خانىم- قىزلار ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلەرگە بەكمۇ قىزىقىدۇ ھەم ھەۋەس قىلىدۇ. سېرىق ئالتۇن، قىزىل ئالتۇن ۋە ئاق ئالتۇنلاردىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەر خانىم- قىزلارنىڭ قول، قۇلاق، بويۇنلىرىدا جۇلالىنىپ تۇرغىنىدا، ئۇلارغا ئاجايىپ گۈزەل، يېقىملىق، جەزبىدار قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ناۋادا، سىز ئاق ئالتۇن سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئاق ئالتۇن ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىز قانچىلىك؟
ئاق ئالتۇن خىمىيىلىك مېتاللار ئىچىدىكى پىلاتىنادىن ياسىلىدۇ. پىلاتىنا يەنى ئاق ئالتۇن يەر شارىدىكى زاپىسى ئەڭ ئاز، ئاق رەڭلىك قىممەتلىك مىتال بولۇپ، پارقىرايدۇ، سوزۇلىدۇ، توك ۋە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزىدۇ.
ئاق ئالتۇندىن ئىشلەنگەن زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ باھاسى قىممەت بولسىمۇ ئەملىيەتتە سىز ساتسىڭىز سىرىق ئالتۇندەك پۇلغا يارىمايدۇ .
ئادەتتە ئۇنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتەي دىسىڭىز ئالماشتۇرمىسىڭىز ئامال يوق . چۈنكى ئۇنى ئادەتتىكى ئالتۇن ئىرىتكەن ئوت بىسىمىدا ئىرىتكىلى بولمايدۇ .
شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇنى ئالماشتۇرسىڭىز ئالماشتۇرۇش پەرقى چوڭ بولۇپ كىتىدۇ .
ئىلىپ سىتىش پەرقى چوڭ . زىيان كۆپ بولىدۇ ، يەنىلا سىرىق ئالتۇن ياخشى .
بەك سىتىۋالغۇڭىز بولسا مىقدارى ئاز ، نەپىس كىچىكلىرىنى سىتىۋىلىڭ . زىيان ئاز بولىدۇ .
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشلەر ئارىسىدا پىلاتىنادىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەرنى ئىشلىتىش مودا بولۇۋاتقاچقا، پىلاتىنادىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ باھاسىمۇ سېرىق ئالتۇندىن قىممەت بولماقتا. شۇڭا، كىشلەر ئارىسىدا پىلاتىنانى ئاق ئالتۇن دەپ ئاتاش ئومۇملىشىپ قالدى. پىلاتىنادىن ياسالغان زىبۇ- زىننەتلەر كۆركەم، نەپىس بولۇپلا قالماي، رەڭگى ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ.
نۆۋەتتە پىلاتىنادىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەر ئالتۇن -كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەردىن قىممەت بولسىمۇ كىشلەردە سېتىۋىلىش قىزغىنلىقى يۇقۇرى بولۇۋاتىدۇ.
ئاق ئالتۇن ناھايىتى قاتتىق، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىرىش نۇقتىسى يۇقۇرى. شۇڭا زەرگەرلەر ئالتۇن ئېرىتىشكە ئىشلەتكەن ئەسۋاپلاردىن پايدىلنىپ ئاق ئالتۇنغا ئىش قۇشالمايدۇ ھەم ئېرىتىش مەقسىدىگە يىتەلمەيدۇ.
ئادەتتە ئاق ئالتۇن pd990 ،pt950 دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.
pt990 ئەڭ ياخشىسى بولۇپ، باھاسىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. pd950 ئاق ئالتۇننىڭ تۆۋەن ئارىلاشمىسى بولۇپ، باھاسىمۇ تۆۋەنرەك بولىدۇ. سانائەتتە پىلاتىنادىن تېگىل ۋە ئېلىكتىر قۇتۇبى ياساش ۋە كاتالىزاتۇر قىلىپمۇ پايدىلىنىلماقتا. ئۇ يەنە ئالەم قاتنىشىدىكى نازۇك تېخنىكىلاردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
ئاق ئالتۇننىڭ بۈگۈنكى باھاسىنى بىلمەكچى بولسڭىز بىر مىسقال بىلۇگىغا كىرىپ كۆرۈڭ !
www.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-28 02:54 PM