شوپۇر دوستلار چوقۇم كۆرۈڭلار
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدىغان،جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ يېڭىدىن تۈزۈتىلگەن «موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەش پىراۋىسىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسلانغاندا ،جىرىمانە ئۆلچىمى تۈۋەندىكىچە بىكىتىلگەن: 1-قىزىل چىراقنى بىر قېتىم بۆسۈپ ئۆتسە،6 نۇمۇر تارتىش بىلەن بىرگە 200 يۈەن جىرىمەنە قۇيۇلىدۇ. 2-ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش ئىككى تۈرگە ئايرىلغان.يەنى ھاراق ئىستىمال قىلپ ماشىنا ھەيدەش ۋە مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش. ھاراق ئىستىمال قىلىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەردىن 12 نۇمۇر تارتىش بىلەن بىرگە شوپۇرلۇق پىراۋىسى 12 ئاي تۇتۇپ قېلىنىپ،1000يۈەندىن 2000يۈەنگىچە جىرىمانە قۇيۇلىدۇ.ھاراق ئىستىمال قىلىپ ماشىنا ھەيدەپ بىر قېتىم جازالانغاندىن كىيىن ،يەنە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسە 10 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش،1000يۈەندىن 2000يۈەنگىچە جىرىمانە قۇيۇش،شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى بىكار قىلىش قاتارلىق 3خىل جازا بىرلا ۋاقىتتا بىرىلىدۇ.ھاراق ئىستىمال قىلىپ تۇشۇش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانسا،15كۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ،5000يۈەن جىرىمانە قۇيۇلۇپ،شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنىپ،جىنايى قىلمىشى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ،5يىل ئىچىدە قايتا پىرا بىجىرىشكە بولمايدۇ. مەست ھالەتت ماشىنا ھەيدىگنلەرنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىكار قىلىنىپ ،جىنايى قىلمىشى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىلىدۇ،5 يىل ئىچىدە قايتا پىرا بىجىرىشكە بولمايدۇ.مەست ھالەتتە توشۇش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىكار قىلىنپ جىنايى قىلمىشى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ،10يىل ئىچىدە قايتا پىراۋا بىجىرىشكە بولمايدۇ.10يىلدىن كىيىن قايتا شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئالسىمۇ توشۇش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللۇنىشقا بولمايدۇ. ھاراق ئىستىمال قىلىپ ياكى مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەپ ئېغىر ۋەقە سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە جىنايى قىلمىشى قانۇن بويىچە سۈرۈتۈرىلىدۇ،شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىكار قىلىنىدۇ،ئۈمۈرۋايەت قايتا پىراۋا بىجىرىشكە بولمايدۇ. 3-موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەۋېتىپ،تاماكۇ چەكسە،يىمەكلىك يىسە،كىتاپ ئۇقۇسا،2نۇمۇر تارتىلىپ 20يۈەن جىرىمانە قۇيۇلىدۇ. 4-ماشىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلار بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تارتمىسا،20 يۈەن جىرىمانە قۇيۇلىدۇ،نۇمۇر تارتىلمايدۇ.يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولدا ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلار بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تارىتمىسا 50 يۈەن جىرىمانە قۇيۇلىدۇ،نۇمۇر تارتىلمايدۇ. 5- يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولدا شوپۇرلار بەلگلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تارتمىسا،2 نۇمۇر تارتىلىپ،200يۈەن جىرىمانە قۇيۇلىدۇ.يۇقۇرى سۈرئەتلىك يوللاردىن باشقا يوللاردا بىخەتەرلىك تاسمىسى تارىتماي ماشىنا ھەيدىسە 50 يۈەن جىرىمانە قۇيۇلىدۇ.شەھەر ئىچىدىكى تىز سۈرئەتلىك يوللاردا(تاشقى ئايلانما يول) بەلگۈلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تارىتماي ماشىنا ھەيدىسە 2 نۇمۇر تارتىلىدۇ. 6-ماشىنا ھەيدەۋېتىپ تېلفون ئۇرۇش ،تېلفۇن قۇبۇل قىلىش قاتارلىق بىخەتەر ماشىنا ھەيدەشكە توسالغۇ بۇلىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلسا،2 نۇمۇر تارتىلىپ ،50 يۈەن جىرىمەنە قۇيۇلىدۇ. 7-يولدا يۈرۈۋاتقان ماشىنىلارغا نۇمۇر تاختىسى تاقىمىسا،نۇمۇر تاختىسىنى مەقسەتلىك يۇشۇرۇۋالسا،نۇمۇر تاختىسى بۇزۇلغان بولسا،نۇمۇر تاختىسىنى بەلگۈلەنگەن ئورۇنغا ئۆلچەملەك تاقىمىغان بولسا ،بىر قېتىمدا 12 نۇمۇر تارتىلىپ،200 يۈەن جىرىمانە قۇيۇلىدۇ. 8-ھەرقانداق يولدا ،ھەرقانداق ماشىنا 50%دىن ئارتۇق سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ يول يۈرسە،12 نۇمۇر تۇتىلىدۇ. يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولدا ۋە شەھەر ئىچىدىكى تىز سۈئەتلىك يولدا 20%دىن يۇقۇرى 50%دىن تۈۋەن سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ يول يۈرگەن،ئوتتۇرا تىپتىن يۇقۇرى يۈك ماشىنىسى ،كىرا ماشىنىسى،مەكتەپ ماشىنىسى،خەتەرلىك بۇيۇملارنى تۇشۇش ماشىنىللىرىغا 12 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىش جازاسى بىرىلىدۇ،باشقا ماشىنىلاردىن 6 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ. يۇقۇرى سۈرئەتلىك يول ۋە شەھەر ئىچىدىكى تىز سۈئەتلىك يولاردىن باشقا يوللاردا 20%دىن يۇقۇرى 50%دىن تۈۋەن سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ يول يۈرگەن ھەرقانداقماشىنىلاردىن 6 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ. يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولدا ۋە شەھەر ئىچىدىكى تىز سۈئەتلىك يولدا 20%دىن تۈۋەن سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ يول يۈرگەن،ئوتتۇرا تىپتىن يۇقۇرى يۈك ماشىنىسى ،كىرا ماشىنىسى،مەكتەپ ماشىنىسى،خەتەرلىك بۇيۇملارنى تۇشۇش ماشىنىللىرىغا 6 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىش جازاسى بىرىلىدۇ،باشقا ماشىنىلاردىن 3 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ. يۇقۇرى سۈرئەتلىك يول ۋە شەھەر ئىچىدىكى تىز سۈئەتلىك يولاردىن باشقا يوللاردا 20%دىن تۈۋەن سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ يول يۈرگەن ھەرقانداقماشىنىلاردىن 3 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ. مەنبە:خەنزۇچە تەڭرىتاغ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى ئۇلىنىش:http://news.ts.cn/content/2012-11/29/content_7496525.htm بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-29 02:53 PM
|