ئېڭىگە چوڭقۇر ئورناپ كېتىۋاتماقتا . ھەقىقەتەنمۇ قىز-ئوغۇللار باب-باراۋەر ،بۇنى مەنمۇ ئىنكار قىلمايمەن ، ئەمما ئېسىمىزدە بولسۇنكى ، ئوغۇل بالا دېگەن يەنىلا ئوغۇل بالا ،ئوغۇللار قىلىلالايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىزلارنىڭ قىلىشقا قۇربىمىز يەتمەيدۇ .
ئەگەر ئوغۇل -قىزلار پەرقلەنمىسە ،ئاللا-تائاللا نېمە ئۈچۈن ئوغۇل- قىز دەپ ئايرىپ يارتىدۇ ؟ بۇنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ ؟
" ئاللا قىزلارنى ئوغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانى بولىشى ئۈچۇن ، ئوغۇللارنىڭ باش سۆڭىكىدىن ياراتمىغان ، ئوغۇللارنى قىزلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولىشى ئۈچۇن ، ئوغۇللارنىڭ پۇت سۆڭكىدىنمۇ ياراتمىغان ، ئوغۇللارنىڭ قىزلارنى ئاسىرىشى ، قوغدىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قوۋۇرغىسىدىن ياراتقان . "  ناۋادا ئادەمنىڭ قوۋۇرغا سۆڭىكى بولمىسا ، ئۇ ھەرگىزمۇ ساغلام ئادەم ھېسابلانمايدۇ ، ھەتتا نورمال ئادەمدەكمۇ تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ ، شۇڭا دەيدىغىنىم ئوغۇللار ئوغۇللاردەك ، قىزلار قىزلاردەك بولايلى !
قىزلار ئېغىر-بېسىق، ئۇياتچان بولايلى ، ئۆز قىزلىق نازاكىتىمىز ،مىجەز-خۇلقىمىز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەيلى !ئوغۇللار قىزلارنى ھۆرمەتلەڭلار ، ئۇلارنى ئاسراڭلار !
ناۋادا سىلەرنىڭ قوۋۇرغاڭلار زەخمىلەنسە ، سىلەر ھەرگىزمۇ ئۇنى بەدىنىڭلاردىن چىقىرىپ تاشلىۋەتمەيسىلەر ،
بەلكى ئۇنى ساقايتىش ئۈچۈن ھەرخىل ئاماللارنى ئىشلىتىشىڭلار مۇمكىن ، شۇنىڭدەك ئەتىراپىڭىزدىكى قىزلار مەيلى ئەسكى ، مەيلى ياخشى بولسۇن ، ئۇ يەنىلا كەلگۈسىنىڭ ئانىسى ، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭلار ، ئۇلارنى ئاسراڭلار ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق ئۇلارنى ياخشى يولغا يېتەكلەڭلار ،شۇنداق قىلغاندىلا سىلەر ئەركەكلىك مەجبۇرىيىتىڭلارنى ۋە مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلغان بولىسىلەر .


    ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلمىدىم ، بىر چاغلاردا ماشىنغا ئادەممۇ توشۇپ قاپتۇ ، شوپۇر ماشىنىنىڭ كەينىگە نەرسىلىرىمىزنى جايلاشتۇردى ، بىز ماشنىغا چىقىپ ئولتۇردۇق ، شۇنداق قىلىپ پويىز بېكىتىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق .
پويىز بېكىتىگە بېرىپ دوسلۇرۇم بىلەن ئۇچۇرشۇپ ، مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇق ، دوستلىرىم بىلەن مۇڭدۇشۇپ ، تاماق يەپ ، ئۇ ئشلارنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن.
  ئەتىسى 2012 -يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى (يەكشەنبە)،  دوستلىرىم بىلەن ناھايىتى بالدۇر ئورنىمىزدىن تۇردۇق-دە ، نەرسىلىرىمىزنى رەتلەپ قۇيۇپ ، سىرىتتىن ناشتا قىلىپ ، ياتاقنى قايتۇرۇپ ، ۋوگزالغا كىرىپ كەتتۇق . ۋوگزالدا ئادەم ناھايىتىمۇ كۆپ ، بەئەينى ئادەم دېڭىزىغا ئوخشايتتى . كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ، بەزىلىرى تۈنۈگۈنكى مەندەك ئاتا -ئانىلىرى بىلەن يىغلىشىپ خوشلاشماقتا ئىدى ،  مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بەك
يېرىم بولدى-يۇ ، ئەمما مەن ئېسىلىپ يىغلايدىغان ئاتا- ئانام يېنىمدا بولمىغاچقا ئۆزۈمنى قەيسەر تۇتىۋاتاتتىم .
بارچە قىلىقلىرىمىزنى ، ئەركىلەشلىرىمىزنى پەقەت ئاتا- ئانىمىزغىلا قىلالايدىكەنمىز ، مانا تۈنۈگۈنلا چامدىنىمنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئۆزۈم كۆتۈرەلمەي ،بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆيدىكىلەر ئۆتكۈزۈپ ، ئاپتۇبۇسقا سېلىپ بەرگەن بولسا ، ئەمدىلىكتە قىلچە ۋايسىماستىن چامدىنىمنى  ئۆزۈم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزۈم  پويىزغا ئېلىپ چىقتىم . ھەي ، بىز يەنىلا بالىدە .
  پويىزدا ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىدى . پويىزغا چىقىپ ئورنۇمنى تېپىپ ، ئورۇنلىشىپ بولغىچە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ھېلىغۇ سائەتكە قاراشكەن ، بىردەم تىك تۇرۇشمۇ قىيىن ئىدى . ئۇرۇلۇپ -سوقۇلۇپ ئاران دېگەندە ئورنۇمغا كېلىپ ئورۇنلاشتىم ، بېلەت ئېلىشنىڭ قىيىنلىقىدىن ئىككى ئاي بۇرۇن ئېلىنغان بېلەت بولغاچقا ، دوستلىرىم بىلەن ئورنىمىز بىريەردە ئەمەس ئىدى ، ئەتىراپتىكى كىشىلەر ناتونۇش ، قارىماققا ھەممىسىنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى ، مەن ئولتۇرغان جايدا تۆت قىز ، بىر ئوغۇل بالا بار بۇلۇپ ، بۇرۇندىن تونۇشامدىكىن ئەيتاۋۇر ، بىرنىمىلەر ئۇستىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى . مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تىڭشىغۇچنى قۇلىقىمغا سېلپ ناخشا ئاڭلىغاچ ، خىيال دېڭىزىغا چۆكۈپ كېتىپتىمەن .  بىراۋنىڭ :" ئۇخلىمىسىڭىز ياستۇقىڭىزنى بېرىپ تۇرسىڭىز ، بىردەم ئۇخلىۋالسام " دېگەن سۆزى خىيالىمنى بۆلىۋەتتى .
بېلەتنىڭ قىسلىقىدىن كارۋاتلىق بېلەت ئېلىش ئەسلا مۇمكىن بولمايتتى ، دائىم قاتتىق ئورۇندۇقلۇق بېلەت ياكى ئورۇنسىز بېلەت ئېلىپ بېرىپ -كېلەتتۇق . ئىشقىلىپ  بېلەت ئالالىساقلا خۇشال بولساق بولىدۇ ، بولمىسا باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ پويىز ئالمىشىشقا توغرا كېلىدۇ ، كۆپ يىللىق تەجرىبەمگە ئاساسلىنىپ ،قىينالماسلىق ئۈچۇن كىچىك ياستۇقتىن بىرنى ئېلىۋالغان ئىدىم ، يېنىمدىكى قىزنىڭ سۆزىدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ياستۇقنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغىنىمنى سەزدىم-دە، ياستۇقنى ئۇ قىزغا بېرىپ  ئالمىشىپ ئولتۇردۇم .
بىر ھېسابتا بۇمۇ ياخشى بولدى، ئاشۇ ياستۇق باھانىسى بىلەن ئۇلار بىلەن تونۇشۇپمۇ قالدىم ، ئۇلار ماڭا :" نەدە ئوقۇيسىز؟ نەچچە يىل بولدى؟ كەسپىڭىز نىمە ؟ " دېگەندەك سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتتى ،  ئۇلارنىڭ سۇلاللىرىغا بىر- بىرلەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن ، مەنمۇ ئۇلاردىن قايتۇرۇپ سۇئاللارنى سوراپ پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، ئۇلار بىلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كەتتىم ، شۇنداق قىلىپ زېرىكسەك ئويۇن ئويناپ ، قورسىقىمىز ئاچسا ئۇششاق-
چۈششەك نەرسىلەرنى يەپ ، ئۇيقىمىز كەلسە ،ئالمىشىپ ئۇخلاپ بىر كۈننى ئۆتكۈزدۇق .
كۈندۈزىمۇ ئۇنى- بۇنى قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدىكەن ، كېچىنى قانداق ئۆتكۈزگىنىمىزنى دېمەيلا قوياي ، ئۇخلىماي ئۆتكۈزىۋەتسىڭىزغۇ مەيلى ، بىر ئۇخلاپ چالا ئۇيقىدا ئويغۇنۇپ كەتسىڭىز ، بۇ ئازاپنى دېمەيسىز ، يا ئۇخلىيالماي ، يا كۆزىڭىزنى ئاچالماي ، ئۆلۈككە ئوخشاش تاتىرىپ ، گومۇشلا بولىسىز .
كېچىدە سائەتمۇ ئۇخلاپ قالامدىكىن تاڭ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتمىكى ناھايىتى تەس ئىدى. شۇنچە ئۇخلاپ ئويغانسىڭىز ئاران 10 مىنۇت ئۆتكەن ،تولا سائەتكە قاراپمۇ زېرىكمىدىم .
كېچە تۈن نىسپىدە پويىز ئىچى شۇنداق ۋاراڭ-چۇرۇڭ ، ئۇخلىغانلا قىينىلىپ ئۇخلاۋاتقان ، بەئەينى جەڭ مەيدانىدىكى ، ئوق تەككەن دۈشمەنلەرگىلا ئوخشايدۇ، يەرلەردە يېتىپ ئۇخلاۋاتقان كىشلەرنى كۆرسىڭىز ئىچىڭىز ئاغرىيدۇ، ئەمما بىلمەيسىز دەل شۇلارلا ئەڭ راھەت ئۇخلىغانلار ھىسابلىنىدۇ ، ئۇخلىمىغانلارنىڭ ئۇيۇن ئۇيناپ ، كۈلۈشۈپ ، ۋارقىراشقان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ ، ئۇيقۇمنى ئاچالماي قىينىلىپ ،مۇشۇ مەنزىرىنى تاماشا قىلىۋاتاتتىم ، يېنىمدىكى قىزنىڭ :" مېنى بىرنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۋېتەمسىز ، ئىككى كۈندىن كىيىن ھۇشۇمغا كەلسەممۇ مەيلى " دېگەن گېپىدىن كۈلۈپ ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتتى. بۇ گەپنى ئاڭلىغانلار تەڭلا
كۈلۈشۈپ كەتتۇق ، شۇنداق قىلىپ بىر كېچىنىمۇ ئۆتكۈزۋەتتۇق ، مەن پويىزدىن چۈشىدىغانغا يەنە 12 سائەت قالغان ئىدى .
ئەتتىگەن سائەت ئالتە بولغاندا ،پويىز خىزمەتچىسى " ناشتىلىق..." دەپ توۋلاپ ھارۋىسىنى جالاقلىتىپ سۆرەپ ، يەردە يېتىپ ئۇخلاۋاتقانلارنى مەجبۇرى ئويغۇتۇپ ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قاغىشىغا ئۇچىراپ ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈپ تۇراتتى .
تازلىق ئۆيىگە بېرىپ يۈزلىرىمىزنى يۇيۇپ ، ئۆزىمىزنى تۈزەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلاپ ، كۈننى چۈش قىلدۇق ،پويىزدىن چۈشىدىغىنىمغا يەنە يېرىم كۈنلا قالدى. خۇشاللىقىمدىن كەيپىياتىم ناھايىتى ياخشى ئىدى ، يېنىمدىكىلەر بىلەن ئۇ يەر -بۇ يەرنىڭ گېپىنى قىلىپ جاھان تاسقاپ ئولتۇردۇق ، پاراڭنىڭ قىززىپ كەتكەنلىكىدىن ئارىمىزدىكى ئۇغۇل بالىنىڭمۇ يوقلىقىنى سەزمەي قاپتىمەن ، ئۇ بالىنىڭ ئورنىدا 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال ئولتۇرۇپ ئۇخلاۋاتاتتى .
ئۇ ئايالنى بىز ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئويغىتىۋەتتۇقمۇ ياكى ئۆزى ئويغاندىمۇ بىلمىدىم ، بىر چاغدا قارىسام ئۇ ئايال ئۇيغۇنۇپ ، سىرتقا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ، تۇيۇقسىز يېنىمدىكى قىزلار ئۇ ئايالدىن ئۇنى-بۇنى سوراپ پاراڭغا چۈشتى .
ئۇ ئايال بېيجىڭغا بالىسىنىڭ يېنىغا ماڭغان ئىكەن، ئۇ ئايالنىڭ بالىسى بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر ئۇنۋېرستېتتا  ئوقۇيدىغان بولۇپ ، بالىسىنىڭ كەسپىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بېلەتنىڭ يوقلىقىغا قارىماي ، ئورۇنسىز بېلەتنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ ، ئۇ ئايالنىڭ:" بالام ئۈچۈن كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمىدى ، شۇ بالامنىڭ ئشلىرىنى ھەل
قىلىۋالسام ،بۇنچىلىك جاپانى ،جاپا دېگىلى بولمايدۇ...." دېگەن سۆزلىرىدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم  .
ئاتا- ئانىلار نىمە دېگەن ئۇلۇغ ،پەرزەنتلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئوقۇتۇپ يەتكۈچە جاپا تارتىدىكەن ، ئەمما قىلچە ۋايسىمايدىكەن . بىزچۇ؟  ئۇلارغا نېمە قىلىپ بېرەلىدۇق ؟ ئۆزلىكىمىزدىن بىر قاچا تاماقنى ئېتىپ " دادا-ئاپا تاماقنى ئىسسىقىدا يەۋېلىڭ " دەپ باقتۇقمۇ ؟ پۇت - قوللىرىنى تۇتۇپ ۋاپادارلىقىمىزنى يەتكۈزۈپ باقتۇقمۇ ؟ مۇشۇلارنى ئويلىغاچ " ئىھ ، ئاللاھ بەندىلىرىڭىزنى ھىدايەت قىلغايلا ، بىزنى ئۆز يولىمىزنى تېپىپ ئاتا-ئانىمىزنى راھەتكە ئېرىشتۈرۈپ ، ئۇلارغا ۋاپادارلىقىمىزنى يەتكۈزىدىغان كۈنلەرگە نېسىپ قىلغايلا ،ئاشۇ جاپاكەش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن ،تېنىنى سالامەت قىلغايلا " دەپ دۇئا قىلدىم ئىچمدە .
ئۇ ئايال بىلەن بولغان سۆھبەتتە ، ئائىلە، جەمئىيەت ، تەتىل ، ئالىي مەكتەپتىكى دەرىسلەر ، بىكار ۋاقىتلار توغرۇلۇق گەپلەر بولۇندى ، گەپ ئارلىقىدا  ئۇ ئايال بىزدىن :"  ئالىي مەكتەپتە ئادەتتە دەرسلەر ئانچە جىق بولمايدىغۇ ، بىكار ۋاقتىڭلاردا نېمە ئىشلارنى قىلىسىلەر ؟" دەپ سورىدى .
" دەسلەپكى يىللىرىغۇ دەرسلەر بەك كۆپتى ، بارا-بارا ئازايدى، بۇ يىل دەرسىم ئانچە جىق ئەمەسكەن ، شۇڭا بىكار ۋاقتىمدا ئىشلەيمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن " دەپ جاۋاب بەردى ، قىزلاردىن بىرى .
ئۇ ئايال دەرھال قوللاپ :"  شۇ ، ئىشلىسەڭلار بولىدۇ ،  مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ  قىزى شاڭخەيدە ئوقۇيتتى ، بىكار ۋاقىتلىرىدا ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ، رېستۇران ، مەيخانىلاردا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلەپ تۇرمۇش پۇلىنى ئۆزى تېپىپ ، ئۆيىدىكىلەردىن بىرموچەنمۇ پۇل ئالمايدىكەن ......" دېدى .
قىزلارمۇ:" ئىچكىرىدە ئىشلەيمەن دېسە ئش دېگەن جىق.... " دەۋاتاتتى، كېيىن نېمىلەرنى دېيىشكىنى كاللامغا كىرمىدى ،ئۇ ئايالنىڭ بايىقى گەپلىرىدىن بېشىم چۆگۈلەپ ، قۇلاقلىرىمغا ئشەنمەيلا قالدىم .
  ۋاي توۋا ، جاھان نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدىغاندۇ ؟  بايىلا بۇ ئايالنىڭ گېپىدىن تەسىرلىنىپ ، ھۆرمىتىم ئاشقان ئىدىغۇ ، ئەمدى نېمە دەيدىغاندۇ ؟  ئەسلىدە قىزلار "  بىكار ۋاقتىمىزدا ئىشلەيلىمىكىن  دەپ ئويلاۋاتىمىز " دېسە ،" ئشلەيمەن دېمەي ،ئوقۇشۇڭلارنى ياخشى ئوقۇپ ،ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ، ئۆيدىكىلەر ئەۋەتكەن پۇلنى تېجەپ خەجلىسەڭلارلا ،ئۆيدىكىلەرنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتكەن بولىسىلەر! " دېسە توغرا بولاتتىغۇ؟!  
"رېستۇران ، مەيخانىلاردا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلەپ تۇرمۇش پۇلىنى ئۆزى تېپىپ ، ئۆيىدىكىلەردىن بىرموچەنمۇ پۇل ئالمايدىكەن "دەپ پەخىرلىنىپ ئولتۇرىدۇ تېخى ، قۇرۇپ كەتسۇن ئۇ تاپقان پۇللىرى ، بۇ ئايال ساراڭمىدۇ ؟ ياكى يالغان ساراڭ بولىۋالغانمىدۇ ؟ بىزنى سىناپ بېقىۋاتامدىغاندۇ يە ؟!
مۇشۇ چىگىش خىياللار بىلەن ئېسىمگە كېلىپ بولالمايلا ، مەن ئوقۇيدىغان شەھەرگە يېتىپ كەلدۇق،
ئەتىراپىمدىكى قىزلار نەرسىلىرىمنى كۆتۈرشۈپ پويىزدىن چۈشۈپ مەن بىلەن خوشلاشتى ، شۇنداق قىلىپ پويىزدىن چۈشۈپ ،ۋۇگزالدىن چىقىپ دوستلىرىم بىلەن تېپىشىپ مەكتەپكىمۇ تېنچ-ئامان كېلىۋالدىم .
مەكتەپكە كېلىپمۇ خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئېسىمگە كېلەلمىدىم ، ئۇ ئايالنىڭ گەپلىرى پەقەتلا كاللامدىن ئۆتمىگەن ئىدى ، چەمىئەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىشلىرىمىزنىڭ كاللىسى بەك ئازات بولۇپ كەتتىمۇ ياكى ،  پۇل دېگەن ھەممىدىن ئۈستۈن نەرسىمىدۇ ؟....
ئىلگىرى كىنو-تېلۋىزورلادىن ، كىتاب-ژورناللاردىن مۇشۇنداق ۋقەلەرنى كۆرسەم ، ئوقۇسام قاتتىق يىرگىنەتتىم ، مۇشۇنداق ئاتا-ئانىلارمۇ بارمىدۇ دەپ ھەيران قالاتتىم ، ئەمدىلىكتە ئۆز قۇلۇقۇم بىلەن ئاڭلىغان بۇ گەپلەرنى پەقەتلا قۇبۇل قىلالمىدىم  ، جەمىيتىمىزدىكى بارلىق ئاتا-ئانىلارنى ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنى ، غورۇر، ۋىجدان ،شەرمى-ھايا ،پاكلىقنى.....ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدۇ دەپ ئويلايتتىم ، توۋا ،مۇشۇنداق پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان ئاتا-ئانىلارمۇ باركەن ئەمەسمۇ ؟!
بۇ مەن ئۈچۈن بىر قېتىملق ئەھمىيەتلىك دېگىلمۇ ، ئەھمىيەتسىز دېگىلىمۇ بولمايدىغان سەپەر بولغان ئىدى .


مۇسۇلمانلارنىڭ نىشانى ئاللاھ ئۈچۈن ياشاش ، ئاللاھ ئۈچۈن ئۆلۈش ، قانداقتۇر بايلىق ، مەنسەپ ۋەياكى بىرەر گەۋدە ئۈچۈن ياشاش ۋە ئۆلۈش ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3797
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 245 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:25:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەزى كىشىلەر ئىشنى بەك ئاددىي ئويلايدۇ..........قىلغىنى ئىيتقان سۆزى توغرىمۇ بۇنۇڭغا دىققەت قىلمايدىغان كىشىلەر كۆپ.
پويىزدىكى ئايالنىڭ ئاخىرقى دىئالوگى ماڭا بەك تەسىر قىلدى.
******************************************************************************************

ئەھمىيەتلىك،چىن ،تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى بار تىما ئىكەن.
تەكلىپىم ............قىسقارتىدىغان يەرنى قىسقارتىش كىرەك،ئەسەر بەك ئىنچىكە يىزىلىپ كەنسە ئوقۇرمەننى زىرىكتۈرۈپ قويىدۇ.
تىمىڭىزغا تەشەككۈر تىخىمۇ تىرىشىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kukhelal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-29 07:28 PM  


شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ماخمۇتجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87588
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:29:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق  توغرا ئيتىپسىز ئوغۇللار قىزلارنى ئىززەتلىسە ؛ قىزلارمۇ ئوغۇللانى ھۆرمەتلەيدۇ   

ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86721
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 331
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2013-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:33:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۋال تېما ئىگسىگە رەھمەت ~ ھەققىقەتەن نۇرغۇنلىغان چۈشىنىكسىز ئىشلار كۆپەيمەكتە~ كونىلارمۇتوغرا دېگەن ‹كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ،كۆرمىگەننى كۆرسەن ئۆلمىگىنىڭ›گويا ئۇلار ھازىر بولۋاتقان ئىشلارنى بىلدىغاندەك ~

بۈگۈن قۇرۇپ قالغان گۈلنىڭ بەرگىگە ئەتىكى يېڭى ھاياتنىڭ ئۇرقى يوشۇرۇنغان...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87622
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-11-23
ئاخىرقى: 2012-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:33:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باشقا دوسلارمۇ مەندەك ئويلىشى مۇمكن

مەيلى.قانداقلا  بولمىسىۇن  ماۋزۇسى بەك ئەھمىيەتلك بوپتۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yalguz.uul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-29 03:36 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:34:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:« ئوغۇللار قىزلارنى ئەيمەندۈرەلىسە ، قىزلار ئۆزىنى سوراشنى ئۆگۈنىدۇ ؛ قىزلار ئۇغۇللارنى ئەيمەندۈرەلىسە ، ئۇغۇللار ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگۈنىدۇ .»
ماۋۇ گەپ ناھايىتى ياخشى ئىيتىلغان گەپكەن . ئەسىرىڭىزنى باشتىن ئاخىرى ئوقۇپ چىقتىم ، ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئويلىغانلىرىڭىزمۇ توغرا، پۇل تاپىمەن دەپ  ھەرقانداق ئىشنى قىلىۋىرىشكە بولمايدۇ .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87622
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-11-23
ئاخىرقى: 2012-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:43:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنكى  كۈنلەردە   ياخشى  دوس  ياخشى  جۈرە  تاپقىلى  بۇلامدۇ؟  بۇلىشى  مۇمكىن  ئەمما  ساناقلىقلا ئ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:48:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە ئالىي مەكتەپنى شىنجاڭدا ئوقىغان بولساممۇ ، ئەمما  ياخشى سىياسەتلەرنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىر يىرىم يىللىق تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم . مۇشۇ باھانىدا ئىچكىردە ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ دەردىنى چۈشەندىم دىسەممۇ بولىدۇ . بىزغۇ پويىز بىلەتلىرىدىن غەم قىلمايمىز (سىز ئەسىرىڭىزدە پويىز بىلىتىنى ئىككى ئاي بۇرۇن ئالدىم دەپسىز ،خاتا يېزىپ قويمىغانسىز ، ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ ئون نەچچە كۈن بۇرۇن ساتىدىغاندۇ ). سىلەردەك ئايرىممۇ ماڭمايمىز بەزىدە پۈتۈن پويىزدا بىزنىڭ بالىلارلا ماڭىدۇ ، بەزىدە ئۈچ-تۆت ۋاگون بالا بىر ماڭىمىز . شۇنداق بولسىمۇ پويىزدا بۇنداق ئىككى كىچە ئۈچ كۈندۈز ماڭسا مەن مەن دىگەن ئادەم چىدىمايدىكەن . يەنە بىرى ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇسۇلمانچە تاماقلىرى ئاساسەن ناچاركەن ، بىچارە بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئاشقازان كىسىلى بولۇپ قالىدىكەن .
ئاخىرىدا سىڭلىم ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، غەيرەت قىلىڭ .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

تەقدىرىڭدىن زار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7289
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8589
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:51:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                  

تەڭىدۇق ئىككىمز دەۋىر ئالدىدا. ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا، كۇرەڭلەپ كەتمە ئامەتلىرڭدىن. بىر كۇنى تەڭ بۇلىمىز قەبرە ئالدىدا،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1480
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3716
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 336 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:57:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىيارىم يوللىغان ۋاقتى  2012-11-29 03:34 PM
:« ئوغۇللار قىزلارنى ئەيمەندۈرەلىسە ، قىزلار ئۆزىنى سو ...

شۇنداق  ،راس دەيسىز .ئادەم بۇلۇش ھەممىدىن مۇھىم .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش