باغلاپ تەپەككۇر قىلىش 
(فىليەتون) 
ئا جېڭ
<> 
<> 
مەمۇرلار ئىمتھانىدىن مىڭ تەسلىكتە ئۆتۈپ ، شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىندىم . دەسلەپتە كونكىرىت ئىشم بولمىغاچقا ، يۈگۈر- يىتىم ئىشلارنى قىلدىم .
بىر كۈنى باشلىق ماڭا بۈلۈملەرگە مەنقۇلات سېتىۋېلىشىنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى تۈزۈپ،ئاندىن بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى . بۇ بارماق دېسكا ، تېلفۇن ، ھۆججەت سومكىسى ، ئىستاكان دېگەندەك ئىشخانا بۇيۇملىرى ئىدى . ئالىدىغان نەرسىلەرنى جەدۋەللەشتۈرۈپ بىر نۇسخىسىنى كۆپەيتىپ باشلىققا بەردىم .
باشلىق جەدۋەلگە كۆز يۈگۈرتۈپ بېشىنى چايقىدى:
_ شىياۋجېڭ ، بەك ئەمەلىيەتچىلكەنسىز جۇمۇ ، نېمە كەم بولسا شۇنىلا يېزىپ قويغىنىڭىز نېمىسى ؟
_بارماق دېسكا ، تىلفۇن دېگەندەك نەرسىلەر كەم ئىكەن ، شۇڭا شۇ بويىنچىلا يېزىپتىمەن،-دېدىم چۈشىنەلمەي.
-باغلاپ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرمامسىز ،- دېدى باشلىق كۈلگىنچە ،-ئويلاپ بېقىڭ ، بارماق دېسكىنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟ ئۇنىڭ ھۆججەت ساقلاشتىن باشقا قانداق رولى بار ؟
- بىلدىم ،- دېدىم چۈشەنگەندەك،- ئىزاھات كاتەكچىسىگە   mp3 دەپ ئىزاھلاپ قۇيۇشۇم كېرەككەن .
-ھازىر قايسى دەۋېر ؟ دېدى باشلىق چۈشەندۈرگەچ ،- ھازىرمۇ  mp3 نى ئىشلىتەمدۇ؟
- ئەمسە    mp4 نى ئالامدۇق؟-دېدىم مەن .
باشلىق رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى .
-G64 لىق ئالما ماركىلىق ipad  بولسۇن،- دېدى باشلىق تۇلۇقلاپ .
باشلىقنىڭ سەمىمگە سېلىشى بىلەن ھەممىنى چۈشەندىم .قۇلۇمدىكى جەدىۋەلگە قاردىم ، بۈلۈملەرگىغۇ تېلفۇن كېرەككەن ، ھامىنى ئالغاندىكىن ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان ئالما ماركىلىق iphone4 نىلا ئالمايمۇ ! ئىستاكان دېۋىدى ، ئويلاپ باقسام ، بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان قەغەز ئىستاكاندىمۇ ، ئىسسىقلىق ساقلىيالايدىغان ئەينەك ئىستاكاندىمۇ ، نەچچە مىڭ يۈەنلىك قىزغۇچ ساپالدىن ياسالغان ئىستاكاندىمۇ ئوخشاشلا چاي ئىچكىلى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن قىزغۇچ ساپال ئىستاكان ئالسام تېخىمۇ ياخشى بولماسمۇ !ھۆججەت سومكىىسى ھۆججەت قاچىلاشقىلا ئىشلىتىلىدۇ ، بىر يۈەنلىك سولىياۋ ھۆججەت سومكىسىغىمۇ ، نەچچە يۈز يۈەنلىك خىزمەت سومكىسىغىمۇ ، ھەتتا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقۇرى بولغان LV  ماركىلىق سومكىغىمۇ ھۆججەت قاچىلىغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟ بولدىلا  LV سومكىسى بولسۇن !
   ئىزاھاتلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ تۈزۈلگەن يېڭى جەدىۋەلنى باشلىققا كۆرسەتتىم . 
   - ياخشى ، - دېدى باشلىق مەمنۇنلۇق بىلەن ، - مېنىڭ راديو ئاڭلايدىغان ئادىتىم بار ، بولسا راديودىن بىرنى قۇشۇپ قۇيۇڭ !
 ئويلىنىپ قالدىم ، mp3  نىڭمۇ ، كۆپ ئىقتىدارلىق يانفۇنلارنىڭمۇ راديو ئىقتىدارى بار ، ئەمما mp3  ، يانفۇنلارغا باشلىقنىڭ ئېھتىياجى بولماسلىقى مۇمكىن ... 
   ئويلاپ - ئويلاپ بىر خىيال كاللامغا كەلدى ،- دە ، ئۆزگەرتىلگەن يەنە بىر جەدۋەلنى باشلىققا كۆرسەتتىم . 
<< پاق >>  قىلغان ئاۋاز بىلەن باشلىق ئۈستەلنى مۇشتلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . 
   -  نېمە قىلغىنىڭىز بۇ ؟ رادىيو دېسەم  << ئاۋدى >> ماركىلىق پىكاپ يېزىپ قۇيۇپسىزغۇ ؟ 
   قۇرقۇپ يۈركۈم چىقىپ كېتەيلا دېدى ، بىلەرمەنلىك قىلىپ باشلىقنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدۇممۇ - نېمە ؟ 
   - كەچۈرۈڭ ،- دېدىم تىترەپ تۇرۇپ .
   - بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىڭ ، بۇنى دەرھال << باۋما>> ( تۇلپار) ماركىلىق پىكاپقا ئۆزگەرتىڭ ،- دېدى باشلىق قاپىقىنى تۈرگىنچە .
قاھار زەيدىن تەرجىمىسى .
مەنبە ؛ شىنجاڭ گېزىتى 
تەييارلىغۇچى : ئۇيغۇرجان! ( مىسرانىم مۇنبىرى )