مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1353|ئىنكاس: 22

دىنىي زاتلارنىڭ مەسئۇلىيىتى (زوھران) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەڭ بۈيۈك نىشانىم ھەقىقەتتۇر.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26921
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6442
تۆھپە نۇمۇرى: 293
توردا: 5662 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 01:23:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                            يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق
   
               تارىخىمىزدا ھازىرغىچە دىنى ساھەدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن ئاز سۈرۈشتۈرۈلۈپتۇ.ھەم ئۇلارغا ئاساسەن تىل تەككۈزۈشكە كۆپ ئادەم جۈرئەت قىلالماپتۇ.پەقەت ئوتتۇر ئەسەرلەردە ساختىپەز سوپى – ئىشانلارنىڭ قۇۋلۇق شۇملۇقلىرى ،ئالدامچىلىقى ،كاززاپلىقى ئىنتايىن جايىدا تەنقىد قىلىنغان ئىدى.16 –ئەسىرلاردە ئەلشىر نەۋائىي جەمىئەتتىكى بارلىق تەبىقىلەر ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ ،ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىللىكلىرىنى خەلقئالەم ئالدىدا ئاشكارا قىلىشقا جۈرئەت قىلغان ئىكەن.ئۇنىڭدا ئىمام –موللىلار ھەققىدە مۇنداق بايانلار بار؛بەزى ئىماملارنىڭ قىرائىتىگە ئۈزىنىڭ مەستلىكى كىلىدۇ،ئۆزىنىڭ نامىزىغا ئۆزى ھىيلە ئىشلىتىدۇ.خىيالىدا ئۆزىنى ھەممىدىن ياخىشى ھىسابلاپ،دىلىدا تەكەببورلۇق ساقلايدۇ.ئۇنىڭ ئۆز نامىزىنى سۆزسىز قوبۇل خۇدا ئالدىدا،جامائەتنىڭ نامىزىنىڭ قوبۇل بولىشىغا مەن كىپىل دەيدۇ.ئۆزخىيالىدا ئۈنىنى ياساپ،ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ،قىرائەت قىلىشنى سانايدۇ مەنىلىك،مەسجىددىن ئالدىراپ،جامائەتتىن بۇرۇن چىقشىنى سانايدۇ.رەسۋالىق ،ئەمما،نەپسانىيەت خىيالى خەلققە پىشۋالىق ،تەسەۋۇرۇى بولسا ئەلگە باشچى بولۇپ،ئۆزىگە تۆۋە قىلدرۇرۇش ‹‹ئاخىرىدا››مائاش يەيمەن دەپ ئىمام بولۇپ،ئۆزىنى ئىمام دىگەن كىشى ئادەم ئەمەس ۋە بۇ ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس (‹‹مەھبوبۇل قۇلۇب››49-بەت1990-يىل نەشىرى).تارىختىن بۇيان خەلق كۆپىنچە دىن پىشۋالىرىنىڭ ئاغزىغا قاراپ كەلدى.ئۇلارنىڭ يىتەكلىشىنى قوبۇل كۆردى.ئۇلارنىڭ تۇتقان يولى توغرا بولسۇن ،خاتا بولسۇن ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتماقلىقنى تەڭرىنىڭ يولىنى تۇتقانلىق دەپ چۈشىنىپ كىلىشتى.بىراق دىن پىشۋالىرى بەزىدە كىشىلەرنى  ھىدايەت يولىغا باشلىغان بولسا،بەزىدە جاھالەتكە قالدۇرۇپ قويۇشتى.بىزنىڭچە شەرق مۇسۇلمان دۇنياسى نەچچە ئەسىر جاھالەتكە قالغان ،نامراتلىق ،ئاچارچىلىق ۋە خورلۇققا بەخشەندە قىلىنغان.نادانلىق چۆلىدە سەرسان بولغان قىسمەتلىرىگە دىن پىشۋالىرى مەسئول بولىدۇ.ئۇلار خەلق ئەڭ ئېغىر كۈلپەتلىك زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتسىمۇ،ئۇلارغا شۈكۈر ،قانائەت ،سەۋرىنى دىيانەتتىن گەپ سىتىش نىجاتلىق،ھۆرلۈك ئويغاقلىق ھەققىدە تىل ئاچمىدى.ئۇلار ھە دىگەندە بۇدۇنيانى ۋە بۇ دۇنيانىڭ نىمەتلىرى قارىلاپ،كىشىلەرنىڭ بەخت ئىزدەش ،باياشات تۇرمۇشقا ئىرىشىش ئىستەكلىرىنى بوغدى.ھەتتا ئۇلار ئەسەبىيلىشىپ بۇدۇنياتنىڭ نىمەتلىرىنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھارام دىگەن يەرگىچە كىلىشتى.ئۇلار تەپ تارتماي خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ھىسابىغا چىقاردى.بۇنداق قىلمىش –ئەتمىشلىرى بىلەن گەرچە ئۆزىنى پەرىشتە سۈپەت كۆرسىتىشكە تىرىشسىمۇ،ئەمما شەيتانغا ئۇستاز بولغىدەك ئازغۇنلۇقلار بىلەن شۇغۇللاندى.ئۇلارنىڭ بۇنداق نەپسى ئۈچۈن دىننى بۇرمىلاپ خەلققە ئىغىر زىيانلارنى سالغانلىقىنى ئەلشىر ناۋائىي مۇنداق ئىخچاملاپ ئىپادىلەپ بەرگەن؛  
     ‹‹ئۇلار ھارامخۇر،پاسىق ،سۆز ھەركىتى قوپال،جاھىل ،ھىلىگەر،بىر تىيىننى دەپ ھەقنى ناھەق قىلغۇچى،ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ كۆپكە زىيان سالغۇچى،بىر سىۋەت ئۈزۈم ئۈچۈن باغنى كۆيدۈرۈشتىن ،بىر چارەك بۇغداي ئۈچۈن بىر خاماننى سورۇشتىن يانمايدىغان كىشلەردۇر.بىر مۇپتى ھىيلە بىلەن پەتىۋا يازار،قەلەم ئۇچى بىلەن شەرىئەت يۈزىدىكى خالنى بۇزار.ئۇ ،ئىش ھەققى ئۈچۈن كۆمۈش ئىلىپ ئۆز مىلىغا قوشار، دىننى دۇنياغا ساتار،مۇنداق مۇپتى گويا ئادەم ئۆلتۇردىغان تىۋىپتۇر.بىرىگە ئىلاھنى ،يەنە بىرىگە مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈش نىسىپتۇر››.(مەھبۇبۇل قۇلۇب،38-بەت) ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمدە؛مىنىڭ ئايەتلىرىمىنى پۈچەك ياماققا ساتماڭلار،باشقىلارنى  ياخشى ئىشقا بويرۇپ ئۈزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر،دىگەن مەزمۇندىكى ئايەتلەر دەل دىننى،ئىماننى ،خەلىقنىڭ مەنپەئىتىنى ،رەزىل مەنپەئىتى ئۈچۈن سىتىۋىتىدىغان ئاسىيلارغا قارىتىلغان ئىدى.                                                                           
         دۇنيانىڭ قانداق يىرىدە بولمىسۇن دىننىڭ نوپۇزى قەدىمدىن تارتىپ ناھايتى يۇقىرى بولۇپ كەلدى.دىننىڭ مۆتىۋەرلىرى قانداق پەتىۋا بەرسە كىشىلەر ئۇنى مۇقەددەس ساناپ ئىجرا قىلىپ كەلدى.خەلق ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ،ئۇنىڭدىكى مەنە – مەزمۇندىن خەۋەرسىز بولغاچقا،توغرا يىتەكلىسىمۇ،خاتا يىتەكلىسىمۇ ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ كەلدى.ھۆكۈمران مۇستەبىت ھاكىمىيەت خەلق ئۈستىدە قامچائوينىتىپ ،يىلىكىنى شۇرىسىمۇ،دىنىي پەتىۋاچىلار يەنىلا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى تۇتماقلىق ۋاجىپ دەپ،خەلقنىڭ زۇلۇمغا،ئېكىسپالاتسىيىگە قارشى تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ ھوقۇق –مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستىكىنى بىسىپ بىرىشتى.ئەسلىدە بولسا دىن پىشۋاسى بولغان كىشى زۇلۇمنىڭ جاپا ئىكەنلىكىنى،زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى خەلققە ئۇقتۇرۇش مەسئولىيىتى بار ئىدى.بىراق ئۇلار ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.دىننىڭ ھەقىقەتلىرىنى ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە بۇرمىلاپ،خەلق ئاممسىنى زور كۈلپەتكە مۇپتىلا قىلدى.ئەجىبا ئۇلار دوزاخ،جەننەت ھەققىدە شۇنچە سۆزلەيدۇ،ئۇلارغا دوزاخ ھارام قىلىنغان بولغىيمىتى؟!                                                                 
           دىننىي زاتلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئۈزۈل –كىسىل ئازاد قىلىشى ،دىننىي ئىلغار ،تەرەققىپەرۋەر مەيداندا تۇرۇپ يەتكۈزۈشى،ھەرگىزمۇ دىندىن پايدىلىنىپ،خەلقىنى خۇراپاتلىققا،مەھكۇملۇققا ،نادانلىققا،جاھالەتكە ئىتتىرىپ،ئۇلارنى تەرەققى قىلىش ،ئىلىم مەرىپەتلىك بولۇش،بەخت يارىتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلماسلىقى كىرەك.دىنني زاتلار دىننى ئىلمىي چۈشىنىشى،ئۇنى تەرەققىياتنىڭ ،خەلقنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ روھىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ،ھەق تەبلىغ قىلىشى ،ھەرگىزمۇ ئۆزى ئۇقماي تۇرۇپ قارىسىغا جۈيلىمەسلىكى كىرەك.بىلىدىغىنىنى بىلىمەن دىيىشى،بىلمەيدىغىنىنى بىلمەيمەن دىيىشى لازىم.ساختا بىلەرمەن بولۇپ خەلقىنى ئالدىماسلىقى،خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن پايدىلىنىپ،قويرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتماسلىقى لازىم.نىيىتىنى دۇرۇس قىلىپ ھەق سۆزلىشى،خەلقنى توغرا يولغا يىتەكلىشى،خەلقنى بىخۇدلاشتۇردىغان خاتا تەرغىباتلارنى قىلىپ،قانۇن-تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلماسلىقى كىرەك.                    
     خەلق مىڭ نەچچە يۈز يىللاردىن بىرى دىنىي زاتلارنى ئۆز بىشىغا ئېلىپ ئۇلۇغلاپ كەلدى.ئۇلارنى باقتى،تۇرمۇشىدىن ئىزچىل خەۋەر ئېلىپ كەلدى.ھازىرمۇ نۇرغۇن بايلار ئالدى بىلەن شۇ دىنىي ئۆلىمالارنى يۆلەيدۇ،مەسجىدلەرگە ئايىماي ياردەم بىرىدۇ.خەلقنىڭ شۇنداق ساداقىتى بىلەن موھتاج بولماي كىلىۋاتىدۇ.شۇنداق ئىكەن دىني زاتلار ئاۋال خەلققە سادىق بولىشى،خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇشى،ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىشى كىرەك.ھەرگىزمۇ نەپسى ئوغرىسى بولىۋالماسلىقى ،ئاق –قارىنى ئارلاشتۇرۋەتمەسلىكى  كىرەك.                                                              
    بىزنىڭ تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كەلگەن بىر پىكىر نوقتىمىز،بىرمىڭ تۆتيۈز يىللاردىن بىرى دىن ئىنتايىن سىرلىقلاشتۇرۋىتىلدى.دىن بىلەن تۇرمۇش،دىن بىلەن بۇ دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى دۈم كۈمتۈرۈلۈپ مۇئامىلە قىلىنىپ كەلدى.ئىسلام دىنى ماھىيىتىدىن ھاياتلىق دۇنياسى،كىشىلىك جەمىيئەت ۋە ئۇنى ئادەمگە خاس پاكلاشتۇرۇش،قۇدرەت تاپقۇزۇش،ئادەم ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش،ئەخلاقى جەھەتتە تاكاممۇللىشىش ھەققىدىكى دەۋەتلەر بىلەن تولغان بولسىمۇ،لىكىن ئۇنى ئاخىرەتنىڭ يەنى ئۇدۇنيانىڭ قوللانمىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتى.دىننى خەلقنى قورقىتىش،تەشۋىشكە سىلىشقا خىزمەت قىلدۇردى.خەلققە روھى ئوزۇق بىرىش،ئىلھام مەدەت بىرىش ئاز بولدى.ئەڭ يامان بولغىنى موللىلارنىڭ تەبلىغلىرىدە ‹‹بەر››دىگەن ئىنتايىن كۆپ بولدى.خەلقنىڭ ئىنتايىن مۇقەددەس ھوقۇقى بولغان ‹‹ئال ،بەھرىمان بول››دىگەن ھوقۇقلىرى ھەققىدە ئاساسەن تىل ئاچمىدى.بۇ دۇنيادىكى بارلىق نىمەتلەر ئىنسانلارنىڭ بەھرىمان بولۇشى ئۈچۈن بەرپا ئىتىلگەن بولسىمۇ،بۇ ھەقتە خەلق ئاساسەن ئاڭسىز قالدۇرۇلدى.نەتىجىدە مۇقەددەس ئايەتلەر بىر قىسىم قارانىيەت دىن پىشۋالىرىنىڭ قولىدا دىۋانىنىڭ ‹‹ھەق››دەپ تىلەيدىغان قورالىغا ئايلاندۇرۇلدى.شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئادەملەرنى تەمە پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويدى.بىز ئالىملارنىڭ قولىدىغان يىقىنىقى بىر قانچە ئەسىر ئىچىدە دىنني مۇپەسسەل شەرھلەپ ،خەلققە تۇنۇشتۇردىغان ئەسەرلەرنى كەمدىن كەم ئۇچراتتۇق.دىننىي زاتلار كۆپىنچە مەسجىددە تەبلىغ قىلىش بىلەنلە چەكلىنىپ،پۇقرالارنىڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن سىستىمىلىق بىرەر كىتاب يىزىشنى ئويلىمىدى.ھەتتا قۇرئان ئۇيغۇرچىغا  تەرجىمە قىلىنىپ چىقسا ،بەزى جان باقتى موللىلار ئۇنىڭغا كۆڭلىدە نارازى بولدى.بۇنىڭ بىلەن دىنىي موللىلارنىڭ نوپۇزى تۆۋەنلەپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولۇشتى.ئەمەلىيەتتە قۇرئاننىڭ تەرجىمە قىلىنىشى بىلەنلا،ئىش تۈگىمەيدۇ.نۆۋەتتە قۇرئاننى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ چىقىش مەسىلىسى بار.ئەگەر دىننى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ،ئۇنىڭ روھى ماھىيىتىدىن خەلقنى توغرا بەھرىمەن قىلمىسا،ئۇنىڭ مەسئولىيىتىمۇ يەنىلا شۇ دىننى زاتلارغا ئاتىلىدۇ.ئالىم ئاتىلىسىلەر،شۇنامغا لايىق ئىش قىلمىساڭلار دۇرۇس ئىش بولارمۇ،بۇ جەھەتتىكى مەسئولىيەتنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.                                
           خەلق ئاممىسىمۇ كۆزىنى يۇغان ئېچىپ،دىنىي زاتلارنىڭ دىگىنى بىلەن قىلغىنى ئۇيغۇنمۇ؟كىمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەۋاتىدۇ،دەۋاتقان سۆزلىرى ھەقىقەتكە،خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنمۇ ياكى بۇرمىلانغانمۇ بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كىرەك.ھازىر 21-ئەسىر پەن-تىخنىكا دەۋرى.پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىكىدە نۇرغۇن دىنىي كىتابلار ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ،كەڭ،ئوچۇق ئاشكارا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.بۇ ئەسلى مەنبە كىتابلارنى ياخشى،ئەستايىدىل ئوقۇپ،ئۇنىڭ روھى ماھىيىتىنى ياخشى ئىگەللەشكە تىرىشىشى لازىم.دىنغا ئېتىقاد قىلدىم دەپ ،دىننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي قارىسىغا سەجدە قىلىۋەرسە قىممىتى بولمايدۇ.يۈسۈپ خاس ھاجىپ:‹‹بىلىپ قىلغان ئىبادەتنىڭ ساۋابى ئۆرە،بىلمەي قىلغان ئىبادەتتىن ساۋاب كۈتمە››دىگەن،شۇڭا ئاۋال بىل ئاندىن ئىبادەت قىل.دىنىي زاتلار توغرا يىتەكلىسە ئەگەش،ئۇلارنى ھۆرمەتلە.خاتا يىتەكلىسە ئەگەشمە.ئۇلارغا قارىغۇلارچە چوقۇنما.ساڭا زىيان سىلىۋاتسا يەنىلا ئۇنى ئۇلۇغ،مۆتىۋەر ھىسابلامسەن.                                                               
    دىنني زاتلارنىڭ بىر قىسىمى دىننى ۋە دىننىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ.ئۇلار ئەزەلدىن ياد بولۇپ كىلىۋاتقان بىرتالاي ئۇقۇملار دۆۋىلىرى ئۈستىدە گاڭگىراپ يۈرىدۇ.ئۇلارنىڭ دىني بىر بولسىمۇ ،مەزھىپى باشقا-باشقا،بىر مەسجىدنىڭ ئىمامىنى يەنە بىر مەسجىدنىڭ ئىمامى ئېتراپ قىلمايدۇ.پۇرسەت بولسا بىر-بىرىنى يەۋىتىشتىن يانمايدۇ.بەزى موللىلار ئەسلى پەننى مەكتەپتە ئوقىيالماي،مەكتەپتىن قاچقان يارىماس ئوقۇغۇچىلار بولسىمۇ،لىكىن ئاتا-ئانىسى ئۇلارنى زورلاپ،دىنىي تەلىم تەربىيىگە تاپشۇرغان.شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ ئەسلىدىلا ساپاسى تۆۋەن بولغاچقا،دىنني پەقەت جان بىقشىنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۋالغان.ئەمەلىيەتتە دىننىي سۈيئىستىمال قىلىپ جان بىقىش جىنايەت ھىسابلىنىدۇ.      

                           
   مەزكۇر ماقالە مەرھۇم ئاپتۇرنىڭ ‹‹ئادىمىلىك مىزانلىرى››دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

     تىما يوللىغۇچىدىن ئەسكەرتىش:بۇ ماقالىنى يوللىشىمىدىكى مەقسەت قانداقتۇر ھازىرقى ئىمام موللىلارنى سۆكۈش،ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش،ئۇلاردىن نارازى بولغانلىقىم مەقسىتىدە يوللىمىدىم.مىنىڭ شۇ دىنىي زاتلارغا بولغان تەلىپىم ئاپتۇرنىڭ بۇ ماقالىدا ئوتتۇرغا قويغان موددىئاسى بىلەن بىردەك بولغاچقا يوللاپ قۇيدۇم.ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان ئىمام-موللىلارنى ھازىرقى شارائىتتا يوق ھەم ئاز دىگىلى بولمايدۇ.ھازىرقىدەك  كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ نەپسىگە بىرىلىش، چىرىكلىشىش ئەۋج ئېلىپ قالغان بىر شارائىتتا بۇنداق يىرگىنىشلىك ئىشلارمۇ بىر قىسىم ئىمام موللىلارغىمۇ يۇقتى.بۇ ئىنتايىن قۇرقۇنۇشلۇق ئىش.بۇ سەۋەبلىك ماقالىدا دىگەندەك دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەمەس بەلكى دىننى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتەك تەتۈر ئېقىممۇ شەكىللىنىپ قالدى ھەم يەنە دىننىڭ ھەقىقى يەتكۈزۈشكە تىگىشلىك  تۈرلۈك ياشاش يولىمىزغا مۇناسىۋەتلىك شەرىئەتلەر قىپ قېلىپ، پەقەت دىننى نىكاھ ،ئۆلۈم يىتىپ ئىشلىرى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان بىر ساھەگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلۋاتىدۇ.ئۇندىن باشقا ھازىر ھەممىمىزگە مەلۇم ،جەمىئتىمىز ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىشلەر ھەتتا ئۆز بىلىم سەۋىيىسىنى ھەر كۈنى يىڭىلاپ تۇرمىسا بولمايدىغان بۇ خىل شارائىت تەلىپىنى ھەممە كىشى تونۇپ يېتىپ قالدى.شۇ سەۋەبلىك ھازىر  باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈنمۇ  ئەڭ بولمىغاندا ئالىي تىخنىكۇم ئۇنۋانى بولۇش تەلىپى قويۇلۋاتقان بۈگۈنكىدەك شارائىتتا ئىمام موللىلارمۇ ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيىسنى ھەر چاغ ئۆستۈرۈپ تۇرۇشى ئىنتايىن زۈرۈر.چۈنكى ئۇلار كىچىك بالىلار ئەمەس بەلكى ئۇلاردىن تارتىپ ياشانغان كىشىلەرگىچە دەرس بىرىدۇ.شۇ ڭا ئۇلار بۇ خىرىسنى تونۇپ ئۆزىنىڭ سىياسى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە دىننى ساپاسىنىمۇ قاتتىق ئۆستۈرۈشى كىرەك.مىنىڭ نەزىرىمدە قىسمەن دىني زاتلارنىڭ ئىدىيىسى يەنىلا ئىنتايىن قالاق ھالەتتە. دىنىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك بىرمىڭ تۆت يۈز يىللىدىن ئاشقان بۇ ھالىتىدە ئۇلارنىڭ تىخىچىلا تاھارەتتىكى تۆت پەرز سۆزلەپ يۈرۈپ ئۇنىڭ سىرتىغا ئۆتەلمەسلىكى ئىنتايىن بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.بۈگۈنكى بۇ شارائىتتا ئىمام -موللىلارغا قويۇلدىغان تەلەپمۇ خىلى يۇقىرى بولۇشى كىرەك.چۈنكى ئۇلارمۇ  بىر ئىسلام مائارىپى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.شۇڭا ئىنكاس يازغۇچىلار مىنىڭ بۇ ماقالىنى يوللىشىمنى قانداقتۇر دىنىي زاتلارنى كوچىلاش،ئۇلارنىڭمۇ غەيۋىتىنى قىلىپتۇ دەپ چۈشىنىپ قالماي بەلكى مەن ئەسكەتتىشىمدە دىگەندەك پوزىتسىيىدە قاراپ ئىنكاس يىزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئاللاھ ھەممىزگە رەھمەت قىلسۇن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-29 05:25 PM  


رەببىمدىن شۇنداق ئىمان ئارزۇ قىلىمەنكى ، ئىمانىم سەۋەبىدىن شۇنچىلىك قىيىن قىستاققا ئېلىنىۋاتقان بولساممۇ يەنىلا ھىچ تەۋرەنمەي بىر ئاللاھ دىن باشقا ئىلاھ يوق،مۇھەممەد ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدۇر دەپ جان تەسلىم قىلىش.شۇ چاغدىلا ھەقىقى مۆئمىنلىكىمگە ئىشىنەتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87065
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 648
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 01:54:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  ماقالىنى ساقلاپ قويدۇم،  


مەسچىتتە بۇ ماقالىنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بىرىشكە پۇرسەت بولسىلا.

لىكىنزە ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كىلىپ كىتىدۇ - دە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87830
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 589
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 02:02:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلمى بولۇپ بىلىمى بولمىسا خەلىقنى باشلايدىغىنى جاھالەتتىن باشقىسى ئەمەس.

مەسئولىيەتچان بۇلايلى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19325
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 5985 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 02:40:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈسۈپ خاس ھاجىپ:‹‹بىلىپ قىلغان ئىبادەتنىڭ ساۋابى ئۆرە،بىلمەي قىلغان ئىبادەتتىن ساۋاب كۈتمە››دىگەن،شۇڭا ئاۋال بىل ئاندىن ئىبادەت قىل.دىنىي زاتلار توغرا يىتەكلىسە ئەگەش،ئۇلارنى ھۆرمەتلە.خاتا يىتەكلىسە ئەگەشمە.ئۇلارغا قارىغۇلارچە چوقۇنما.ساڭا زىيان سىلىۋاتسا يەنىلا ئۇنى ئۇلۇغ،مۆتىۋەر ھىسابلامسەن.        

ماڭا ماۋۇ مەزمون بەكرەك ياقتى.

تېمىدا تىلغا ئېلىنغاندەك  ئىمام ،مۇئەززىنلەر يوق ئەمەس...ياخشىلىرىمۇ ئاز ئەمەس.مەن بۇرۇن تۇرغان يۇرتتا بىر ئىمام بار ئىدى.دەل ھازىرقى دەۋىرگە خاس ئىمامكەن،مۇشۇنداق تەرەققىيپەرۋەر ئىماملارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئاللادىن تىلەيمەن....

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13536
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7563 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 02:51:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پىكىرلەرگە مەنمۇ قوشۇلىمەن .ساپالىق ئىماملارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنى ئۈزلۈكسىز تەربىيەلەش دەل ئىسلام ئونىۋېرسىتېتىمىزنىڭ مەجبۇريىتى .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1924
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:46:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما.
مىنىڭچە ئىماملا تۆت خەلىپە ۋە باشقا ھەدىسلىرىنى سۆزلەۋەرمەي............
ئۆزىمىزنىڭ دىننىي ئالىملىرىنىڭ ھىكمەتلىرىنى ،پەننىي ئالىملىرىمىزنىڭ ئىسىل قاراشلىرىنىمۇ مىسال كەلتۈرۈپ ئىلمىي سۆزلەش كىرەك.
بولسا شۇ ئىماملارمۇ مىسرانىم قاتارلىق تورلارغا چىقىپ جاھاننىڭ ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ سادالىرىنى ئاڭلاپ بىقىشى كىرەك.
قۇرئاننى ئوقۇب ئۇنۇڭدىكى مەنا ئۇنۇڭدىكى ھىكمەتلەرنى بىزگە يىشىب بىرەلەيدىغان بولىشى كىرەك.
غۇلجىدىكى خىلى ئابرويلۇق كىشى شۈكۈر ھاجىم بىر قىتىم دۆڭمەھەللە قەبرىستانلىقىدا بەزى ئىماملارنى قاتتىق تىللاپ كەتكەن ئىدى.
ئىېتما ھەقاسىڭ!بىر بىرىڭنى كۆرەلمەي خەق كىرىشتۈرۈپ قويسا چىشلىشىدىغان............ قۇرئان بىلگەنلا،ئەرەبچىسىنى ياتلىغان ئادەمنىلا موللا دىمەيمىز ئەرەبچىنى بىلىدىغان ئەرەبلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان ئەڭ موھىمى قۇرئاننىڭ بىر جۈملىسىنى ئوقۇپ كەينىدىن مەنىسىنى يىشىپ بىرەلەيدىغان ئادەمنى موللا دەيمىز ............بۇ گىپى ئىسىمدىن كەتمەيدۇ.

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3714
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:48:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوجۇن  بەك  جېقكەن بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5346
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 05:24:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىننىي زاتلىرىمىزمۇ داۋاملىق ئۆزىنى بەكرەك تولۇقلاپ تۇرۇشقا مۇھتاج ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7140
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9509
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 06:20:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2012-11-29 02:51 PM
بۇ پىكىرلەرگە مەنمۇ قوشۇلىمەن .ساپالىق ئىماملارنى تەر ...


سىز ئىسلام ئونىۋېرسىتېتىنى بىزگە لازىملىق ئالىملارنى تەربىيەلەپ بىرىدۇ دەپ ئويلامسىز بۇنداق ئويلىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىزمىكىن تەقسىر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   chaqmaq137 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-29 10:07 PM  


بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (12).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83992
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3204
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 07:20:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2012-11-29 02:51 PM
بۇ پىكىرلەرگە مەنمۇ قوشۇلىمەن .ساپالىق ئىماملارنى تەر ...


سىز دىگەندەك ساپالىق، بىلىملىك، ئۆلىمالارغۇ ھەممە يۇرتتا با، لىكىن شۇ ھۆكۈمەت بىرىۋاتقان ئازغىنا مائاشنىڭ نەپسىدىن كىچەلمەمدىكىن ياكى بولمىسا يۇرتتا مەنچىلىك ئادەم يوق دەمدىكىن ئىشقىلىپ بىلىملىك كىشەلەرگە ئۇرۇن بوشىتىپ بەرمەيدۇ، ئەڭ چوڭ ئىشى بولسا پات-پات ئاتئىزىم تەربىيىسى ياكى مۇسۇلمانلار ژورنىلى دىگەندەكلەرنى ئوقۇپ بىرىدۇ مەسچىتتە. بۇ ئىشلارنى قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mujahid-0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-29 07:23 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش