مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1737|ئىنكاس: 26

مەمتىمىن ھوشۇر ۋە ‹‹ئۆلۈككە خەت››ھېكايىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2613
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24049
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7391 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 09:45:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

داڭلىق يازغۇچى - مەمتىمىن ھوشۇر

مەمتىىن ھوشۇر - ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن يازغۇچىلاردىن بىرىدۇر. ئۇ ئاساسلىقى پروزا ساھەسىدە مۇھىم ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنڭ ئەزاسى.


  • 220px-Memtimin_hoshur.jpg

قىسقىچە ھاياتى

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1962- يىلى غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى ، 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1968- يىلدىن 1972- يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا قايتا تەربىيىدە بولغان، 1972-يىلدىن 1975 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسىدا خەلق ئىشلىرى كادىرى، 1975- يىلدىن 1979- يىلغىچە غۇلجا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدە تەشۋىقات كادىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

يازغۇچىلىق ھاياتى

مەمتىمىن ھوشۇر - 1979- يىلدىن 1995- يىلغىچە «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىس قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1995- يىلدىن 2006- يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.

ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، يازغۇچىنىڭ «ئالما» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى 1965 - يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان. 1978 - يىلىدىن ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرخىل مەتبۇئاتلاردا 120 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، ئەسلىمە ۋە ئەدەبىيات، تارىخقا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى، «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانى ئېلان قىلىندى ھەمدە ئاساسلىق ھېكايىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.

"ساۋاقداشلار"ناملىق پوۋېستلار توپلىمى ئۆزبېك تىلىغا، "ئايخان" ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى قازاق تىلىغا، "ئىت ئېتىش"، "گۆركار" ناملىق ھېكايىلىرى قىرغىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەللەردە نەشر قىلىنغان.[1]

كىتابلىرى ۋە ئەسەرلىرى:

قۇم باسقان شەھەررومانىنىڭ مۇقاۋىسى

ئۇنىڭ ھازىرغىچە نەشردىن چىققان كىتابلىرى:

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى يەنە ئۇنىڭ ھېكايە، پوۋېستلىرىدىن تاللاپ «مەمتىمىن ھوشۇر تاللانما ئەسەرلىرى <1>، <2>، <3>» دىن ئىبارەت ئۈچ كىتابنى نەشر قىلدى. يېقىندا يەنە ئۇنىڭ «قىرلىق ئىستاكان» خەنزۇ تىلىدا (ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ، «ئوت كەتكەن دەريا»(خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى ئېلان قىلىندى. بىر قىسىم ھېكايە ۋە پوۋېست توپلاملىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

2006- يىلى 6- ئايدا ئۇنىڭ «ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي بايانى» ناملىق كىتابى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى 220px-Qum_basqan_shahar.jpg


تۆۋەندە مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ مەشھۇر ھىكايىلىرىدىن بىرى بولغان ‹‹ئۆلۈككە خەت››ناملىق ھىكايىسى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.

ئۆلۈككە خەت

( مەمتىمىن ھوشۇر )

بىزنىڭ بىر قوشنىمىز بولىدىغان، ئۇ سالام-سەھىتى جايىدا، رەتلىك كىيىنىپ يۈرۈيدىغان، ناھايتى قائىدىلىك ئادەم ئىدى. پىنسىيىگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ دوختۇرخانىدا بوغالتىرلىق خىزمىتى ئىشلەيتتى. ئۆمرى بىر تەرىپى ئىگىز، بىر تەرىپى پەس، ھەربىر زىخچىسىدا ئون تالدىن ئۇرۇقچىسى بار كونا روس چوتنى سوقۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ئادەم ئىدى. يېقىندىن بېرى ئۇنىڭ غەلىتە بىر قىلىقىنى بايقاپ قالدۇق.

باشتا بۇ ئىشقا بىزمۇ دىققەت قىلماپتۇق. مەھەللىدىكى پىنسىيىگە چىققان بىر نەچچىمىز ھەر كۈنى دىگۈدەك كىچىك بەندىڭلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كۆۋرۈك بېشىغا يىغىلىپ قارتا ئوينايتۇق. كۆۋرۈك پارچە-پۇرات نەرسە-كېرەكلەرنى ساتىدىغان بىر نەچچە دۇكانمۇ بار ئىدى. بىز قارتا ئوينىغاچ ئۆتكەن – كەچكەنلەر بىلەن سالاملىشىپ، كۆرگەن-بىلگەن يېڭىلىقلىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە يەتكۈزۈشەتتۇق. ياز كۈنلىرى كۆۋرۈك ئاستىدىن گۈرۈلدەپ ئۆتۈپ تۇرغان سۈزۈك سۇ سالقىن شامال پەيدا قىلىپ، كىشىنى ھوزۇرلاندۇراتتى. سۇ بويىدىكى يوغان بىر تۈپ قارىياغاچ كۆۋرۈك بېشىغا سايە تاشلاپ تۇراتتى. بىز ئۇچۇن بۇ يەر ھەر قانداق پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ باغچىسىدىن راھەتلىكرەك ئىدى. . .

ھېلىقى قوشنا بىزنىڭ كۆۋرۈك بېشىدىكى ئويۇنلىرىمىزغا ئارلاشمايىتتى. بەزىدە ئۇ ئۆيىدىن چىقىپ، قوللىرىنى ئىشقىلاپ «ئۇنىڭغا خەت يېزىۋەتتىم »دەپ قويۇپ يىنىمىزدىن كۈلۈپ ئۆتۈپ كېتەتتى. مۇنداق چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدە موھىم بىر ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنداپ بولغان ئادەملەردە بولىدىغان خۇرسەنلىك ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.

بىر كۈنى بىز پىنسىيىچىلەر كۆۋرۈك بىشىدا قارتا ئويناپ ئولتۇرۇپ، ئەزىمجاننىڭ پارىڭىغا چۈشۈپ قالدۇق.

-ھوي، بۇ ئادەم دائىم ئۆيىدىن چىقىپلا «ئۇنىڭغا خەت يېزىۋەتتىم» دەيدۇ، زادى كنمگە خەت يازىدۇ ؟-دەپ قالدى بىرەيلەن. بىزمۇ:

-راسىت، ئۇ كىمگە خەت يازىدۇ؟ ئۆيلۈك –ئوچاقلىق بولۇپ كەتكەن بالىلىرى مۇشۇ شەھەردە تۇرىدۇ. باشقا ئۇرۇق –تۇققانلىرىنىڭمۇ تايىنى يوق بولىدىغان. . . . قىزىق ئىش –ھە!- دېيىشتۇق.

شۇنداق دېيىشىپ تۇراتتۇق، ئەزىمجان يەنە ئۆيىدىن كەلدى ۋە بىزگە يېقىنلاشقاندا:

-ئۇنىڭغا يەنە بىرپارچە خەت يېزىۋەتتىم، -دەپ كۈلۈمسىردى.

-كىمگە ؟!- دېيىشتۇق بىر نەچچىمىز تەڭلا.

-خوتۇنۇمغا. . . . . مېنىڭ خەت يېزىشىدىغان باشقا كىمىم بار، دەيسىلەر، -دېدى ئۇ خاتىرجەم ھالدا.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى. مەنمۇ چۈشۈۋاتقان قارتامدىن ئېزىپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئايالى ئۆلۈپ، يىل نەزىرسىنىڭ پولۇسىنى يەپ بولغىنىمىزغىمۇ خېلى ئايلار بولۇپ قالغانىدى. مانا مۇشۇ ئولتۇرغانلار جامائەت بىلەن بىللە رەھمەتلىكنىڭ نامزىنى چۈشۈرۈپ، تاۋۇتىغا ئەگىشىپ چىقىپ يەرلىكىدە قويغانىدۇق. بۇ چاغقىچە ئۇنىڭ قەبرىسىنى قېلىن شىۋاق ئوتلار بېسىپ كەتكىنى ئېنىق ئىدى.

ئەزىمجان يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ گېپىمىزمۇ قولاشماي قالدى. ئاغزىمىزدا دېمىسەكمۇ، كۆڭلىمىزدە قوشنىمىزنى «بىچارە، ئالجىپتۇ –دە!»دەۋاتقىنىمىز كۆزىمىزدىن چىقىپ تۇراتتى. قېرىغانداشۇنداق كۈنلەرگە قېلىشتىن خۇدا ئۆزى ساقلىسۇن !. . . ئويۇنىمىزمۇ ئويۇن بولماي قالدى، قارتىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرىدۇق.

※     ※            ※          ※

بۇ گەپ شۇ كۈنىلا ئۆيدىكى خوتۇنلارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. خوتۇن خەق دېگەن تۇرمۇشنى يەنە باشقىچە مۇلاھىزە قىلىدىغان جامائەت-دە.

ۋاي بىچارە، يالغۇزلۇقتا غېرىبسىنىپ، تازا زىرىكىپتۇ-دە ! دېدى ئايالىم.

— زېرىكىپتۇ ؟!. . . بىز ئاينىپ قالغان ئوخشايدۇ، دېيىشتۇققۇ.

— ئوھۇش. . . تۈپتۈزۈكلا ئادەم ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق نېمىدەپ ئاينىپ قالاتتى، زىرىككەن گەپ !

— نېمىدىن زىرىكىدۇ ؟

– نېمىدىن زىرىكەتتى، ئۇ ئادەم سىلەرگە ئوخشاش دوقمۇشقا چىقىپ قۇرۇق گەپ سېتىپ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشنى بىلمىسە، ئوڭچە قۇرودا، تۆت تامنىڭ ئىچىدە يالغۇز يېتىپ قۇپۇپ زېرىكمەمدۇ ؟. . . قۇلۇم قوشنا بولغاندىن كېيىن مۇڭدىشىپ ياتقۇدەك بىرەر لايىقنى تېپىپ، ئۆيلەپ قويساڭلار بولمامدۇ. . .

ئەتىسى كۆۋرۇك بېشىغا يىغىلغاندا ئاغىنىلەرگە ئايالىمنىڭ ئەقلىنى يەتكۈزدۈم. قىزىق يىرى، خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك ھەممەيلەننىڭ ئۆيدىكىللىرى شۇ گەپنى قىپلىپتۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا، بىز ئەر خەقلەر بەزى ئىشلارغا قارىغاندا ھەقىقەتەنمۇ كالتە پەم ئوخشايمىز. . . شۇنىڭ بىلەن قارتا ئويناشنىمۇ ئۇنتۇپ، قىزىق مەسلىھەتكە چۈشۈپ كەتتۇق. شۇ ئەتراپتىكى ئۆزىمىز بىلىدىغان تۇل خۇتۇنلارنىڭ ئىسمىنى بىر –بىرلەپ ئاتاپ چىقتۇق.

– بىزنىڭ ئۆينىڭ يېنىدىكى مۇئەللىم بالا قانداق ؟ –دىدى بىرەيلەن، — بالىسىمۇ يوق. چالا –پۇچۇق بىر ئەرگە تېگىپ چىقىپ كەتكىنىنى دېمىسە قىز دېسىمۇبولىدۇ.

– بولمايدۇ، ئۇ بەك ياش ! – دەپ قەتئىي رەت قىلدۇق باشقىلار.

– ئاۋۇ تۇرداخۇن ناۋاينىڭ  قوروسىدىكى سەتەڭچۇ ؟–دېدى يەنە بىرەيلەن، — كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدۇ –دە، كاساپەتنىڭ . . .

– قويۇڭلار،– دېدى يەنە بىرەيلەن، -ئۇ كوچىدىن كىرمەيدىغان ئابدال خوتۇن. تونۇشتۇرىدىغان بولغاندىن كېيىن ئوبدانراق بىرىنى تاپايلى.

– ماۋۇ داۋالاش پونكىتىدىكى ھېلىقى ئوكۇل ئۇرىدىغان چوكانچۇ؟. . . . ئېرى ئۆلۈپ كەتكىنىگىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالدى.

– ئۇغۇ بولىدىغان پاكىز ئايال. بىراق، بالىلىرى جىق-دە، قوشنىمىزغا باش ئاغىرىقى تېپىپ بېرەرمىزمىكىن.

– ھە، راسىت، مانا مۇنۇ دوقمۇشتىكى ماشىنىچى خېنىمنىڭ گېپىنى قىلمايسىلەرغۇ ؟. . . پاھ سېمىزلىكى، ئۇنىڭ يېنىدا جاڭ – جاڭ سوغۇقتا يوتقان يېپىنماي ياتساڭمۇ تەرلەپ چىقىسەن. . . . .

– يېشىمۇ قىرىقتىن ئېشىپ قالغان، تازا باب خوتۇن. بىراق، ھالى چوڭ. . .

ئۇ بىر نېمە دېدى، بۇ بىر نىمە دېدى. ئاخىردا بىرەيلەن :

– ئاغىنىلەر، ئاۋۋال ئەزىمجاننىڭ ئۆزى بىلەن بىر پاراڭلىشىپ، ئۆيلىنىش خىيالىنىڭ  بار –يوقلۇقىنى بىلىپ باقايلى جۇمۇ. بولمىسا، سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپ قاپتۇ دېگەندەك ئىش بولمىسۇن ! –دېدى.

بۇ گەپنى ھەممىمىز توغرا تاپتۇق . مۇنداق ئىشلارنى گۈلگە كەلتۈرۋېتىدىغان گېپى يۇمشاق، شېرىپجان دەيدىغان بىر دوختور بار ئىدى. ئۇمۇ ئىلگىرى ھېلىقى قوشنىمىز بىلەن بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەيتتى. پېنسىيىگە چىققاندىن كىيىن ، كۆۋرۈك يېنىغا بىر دۇكان ئېچىپ، سەكسەنخالتا قىلىپ، كەسپىنى تېۋىپقا ئۆزگەرتىۋالدى. بۇ ئەتراپتىغۇ ئۇنىڭغا كېسەل كۆرسىتىدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق ئىدى. ئۇنىڭ خېرىدارلىرى كۆپرەك يىراق سەھرا، قىرلاردىن كېلەتتى. دورىلىرىنىڭ ھەيۋىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن  ئۇ دۇكىنىنىڭ تاملىرىغا قۇرۇتۇلغان پاقا، كەسلەنچۈك، ئېيىق تاپىنى، يىلان قاسراقلىرى دېگەندەك نېمىلەرنى ئېسىۋىتەتتى. خېرىدار يوق چاغلارغا  ئۇ بىزنىڭ قېشىمىزغا چىقىپ، ئويۇنىمىزغا ئارلىشىپ قالاتتى. دوختۇرنىڭ ئۆيىمۇ ئەزىمجان بىلەن تام قوشنا ئىدى.

ئۇ :

- بولدى، بۈگۈن كەچتىلا مەن ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پاراڭلىشىپ باقاي، – دېدى.

ئەتىسى ھەممىمىز كۆۋرۈك بېشىغا يىغىلغاندا دوختۇردىن :

- قانداق بولدى ؟ – دەپ سورىدۇق.

- راسىتتىنلا ساراڭ بوپتۇ ! -دېدى ئۇ.

ئۇقساق، دوختۇر كەچكە يېقىن ئەزىمجاننىڭ قېشىغا كىرىپتۇ. گەپنىڭ ئۇچىنى چىقىرا-چىقارمايلا ئەزىمجان ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ :

- سەن مېنى نىمە كۆرىۋاتىسەن ؟. . . . خوتۇننىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالىدىغان بۇ ئىش ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىغىمۇ سىغامدۇ ؟ ھەر قايسىڭ قوشنا تۇرۇپ، مېنى مۇشۇنداق يامان ئىشقا سالا قىلىشساڭ بولامدۇ ؟. . . شۇڭىلاشقىمۇ  سەن خەققە  ئارلاشمايىتتىم، چىقە ئۆيۈمدىن !- دەپ دوختۇرنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ.

- توۋا ! -دېيىشىپ ياقىمىزنى تۇتۇشتۇق، -«خوتۇنى  ئۆلگەنگە ئىككى يىل بولاي دېگەن ئادەم، ئەمدى ئۆيلەنسە قانداقمۇ خوتۇننىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالغان بولىدۇ !؟ ». . .

- ھوي، ئاغىنىلەر ، ھەيران بولماڭلار، -دېدى دوختۇر، – بۇمۇ بىر خىل روھىي كېسەل. مەن شۇنداق قارىسام، بىزغۇ ئەزىمجان بىچارىنىڭ خوتۇنىنى جامائەت بىلەن نامىزىنى چۈشۈرۈپ كۆمۈپ قويۇپ كەلدۇق، دەيمىز . ئەمما، ئۇ خۇتۇننىڭ روھى ھازىرغىچە ئەزىمجان بىلەن بىللە ياشاۋاتقاندەك قىلىدۇ . . . ئۈلۈشكۈن ئۇ قوشنامنىڭ ئۆيىگە كىرسەم، تامغا رەھمەتلىك مەريەمنىڭ يوغان بىر سۈرىتىنى ئېسىپ قۇيۇپتۇ، ئۆزى گىلەم ئۈستىدە ياستۇقنى قىرلاپ قۇيۇپ ئايالىغا قاراپ ياتىدۇ، مۇنداق ئادەم ئۈلۈپ كەتكەن كىشىنىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزى بىلەن بىللە تۇرغاندەك ھىس قىلىۋېرىدۇ، خۇتۇنى بىلەن ھەر كۈنى غايىبانە سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا خەت يېزىپ ئۆزىگە تەسەللىي تاپىدۇ، ئۇ سىز بىلەن بىز ئويلىغاندەك ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس، ئۇنى ئارامىدا ياشىغىلى قۇيايلى.

شۇنىڭدىن باشلاپ ھېلىقى قوشنىمىز بىلەن كارىمىز بولمايدىغان بولدى، بەزىدە قارتا ئويناۋاتقان ۋاقتىمىزدا «ئۇنىڭغا خەت يېزىۋېتىپ كەلدىم» دەپ قالسا، «ھە، ئۇبدان بۇپتۇ ! » دەپلا قۇيىدىغان بولدۇق.

ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتمەي ئۇ قوشنىمىزمۇ ئالەمدىن ئۆتتى، يەرلىكىنى ئايالىنىڭ قەبرىسى يېنىدىن كولاپ دەپنە قىلدۇق.

※  ※  ※  ※  ※  ※  ※  ※

دۇنيادا ئۆلمەيدىغان كىم بار؟ ئۆلۈممۇ بۇ ئالەمنىڭ بىر قىزىقى ئوخشايدۇ. ھېلىقى قوشنىمىز شۇ ئۆلۈپ كەتكەنچە ئۆلۈپ كەتكەن بولدى، لېكىن، بىزنىڭ قارتا سورۇنىمىزدا ئۇزاققىچە ئۇنىڭ غەلىتە قېلىقلىرى توغرىسىدا پاراڭ بولۇپ تۇردى.

بىرى:

– ھېلىقى رەھمەتلىك ئەزىمجاننى خۇتۇنىنىڭ يېنىغا كۆمگىنىمىز ياخشى بولدى. باشقا يەرگە كۆمگەن بولساق گۆرىدىمۇ خاتىرجەم ياتالمايتتى،- دېسە، يەنە بىرەيلەن:

– بۇ چاغقىچە ئۇ ئاغىمىز ئىچ گۆرىنى تاتىلاپ تىشىپ خۇتۇنىنىڭ قېشىغا چىقىۋالدىغۇ دەيمەن،– دەيىتتى . يەنە بەزىلەر:

– توۋا! ئەزىمجان شۇچاغدا خۇتۇنىغا راستتىنلا خەت يېزىپ يۈرگەن بولغىيدىمۇ ؟

– خەت يازغان بولسا، ئادرىسىنى نېمە دەپ يازغان بولغىيدى؟

– «ئۆلۈپ كەتكەن خۇتۇنۇم مەريەمخانغا تەگسۇن» دەپلا سالغان بولسا، پوچتىكەشلەرمۇ بۇ خەتنى نەگە ئاپىرىشىنى بىلەلمەي تازا بېشى قاتقاندۇر؟

– ئايرۇپىلان زاكاز قىلغاندىمۇ ياكى … –دېيىشىپ، چاقچاق ئارىلاش مۇلاھىزە قىلىشاتتى. ھېيىت –ئايەملەردە تۇپراق بېشىغا چىقىپ قالسا، ئەزەمجاننىڭ بېشىغا بېرىپ، قۇرئان ئوقۇپ قۇيۇشنىمۇ ئۇنتۇمايتتۇق.

بىر كۈنى كۆۋرۈك بېشىغا ئاغىنىلەردىن بۇرۇنراق بېرىپ قاپتىكەنمەن، دۇختۇر دوكىنىدىن بېشىنى چىقىىپ مىنى چاقىردى. يېقنلاپ بېرىۋىدىم، ماڭا قاراپ كۈلۈپ:

قوشنىنىڭ خەتلىرىنى ئوقۇپ باققىڭىز بارمۇ دىدى ؟ — دىدى .

– نېمە خەت، قايسى قوشنىنىڭ ؟ — دىدىم مەن .

– ھېلىقى رەھمەتلىك ئەزىمجاننىڭ خەتلىرىنىچۇ؟

– نېمە دەۋاتىسىز؟ ئۇ راستتىنلا خەت يېزىپ تۇرغانمىكەن، سىزنىڭ قولىڭىزغا قانداق چۈشۈپ قالدى؟

ئەسلىدە، ئەزىمجان جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغاندا دۇختۇر ئاغىنىمىز ئۇنىڭ بېشىدا ئىكەن. رەھمەتلىك تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن بىر بولاقنى ئېلىپ، دۇختۇرغا سۇنۇپ :

– ئۆلۈپ كىتىپ قالسام، مۇشۇ نەرسىلەرنى ئۇنتۇماي مەن بىلەن بىللە يەرلىكىمگە كۆمۈۋېتىڭلار، ماڭا قىلغان قوشنىدارچىلىقىڭلار شۇ بولسۇن،– دەپتۇ.

بۇنىڭ ھېلىقى مەريەمخانغا يېزىلغان خەتلەر ئىكەنلىكىنى دوختۇر چۈشىنىپتۇ. بىز « ئەزىمجان ئايالىغا راستتىنلا خەت يېزىپ تۇرغان بولسا ئۇنى پوچتىغا سالغانمىدۇر، زادى نېمە قىلغاندۇر ؟ » دەپ ئەقلىمىزنى يەتكۈزەلمەي كېتىپتىمىز، بايا ئۇ يازغان خەتلىرىنى ئۇدۇنياغا بارغاندا خۇتۇنىغا ئوقۇپ بىرىش ئۈچۈن يىغقان ئىكەن. دۇختۇر بۇ خەتلەر توغرىسىدا ئەزىمجاننىڭ بالىلىرىغىمۇ ئۈن چىقماپتۇ. ئەزىمجان دىگەندەك ئۇنىڭ بىلەن بىللىمۇ كۆمۈۋەتمەپتۇ.

توپىغا كۆمۈۋەتكەن بىلەن چىرىپ تۈگەيدۇ شۇ ! –دىدى دۇختۇر،– مانا بۇ خەتلەرنى قوشنىمىزدىن خاتىرە بولۇپ قالسۇن، دەپ ساقلاپ قويدۇم، سىزگە بىرەي، ئوقۇپ بېقىڭ. خېلى قىزىق گەپلەر بار. ئەمما، بىر شەرت، ئۆزىڭىز بىلىسىز، بىراۋنىڭ سىرىنى باشقىلارغا يېيىپ يۈرۈش ياخشى ئىش ئەمەس. ئوقۇڭ-دە، مەزمۇنىنى ھېچكىمگە تىنماڭ!

دۇختۇر پاكىزە يىپەك رەخىتكە ئورالغان بىر بولاقنى ئېلىپ ماڭا سۇندى، بىزنىڭ ھەممىمىزدە مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلىشكە ئوتتەك قىزىقىدىغان بىر مىجەز بولىدۇ. ئالدىراپ ئۆيگە قايتىپ، ئىشىكنى مەھكەم ئەتتىم، — دە خەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدىم.

※            ※             ※

«مەريەم !

يېقىندىن بىرى پات-پات چۈش كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم. چۈشەكىسەملا، چۈشۈمدە سېنى كۆرىمەن. سېنى كۆرمەي كىمنى كۆرەتتىم، دەيسەن؟ ئويلاپ باقسام دۇنيادا سېنىڭدىن باشقا يېقىنراق ئادىمىممۇ بولمىغان ئىكەن …

بالىلارنى باقتۇق ، چوڭ قىلىپ ئۆيلۈك-ئۇچاقلىق قىلدۇق، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ، بىزگە ئېشىنىدىغانغا چولىسى تەگمەيدىغان بولۇپ قالدى، ئاخىرىدا يەنە ئىككىمىز يالغۇز قېلىۋىدۇق، سەنمۇ مېنى تاشلاپ كىتىپ قالدىڭ. سەندىن ھەرگىز رەنجىمەيمەن، بۇنىڭ ھەممىسى ياراتقان ئىگىسىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولۇۋاتقان ئىشلار. دۇنيادا نېمە ئارمىنىم قالدى دېسەڭ، ئۇ دۇنياغا سېنىڭ بىلەن بىللە كەتمىگەنلا ئارمىنىم قالدى. سەن كېتىپ تولىمۇ غېرىبسىندىم.

… يېقىندىن بىرى كۆڭلۇم يەنە كۆتۈرۈلۈپ قالدى، چۈشۈمدە بولسىمۇ سېنى كۆرۈپ تۇرىدىغان بولدۇم. ئويغانساممۇ ئۆينىڭ بىر يېرىدە يەنە سەن ماڭا قاراپ تۇرغاندەك، بازارغا مېڭىۋاتقىنىمدا، يەنە ئادىتىڭ بويىچە : «قاراڭ، بىر نېمىلەرنى ئۇنتۇپ قېلىپ يۇرمەڭ، قىلىدىغان سودىلىقىڭىزنى بىر قەغەزگە يېزىۋېلىڭ، پۇلنى مەھكەمرەك يەرگە سېلىڭ، يولنىڭ چېتى بىلەن مېڭىڭ!»دەپ جېكىلەۋەتقاندەك تويۇلىسەن- ۋاي-ۋۇي ! مەن بىر يەرگە بارماقچى بولسام، سەن خۇددى مېھرىبان ئانا كىچىك بالىسىنى يولغا سالغاندەك، شۇنداق قىلىدىغان ئىشلارنى جېكىپ ئۇزىتىپ قالاتتىڭ. ئۆمرۇڭ مېنى كۈتۈپ، مەن ئۈچۈن پايپاسلاپ ئۆتتى، مېنىڭ سالامەتلىكىمدىن ئەنسىرەپ يۈرۈپ تۇيۇقسىز يىقىلدىڭ-دە مەندىن بۇرۇن ئالەمدىن كەتتىڭ. قارىغاندا، ئەمدى مېنى يالغۇز قالدى دەپ قەبرەڭدىمۇ خاتىرجەم ياتالمايۋاتقان ئوخشايسەن. روھىڭنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندىم. ئاخشام ئىشىكلەرنىڭ يىنىك غىچىلداپ قىيا ئېچىلغانلىقىنى، سېنىڭ شىپىرلاپ يېنىمدىن ئۆتكەن ئاياغ تىۋىشىڭنى ئىنىق ئاڭلىدىم. ئويغانساممۇ، ئۇخلىساممۇ سېنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ھېس قىلىدىغان بولدۇم… »

داۋامى بار …

مەنبەسى:wikipedia.org

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-28 09:49 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uysoda + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1822
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9203
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 6575 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 10:06:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشىنىڭ كونا ھىكايىلىرىمۇ بەك بەلەن.
بىر نەرسە يازماسلام بولىۋالدى بۇ ئاداش'ساراڭ'نىڭ ئاپتورى نەگە كەتكەندۇ؟
مەن ئىشىنىمەن يېقىندا چوقۇم ئەڭ ياخشى بىر رومان چىقىدۇ.خۇددى 'كەچمىش'رومانىدەك....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 1147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14453
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1422 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 10:13:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرى ھەقىقىتەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3938
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8459
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 1102 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 10:19:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ئەسەرلىرىنى

بۇ ئۆمۈرنىڭ خوشلىقى،چىن يۈرەكن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1243
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9702
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 693 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 10:36:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ، تىما ئىگىسىنىڭ  ئەجرىگە تەشەككۈر !

ئۆلۈمگە بىغەممەن،
كىسەلگە ھۇشيار.
قايغۇدىن بىزارمەن،
شادلىققا خۇشتار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83018
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4583
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 10:38:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمتىمىن ھۇشۇر توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . ھىكايىنىڭ داۋامىنى تېزراق يوللارسىز ھە .

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2613
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24049
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7391 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 10:53:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى
1. «نەي ئاۋازى» -
(ھېكايىلار توپلصمص) شىنجاڭ خەلق نەشرياتى.  1982 -يىل                                 
2. «كونا - يېڭى ئصشلار» -  
(ھېكايىلار توپلصمص) مىللەتلەر نەشرياتى. 1987-يىل
3. «سالام، ھېسام ئاكا» -
(پوۋېستلار). شصنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرياتى. 1989-يىل
4. «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» -
(بىئوگىراپىك رومان). شصنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1989-يىل
5.  «نۇزۇگۇم» -
(پوۋېستلار). شصنجاڭ خەلق نەشرياتى.  1990-يىل
6.  «بۇ چۈش ئەمەس» -
(ھصكايىلار توپلصمص). شصنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1991-يىل
7.  «ئۆلۈككە خەت» -
(ھېكايىلار توپلصمص). قەشقەر ئۇيغۇر نەشرياتى. 1993-يىل
8.  «ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئىلى ۋارصيانتى» -
(ئىلمىي ئەسەر). شصنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1995-يىل
9.  «قۇم باسقان شەھەر» -
(رومان). شصنجاڭ ياشلار- ئۆسمۇرلەر نەشرياتى. 1996-يىل
10. «مةمتصمصن ھوشۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانما» -
(ئىككى قىسىم). شصنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1999-يىل
11. «مةمتصمصن ھوشۇر پوۋېستلىرىدىن تاللانما» -
شصنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1999-يىل
12. «ئايخان» - ( قازاقچە ) -
(پوۋېست،ھېكايىلار توپلصمص). شصنجاڭ خەلق  نەشرياتى. 2000-يىل
13. «قىرلىق ئىستاكان» - (خەنزۇچە) -
(ھصكايىلار توپلصمص). شصنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرياتى. 2001-يىل
14. «ئوت كەتكەن دەريا» -
(ھصكايىلار توپلصمص). شصنجاڭ خەلق نەشرياتى. 2002-يىل
15. «ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارصخى بايانى» -
(ئىلمىي ئەسەر). مىللەتلەرنەشرياتى.  2006-يىل
16. «ئوت كەتكەن دەريا» -(خەنزۇچە) -
(ھېكايىلار توپلصمص). مىللەتلەر نەشىرياتى. 2006-يىل
مةمتصمصن ھوشۇر ئةسةرلصرصنصڭ مۇكاپاتلىنىش  ئەھۋالى
1.  « ئۇستام» -    1981-يىلى  ئاپتۇنۇم رايۇن بويصچة  30  يىللىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكةن.
2. «ساۋاقداشلار» - 1989-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن  يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
3. «ھاراق ھەققىدە ھېكايە» ( 1989-يىللصق)، «مۇساپىرلار قاۋىقىدا» (1990-يىللصق)، «كۈزيامغۇرى» (1992-يىللصق)، «ئاتاقلىق مۇقامچى كارۇشاڭ ئاخۇنۇم» (2006 -يىللصق) دصگةن ئةسةرلصرص «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
4. «بۇ چۈش ئەمەس» (1990-يىللصق)، «ئۆلۈككە خەت» (1992-يىللصق). «بۇرۇت ماجىراسى» (2001-يىللصق) دصگةن ئةسةرلصرص «تارىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
5. «بۇرۇت ماجىراسى» - 1991-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
6. «بۇ چۈش ئەمەس» - 1993-يىلى 4- نۆۋەتلىك  مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
7.  «ئۆلۈككە خەت» -  1995-يىلى  ش  ئۇ  ئا  ر  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئەسەر باھالاشتا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
8. «چوشقىلارغا بايرام» - 1999-يىل «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» تەرىپىدىن دۆلەت قۇرۇلغالىقىنىڭ 50 يىللىقى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
9. «ئۇيغۇر 12مۇقامىنىڭ  ئىلى ۋارىيانتى» - 1997-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن ئىجتىمائى پەن ، پەلسەپە ساھەسى بويىچە 3- دەرىجىلىك تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
10. «گوركار» - 2004-يىلى  ئاپتۇنۇم رايۇن  تۇنجى نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ»  ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
11. يازغۇچص مةمتصمصن ھوشۇر يۇقارقصدةك ئصجادصيةت نةتصجصلصرص بصلةن مەرھۇم داۋۇتجان تەسىس قىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك  «گۈلزار ئةدةبصيات مۇكاپاتص» غا ئېرىشكەن.
تۆۋةندة مةمتصمصن ھوشۇرنصڭ ھصكايصلصرصدصن ھوزۇرلصنصڭ
مەنمۇ قىزاردىم                                                                    
          مەمتىمىن ھوشۇر
          ھاراق دېگەن بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ كارامىتىگە مەن قايىل . ئۆزۆڭنى چاغلىماي بىر - ئىككى رومكا ئوشۇق ئىچىپ قويدۇڭمۇ ، بىر دەمدىلا ساراڭ بولىسەن . مانا مەن ھەر قېتىم ھاراق ئىچسەم ، مەھەللىگە ئۈنۈمنى بولۇشىغا قويۇۋىتىپ ناخشا ئېيتىپ كىرىپ كېلىمەن . دەرۋازىنى تېپىپ ئېچىپ ، ھويلىدا ئايالىم « ھاي  خوشنىلار ئاڭلاپ قالسا سەت بولىدۇ » دىگەنچە بەكرەك ۋاقىراپ - جاقىراپ ، ئۆيگە كىرگىلى ئۇنىماي تىرەجەپ تۇرىۋىلىپ ، خېلى قىلىقلارنى قىلىپ باقىمەن . ئەتىسى ئەتىگەندە ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىمىزدا جىدەل باشلىنىدۇ .   
          _ ئاخشام نىمە ساراڭلىقلارنى قىلىپ كەتكىنىڭىزنى بىلەمسىز ؟_ دەپ گەپ باشلايدۇ ئايالىم ، _ زادى قاچان چوڭ بولىسىز ؟ بىر بالىغا دادا  بولدىڭىز ، نومۇس قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟ ....بىر گەپ بولسا « ئەر كىشى دېگەن ھاراق ئىچىدۇ » لا دەيسىز . مانا مېنىڭ داداممۇ ئەر كىشىغۇ ؟ ئۆمرىدە ھاراق دىگەن نەرسىنى ئاغزىغا ئالماپتىكەن ...   
        ئۇنىڭ تېپىۋالغان گېپى شۇ . ھەر قېتىم نەسىھەت قىلغىلى تۇرسا ، ماڭا ئۆزىنىڭ دادىسىنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىدۇ . قېيناتام راست دېگەندەك كەيپ-ساپادا يوق ، سالاپەتلىك ئادەم . بۇ ئادەمدىن مەنمۇ سەل ئەيمىنىمەن .لىكىن ، ئەتىگەندە باش ئاغرىپ تۇرغاندا ئايالىمنىڭ قىلغان گەپلىرى قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەك تېگەتتى . بەزىدە قولۇمنى سىلكىپ :
      _ راست دەيسەن سېنىڭ داداڭ بۇۋاق ۋاقتىدىمۇ زاكىسىغا سىيمەي - چىچماي چوڭ بوپتىكەن ، - دەيتتىمدە ، چايغىمۇ قارىماي ئىشىمغا كىتەتتىم .   
    بىر كۈنى ، ساراڭلىقىم سەل ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ  ، بىر تېپىپ ، دەرۋازىنىڭ قانىتىنى ئاجرىتىۋىتىپتىمەن .

    ئايالىم « ۋاي نىمانداق قىلىسىز !» دەپ يۈگۈرۈپ چىقىپتىكەن ، ئۇنى بىر مۇشت بىلەنلا ئوڭدىسىغا ئۇچۇرىۋىتىپتىمەن . ئوغلۇم ۋار -ۋۇر يېغلىغىنىچە كېلىپ ئاپىسىغا ئېسىلىپتۇ . ئايالىم ئورنىدىن تۇرۇپلا بالىنى كۆتۈرگىنىچە يامانلاپ كېتىپتۇ .   
      ئەتىسى ئويغانسام ، كارۋاتنىڭ ئۈستىدە كىيىم -كېچىكىم بىلەنلا يېتىپ قاپتىمەن . كىچە بولغان ئىشلارنى خىرە -شىرە ئىسىمگە ئالدىم . « خەپ ، مۇشۇ ھاراق دېگەننى ئىككىنچى ئېغىزغا ئالماسمەن » دىدىم . ئايالىمنى قايتىپ كېلەر ، دەپ بىر كۈن كۈتتۈم ، ئىككى كۈن كۈتتۈم ، يوق . ئۆتكەن قېتىملاردا بۇنداق كۆڭۈلسىزلىك بولغاندا ، ئايالىم ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ ، بىر - ئىككى كۈن تۇرۇپلا ئاچچىقىدىن يېنىپ قايتىپ كېلەتتى . بۇ قېتىم كۆڭلىگە بەك قاتتىق تەككەن ئوخشايمەن ، ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپمۇ قايتىپ كەلمىدى . يالغۇزچىلىقتا ئۆينىڭ ئايالىم بار چاغدىكى ئىللىقلىغىنى ، ئوغلۇمنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىنى ئەسلەپ ئولتۇرالماي قالدىم . ئاخىر سالپىيىپ ، قېيناتامنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم   
      دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئوغلۇم ئويناپ يۈرگەنكەن ، يۈگۈرۈپ كېلىپ بوينۇمغا ئېسىلدى . ھويلىدا قېيناتام ئالما شاخلىرىنى پۇتاۋىتىپتۇ . سالامنىڭ چوڭىنى قىلىپ ئالدىغا باردىم .   
      -ۋاي ، سەمەتجانما؟ ... ئۆيگە كىرىڭ ئوغلۇم ، ئۆيگە ،_دەپ ئۆيگە باشلىدى .   
      قېينانام ئاستىمغا كۆرپە سېلىپ ، جوزا قويۇپ ، چاي راسلىدى . ئوغلۇم قۇچىقىمغا چىقىپ ئولتۇرىۋالدى . قېيناتام بىلەن قېينانامنىڭ ئوچۇق چىرايىنى كۆرۈپ خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم .
    _ مەريەمگۈل ، قېنى سەن ؟ جوزىغا كەل قىزىم ، _ دەپ ئايالىمنى چاقىردى قېيناتام .
    باياتىن بېرى بوسۇغىدا قورۇنۇپ تۇرغان ئايالىممۇ ئاستا كېلىپ جوزىنىڭ بىر بۈرجىگىدە ئولتۇردى .« قېيناتامنىڭ ئاچچىق تاپا- تەنىلىرى باشلىنىدىغان بولدى -دە » دەپ دەككە-دۈككىدە ئولتۇردۇم . قېيناتام باشقا گەپ قىلماي ، ئۆزىنىڭ ياش چاغلىرىدىكى ئىشلىرىنى ھىكايە قىلىشقا چۈشۈپ كەتتى .
    _ ياشلىق دېگەن ئەجەپ بىر چاغلار ئىكەن ،_ دەپ گەپ باشلىدى قېيناتام ،_ مانا مەنمۇ ياش ۋاقتىمدا تازا تەلۋە ئىدىم . ئەل -ئاغىنىلەر بىلەن ئانچە - مۇنچە ئىچىپ قوياتتۇق . ئىچتۇقمۇ  ، بولدى  . نىمە تالىشاتتۇقكىن ، بىلمەيمەن ، بىر ئوبدان ئولتۇرغان ئاغىنىلەر بىر دەمدىلا ئۆرە -تۆپە بولۇشۇپ ، بىر-بىرىمىزنىڭ ياقىسىنى سىقىپ ، مۇشتلىشىپ ، قاپاقلىرىمىزنى يېرىپ ئۆيگە قايتاتتۇق . ئەتىسى ئاخشام بىز زادى نىمە تالاشتۇق ھۇي!؟ دىيىشىپ ، يەنە بىر-بىرىمىز بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كېتەتتۇق...

         قېيناتام شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا .« قانداق، ماختىغان داداڭمۇ تايىنلىقمىكەن ؟» دىگەن مەنىدە ئايالىمغا لەپپىدە قاراپ قويدۇم . ئايالىم ۋىللىدە قىزاردى . قېيناتام گېپىنىڭ ئاخىرىنى :
      _ بىر ياخشى يېرىمىز ، ھەر قانچە ئىچسەكمۇ ئۆيگە كېلىپ خوتۇننى ئۇرمايتتۇق !_دەپ تۈگەتمەسما ، مەنمۇ قىزاردىم
(مەنبە:كىتاۋى
ئاشخانىدىكى پاراڭ                                                                                 
  (مەمتىمىن ھوشۇر)
        بۈگۈنكى بۇ سوغۇقتا كىرانىڭمۇ تايىنى يوق ئىدى . ئايۇپ بوۋاي ھارۋىسىنى چەتكە توختىتىپ قويۇپ ، بىر چىنە سۇيۇقئاش ئىچىپ ئىسسىۋىلىنىش ئۈچۈن دوخمۇشتىكى ئاشخانىغا كىردى . بۇ ئاشخانىنىڭ تامىقى باشقا ئاشخانىلارنىڭكىدىن پىچاق بىسى بولسىمۇ پەرقلەنگەچكىمىكىن ،خېرىدار خېلىلا كۆپ ئىدى. ئايۇپ بوۋاي بۇلۇڭدىكى ئورۇنغا بېرىپ قىسىلىپ ئولتۇردى . كۈتكۈچى يىگىت ئۇنىڭ ئالدىغا چاي قۇيدى . چەت-چۆرىسى پۇچۇلۇپ كەتكەن چىنىگە قاراپ بوۋاينىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاندەك بولدى . ئۆيدە بولغان بولسا مومىيى ھەرگىزمۇ بۇنداق پۇچۇق چىنىدە چاي بەرمەيتتى. بوۋاي ئەتراپىغا قارىدى . «توۋا!!»دىسە بولىدۇ-دە ، بازاردىكى ئاشپەزلەر خېرىدار يوق چاغلاردا ئىچى پۇشۇپ ، چىنىلەرنى غاجاپ ئولتۇرامدىكىن ، جوزا ئۈستىدىكى چىنىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ گىرۋىگى ھەرە چىشى بولۇپ كەتكەنىدى...........   
        بۇرۇن كىرگەن خېرىدارلاردىن بىر ئىككىسى :   
      _ ئۇكاموي ، بىزنىڭ تامىقىمىزنى ئەكىلىۋەتسەڭلار بولاتتا... - دەپ ئالدىراتقىلى تۇردى .   
      _ ئالدىرىماڭلار ، ھەممىڭلارنى ھازىرلا يولغا سالىمىز ،_ دىدى قاچا - قۇچىلارنى يېغىشتۇرىۋاتقان چوكان ، - ئۆيۈڭلەردە بولسىمۇ بىر دەم كۈتىسىلەرغۇ ...   
        شۇ چاغدا ئىشىكتىن ياقىلىق پەلتۇ ، كۆكۈش ئەلتىرە قۇلاقچا كىيىپ ، چاقماق يۇڭ شارپا ئورىغان سالاپەتلىك بىر كىشى كىرىپ كەلدى . ئاشپەز ئۇستام قورۇما چۆمۈچىنى چەتكە قويۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى ،  
        _ قېنى،قېنى  ...  يۇقۇرى ئۆتسىلە ...   
        _ ۋاھ، بازار قالتىسكەن _ ھە!   
        _ دائىملا مۇنداق ئەمەس ،چۈش ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا ئازراق خېرىدار يىغىلىپ قالدى    ...    ھوي كۈتكۈچى بالا ، قېنى سەن ؟ ماۋۇ ئاكاڭنى ئورۇنلاشتۇرۇپ چاي قۇي !   
      خېرىدارلار سەل سىغدىلىشىۋىدى ، بوۋاينىڭ يېنىدىن خېلىلا كەڭرى بىر كىشىلىك ئورۇن بوشىدى . مېھمان ئولتۇرۇش بىلەنلا كۈتكۈچى يېگىت ئۇنىڭغا تېخى غاجىلانمىغان يىڭى پىيالىدە چاي ئەكەلدى . ھەش-پەش دېگۈچە مېھماننىڭ تامىقىمۇ چىقتى . دورا -دەرمىكى تەڭشىلىپ قورۇلغان گۈيرۇ قورۇمىسىنىڭ پۇرىقى بوۋاينىڭ بۇرنىغا گۈپپىدە ئۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئاچقان قورسىقىنى تېخىمۇ غولدۇرلىتىۋەتتى . بوۋاي مايلىق قورۇمىنى ئاشنىڭ ئۈستىگە تۆكۈۋاتقان مېھمانغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى -دە  : مانا ئۈستىگە ئىسسىق كېيىم ، نەگە بارسا ھۆرمەت ئۈستىگە ھۆرمەت ، خۇدامۇ بۇ ئامەتنى بەرگۈسى كەلگەنلەرگە قوشلاپ بېرىدىكەن !... دەپ ئويلاپ ، ئۇنىڭغا ھەۋىسى كەلدى .   
        مېھمان تەخسىسىنى بىر دەمدىلا قۇرۇقداپ ، بىر تال سەرەڭگە ياغىچىنى سۇندۇرۇپ ،چىشىنى ئوبدان كوچىلاپ ، يەنە بىر پىيالە چاي ئىچىۋالغاندىن كېيىن قوزغىلىپ ماڭدى . كاسسىرنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۇ قوينىغا قول سېلىۋىدى ،   
        _ ئۇنداق قىلمىسىلا ، سەت بولىدۇ  ...  مەن خاپا بولىمەن ،_ دەپ تەكەللۈپ قىلدى قورۇما قورۇۋاتقان ئاشپەز .   
      مېھمان :  
      _ ئەستا ، بۇ قانداق بولغىنى ... _ دەپ تەڭلىكتە قالغان چىرايىنى خېرىدارلارغا كۆرسىتىپ ، قولىنى يانچۇقتىن چىقىرىۋالدى -دە ، «رەھمەت»ئېيتىپ چىقىپ كەتتى .  
      _ ئىت ! شىركەت باشلىقىمىش  تېخى  ... _ دىدى ئوتتۇرىدا يۈرگەن چوكان بايىقى مېھماندىن قالغان چىنە - تەخسىلەرنى يىغىۋىتىپ .  
      _ كىمنى تىللاۋاتىسىز قىزىم ؟_ دەپ ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدى بوۋاي .   
    _ ھەر كىرگەندە خۇددى پۇل تۆلەيدىغاندەك يانچۇقىغا قولىنى ئاپىرىپ قويىدۇ تېخى  ...  
      ئۇنىڭ كىمنى تىللاۋاتقى بوۋايغا ئوچۇق بولدى .«خۇدايا ، مىڭ قات شۈكرى !_ دىدى بپۋاي ئىچىدە _ كەمبەغەل  قىلغان بولساڭمۇ ، مېنى ئىت قىلماي ، ئادەم قىلىپ يارىتىپسەن !»
(مەنبە: «مەمتىمىن ھوشۇر ھىكايىلىرىدىن تاللانما » دىگەن كىتاپتىن)
ياخشى چۈش كۆرۈڭ
مەمتىمىن ھوشۇر
مەھەللىمىزنىڭ چېتىدە خېلىلا چوڭ بىر ئاممىۋى باغچا بار . پېنسىيىگە چىققانلار ئاخشىمى- ئەتىسى شۇ يەرگە يىغىلىپ قالىمىز . نېمە ئىش بار دەيسىلەر ؟ بەزىلىرىمىز شاھمات ئوينايمىز ، بەزىلىرىمىز كورت؛ بەزىلىرىمىز بايىلا يەپ چىققان تاماقنى سىڭدۈرۈ ش ئۈچۈن ئۇششاق چامداپ ئۇياق - بۇياققا ماڭىمىز ، ئوڭدا يېتىپ دۈم قوپۇپ ، ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلارمۇ بار ؛ يەنە بەزىلىرىمىز ئولتۇرىۋىلىپ ، ھازىر بازاردا نېمە ئەرزان ، نېمە قىممەت ، قايسى ئاغرىققا قانداق دورا پايدا قىلىدۇ ، ئاخشام تېلىۋوزوردا قانداق يېڭى نۇمۇرلارنى قويدى ، كىمنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتتى ، كىم ياش خوتۇن ئېلىۋالدى ؛ پېنسىيىگە چىقىپ دۇكان ئېچىپ كىم پايدا ئالدى ، كىم زىيان تارتتى ...دېگەندەك پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتىمىز .
كەچكى تاماقتىن كېيىن ، ئازراق سالقىنداي دەپ باغچىغا چىقىۋىدىم ، كۆل بويىدا قولىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ، ئېڭىشىپ كېتىپ بارغان ئۇبۇل ئەپەندىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . ئۇ ، ياش ۋاقتلىرىدا باشلانغۇچ ، ئورتا مەكتەپلەرگە مۇئەللىم بولغان ، كېيىنكى ئۆمرى نەشرىياتتا ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈش بىلەن ئۆتكەن كونا زىيالى ئىدى . مېنى كۆرسە دائىم :
- خوش ، شائىر ئەپەندىم ، دېھقان ئۇنداق ئۇلۇغ ، مۇنداق ئۇلۇغ ، دەپ شېئىر يازىسىلەر ، ھەربىرىڭلىنى دېھقان بول ، دەپ شۇ يېزىغا ئاپىرىپ قويسا زادى قانچە كۈن تۇرارسىلەر ؟... توۋا ، مۇشۇ كۈنلەردە ئانىسىنى ئۆمۈر بويى قاقشاتقان ئاغىنىلەر ۋاي ئانام دەپ شېئىر يېزىپ ھالى قالمايدىغان بولى - ھە؟ ... دېگەندەك گەپلەر بىلەن چېقىشىپ قوياتتى .ئۇبۇل ئەپەندىنى كۆرمىگىنىمگە ئۇزۇن بولغانىكەن . شۇ تاپتا بۇ ئۇرۇق ئادەم يەلكىسىنى بىر پاتمان غەم بېسىۋالغاندەك مۈكچىيىپ كېتىپ باراتتى .
- ھاي ئۇبۇل ئەپەندىم ، ئۇبۇل ئەپەندى ! - دەپ چاقىردىم .
ئۇبۇل ئەپەندى بېشىنى كۆتۈرۈپ مەن تەرەپكە قارىدى دە- مېنى كۆرۈپ خوشال بولۇپ قولىنى پۇلاڭلاتتى . ئوتتۇرىمىزنى ياپيېشىل سۇ ئوتلىرى بېسىپ كەتكەن كۆل ئايرىپ تۇراتتى . ئىككىمىز ئالدىراش بىر - بىرىمىزگە قاراپ مېڭىپ ، كۆلنىڭ بىر بۇرجىگىدە ئۇچراشتۇق . قىزغىن سالاملىشىپ ، شۇ ئەتراپتا تۇرغان بىر يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق .
- خوش ، شائىر ئەپەندىم ، ئىلھام ئىزدەپ چىقتىڭىزمۇ نېمە ؟- دېدى ئۇبۇل ئەپەندىم چاقچىقىنى باشلاپ ، - سىلەرنىڭ ئىشىڭلار نېمدىگەن ئوڭاي ، مانا مۇشۇ لەش باسقان كۆلنى كۆرۈپ دېڭىزنى كۆردۈم ، دەپ شېئىر يېزىۋىرىسىلەر ، بۇ باغقا تولا چىقىدىغان بولىۋالدىڭىز ، ئاز كۈندىن كېيىن " جەننەتنى كۆردۈم " دەپ شېئىر يازىسىزغۇ دەيمەن ؟
- ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟ - دېدىممەن كۈلۈپ .
-قەدىر ئەھۋال .
-قارىسام ، غەم باسقاندەك بولۇپ مۈكچىيىپلا قاپسىز .   
- ھە ، خىيال ...   
- نېمە خىيال ئۇ ئۇبۇل ئەپەندىم ؟   
- قارىمامسىز ، خەق دېگەن پۇلنى شاراقشىتىپ غازاڭدەك خەجلەيدىغان بولۇپ كەتتى . بىز بولساق قېرىدۇق ، قولىمىزدىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ ، شۇ ئازغىنە پىنسىيە پۇلىنى ئايدىن - ئايغا قانداق ئۇلاشتۇرارمەن ، دېگەن خىيال !  
- يېقىندىن بېرى قىزىق گەپلەرنى ئاڭلايمەنغۇ ؟  
- نېمە توغرىسىدا ؟ - دەپ ماڭا ئەجەپلىنىپ قارىدى ئۇبۇل ئەپەندى .
- ئاڭلىسام ، سىز كوچىدا قىپيالىڭاچلا يۈگۈرۈپ يۈرگىدەكسىز ؟
- كىمدىن ئاڭلىدىڭىز ؟   
- ئاڭلىدىم ، بىر ئەمەس ، بىر - ئىككەيلەندىن .  
- قىپقىزىل يالغان !  
- توۋا ، ئۇلار قاراپ تۇرۇپ ئۈستىڭىزدىن مۇشۇنداق يالغاننى توقۇغانمىدۇ ؟!
- سىز شۇ گەپكە ئىشەندىڭىزما ؟ ... ھەرقانچە بولسىمۇ مەن مۇشۇ سالاپىتىم بىلەن كوچىدا قىپيالىڭاچ يۈگۈرۈپ يۈرەرمەنمۇ ؟!
ئوبۇل ئەپەندىم ئورۇق گەۋدىسىنى رۇسلاپ ، سوئال نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى .
- ئەمدى ، ئادەم دېگەن قېرىغاندا ھەر قىسما بولۇپ قالىدۇچۇ ، - دېدىممەن ، - پېنسىيىگە چىققاندىن بېرى ئۆيدىن چىقماي تېلېۋوزۇرلا كۆرىدىغان بولىۋالدىڭىز ، تېلىۋوزوردىكى يالىڭاچ خوتۇنلارنى تولا كۆرۈۋىرىپ : مەنمۇ بىر شۇنداق چىقىپ باقمايمەنمۇ ، دەپ قالدىڭىزمۇ دەيمىنا ؟   
- توۋا دەڭا .  
- ئەمىسە بۇ گەپ نەدىن چىقتى ؟  
- سىزگە راست گەپنى قىلسام ، چۈشۈمدە شۇنداق يالىڭاچ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ چۈش كۆرۈپتىمەن . قىزىقچىلىق قىلىپ بىر - ئىككەيلەنگە سۆزلەپ بەرگەندەك قىلىۋىدىم .  
- تازىمۇ غەلىتە ئىش بوپتۇ -ھە !...قىپيالىڭاچلا يۈگۈرۈپ يۈرگىدەكسىزما ؟  
- يەنە كېلىپ نەدە دېمەمسىز ؟ كۈپكۈندۈزدە ، نەق قايناق بازارنىڭ ئىچىدە .
- ھېچ بولمىغاندا ئۈستىڭىزدە ئاسما مايكا بىلەن كالتە ئىشتانغۇ باردۇ ؟
-ھېچنىمە يوق ، ئانىدىن تۇغما پېتىم .   
- يائاللا ، مۇشۇ ئورۇق بەستىڭىز بىلەن ھە !؟
...بازاردىكى ئادەملەرنىڭ كۆزىگە بىر قۇرۇق ئىسكىلىت مېڭىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ ، چۇرقىرىشىپ تەرەپ - تەرەپكە قاچقاندۇ ؟
- قىزىق يىرى شۇ ، ھېچكىم ماڭا قاراپ ھەيرانمۇ بولمىدى ، تەرەپ - تەرەپكىمۇ قاچمىدى ، كۆپىنچە ئادەملەر مېنى كۆرۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ كىيىم - كچەك ، دەپ بىرمۇنچە نېمىلەرنى ئۈستىگە ئوشۇقچە يۈك قىلىپ ئارتىۋالغانلىقىغا خىجالەت بولۇشتىمۇ - قانداق ، ھەممىسلا قىزىرىپ يەرگە قاراشتى . تېخى بىر كوچا ساقچىسى يېنىمدىن چاس بېرىپ ئۆتۈپ كەتتى . بىر كىرا پىكاپى يانداپ كېلىپ : خىزمىتىڭىزدە بولايمۇ ؟ - دېۋىدى ، " كېرەك ئەمەس!" دەپ قولۇمنى سىلكىدىم .
- " ماقۇل " دەپ ، يالىڭاچ پېتى پىكاپقا كىرىپ ئولتۇرغان بولسىڭىز تېخىمۇ قىزىق بولاتتىغۇ ، دەيمەن ؟  
- پىكاپقا ئولتۇرۇپ نېمە قىلاتتىم ؟ ... پىكاپقا ئولتۇرغاندىن كېيىن كىرا ھەققىنى تۆلىمىسىڭىز بولمايدۇ . يالىڭاچ ئادەمدە نەدە پۇل ، پۇل سالىدىغانغا يانچۇق ؟ ... ئاشۇنداق پىيادە ، بەھۇزۇر مېڭىپ كېتىۋىرىپتىمەن . كۆرگەنلەر : چىرايىڭىز ناھايىتى جىددىي ، قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ ، بەك سالماق مېڭىپسىز ...- دېيىشتى .  
-نېمە دەيدىغانسىز ؟ - دەپ ھەيران بولدۇممەن ، - چۈشىڭىزدە يالىڭاچ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرگەنلەرمۇ بارمىكەن ؟  
- نېمە بولىۋاتىسىز ؟ - دەپ مەندىن بەتتەررەك ھەيران بولدى ئوبۇل ئەپەندىم ، - مەن دېگەن بازاردا كېتىۋاتقان تۇرسام ، ھەممە ئادەم كۆرمەيتىمۇ ؟
- ھە بوپتۇ ، سۆزلەۋېرىڭ!  
شۇنداق قىلىپ ، يالىڭاچ كېتىۋىرىپتىمەن . شەھىرىمىزنىڭ چېتىدىكى ھېلىقى چوڭ مەيداننى بىلىسىزغۇ؟   
- قايسى مەيداننى دەيسىز ؟... يۈك ماشىنا ، پىكاپلارنىڭ سودىسى بولىدىغان مەيداننى دەمسىز ؟  
-ۋاي خۇدايىمەي ، سىز نېمانداق ھە دېسە ماشىنىنىڭلا گېپىنى قىلىسىز ، پىكاپ ساتىدىغان يەردە مەن نېمە قىلاي ! ھېلىقى شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى تازا قىزىق بازار بولىدىغان مەيدانچۇ ؟ توپتوغرا شۇ يەرگە بېرىپلا توختاپتىمەن . نەدىن كەلگەن قەھرىمانلىقكىن بىلمىدىم ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئېگىز يەرگە چىقىپ ،: " خالايىق ! " دەپ نۇتۇقنى باشلاپتىمەن .
- يالىڭاچ پېتىڭىز ؟   
- يالىڭاچ پېتىم .
ھەممە خەق كۈلۈپ دومىلاپ كېتىشكەندۇ ؟
- كۈلسىمۇ ئىچىدە كۈلدىمۇ ، بىلمىدىم . قارىسام ، ھەممەيلەن نېمە دەركىن ، دەپ ئاغزىمغا قاراپ تۇرۇپتۇ . " خالايىق ، ھازىر جاھان ئىلگىرلەپ نەگە كەتتى ؟ ۋاقتنىڭ قەدىمى قايسى ئەسىرگە يەتتى ؟ بىز قاچانغىچە ئىپتىدائىي ئادەملەردەك زىبۇ - زىننەت دەپ رەڭلىق تاش - مېتاللارنى ئېسىۋىلىپ ، يۈز - كۆزلىرىمىزگە ھەرخىل بوياقلارنى سۈركەپ ، ئەخمەقلەرچە كۆرەڭلەپ يۈرىمىز ؟ لاتا - پىتىلەرگە يۆگىلىۋىلىپ ، ئەيىبلىرىمىزنى بىر - بىرىمىزدىن يوشۇرۇشقا نەھاجەت !؟ ... ئىنسان بۇ دۇنياغا يالىڭاچ تۆرەلگەن ، يەنە ياپيالىڭاچ كېتىدىغۇ . ماڭا قاراڭلار ، مانا مەن ئەلگە قىرىق يىل ئىشلەپتىمەن ، كۆپچىلىكتىن يوشۇرغىدەك ھېچنىمەم يوق . تېرىلىرىمنىڭ ئاستىدىكى قوۋۇرغىلىرىممۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ . تۇغۇلۇپ قانداق يۆگەككە يۆگەلگىنىمىزدىن باشلاپلا پىشانىمىزگە باي - كەمبەغەللىك ، تەلەيلىك - تەلەيسىزلىكنىڭ تامغىسى بېسىلىشقا باشلاپتۇ . ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يۆگىكى ئەمەس ، يۆگەك ئىچىدىكى ۋۇجۇدى بەلگىلەيدىغۇ ؟!... كىمىكى كۆپنىڭ ئالدىدا قورقۇنچى بولمىسا يالىڭاچ بولالايدۇ . قېنى ، كيىم - كېچىكىمىزنى سېلىپ تاشلاپ ، ئوچۇق - ئاشكارا بولايلى !....دەپتىمەن . يەنە نېمىلەنرى دېگىنىم ئېسىمدە يوق . ئەيتاۋۇر بىرمۇنچە ۋالاقلىغان ئوخشايمەن . شۇنىڭ بىلەن ، قانداق بولدى دېمەمسىز ؟ پۈتكۈل بازار ئۆپۈر - تۆپۈر بولۇپ ، ھەممە بەس - بەستە كىيىم -كېچەكلىرىنى سېلىپ تاشلىغىلى تۇردى .
- پەرۋەردىگار ، نېمە دەيدىغانسىز ؟ ئۇ يەردە ئاياللارمۇ بولغىيتتى ؟
- ھازىرقى كۈندە بازاردىكى ئادەمنىڭ تەڭدىن تولىسى ئايال دەڭا !
- ئاياللارمۇ كىيم - كېچەكلىرىنى سېلىپ تاشلىدىما ؟
-سالدى ! ... سىزنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ گۈزەللىكى توغرىسىدا چۈشەنچىڭىز قانچىلىككىن ، بىلمىدىم . ئايھاي ، خۇدا ياراتقان ئىنساننىڭ مۇكەممەللىكىنى كۆرەي دېسىڭىز ، ئۇنى يالىڭاچ ھالەتتە تاماشا قىلىڭ ! ئاياللارنىڭ نۇرلىنىپ تۇرغان قامىتى ، ئىشلەمچىلەرنىڭ بۆرتۈپ چىققان بۇلجۇڭ گۆشلىرى ، كاسىپلارنىڭ چىڭقالغان كۆپكۆك تومۇرلىرى ، دېھقانلارنىڭ كۈن نۇرىدا تاۋلىنىپ تۇرغان مىسرەڭ تېرىلىرى ... بۇلارنىڭ ھەربىرى ئىنسان پورتېرىتىنى سىزىدىغان رەسسام ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ماتېرىيال بولۇپ ئاشىدۇ. بايا ئۇلارنى كۆرۈمسىز قىلىپ تۇرغان ئۈستىدىكى كونا - يىرتىق لاتا - پىتىلەر ئىكەن ... ھەممەيلەن كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلىۋىدى ، تېخىچە خۇدۇكسىنىپ كىيمىنى سالالماي مەھكەم ئورۇنىۋالغانلار باشقىلارنىڭ كۆزىگە باشقىچە كۆرۈنۈشكە باشلىدى . يەنە كېلىپ ئۇلار كىملەر دېمەمسىز ؟ تازا پوزۇر كېيىنىپ ، يۈز - كۆزىنى ئالا - يېشىل بويىۋالغان خېنىملار ، شەھەرنىڭ ھارامدىن بېيىغان بايلىرى ، جانى جىڭ دەپ ساتىدىغان كاززاپلار ، زادى قانداق پۇل تېپىپ ھوزۇر - ھالاۋەت سۈرۈۋاتقنىنىنى بىلىپ بولمايدىغان سىرلىق مەخلۇقلار ، " خوش غوجاملار ، قېنى ھەرقايسىلىرىمۇ ماۋۇ ئۈستىلىرىدىكى جەندازلىرىنى سېلىشىپ باقماملا ، زادى قانداق ئادەملىكلىرىنى بىر كۆرۈپ باقايلى ! " دەپ بەزىلەر ئۇلارغا ھۈرپەيدى . ئۇلارنىڭ كېيىملىرىنى تەرەپ - تەرەپتىن تارتقۇشلاپ سالدۇرۇشقا باشلىۋىدى ، ئەپت- بەشىرسى ئاشكارىلا بولدى . كېلەڭسىز يوغىرىغان قوساقلار ، كۈن نۇرىنى كۆرمەي لەشتەك ساڭگىلاپ كەتكەن تېرىلەر ، ئەيش - ئىشرەت ، قىمار سورۇنلىرىدا خۇنىنى يوقىتىپ كۆكەيگەن بەدەنلەر ، قان - يىرىڭ ئېقىپ تۇرغان نۇمۇسلۇق جايلار ..ۋاي قويۇڭ ، بولارنىڭ بەزىلىرىگە ئالمان - تالمان كىيىملىرىنى باشقىدىن كىيگۈزۈپ قويمايمۇ بولمىدى . مانا ، بەزىلەرنىڭ ئۈستىدىكى چۈمبەردىسىنى قايرىۋەتسىڭىز كارامىتى شۇنچىلىكلا ئىكەن ...نېمە ساراڭلىقىم تۇتتى ، ھېلىقى يالىڭاچ ئاغىنىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ مەيداننىڭ بىر تەرىپىدە تۇرغان ئېگىز بىناغا قاراپلا مېڭىپتىمەن . ئىشىكنىڭ ئالدىدا پىكاپقا چۈشۈپ قاچماقچى بولغا بىرسىنى تۇتىۋالدۇق . بۇكىم دېمەمسىز ؟ ھېلىقى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىناسىنى سېلىشقا مەسئۇل بولغان پالانچى . ئىككى يىلدا پۈتىدۇ دېگەن بىنا تۆت يىلدىمۇ پۈتمەي ، ئاخىرىدا نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكىنىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . ھۆكۈمەتنىڭ بىناسى پۈتمىگىنى بىلەن بىر قانچە ئەمەلدارنىڭ شەخسى داچىسى ئاللىبۇرۇن پۈتۈپ بولدى . ھە -ھۇ بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ھەيران قالدۇق .ئىككى قولى نەق جەينىكىدىن ئەگرى ئىكەن . پۈتكۈل شەھەرنى يالماپ يۈتۈۋىلىپ ، ھېچكىمگە قۇيرۇق تۇتقۇزماي يۈرۈدىغان يەنە بىرى نەق پەلەمپەينىڭ ئۈستىدىلا ئۇچراپ قالدى . " ئاللا - توۋا " دېگىنىگە قويماي ئۇنىمۇ يالىڭاچلىۋىدۇق ، قورسىقى تۆت ، ئاشقازىنى سەككىز بولۇپ چىقتى . ئىش بىلەنكىرگەن ھەربىر ئادەمدىن مىڭلاپ سوم پارا يېمەي قويمايدىغان يەنە بىرىنى زالنىڭ ئىچىدە قوغلاپ يۈرۈپ تۇتىۋالدۇق .
ئۇ ئەبلەخ نېمىشقا كېچىسى يوتقانغا كىرگەندىمۇ گالستۇكنى يەشمەي ياتىدىكىن دېسەك ، ئۇنىڭ گېلىنىڭ ساق يىرى يوق ئىكەن . ھەممە تەرىپى تۆشۈك ئىكەن . بۇ بالا - قازاغا دەسلەپتىلا ئۇچرىغان ھېلىقى ئۈچى : مۇنداق يالىڭاچلىغىلى تۇرساڭلار بۇ بىنادا بىجىرىم ئادەم چىقامدۇ ؟ يالڭاچلايدىغان گەپ بولسا ھەممىنىلا يالىڭاچلاڭلار ، بىزدىنمۇ غەلىتە ئىنسانلارنى كۆرۈسىلەر ، دەپ ئالدىمىزغا چۈشۈپ ، بىزنى بۆلۈممۇ بۆلۈم باشلاپ كىرگىلى تۇردى .قاراڭ بۇلاردا ۋىجدان دېگەن نەرسە بارمۇ ؟ ئىش تەتۈرىگە ئايلانسا مۇشۇنداق بىر بىرىنى ساتقىلى تۇرىدۇ . قېنى قىزىپ كەتكەن ئاغىنىلەر ئۇچرىغاننى يالىڭاچلاۋەردى . ئۆزلىرىگە ئىشەنچىسى بارلىرى ئۈن -تىنسىز كىيىملىرىنى سالدى . خۇدىكى بارلىرى " ۋاي دات!" سېلىپ تەرەپ تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى . قاچقانغا قويماي تۇتۇپ كىيىمىنى يەشتۇق . بۇ يەردىكى يالاقچى ، خۇشامەتچىلەرنىڭ ئەپتىنىڭ سەتلىكىنى دېمەمسىز ، خوش ، خوش ، دەپ ئېگىلىۋىرىپ دۈمبىللىرىنىڭ ئۇستىخىنى قايناپ دوكقا ئايلىنىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ ... مانا شۇ چاغدا ، بىزنىڭ تېخى چىقىشقا ئۈلگۈرمىگەن يۇقىرى قەۋەتتىن شەھەر باشلىقى چۈشۈپ كەلدى .
- بىزنىڭ مۇشۇ شەھەرنىڭ باشلىقىنى دەمسىز ؟
- نەق ئۆزى ، بولۇۋاتقان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈپ تاتىرىپ ، پەلەمپەينىڭ ئوتتۇرىدا توختاپ قالدى . بىزمۇ بىر دەقىقە تېڭىرقاپ قالدۇق . نېمىلا بولمىسۇن ، ئۇ دېگەن بىر پۈتۈنسۈرۈك شەھەرنى باشقۇرۇۋاتقان ئادەمدە! ھەممىمىزنى سۈر باستى . " بۇ-بۇ - بۇ ...نې ..نې...نې..گى..گى..گى .." دېدى ئۇ . ئەسلىدە شەھەر باشلىقى " بۇ نېمە گەپ ؟ " دېمەكچى بولسا كېرەك . ئۆمرى كاتىبلىرى يېزىپ بەرگەن سۆز تېكىستلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن بۇ ئادەمنىڭ قولىدا كاتىبى يازغان بىرەر ۋاراق قەغەز بولمىسا نەق كېكەچنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلەيلى ، ئۇنىڭ زادى نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدۇق . " قېنى ھە ، نېمىگە قاراپ تۇرىمىز ؟ جانابى شەھەر باشلىقىنىمۇ بىر يالىڭاچلاپ باقمايلىمۇ ؟! " دەپ ۋاقىرىدى ئارىمىزدىن بىرەيلەن . دۈررىدە ئورنىمىزدىن قوزغىلىشىمىزغا قاتتىق بىر پۈشتەك چېلىنماسمۇ ، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم . كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ، خۇداغا شۈكرى ، ئۆيدە كارىۋىتىمدا يېتىپتىمەن . سەھەر ۋاقتى سائەت ئالتە بولغان چېغى ، باش تەرىپىمدىكى ئۈستەل سائىتى قاتتىق جىرىڭلاپتۇ .
- ئاپلا ، ئۈستەل سائىتىڭىز تازىمۇ بىر چاغدا جىرىڭلاپتۇ - ھە ! دېدىممەن قىزىق گەپنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا ئەپسۇسلىنىپ .
- شۇنى دېمەمسىز ، دېدى ئۇبۇل ئەپەندى ، - شەھەر باشلىقىنى يالىڭاچلاپ باققان بولساق ، يەنە نېمە قىزىقچىلىقلارنى كۆرەتتۇقكىن؟
گەپ بىلەن بولۇپ كۈننىڭ ئولتۇرۇپ كەتكىنىنى تۇيماي قاپتۇق . ئوبۇل ئەپەندى قايتماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى -دە ، ماڭا قاراپ كۈلۈپ :
- قانداق ، شائىر ئەپەندىم ، ئەگەر ئاشۇنداق ئىش يۈز بېرىدىغان بولسا ، كۆپنىڭ ئالدىدا يالىڭاچلىنىشقا جۈرئىتىڭىز يېتەمدۇ ؟- دەپ سورىدى .
- سىز يالىڭاچلىنالىغان يەردە مەن نېمىشقا يالىڭاچلىنالمىغۇدەكمەن ؟! - دېدىممەن .
- ناتايىن ! - دېدى ئوبۇل ئەپەندىم ، - ھەرھالدا ، كېيىم - كېچەك دەپ ئۈستىمىزگە ئارتىۋالغان بۇ لاتا - پىتىلەر ىېلى كۆپ ئەيبلىرىمىزنى يېپىپ تۇرۇپتۇ . ئەگەر بىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى تېشىدىنلا ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئىش بولسا ، ئۇ چاغدا ، خېلى - خېلى يوغان گەپ قىلغانلارمۇ تالاغا چىقالماي قالىدىغۇ ، دەيمەن!؟
ئۇبۇل ئەپەندى شۇ گەپلەرنى قىلىپ خوشلىشىپ ماڭدى .
- ياخشى چۈش كۆرۈڭ ئۇبۇل ئەپەندىم ! - دېدىممەن .

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4302
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 11:27:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە بولغاندا بىزنىڭ ئەل سۆيەر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ  ئىچىدە ھادۇقى چىققانلار يوق دېيەرلىكمىكى دەيمەن ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قاچانمۇ ھادۇقى چىقا... ھەي  ئەل سۆيەر يازغۇچىلار! سىلەرگە ئاللادىن سالامەتلىك تىلەيمەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qidax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-28 11:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 837
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 9648 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 12:11:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مول - ھوسوللۇق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ يېڭى ئەسەرلىرىگە تەشنامەن.

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10719
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 2477 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 12:25:02 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش