ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا،ئۆزۈمنى كەلگۈسىدىكى مۇئەللىم ،باللارغا بىلىم ۋە ئادىميلىك ساۋاتلىرىنى ئۈگىتىدىغان ئۇلۇغ ئىنسان دەپ قاراپ ،ئۆزۈمگە ھەر تەرەپتىن قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلگەن ئېدىم.كەلگۈسىدىكى خىزمەت ۋە باللارغا بولغان تەلەپلەر ھەققىدە نورغۇنلىغان گۈزەل ئارزۇ –ئارمانلار بار ئېدى.
ئالى مەكتەپنى پۇتتۈرۈپ ناھىيمىز بويىنچە ئەڭ چەت ۋە ئەڭ نامرات ھېسابلىندىغان ،لېكىن مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان ،مېنى تەربىيلەپ چوڭ قىلغان يورتۇمغا ،دوسلۇرۇم ۋە ئورۇق-تۇققانلارنىڭ «سەن شۇنداق چوڭ مەكتەپنى پۈتتۈردۈڭ،ھەم شۇنداق ياخشى ئوقۇدۇڭ.ناھىيەدىكى مەكتەپلەردە ئىشلە.بىزنىڭ يورتۇمىزدىكى مەكتەپ ئەڭ چەت،يېراق مەكتەپ بولغاچقا ناھىيمىزدىكى باشقا مەكتەپلەردىكى ئىنتىزامسىز،بىلىمسىزئوقۇتقۇچىلارنى جازالايدىغان جازا لاگىرى بوپ قالدى ،سەن كەلسەڭ بۇمەكتەپكە زايا كېتىسەن »دېگەن گەپلىرىگە قۇلاق سالماي ،ئانا مەكتىۋىمنى ۋە يورتۇمنى گۈللەندۇرۈش ئۈچۈن مۇشۇ مەكتەپكە ئىنتىھان بېرىپ كەلگەن ئېدىم.
مەكتەپكە كېلىپ تۇنجى قېتىم دەرىس مۇنبىرىگە چىقىپ 30نەچچە جۇپ كۆزلەرنى كۆرگەن ۋاقتىمدا ئۆزۈمدە بىرخىل پەخىرلىنىش ۋە ئېغىر مەسۇلىيەت تۇيغۇسى شەككىللەندى .
شۇنىڭدىن بېرى مەن بالىلار بىلەن شۇنداق ئېجىل بوپ كەتتىم .باللارمۇ مېنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى.دەرىسلەردىمۇ مەكتەپ بويىنچە مېنىڭ باللىرىم ئەڭ ياخشى ئېدى.ھەرقېتىملىق ئىنتىھانلاردا مېنىڭ سىنىپىم قوش تىل سىنىپ يەنى ماتىماتىكا دەرسى خەنزۇچە بولغانغا قارىماي،باشقا ئادەتتىكى سىنىپلاردىن خېلىلا كۆپ بالىلار يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتەتتى .مەنمۇ ھەر كۈنى سەھەر كېلىپ بالىلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلاتتىم.
مەۋسۇم ئاخىرى يېتىپ كەلدى ،ئىنتىھان نەتىجىسىمۇ چىقتى .بۇقېتىممۇ مېنىڭ سىنىپىمنىڭ نەتىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئېدى.
باھالاش نەتىجىسىمۇ ئېلان قىلىندى ئوقۇتقۇچىلارنى باھالىغاندا،مەن ئون بەش ئوقۇتقۇچىى ئىچىدە ئون ئىككىنجى بولغان ئېدىم....
بىرىنجى بولغىنى ئايلاپ –يىللاپ مەكتەپكە دەسسەپمۇ قويمايدىغان،بىرەر سائەت سىنىپقا كېرىپ دەرىس سۆزلەپ باقمايدىغان،دەرىس ئۆتكەن ۋاقىتتا بىر بالىنىمۇ ئىنتىھاندا لاياقەتلىك قىلىپ ئۆتكۈزۈپ باقمىغان مەكتەپ مودىرىنىڭ دەرىس ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئېدى.
ئىككىنجى بولغىنى بولسا كۈن بويى ئىشخانىسىدا كومپىيوتۇر ئويناپ مەكتەپ مودىرى بىلەن ھەممىلا يەردە بىر پۇڭغا بەش بولۇپ يۈرۈيدىغان ئىلمىي مودىر ئېدى.
ئۈچىنجى بولغىنى بولسا مەكتەپتە ھېچكىمگە گەپ بەرمەي ۋاتىلداپلا يۈرۈيدىغان ،مەكتەپ مودىرى بار چاغلاردا كۈن بويى ئۇنىڭ بىلەن ئىشخانىدىن چىقماي مۇھەببەتلىشىپ ئولتۇرىدىغان .ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە ناچار ئىستىلدىكى مۇئەللىم دەپ ئاتالغان بىر ئايال ئوقۇتقۇچى ئېدى.
توۋا ،ھەيران قالارلىقى شۇكى ئاخىرىدىكى ئۈچەيلەن بولساق مەكتەپتىكى ھىچقانداق ئىشقا ئارلاشماي ،سىنىپتىن چىقماي بالىلار بىلەنلا بولىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئېدۇق.
ئۇدا ئىككى يىل مۇشۇنداق بولغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ بۇ مەكتەپكە خاتا كەپ قالغىنىمنى جەمىيەتكە نىسبەتەن ئەڭ ساپ ،ئەڭ ئادىل ھېسابلىنىدىغان مەكتەپتىمۇ مۇشۇنداق ناچار ئىستىل ۋە رەزىللىكلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى.باللارنى مۇشۇنداق موھىتتا ياخشى تەربىيلەشكە راسلا كۆزۈم يەتمىدى.ئويلاپ بېقىڭلار مانا مۇشۇنداق كۈن بويى بىر-بىرىنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىپ،ھەتتا مۇشۇ سەبىئي باللاردىن تەپ تارتماي جەمىيەتتىكى بىر قىسىم ناچار ئىللەتلەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئورۇنداپ بېرىۋاتقان ،بىلىم ۋە سەۋىيگە ئەھمىيەت بېرىلمەيدىغان مۇشۇنداق مەكتەپتە يەنە تۇرغىلى بولسۇنمۇ؟
بالىللىرىم مېنى كەچۈرۈڭلار، مەن بۇ يەردىن كەتمەكچى،ھەممىلا ئىشتا ئىپتىدائىي ھالەتتە تۇرغان بۇ مەكتەپىتىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچماقچى .لېكىن شۇنى تىلەيمەنكى سىلەر ھەرگىزمۇ بۇنداق ساپالىق ،ئاتالمىش بىلىملىك ئوقۇتقۇچۇڭلارنىڭ ئىستىللىرىنى يۇقتۇرىۋالماڭلار!