خېرىدارلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلماقچى بولغان بۇ يەرمەنكىگە تۈركىيە، گرىتسىيە، مالايسىيا، ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، جۇڭگو، ھىندىستان، ئاۋىسترالىيە، فىنلاندىيە، ئېكۋادور… قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتتىكى يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى زاۋۇت-شىركەتلەر قاتنىشىدىغان بولۇپ، خەلقئارالىق نۇرغۇن خېرىدار كۈچىگە ئىگە.
رايونىمىزدىكى بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بۇ يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇپ، بازىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز. شۇنداقلا بۇ ساھەدە سودا قىلىۋاتقان تىجارەتچىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق يەرمەنكىنى قولدىن بەرمەي قاتنىشىپ، بۇ ساھەدىكى يېڭى مەھسۇلاتلاردىن، تېخنىكىلاردىن خەۋەردار بولۇپ، ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىشىنى،پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇ جەرياندا تۈركىيىدە بولغانلارنىڭمۇ كۆرۈپ كېلىشىگە ئەرزىيدۇ.
يەرمەنكە ئورنى: ئىستانبۇل تۈياپ يەرمەنكە ۋە يېغىن مەركىزى
يەرمەنكە ۋاقتى: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە
يەرمەنكە ماللىرى: سۈت مەھسۇلاتلىرى، گۆش مەھسۇلاتلىرى، ئۇن مەھسۇلاتلىرى، ئىچىملىك، زەيتۇن، بۇۋاق يېمەكلىرى، تەم قوشقۇچىلار…
ئىستانبۇلھېيتگاھ تاشقى سودا مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمەت مەركىزى
www.uyghuristanbul.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا heytgah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-29 05:43 AM