مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1412|ئىنكاس: 13

تۇمارىس ۋە تۇمارىس رىۋايىتى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35062
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4500
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 1787 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 12:06:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   توردىشىمىز كۆكـتۇلپارنىڭ<<سىياسىئون-ئەمەلدارلىرىمىز(1)>>نامىدىكى يوللانمىسىنى كۆرگەندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار <<تۇمارىس>>نىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن<<تۇمارىس>>ھەققىدىكى چۈشەنچىگە ئىگە بولغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپتىكەن شۇ سەۋەپلىك بۇ ھەقتىكى ئىزدەنگەنلىرىمنى تىما قىلىپ يوللۇدۇم يىتەرلىك بولمىسا ئەپۇ قىلارسىلەر!
        ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە قەھرىمانلىقتىن ئىبارەت يۈكسەك غايىنى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخى ۋەقەلەر ئاساسىدا جانلىق ۋە ئوبرازلىق يۇرۇتۇپ بەرگەن <<تۇمارىس رىۋايىتى>> ئورتۇ ئاسىيادا ياشىغۇچى قەدىمقى قەبىلە،مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا تا بۈگۈنكى كۈنگىچە سالماق ئۇرۇن تۇتىدۇ.
      ئەپسۇسلىنىدىغان يېرى شۇكى بۇ رىۋايەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى دەۋرىمىزگە يىتىپ كېلەلمىگەن.ئەمدى بىزگە ھازىر يىتىپ كەلگىنى قەدىمقى يۇنان تارىخچىسى ھىرادۇتنىڭ ئىرامىزدىن ئاۋالقى 5-ئەسىردە يازغان<<تارىخ>>ناملىق كىتاپتا بايان قىلىنغان مەزمۇندىن ئىبارەت.
     ھىرادۇت بۇ كىتاۋىدا ئاساسلىقى قەدىمقى يۇنان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جەڭلەرنى يازغان بولسىمۇ،باسقۇنچىلىق ئۇرۇشلىرىغا قارشى قوزغالغان نارازىلىق ئۇرۇشلىرىنىمۇ كىتاۋىغا قىستۇرغان،دەل شۇ مەزمۇندا ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان تۇمارىس ھەققىدىكى رىۋايەت خاتىرلەنگەن.ئەنە شۇ ھىرادۇتنىڭ ۋاستىسى بىلەن تۇمارىس ھەققىدىكى رىۋايەت دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كىلىپ ئۇيغۇرلار  ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.
       رىۋايەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
      مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە ئۆتكەن ئىران پادىشاھى كەيخىسرو بىر نەچچە مەملىكەتنى بېسىۋېلىپ بۇلاپ-تالىغاندىن كىيىن،ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ماسساگىتلار(ئىسكىتلار) قەبىلىسىگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرىشى قوزغايدۇ.ئۇ دەۋىردە ماساگىتلارغا تۇمارىس دىگەن ئەقىللىق،باتۇر ئايال خاقان ئىدى.ئۇ تاجاۋۇزچى كەيخىسروغا قارشى ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ مەردانە ئۇ  رۇشقا ئاتلىندۇ. زالىم كەيخىسرو تۇمارىسنىڭ ئېرى ئۈلۈپ كېتىپ تۇل قالغان ئايال ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن،تۇمارىسقا ئۆيلىنىش ھىلىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ماسساگىتلارنىڭ زىمىننى ئىگىلىۋېلىش غەرىزىدە بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن تۇمارىسقا .ئەلچى ماڭغۇزىدۇ،ھۇشيار تۇمارىس كەيخىسرونىڭ يامان غەرىزىنى سىزىپ قېلىپ،ئەلچىلەرنىڭ تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ،ھىيلىسى ئاقمىغان كەيخىسرو ئاشكارە ھۇجۇم قىلىش يۇلىنى تۇتۇپ دەريادىن ئۆتمەكچى بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن تۇلۇق خەۋەر تېپىپ تۇرغان تۇمارىس كەيخىسروغا ئەلچى ئەۋەرتىپ ،دۈشمەندىن مەرتلىك بىلەن جەڭ قىلىشنى،ھىيلە-مىكىر ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:<<ئەي تەكەببۇر پادىشاھ....بىز بىلىمىزكى سەن تىنچلىقنى خالىمايسەن ،شۇ سەۋەپلىك ئەگەر مەسلەھەتىمىزگە كۆنمەي ،بىز بىلەن ئۇرۇشۇشنى خالىساڭ ،كۆۋرۈك ياسايمەن دەپ ئاۋارە بولما،بىزگە ئېيىتساڭ بىز ساڭا  دەخلە يەتكۈزمەي دەريادىن ئۈچ كۈنلۈك يىراق يەرگە كۈچۈپ كېتىمىز.سەن بىمالال دەريادىن ئۈتۈسەن،ئاندىن بىمالال جەڭ قىلىمىز.ئەگەر بىز بىلەن دەريانىڭ سەن تۇرغان قىرغىقىدا ئۇرۇش قىلماقچى بولساڭ ئۇنىمۇ تارتىنماي بىزگە ئېيىت!ئۇنىڭغىمۇ بىز كۈنۈك،ئەمما ئۇرۇشتا نامەرتلىك قىلما!....>>
     بۇ كەسكىن ۋە قەتئىي تەلەپنى ئاڭلىغان كەيخىسرو قاتتىق ئىزتىراپقا چۈشىدۇ.ئىرامىزدىن بورۇنقى 530-يىلى ئامۇ دەرياسى بويلىرىدا بولغان شۇ جەڭدە تۇمارىس باشچىلىقىدىكى باتۇر خەلق ئىران قۇشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ زالىم كەيخىسرونى ئۆلتۈرىدۇ.
    تۇمارىسنىڭ باتۇر،مەرت،ۋەتەنپەرۋەر سىماسى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى ئارىسىدا شۇ سەۋەپلىك ساقنىپ كەلمەكتە!

       ئىزدىنىپ قەلەم تەۋرەتكۈچى:ئۆزۈم

                               2012-يىلى شەھىرى ئاقسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-28 01:28 PM  


مۇيۇنچۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 12:24:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم كىتاپلاردا تۇمارىسنى ئالىپ ئەرتۇڭا(ئەفرىسايىپ)بوۋىمىزنىڭ نەۋرىسى دەپ ئالىدۇ.
تىما ئىگىسىگە رەھمەت

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13432
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5932 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 01:05:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بەزىلەر تۇمارس ئۇلۇغ خاقاننى  ئالىپ ئەرتۇڭا ئۇلۇغ خاقاننىڭ ئايالى دەپمۇ قەيىت قىلىدۇ.
تېما يوللىغۇچىغا رەخمەتلەر ياققاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13432
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5932 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 01:05:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بەزىلەر تۇمارس ئۇلۇغ خاقاننى  ئالىپ ئەرتۇڭا ئۇلۇغ خاقاننىڭ ئايالى دەپمۇ قەيىت قىلىدۇ.
تېما يوللىغۇچىغا رەخمەتلەر ياققاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7001
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10547 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 01:19:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا، تارىختا تۇمارىس ئىسىملىك شەخىستىن ئىككىسى بار ئوخشىمامدۇ؟

خەپ شۇنداق بىر ك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20096
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6800
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4594 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 02:32:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىمنىڭ ئېسمىنى تومارس دەپ قويۋالغان ئېدىم مانا 3 ياشقىمۇ كىرىپ قالدى...

خەپ شۇنداق بىر كۇنلەر كىلدۇكى .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 02:37:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تارىخى ۋەقەلىك ئۈستىدە ئىزدىنىپ قەلەم تەۋرەتكىنىڭىزدىن،ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.
سىزگە كۆپ رەھمەت!!!

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 06:39:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مويۇنچۇر ئەپەندى ، قارىسام ئاقسۇدىن ئىكەنسىز ، ماۋۇ ئۇچۇرنى يىقىنلىرىڭىز ئارقىلىق تارقىتىپ قويسىڭىز ..........
}HDNP1BSD[]]{ULW5$QUXRN.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   albax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-28 06:40 PM  


كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 06:41:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
这个小女孩是维吾尔族,五岁,骗到广西南宁逼做小偷。好心人们把她送到公安局,她说她老家是阿克苏她很想回家!朋友们多传一下。帮助她早点找到父母!!!她说她叫gulnigar,爸爸叫ahat,妈妈叫anargul.... 好心人帮帮这个同胞吧!看了就转下

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 06:47:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەمدى يازمىڭىزغا ئىنكاس يازاي ،
  ئۆمەر ھەييامغا مۇناسىۋەتلىك بىر كىتاپتا ئۇقۇشۇمچە ئۆمەر ھەييام دەۋرىدىمۇ بىر خانىشنىڭ ئىسمى تۇمارس ئىكەندۇق ، ئۆغلىنى شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈنمۇ قانداق ،  ئاقىل ۋەزىر ( پارس مىللىتىدىن بولغان ۋەزىر ، ئۈچ ئەۋلات ئۇيغۇر شاھقا ۋەزىر بۇلۇپ زور توھپىلەرنى كۆرسەتكەن .) نىزامۇل مۈلىكنى ئۆلتۈرۈپ ، 70 كۈندىن كىيىن مەلۇم بىر دىنى تەشكىلات تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ . كىتاپتا مۇشۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ ، بەلكىم بۇ بەدىئى تەپەككۇرنىڭ ھاسىلاتى بولسا مەن قايمۇقۇپ قالدىممۇ قانداق ؟!

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش