مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1756|ئىنكاس: 19

مۇھەببەتتىكى ئىككىلىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 621 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:02:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     بۇ بىر رېئاللىق ، مەلۇم تۇنۇشۇمنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ، ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم .             
             مۇھەببەتتىكى ئىككىلىنىش
   ئۇنىڭ يېشى ھازىرقى دەۋرگە نىسبەتەن چوڭ ھېسابلانمايتتى ،  " قىزبالا ۋاقتىدا توي قىلمىسا ، بارلىق گۇناھ ئاتا - ئانىغا ئارتىلىدۇ ." دېيىلگەندەك ، ئۇ توي قىلىشنى تاللىغانىدى . گەرچە ئۇ ئەمدى 20 نىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى بەلكى خېلى ياشتىكى ئاتا - ئانىلىرىمىزمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان . ئۇنىڭ تاللىشى پەقەت توي قىلىش ، چۈنكى ئۇدۇنيادا ئاتا -ئانىنىڭ ئورنىنىنىڭ جەننەتتە بۇلىشىمۇ شۇ پەرزەنتىنىڭ ھەق يولىدا تەربىيلەنگەن ياكى تەربىيىلەنمىگەنلىكىدە .
   ئۇ ئەنە شۇ خىياللار بىلەن كۈنىنى كىتاپ ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزەتتى ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئۈندىداردا بىرى بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى ، قارشى تەرەپ تولىمۇ مۇلايىم ئىدى . نەتىجىدە ئۇلار تۇنۇش چىقىپ قېلىشتى ، پەقەت ئادەتتىكىدەك تەرەپپال كۈرۈشۈپ بېقىشقان ئىكەن . ئالاقە بارغانسېرى قۇيۇقلاشتى ،بارا - بارا ئۈندىداردىن تىلفۇن ئالاقىسىگە ئۆتتى ، ئاندىن كۆرۈشۈشلەر بولدى .قىز ئۇنى ئويلىسىلا قەلبىدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل سېزىم پەيدا بۇلاتتى ، چۈنكى ئۇ يىگىتتىكى ھەربىر مىجەز - خۇلق قىزنىڭ ئارزۇسىدىكى ئادەم ئىدى .  بىر كۈنى ئۇلار يەنە ئۈندىداردا تۈگىمەس پاراڭنى باشلىۋەتتى . يىگىت تۇيۇقسىز بىر مۇھىم گېپى بارلىقىنى ئېيتتى _ دە ، قىزنىڭ يۈرەكلىرى رىتىمسىز سوقۇشقا باشلاپ ، تۇراقلاشقۇچە يىگىت سۆزىنى قىلىپ بولدى :
  _ ماڭا ياتلىق بۇلۇشنى خالامسىز ؟
تۇيۇقسىز بۇ گەپنى ئاڭلىغان قىز قاندق كەيپىياتتا بۇلىشىنى بىلەلمەي قالدى . ئۇلار ئۇزاققىچە پاراڭلاشتى . قىز كۆپ ئويلىنىشلار بىلەن ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا يىگىتنى قۇبۇل قىلدى . چوڭلارمۇ بىلىشتى ، قىشنىڭ چىقىشى بىلەن توي قىلىشقىمۇ پۈتۈشۈپ بولغانىدى .
   بىر كۈنى كەچ قىز يىگىتنىڭ رەسىمىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ چ چ سىنى ئاچتى _ دە ، كۆزىگە ئىشەنمىگەن ھالدا بىرى بىلەن پاراڭلاشقان پاراڭ خاتىرىسىگە كۆز يۈگۈرتتى ، گەپلەردىن ئقارشى تەرەپ يىگىتنىڭ بۇرۇنقى سۆيگەن ئادىمى ئىدى، قىزنىڭ يۈرىكى ئاغرىدى ، ئازابلاندى ، ياش تۆكتى ، چۈنكى ئۇلار پات يېقىندا توي قىلماقچى ئەمەسمۇ ؟؟؟ قىز بۇ توغرىسىدا يىگىت بىلەن پاراڭلاشتى . ھەقىقىي ئازاپ مانا مۇشۇ يەردىن يەنى يىگىتنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن باشلاندى . ئۇ قىز يىگىتنىڭ بۇرۇنقى سۆيگىنى ئىكەن ، ئەينى چاغدا قىز باشقىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يىگىتكە ماقۇل بولمىغان ، يىگىت ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنى ماقۇل كەلتۈرەلمىگەن . ئاندىن ھەممىنى يېڭىدىن باشلىغان . ھازىر ئۇ قىز ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىدىن ئايرىلىپتۇ ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ يىگىتكە ماقۇل بولمىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلىپتۇ ، مانا بۇلار بىلەن يىگىتنىڭ قەلبىدىكى ئۆچۈرۈلمەكچى بولغان ئوت قايتا تۇتۇشتى بولغاي ، ئۆزىنىڭ تويىنىڭ پۈتۈشۈپ بولغانلىقىنى ئۇنتىغان ھالدا ئۇنىڭغا قايتا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپتۇ ئەپسۇس ، يەنىلا رەت قىلىنىپتۇ ، چۈنكى ئۇمۇ يىگىتنىڭ قىز دوستى بارلىقىدىن خەۋەردار ئىكەن . يىگىت چۈشۈندۈرگەچ شۇنى دەپ سالدىكى : مەن ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەلمىگەن ، سىزنى چۈشەنگەندىن كېيىن سىزنى قولدىن بېرىپ قويماي دەپ ياخشى كۆرمەي تۇرۇپ كۆڭۈل ئىزھار قىلغان ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ياخشى كۆرۈپ كېتەلەيمەن دەپ ئويلىغان ........... ھازىر سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلدىم ، ئەمما سىزنى ئالداش نىيىتىم يوق _________
   بۇچۈشەندۈرۈشلەر بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى زېدە بولدى ، ھەقىقەتەن يىگىت تىغ بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى . قىز ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان ئەقىدىسىگە ، ئۇنىڭغا ئۈمۈد باغلاپ ئولتۇرغانلىقىغا ، ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكىگە ئېچىنىپ ياش تۆكتى ، بىر بالا دەپ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلاپ ، ئەركىلىتىشىدە چوڭ بولغان بۇ قىز قانچىلىك ئىش قىلالايدۇ دەيسىز ؟ شۇڭا ئۇ كېيىنكى تۇرمۇش ئۈچۈن ، يىگىتنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئالدىدا يۈزىنىڭ تۆۋەن بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇ ھەممىنى ئۈگۈنىۋاتقان ئىدى ، ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكتى .گەرچە يىگىت يەنىلا ئۇنى تاللىغان بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئازابلىنىۋاتاتتى ، چۈنكى ھەرقانداق بىر ئادەم ھەقىقىي بەخىتكە ئېرىشىشنى خالايدۇ . قىز يىگىتنىڭ تاللىشىدىن يەنىلا گۇمان قىلىدۇ ، نېمىشقا دەمسىلەر ؟ چۈنكى ئوغۇللار دوست _ بۇرادەرلىرى ئالدىدىكى ئابرويىنى يۇقىرى قىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىدۇ ، ئەگەر بۇ ئىشى دوستلىرى ئالدىدا ئاشكارىلانسا ، بارلىق يېقىنلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىدۇ ، شۇڭا يۈز ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنمۇ ئۇنى تاللاش ئېھتىماللىقىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە . يىگىت ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى ، مەن ئويلايمەن بەلكى بۇ ئىشلار ھايات مۇساپىسىدىكى ئەگرى -توقايلىقلاردۇر ، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا سالغان سىنىقىدۇر . ئادەم مۇكەممەل بولمايدۇ ، خاتالىقنى تۇنۇش ئەڭ توغرا تاللاش ،ئەمما تۇرمۇشتىكى بەزى خاتالىقلارنى كەچۈرۈپ پۇرسەت بېرىشكە بولىدۇ ئەمما بەزىلىرىنى ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ .
   قىز يەنە ئۇنى ئويلىماقتا ، كەچۈرەيمۇ ، كەچۈرمەيمۇ دەپ ئىككىلەنمەكتە ، زادى قانداق قىلسا بولار؟


    بەلكى بەزى قېرىنداشلىرىم بۇيازمىنى بىمەنىلىك دەپ چۈشىنىپ ئۆز خالىغىنىچە ئىنكاس قايتۇرىشى مۇمكىن ، مەن بۇنى كۆپچىلىكنىڭ مۇھەببەتنىڭ ھەرخىل قىيىنچىلىقلىرىغا بولغان مۇئامىلىسىنى بىلىش بىلەن بىللە يۇقاردا سۆزلەنگەن ئۇ قىزغا ياردىمىنىڭ بۇلۇپ قىلىشىنى ھەم مۇھەببەتنىڭ ئەگرى - توقايلىقلىرىدا قىينىلىپ مېڭىۋاتقان ياش قىزلىرىمىزنىڭ ئېھتىيات قىلىشقا تېگىشىلىك ئىشلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئوغۇللىرىمىزنىڭمۇ مۇھەببەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ، كۆز ئالدىنىلا كۆرمەي كەلگۈسىنى كۆپ ئويلىشى كېرەكلىكىنى ئاساس مەقسەت قىلغان ئاساستا يوللىدىم . ( ئىبرەت ئۈچۈن )

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 02:32:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپنىڭ راستىنى قىلسام باشتىكى ئۈندىدار دا تۇنۇشتى دىگەندىكىنلا ئۇقۇغۇم كەلمىدى . ھەممە ئىشنىڭ ئەمىلىيراق بولغىنى ياخشى .

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 621 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 02:43:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2012-11-29 02:32 PM
گەپنىڭ راستىنى قىلسام باشتىكى ئۈندىدار دا تۇنۇشتى دىگ ...

ئوقۇغۇڭىز كېلىش - كەلمەسلىك سىزنى ئىختىيارىڭىزدىكى ئىش ، بۇ يەرگە سۆرەپ ئېلىپ كىرىشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى يوققۇ دەيمەن . ھەممە ئەھۋال سىز ئويلىغاندەك بولمايدۇ ، ھەممە ئىش  ئۆز بېشىغا كەلمىگۈچە بىلمەيدۇ .

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11061
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1558 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 02:44:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدەي؟ قارسام يىگىت توغرا قىلغاندەكلا تۇردۇ ،بۇ مىنىڭ شەخسى قارشىم ھەرگىز ئۇغۇل بالىكەن دەپ يان باسقىنىم ئەمەس.چۈنكى ئادەم ھاياتىدا ئاشۇنداق ئازغۇن ھەقىقىي مۇھەببەت 1قېتىم كىلىدۇ،جەمىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن مۇنۇ گەپلەر مىنىڭ ئۇنىڭ قىلغىننى توغرا دىيشىمنىڭ سەۋەبى يەنى،ئارلاشقىنىڭ1000بولسىمۇ چىن يۈرەكتىن ياخشى كۆرگىنىڭ بىر بولسۇن دىگەن گەپ ،بۇ ھاياتتا يەنى ئىنساننىڭ-ئىنسانغا بولغان سۆيگىسى ئازغۇن بولىدىكەن،سىز ياخشى كۈرمە دەيدىكەنسىز،قارشى تەرەپ ياخشى كۆمەيدىكەن،قارشى تەرەپ ياخشى كۆرسە سىز ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز،ئىنسانلا ئوتتۇرسىدىكى سۆيگۈ مۇھەببەت نىمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟قەدىمدىن تا بۈگۈنگىچە نۇرغۇن ئېچىنىشلىق،تەسىرلىك،ئادەمنىڭ مەسلىگى كىلدىغان نۇرغۇن مۇھەببەت ھىكايىلىرى،مۇھەبەت تىراگىدىيەلىرنى ئاڭلاپ كەلدۇق.ئۈزىمىزمۇ بىلىپ بىلمەي نۇرغۇن ئاشىق مەشۇقلارنىڭ ئېچىنىشلىق،تەسىرلىك،مۇھەبىتىنىڭ شاھىدى بولاپ قالدۇق.تارىختىن بويان ئاشۇنداق ھىكايىنىڭ9زى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت بىلەن ۋەيران بولدى،يېرىمى تەسىرلىك،ئادەمنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرسىمۇ ئۇزاققا بارماي تۈگەشتى،قالغان يېرىمى بولسا مۇھەببەتتىن ئورتاق بەھىرلىنىپ ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزدى،ھەم ئۆتكۈزۋاتىدۇ.

مۇھەببەت دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ لوغەت مەنىسى ئاجايىپ شۇ سەۋەپ ھەرقانداق بىر ئادەم دەسلەپ ئۇنىڭغا قىزقىدۇ،كىيىن ئۇنىڭدىن زىرىكىدۇ،ئاخردا ئۆزمۇھەبىتىنى ئۈزى ۋەيران قىلىپ بولاپ ئۆزىچە قارشى تەرەپتىن رەنجىيدۇ،ياكى ئۈزىنىڭ خاتالىغنى تۇنۇيدۇ دە ئۈزىدىن رەنجىيدۇ،ئاشۇ ئازغۇنلۇقنى دەپ ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ،ئۇنداق ۋاقىتتا نە ياراتقۇچى،قىينىلىپ بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسى،كىرەك بولسا جېنىنىمۇ ئايمايدىغان قېرىنداشلىرى،دوسلىرنىمۇ ئۇنۇتقان ھالدا بېشىچىلاپ تېگى يوق ھاڭغا سەكرەيدۇ،ئەلۋەتتە بۇنى ئۈزىمۇ بىلمەي قالىدۇ. بىلگەندە بولسا كىچىككەن بولىدۇ،شۇ نوختا ئېنىقكى ۋاقىت كەينىگە يانمايدۇ.  

يوقارقى ئالا جوقا بايانلىرىمنى خاتا چۈشەنسىڭىزمۇ،ياكى توغرىسنى چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ.
سىزگە دەيدىغنىم ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمايدۇ دەپ كونىلار بېشى ئىششىپ قېلىپ دىمىگەن بولىشى مومكىن،ئەمدىكى گەپ قانداق قىلىش ئاشۇ قىزنىڭ تاللىشىدا...............

جاھان

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11061
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1558 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 02:48:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر گىپىم چالا قاپتۇ،مۇنبەردە گۇناھ كىمدە دىگەن تىمىنى كۆرگەنما؟ قىزلار گۇناھنى ئوغۇللاردا،ئوغۇللار قىزلاردا قويىدۇ؟   سىز چۇ؟ گۇناھنى كىمدە قويسىز؟ئوغۇللاردىما؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

جاھان

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 621 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 02:55:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yurkimzida يوللىغان ۋاقتى  2012-11-29 02:48 PM
بىر گىپىم چالا قاپتۇ،مۇنبەردە گۇناھ كىمدە دىگەن تىمىن ...

مەن ئەزەلدىن ھەرقانداق ئىشقا بىر تەرەپلىمە قارىمايتتىم ، ئەمما بۇ ئەھۋالغا نىسبەتەن مەن ھەقىقەتەن خاتالىقنى يىگىتكە قويدۇم ، چۈنكى قىز يىگىتكە زور ئۈمۈدلەرنى باغلاپ توينىڭ تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەن ئىدى .
   يۇقارقى سۆزلىرىڭىز توغرا ، مەن توغرا دەپ قۇبۇل قىلدىم ، يەنىمۇ ياخشى كۆز قاراشلار بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . رەھمەت سىزگە !

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83443
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1158
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-8-4
ئاخىرقى: 2014-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:06:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(ئۇندىدار دىگىم يوق) ۋېيشىن دىگەن نەرسە مانا كىشىنى ئوبدان گوللايدۇ. قىز ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدا سوغۇقچىلىق سالىدۇ. مۇھەببىتىگە خىيانەت قىلىدۇ.....
مەن 24 كىردىم.. مەن جېنىمدا ئاتا ئانام تېپىپ بەرگەن قىز ياكى بولمىسا بىرەرسى تونۇشتۇرۇپ قويغىنى بىلەن توي قىلامەن دەپ ئۆزەمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۋاتىمەن........ۋېيشىن دىگەننىغۇ قەتئىي ئوينىمايمەن...
بەزىلەر جېنىدا ۋېيشىننى بۇلۇشىغا ئوينايدۇ
بىز نىمىشقا ئوينىمايمىز.
مۇھەببەتكە سادىق بولىمەن دەپ ئوينىمايمىز،
ئەگەر سادىق بولمىساق.
يۈرەكنى زىدە قىلىمىز... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولۇچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-29 03:08 PM  


ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 621 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:15:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    قاراپ باقسام بىر  نۇقتىنى ئېنىق دېمەپتىمەن . بۇلارنىڭ ئۈندىداردا تۇنۇشۇپ قېلىشى ئەتراپتىكىلەرنى ئىزدەپ ئەمەس بەلكى بىرىنىڭ يىگىتكە بۇ قىزنى تۇنۇشتۇرىشى بىلەن بولغان ئىكەن .

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !
panama بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:18:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
panama بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:18:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش