ئىمتھان بېرىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرگەن ئىدىم . تۇيۇقسىز ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى ئىسىمگە ئالدىم . دەرھال ئۆيگە تېلفۇن قىلىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى ھۇجرامدا ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىمنى ئېيتىپ تېلفۇننى قويۇپ تۇرۇشۇمغا دادام ، ئاپام كۆزئالدىمدا ھازىر بولدى . مەن ئىمتىھان بېرىدىغان مەكتەپكە يېقىنراق جايدىن بىرەر مېھمانخانا ئىزدەپ يۇرۇپ كەتتۇق . ئەتىراپتىكى مېھمانخانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك توشۇپ كەتكەن ئىدى . مەكتەپتىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر كوچىدىن بىر مېھمانخانا تاپتۇق . مېھمانخانىنىڭ ئىچىدىكى كارىدورغا سۇس بىرخىل قىزغۇچ رەڭلىك چىراق ئورنىتىلغان بولۇپ مېھمانخانىنىڭ ئىچى سۈرلۈك ئىدى . ھەربىر ياتاقنىڭ ئىشىكى تۈۋىگە ئىككىدىن ئادەمنىڭ بېشىغا ئوخشىتىپ ياسالغان ھەيكەل قويۇلغان ئىدى . بۇ ھەيكەلگە قوشۇلۇپ مېھمانخانىنىڭ گۇڭگا قىزغۇچ رەڭگە ئادەمدە بىرخىل قورقۇنۇچ تۇيغۇسى پەيدا قىلاتتى . باشقا مېھمانخانىلار توشۇپ كەتكەن بولغاچقا ‹‹ خېرىدار جەلىپ قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق لاھىيەلىگەن بولىشى مۇمكىن ›› دەپ ئۆز –ئۆزىمىزگە تەسەللىي بېرىپ خوجايىن بىلەن دىيىشىپ ياتاقتىن بىرنى ئېچىپ ئۈچىمىز بىرگە كىردۇق .
ياتاقتىكى تېلىۋىزۇردا ئافرىقا يايلىقىدىكى كۆرۈنۈشلەر قويۇلىۋاتاتتى . بىر نېگىر كىچىك بالىنى بىر توپ چۈمۈلىلەر ئورىۋېلىشقاندى . چۈمۈلىلەر بالىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىگە يامىشىشقا باشلىدى . بالا ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇراتتى ، ئېچىنىشلىق چىرقىرايتى . مەندىن ياردەم تەلەپ قىلغاندەك قولىنى ماڭا سۇناتتى . مەن ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنى بىلمەيتىم ئەمما مەندىن ياردەم تەلەپ قىلغىنىنى ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن بېلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق نالە – پەريادىغا چىداپ تۇرالماي ئۇنىڭ مەندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۇزاتقان قولىنى تۇتتۇم .....
ئەمما مەن كىچىككەندىم . چۈمۈلىلەر بالىنى بىردەمنىڭ ئىچىدە ئاپئاق ئىسكىلىتقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقاندى . ئەمدى چۈمۈلىلەر مەن تەرەپكە قاراپ يوپۇرۇلۇپ كىلىشتى . مەن قاچتىم – قاچتىم ئاخىر چۈمۈلىلەردىن قۇتۇلدۇم . ئەمما بەدەنلىرىم ئاغىرىپ تۇراتتى . ئاغىرىق بارغانسىرى ئىككى قولۇمنىڭ بېغىشىغا يۆتكىلىشكە باشلىدى . چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغىرىيتى . قولۇمنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇپ باقاتتىم . بېغىشىمدا – قان تومۇرۇم ئىچىدە بىر نەرسە توختىماستىن مىدىرلايتى . پىچاق بىلەن تومۇرۇمنى كەستىم ، تومۇرۇمدىن يىڭنىدەك ئىنچىكە كۈلرەڭ بىرخىل قۇرۇت ئۆملەپ چىقتى . تۇمۇرۇم ئىچىدىن سۇغۇرۇپ چىقاردىم . ئۇزۇنلۇقى سازاڭ قۇرۇتچىلىك بار ئىدى . قۇرۇتنى سۇغۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن بەدىنىمدە ئېيتىپ بولغىلى بولمايدىغان لەززەتلىك بىر تۇيغۇ پەيدا بولدى . بۇ تۇيغۇ بىر ئاز داۋاملاشقاندىن كىيىن لەززەتنىڭ ئورنىنى چىدىغۇسىز ئازاپ ئىگەللىدى . تۇمۇرۇمدا سانسىزلىغان مەخلۇق قىمىرلاۋاتاتتى ....
قۇرۇتلار بارغانسېرى چوڭىيىشقا باشلاپ قول بېغىشىمدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرىدىن تېشىپ چىقىشقا باشلىدى . ئەڭ چوڭ قۇرۇتتىن بىرنى تۇتۇپ يۇلۇپ ئالدىم . كۆردىمكى بۇ قۇرۇتنىڭ بەدىنىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە بىردىن ئىككى تال ئاپپاق بېشى بار ئىدى . قۇرۇتنى يۇلۇپ ئالغاندىن كىيىن بەدىنىمدە يەنەشۇ لەززەت ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى .
دادام – ئاپام بۇنى كۆرۈپ مىنى دوختۇرغا كۆرسىتىشكە تۇتۇندى . بىز كەنىتتكى دوختۇرنىڭ ئۆيىگە كىردۇق . دوختۇر بىر كېسەلنىڭ گۈرەن تومۇرىدىن قاپقار ئۇزۇن بىر نەرسىنى سۇغۇرۇپ ئالدى . ئاندىن ئۇنىڭغا – ساقايدىڭىز ، قايتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ .- دەپلا ئۇنى يولغا سالدى .
دوختۇر مىنىڭ يېنىمغا كىلىپ قولۇمنى ، قولۇمنىڭ بېغىشىدىكى توختاۋسىز مىدىرلاۋاتقان تومۇرۇمنى كۆردى . تېرەمنى تىشىپ چىقىۋاتقان قۇرۇتتىن بىرنى يۇلۇپ ئېلىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم . دوختۇر - زېبرال - دىگىنىچە چەكچىيىپ تۇرۇپ قالدى . بىز نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدۇق ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن دوختۇر ئىسىگە قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى .
- بۇ يېڭىدىن بايقالغان بىرخىل جانلىق . ئالىملار ئۇنى زېبرال دەپ ئاتىدى . ئۇ ئادەتتە ئادەمنىڭ تېرىسىنىڭ سىرتىغا تۇخۇم تۇغىدۇ . تۇخۇمدىن لېچىنكىلار چىققاندىن كىيىن تېرىدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق تېرىنىڭ ئىچكى قىسىمىغا تېشىپ كىرىدۇ . ئاندىن بەدەندە پارازىت ياشاپ پۈتۈن بەدەننى ئىگللەپ بولىدۇ . دەرھال ئوپراتسىيە قىلىشىمىز كېرەك - بىز ئوپراتسىيەگە تەييەرلاندۇق . ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدىم . ئىشىكلىرىنى دات بېسىپ كەتكەن ، قان داغلىرى ھەممە يېرىنى قاپلاپ كەتكەن ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشىكى يېپىق ئىدى .
بىرخىل قورقۇنۇچ پۇتۇن ھۇجۇدۇمنى ئىسكەنجىگە ئالغاندى . ئوپراتسىيە ئۆيىگە كىرىشتىن قورقۇپ تۇراتتىم . دوختۇر قولۇمدىن يىتلەپ ئوپراتسىيە ئۆينىڭ ئالدىغا باشلاپ كەلدى ۋە ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىىشكىنى ئاچتى ....
ناھايتى كۈچلۈك ئاق نۇر كۆزۈمنى ئاچقىلى قويمىدى . ئاستا – ئاستا كۆزۈمنى ئاچتىم . تاڭ ئېتىپ جاھان يورۇپ كەتكەندى .