*********************************
*شېئىرلىرىمدىن زوقلىنىڭ *- ئىجادىي *ئەمگەكلىرىمگە* ھۆرمەت قىلىڭ *
مېنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشىم
*
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
*
تۇغۇلدۇم ئەڭ قەدىمىي يۇرت ئەزىز قەشقەر دىيارىدا .
ئاڭا دارۋاز ئۈرۈك كانى پىچاق يۇرتى- ماكانىدا .
سۈيى ئەلۋەك ئوچار بوزغۇن مېنى چوڭ قىلدى قارچۇقتەك
ئۈمىدىن ئاقلىماق قەرزىم ۋىسال تاڭى ئاتارىدا .
*
يىگىرمە سەككىز ياز ئۆتتى يىگىرمەسەككىز قىش ئۆتتى
يىگىرمە سەككىز كۈز يانداش- يېشىل دۇنيا باھار ئۆتتى .
ۋۇجۇدۇم گاھ بولۇپ گۈلخان لاۋۇلداپ كۆيسە ھەر جانلار،
بولۇپ گاھ بىر سوغۇق قەلئە پەسىللەپ قەھرىتان كۈتتى .
كېلىپ تەقدىر ئاجايىپ كاج دادام بالدۇر كېتىپ قالدى .
ئۈزۈلگەچ بىر قاناتلىرىمىز كۆڭۈللىرىمىز سۇنۇپ قالدى .
ھاياتقا جان كېرەك بولغاچ ئۈمىدنى سۆيگۈ يار ئەيلەپ ،
مېڭىپ مەزمۇت قەدەملىرىمىز ياشاشقا تىز كۆنۈپ قالدى .
*
سىنالدىم كۆپ داۋانلاردا يىقىلسام دەسىت تۇرۇپ كەتتىم .
ھاياتقا زور ئۈمىد باغلاپ ھەقىقەتكە سىڭىپ كەتتىم .
ئۆتۈپ سانسىز داۋانلاردىن تېپىپ ئاخىر يولۇمنى كەڭ ،
ئۆمۈرلۈك بىر نىشاننى دەپ ئۇزۇن يولغا مېڭىپ كەتتىم ......
*
ئۆمۈر مەنزىللىرىم سىرلىق ئۇلۇغ ئاللا راۋان قىلغاي .
يولۇمنى كەڭ تېنىمنى ساق ئەبەدىي تېچ -ئامان قىلغاي .
يىراقلاتقاي كۈلۈپ جاننى ئالار دۈشمەن توزاقلىرىدىن ،
ھىدايەت نۇرلىرى ئىچرە بۈيۈكلىكىدە ئايان قىلغاي .
مىلادىيە 2012-يىل 12-ئاپىرىل
-----------------------------
ئەزەلدىنلا بىزنىڭ ئەمەستى
قەلەمىي
مەلۇم بىر يىلى فېۋرالنىڭ 13-كۈنى ئىدى .تونۇشلىرىمدىن كىمدۇر بىرىنىڭ <<ئەتە ئۇنىڭغا نىمە سوۋغا قىلسام بولا >>دەپ باش قاتۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن << نىمىشقا ؟>>دەپ سورسام <<ۋاي مەتۇ ،ئەتە دۇنياۋى ئاشۇق -مەشۇقلار بايرىمى .تېخى بىلمەمسە ؟>>دەپ ئۆزىچە ھېجيىپ كەتتى .<<بىزنىڭ بايرىمىمىز ئەمەستىغۇ بۇ؟>> دىگىنىمچە تۇرۇپ قالدىم .
ئەزەلدىنلا بىزنىڭ ئەمەستى ؟
نەدىن ئۇچۇپ كەلدى بۇ بايرام ؟
تەبرىكلەرگە ئاران تۇرۇپتۇ .. ،
نۇمۇس ھايا تىلەيدۇ سايرام .
*
ئەزەلدىنلا بىزنىڭ ئەمەستى ؟
غەربلەردىن كەپقالدىما يا ؟
يار يىلىمدەك يېپىشقاق قەۋېم ،
ئىكەنلىكىمىز ئەپكەلدىمۇ يا ؟
*
ئەزەلدىنلا بىزنىڭ ئەمەستى ،
ئۆزىمىزگە خاس يۇقتۇردۇقمۇ يا؟
پىنھانلاردا يوقۇتۇپ ھەممىنى ،
پۇشايماندا ئولتۇردۇقما يا ؟
*
ئەزەلدىنلا بىزنىڭ ئەمەستى ؟
كۆتۈرۋەتتۇق بىزنىڭكىدىنمۇ ؟
ئوبدان قاراڭ دۇنيادا بۈيۈك ،
بايرام بارمۇ سىزنىڭكىدىنمۇ ؟
*
ئەزەلدىنلا بىزنىڭ ئەمەستى ؟
بار تى ئېسىل قۇربان ھېيتىمىز .
بارتى نەۋرۇز يەنە روزى ھېيت ،...
دەردىمىزنى كىمگە ئېيتىمىز .
*
ئەزەلدىنلا بىزنىڭ ئەمەستى ،
دورىمايمۇ يۈرەلەيتۇققۇ ؟
غۇرۇر -ۋىجدان -ھايالار بىلەن ،
ۋىسال پەيزىن سۈرەلەيتۇققۇ ؟
تۇيدۇرماستىن كېتىمەن بىر كۈنى
*
((قەلەمىي ))
*
تۇيدۇرماستىن كېتىمەن بىر كۈنى ،
ئەسلەشكىمۇ قالدۇرماي ئىمكان .
كۆز ئالدىڭدا بولۇمەن چوقۇم ،
رەقىبىڭنىڭ ئۆيدىكى مېھمان ،
------------------------
تۇيدۇرماستىن كېتىمەن بىر كۈنى ،
سېغىنىشلىرىڭ بولۇدۇ ئوكيان .
سەل ياشلىرىڭ ئېتلار - ئەسلەپ،
بولۇپ قالىسەن قىشتىكى فۇنتان .
--------------------------
تۇيدۇرماستىن كېتىمەن بىركۈنى ،
ئازابىڭدىن قۇتۇلۇپ تامان ،
ئۈلگۈرەلمەي ئۇزۇتۇپ قويۇشقا ،
بولۇپ كېتەر ھالىڭ بەك يامان .
-----------------------
تۇيدۇرماستىن كېتىمەن بىر كۈنى ،
تاپالمايسەن مەندىن ياخشىنى ،
كۆرگەن چېغىڭ قالىسەن يىغلاپ،
تاپالايمەن سەندىن ياخشىنى .
-------------------------
تۇيدۇرماستىن كېتىمەن بىر كۈنى ،
بولالمايسەن بەخىتلىك چوقۇم .
ۋۇجۇدۇڭدا بۇلدۇقلار ئازاب ،
يىغلاش بولۇپ قالىدۇ ئۇدۇم .
===============================
شۇنداق قىزلار چىقىپ قاپتىمىش .
*
قەلەمىي
-------------------
<<سۆيگىنىمگە بەردىم >>دەپتىمىش.
<<بارلىقىمنى >>ھاماقەت بىر قىز .
دوستى ئاڭلاپ چۆچۆپ دەپتىمىش،
<<نىمە دىدىڭ ئەي ھاماقەت قىز ...>>
------------------------
<<ئالالامدۇ -بىلمەي يۈرۈپسەن ،
ئۆز يۈرىكىڭنى ئۆزۈڭ يۇلۇپسەن ،
ھەۋەس ئۈچۈن سۆيگەن بولسا گەر ،
تىرىك تۇرۇپ بالدۇر ئۆلۈپسەن ...>>
-----------------------
ئاڭلاپ قىزچاق قاقاقلاپ كۈلۈپ ،
<<تۇنجى سۆيگەن يايرىم >>دەپتىمىش،
<<قىزمەن دىسەم گومۇش بىرسىگە ،
بولۇپ قالىمەن لازىم >>دەپتىمىش.
-----------------------
دوستى ئاڭلاپ ئېغىر ئۇھسىنىپ،
تەستەك بىلەن بىرنى ساپتىمىش .
راستمۇ يالغان بىلمىدىم توۋا؟ ...
شۇنداق قىزلار چىقىپ قاپتىمىش .
ئاللىبۇرۇن ئۆلتۈرۈپ قويغان
------------------
قەلەمىي
----------------
كەلگەن ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ
سۇ ئەكىلەي دىگەن ئىرىگە .
ئېرىقلارنىڭ سۈيىگە قانماي ،
قالغان بېرىپ شۇنداق نېرىگە .
----------------------
ئۇچراپ قالغان سىرداش بىر يىگىت ،
سېغىنغان ھەم ئىرىنى چوكان .
ئىرىدەكلا كۆرۈنۈپ يىگىت ،
كۈچىيىپ كەتكەن ھەۋىسى شۇئان .
----------------------
قۇچاق ئاچقان سىرداشقان يىگىت ،
چوكان نازدىن يىراقلاپ سالغان .
ئېچىرقىغان دەھشەت بىر يۈرەك ،
يۈگۈرۈپ كېلىپ قۇچقىغا ئالغان
--------------------
خىيالىدا ئىرىنى چوكان ،
ئاللىبۇرۇن ئۆلتۈرۈپ قويغان ،
ئىمانىنى ھەيدىگەن شەيتان ،
لەۋلىرىنى يالاپمۇ تويغان .
ئالدىمىغىن قىزلارنى يىگىت
-------------------------
قەلەمىي
يېڭىنى كۆرۈپ كونىنى تاشلاپ،
ئالدىمىغىن قىزلارنى يىگىت.
كۆڭۈلنى دەپ ئېرىقلا ئاتلاپ،
ۋىجدانىڭغا ئۇرمىغىن چېكىت.
*
سۆيمىسەڭمۇ سۆيدۈم دەپ يۈرۈپ،
كۆيمىسەڭمۇ كۆيدۈم دەپ يۈرۈپ.
ۋاقىتلىق دەپ كەلتۈرۈپ يۈرۈپ...
ئالدىمىغىن قىزلارنى يىگىت.
*
بەلكىم باردۇر بەك ئوماق سىڭلىڭ،
ئۆتنە ئالەم ئاغرىمىسۇن دىلىڭ.
ئۆز -ئۆزۈڭگە تەگمىسۇن تېشىڭ...
ئالدىمىغىن قىزلارنى يىگىت
--------
بولۇپ باقسام ئۆزۈمگە باشلىق
قەلەمىي
سەيلە قىلىپ جىمى جاھاننى ،
بولۇپ باقسام ئۆزۈمگە باشلىق .
سۆيۈپ ئەقىل دىگەن جاناننى ،
بولۇپ باقسام ئۆزۈمگە باشلىق .
---------------
ئۇللاپ ئەجداد تۇتقان زۇلىنى ،
بولۇپ باقسام ئۆزۈمگە باشلىق .
بويلاپ ئەل يۇرت ئەھلى يولىنى ،
بولۇپ باقسام ئۆزۈمگە باشلىق .
-----------------------
سۆيۈپ ئەللەر غېمىن يىگەننى ،
بولۇپ باقسام ئۆزۈمگە باشلىق .
ئەل قەسلەرگە تاشلاپ كېپەننى ،
بولۇپ باقسام ئۆزۈمگە باشلىق .
-----------------
ئاڭلاڭ يارەن يۈرەك سۆزۈمنى ،
بولۇپ باقسام ئۆزۈمگە باشلىق .
قىلىپ ئەركىن ئۆزۈم ئۆزۈمنى ،
بولۇپ باقسام سۆزۈمگە باشلىق .
كىمنڭ كىمدە قالار جاھان بۇ
قەلەمىي
كۆڭلۈڭنى دەپ كۆڭۈلنى ئازاب چۆلگە تاشلىما .
قەدىرلىگەن قەدىرلىك كۆزلىرىنى ياشلىما .
ئۆتنە ئالەم كىملەرنىڭ كىمدە قالغان جاھان بۇ ،
بىر كۈن كېلەر ساڭىمۇ - باغدىن تاغقا باشلىما .
بىلمەي خۇدىنى كۈلگەنلەر ھالاك بولۇر بىر زامان .
ئەقلى بىلەن شادلانغان بولۇر مەڭگۈ تېچ ئامان .
كۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس بەلكىم بەخىتلىك،
ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنىڭ ئىززىتىن قىل -بول ئامان.
ئۆمۈر دىگەن ئاتقان ئوق بىردەمچىلىك جاھان بۇ ،
ئۆلمەيدىغان ئىنساندەك ئوڭمۇ تەتۈر ئاينىما .
سورىقى باردۇر ھەرمىنۇت ھەر دەقىقە كۈننىڭمۇ ،
قەدىرلىمەي شەيتاننىڭ قازانلىرىدا قاينىما.
ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايسەن مېنى
قەلەمىي
ئۇزۇن بولدى چۈشەپ باقمىدىم .
ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايسەن مېنى .
بەلكىم چۈشەپ قالدىڭ نەچچە رەت ،
ئۇنتالمىدىم پەقەت ئاھ سېنى .
*
تېلفۇنۇڭمۇ ئېچىلماس بولدى ،
ئالماشتۇرۇپ بولدۇڭ ئېھتىمال .
ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايسەن مېنى ،
قىلمىغانمۇ ئوخشايسەن خىيال .
*
شاماللاردىن سوردۇم نەچچە رەت ،
يوللىماپسەن بىرەر رەت سالام .
ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايسەن مېنى ،
ساقايماستىن سەن سالغان يارام .
*
بولدى قىلغىن دەيدۇ يۇلتۇزلار .
توختاپ قالغىن دەيدۇ ھەم ئايمۇ .
ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايسەن مېنى ،
قان يىغلىدى قاقاس چۆل -سايمۇ .
چىقىۋالدىڭمۇ ئاينىڭ ئۈستىگە
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
جىمجىت كېچە يۇلتۇز جىلمىيىپ ،
ئاي قارايدۇ كۈلۈپ بەك ئوماق .
چىقۋالدىڭمۇ ئاينىڭ ئۈستىگە ،
ئەۋەتتىمۇ ئاي ساڭا قولۋاق .
*
ھىدلىرىڭنى تاپتىم شامالدىن ،
ئەۋەتىپمۇ ئۈلگۈردۈم سالام .
ئايدىن چۈشۈپ قويغىنا مېنى -
بىر قۇچاقلاپ -ساقايسۇن يارام .
*
ئاينى ئەسلى بىر گۈزەل دەيدۇ ،
ئايدىن گۈزەل كۆرۈنىسەن ماڭا .
ئۇزاتقىنا - قولۇڭنى گۈلۈم ،
يۈرىكىمنى سۇناي مەن ساڭا .
ئۆز دۇنيا
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
بىلىنىدۇ ھەر كىمچۈن شىرىن شېكەر ئۆز دۇنيا .
باغاش ئەتسەڭ ھەسسىلەپ باغاش ئېتەر ئۆز دۇنيا.
*
ئۆزگىلەرنىڭ دۇنياسى مەڭگۈ سېنىڭ بولالماس ،
قەدرىن قىلساڭ قەدرىڭگە ئەڭ بەك يېتەر ئۆز دۇنيا.
*
ھېچكىم سېنى چۈشەنمەس ئايرىلساڭ گەر ئۇنىڭدىن،
ئۆز بىلسەڭ گەر ئۆزلۈكتە چاقناپ كېتەر ئۆز دۇنيا .
*
بەختىڭ قايدا ئۇنىڭسىز تەلمۈرسەڭمۇ يىللارچە ،
ئۇلۇغلىساڭ ئىزىڭغا گۈللەر تېرەر ئۆز دۇنيا .
*
گۈزەل ئەخلاق ئىلىمپەن بولۇپ ئۆتسە ئاڭا يار ،
بىھىشتىنمۇ ئەتىۋا بۈيۈك بىلىنەر ئۆز دۇنيا .
*
كەتكىنە
*
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
*
كەل يۈرەك پارەم مېنى خۇشھال ئېتىپ بىر كەتكىنە .
سەن ئۈچۈن قەلبىم گېلەم ئېغناپ يېتىپ بىر كەتكىنە .
*
بارلىقىم بىر سەن ئۈچۈن بىلگىن ئېسىڭدىن چىقمىسۇن ،
بار ئازابنى قالدۇرۇپ شاتلىق ئېلىپ بىر كەتكىنە .
*
ئۇسسىساڭ چۆللەردە گەر ئابى ھايات كەۋسەر بولۇپ-
قۇيۇلاي ئالتۇن چىنەڭگە گۈپ-گۈپ ئىچىپ بىر كەتكىنە .
*
ئارمىنىم بىر سەن بىلەن كەزسەم ھاياتلىق سەپىرىنى ،
گەر ئاڭا ماقۇل دىسەڭ بىرگە ئېلىپ بىر كەتكىنە .
(1)ئانىلار
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
بالىلارنى دەپ بىر ئۆمۈر ياشايدىكەن ئانىلار .
راھەت كۆرسۇن دەپ دائىم ئايايدىكەن ئانىلار.
ۋاپا-كەلسۇن كەلمىسۇن ئىنساۋىنى تىلەپلا ،
مىھىر بېرىپ مىھرىدىن قارايدىكەن ئانىلار .
قاقشاتسىمۇ ئۆزگىگە يامان ئەمەس دەيدىكەن .
تاپالمىسا يولىنى كېچلەپ غېمىنى يەيدىكەن .
شۇنداق تۇرۇپ قەدىرىنى بىلمەيدىغان پوچىغا ،
كۈندە توقماق نەچچە رەت يىمەك ھەركۈن سەي ئىكەن .
ئەڭ ئاخىرقى تىنقىدىمۇ يەنىلا بالام دەيدىكەن .
لېكىن بالىلار بالىدەك ئۆز غېمىنى يەيدىكەن .
راھەت كۆرسۇن ئۇلارمۇ ئەھۋال سوراپ تۇرايلى ،
تۈنۈگۈنكى ئانىلار بۈگۈن قاراڭ نەدىكەن ؟
(2)ئۇلۇغ ھېكايە
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
بىر پارچە گۆش كەبىي چۈشكەن ئىدىڭسەن ،
زاكىغا يۆگىدى مىھرىبان ئاناڭ .
قان بەردى جان بەردى ھالال تەر بىلەن ،
پۇتلىشىپ تۇرسىمۇ نەچچە رەت كاتاڭ .
قانچىلغان كېچىلەر قاقمىدى كىرپىك ،
كۈنلىرى سەن بىلەن بولدى ئاۋارە .
سېنى دەپ تۈزۈكرەك ئالالماي ئارام ،
پۈتتى ئاھ جاپادىن ئۇلۇغ ھېكايە
ئالماڭمەن شۇ تاپتا يەۋاتقان يارىم
قەلەمىي
تاتىلايدۇ قەلبىمنى لىپمۇ لىق ئازاب .
پىراقىڭ بىر-بىرلەپ يۇتماقتا بارىم.
چاقىرغان ئۈنلىرىم قالار جاۋابسىز،
ئالماڭمەن شۇ تاپتا يەۋاتقان يارىم .
سۆيگۈڭنىڭ چۆلىدە دائىم ئېچىرقاپ ،
بىر چىنە سۈيۈڭگە ئىنتىزار يارىم ،
ھىدىڭنى تاپمىدىم ماڭغان يولۇمدىن،
ئالماڭمەن شۇ تاپتا يەۋاتقان يارىم .
قاراسلاپ سۇنغاندا سۆڭەكلىرىم ھەر،
لەۋلىرىم سۆيىدۇ يەرنىلا دائىم .
قەدىمىڭ يەتكىچە يەتتىغۇ ئەجەل،
ئالماڭمەن شۇ تاپتا يەۋاتقان يارىم .
تورداش
*
ئاپتۇرى : قەلەمىي
*
يۇرتتىن ئايرىلىپ بىلدىم يۇرتنىڭ ئاھىنى دوستۇم .
يۇرتتىن ئايرىلىپ يۈرگەن مۇساپىر زارىنى دوستۇم .
*
سېغىندىم جان -جىگەرىمنى ئانامنى غەمگۇزارىمنى ،
ئۇلار قىلغان مېنى چوپچۇڭ بېرىپ سۈت جاننى دوستۇم .
*
سېىغندىم دوسىت بۇرادەرلەر قاتار كەتكەن مەھەللەمنى ،
ئۇلار تۇتقان ماڭا ھەر چاغ مۇھەببەت جامىنى دوستۇم .
*
يىراقلارنڭ سۈيى ياقماس تۇرار يەكلەپ تۇرۇپ سەپتە،
سېغىندىم زەپ شىرىن كەۋسەر بۇلاق كارىزىنى دوستۇم .
*
ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن تىنىقىم چىقار دائىم ئۈمىدئىچىرە ،
ۋەتەن مللەت ماڭا بەرگەن يۈرەك ھەم جانىنى دوستۇم .
*
ئۈمىدىم گۈل بولۇپ دائىم سۇنۇلسام ھەر ئەزىزلەرگە،
ئاڭا جىسمىم ئاتاپ كەلسە ئۆمۈرلۈك بارىنى دوستۇم .
*
ھامان بىر كۈن ئۆلۈپ كېتىمىز قەدىرلەيلى ھاياتنى بىز ،
قىلايلى سۆيگىدە شاتلىق مۇھەببەت ئايىمى دوستۇم .
*
يار مېنى سۆيمەيدىكەن
قەلەمىي
ئەي يارەنلەر ئول دىلرەبا سۆيسەم مېنى سۆيمەيدىكەن .
ئىشقىدا چۇل -چۇل يۈرەك سۆيگەن جېنى سۆيمەيدىكەن .
ئاڭلىسام چۈشكۈن يۈرۈيمىش ئول ئۆزىن خار-زار قىلىپ ،
سۆيمىگەن سۆيسە قەۋەت -سۆيگەنلىرى سۆيمەيدىكەن .
سۆيمىسە مەيلى لېكىن ھالى بەتەر مەندىن ئوسال ،
ئول دىلرەبا سۆيگەن يىگىت ئۇنى پەقەت سۆيمەيدىكەن .
ئول ئۈچۈن تارتقان پىراق شىرىن شېكەر كەۋسەر ئىدى ،
ئول چېكىپ يۈرسە ئازاب كۆڭلۈم خۇشال بولمايدىكەن .
بىرسىگە قىلسا بىراۋلەر بىرسىدىن شۇنداق يانار ،
سۆيمىگەننىڭ قۇلى بولۇپ سۆيگەننى چىن سۆيمەيدىكەن .
ئۇزۇن بولدى كۆيۈپ يۈرگىلى
قەلەمىي
ئۇزۇن بولدى كۆيۈپ يۈرگىلى،
چىقمىدى ھېچ سېنىڭدىن سادا.
قىينىغاندىن ھىجران -ئازابتا،
قىلساڭچۇ بۇ دۇنيادىن ئادا .
*
ئۇزۇن بولدى كۆيۈپ يۈرگىلى
بىرەر قېتىم چىقاي دىمەيسەن .
ئوتلىرىڭدا بولساممۇ كاۋاپ،
ئېچىپ قوياي چىراي دىمەيسەن.
*
ئۇزۇن بولدى كۆيۈپ يۈرگىلى ،
نىچۈن كۆڭۈل ئالاي دىمەيسەن ،
ئىشقىڭدا تاغ كەچكەن يۈرەككە،
پاك مىھرىمنى سالاي دىمەيسەن .
*
ئۇزۇن بولدى كۆيۈپ يۈرگىلى ،
بەلكىم كۆيۈپ خىيال سۈرمەيسەن .
كۆيگەن بولساڭ ئەزەلدىن ماڭا،
جاۋابىڭنى سۈرۈپ يۈرمەيسەن .
چىرايلىق قىز
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
ئۆزىنى چىڭ تۇتقانمىدۇ چىرايلىق قىز ؟
پاك كۆڭۈل ئۇتقانمىدۇ چىرايلىق قىز ؟
يا چىراي تاللاپ يۈرۈپ يوللارمۇ يول،
دەرد ئازاب يۇتقانمىدۇ چىرايلىق قىز ؟
*
قەلبىنى ئەخلاق غۇرۇر ۋىجدان بىلەن ،
يورۇتۇپ يۈرگەنمىدۇ چىرايلىق قىز ؟
خۇشپۇراقلىق لالە ئەنبەر گۈل بولۇپ،
ئۇز خىيال سۈرگەنمىدۇ چىرايلىق قىز ؟
تۇرسا پاك تەبئىي گۈزەل ئەسلا ئۆزى ،
يۈز بوياپ يۈرگەنمىدۇ چىرايلىق قىز؟
ساپ ئىمان ۋىجدانغا يار مەپتۇن بولۇپ،
پاك پېتى يۈرگەنمىدۇ چىرايلىق قىز ؟
*
قاش ئېتىپ ئويناتسا كۆز شەيتانلىرى ،
تاش ئېتىپ قاچقانمىدۇ چىرايلىق قىز ؟
بىر ئۆمۈر بىرگە كۆيۈپ بىرنى سۆيۈپ،
خۇش چىراي ئاچقانمىدۇ چىرايلىق قىز ؟
كەچۈرۋەتتىم - سۆيگەچكە گۈلۈم
*
قەلەمىي
*
ئازاب بىلەن قىلساڭمۇ جۇل جۇل ،
ھىجران بىلەن قىلساڭمۇ قۇل- قۇل .
يۈرىكىمنى گەر تىلساڭمۇ چۇل-چۇل ..
كەچۈرۋەتتىم - سۆيگەچكە گۈلۈم
*
مەيلى مېنى باغقا باشلىما ،
گۈللىرىمنى دائىم تاشلىما،
كۆزلىرىمنى قىيناپ ياشلىما ...
كەچۈرۋەتتىم - سۆيگەچكە گۈلۈم
*
بارلقىمنى قىلساڭمۇ خازان ،
جانلىرىمنى قويساڭمۇ ئاران ،
بىلمىسەممۇ مېڭشىمنى قايان ...
كەچۈرۋەتتىم - سۆيگەچكە گۈلۈم .
*
سېنى بار ياشاپ كەپتىمەن ،
كېچە -كۈندۈز غەملا يەپتىمەن ،
شۇنچە كۈنلەر مېنىڭ دەپتىمەن ...
كەچۈرۋەتتىم - سۆيگەچكە گۈلۈم .
*
بەلكىم سېنى قالدىم ياقتۇرۇپ
قەلەمىي
نەگە قارىسام سېنىڭ سىمايىڭ ،
سەندىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمەس .
بەلكىم سېنى قالدىم ياقتۇرۇپ،
كۆڭلۈم سەندىن ئۆزگە بۆلۈنمەس .
دەرەخلەرمۇ سېنىڭ ھىدىڭنى ،
ئالغان كەبىي باش ئىگىپ يۈرەر،
بەلكىم سېنى قالدىم ياقتۇرۇپ ،
كۆزۈم پەقەت بىر سېنى كۆرەر .
ئاسماندىمۇ باردەك ئىزلىرىڭ ،
يۇلتۇز ئايمۇ جىلمىيىپ كۈلەر ،
سەن كۈلگەندە ئۇلار غىپپىدە ،
خىجىللىقتىن جىم بولۇپ ئۆلەر
ئۈرۈمچى
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
مىھرى ئىسسىق باغرى ئوت قەلبى ئاتەش ئۈرۈمچى.
بارچە شەپقەت قاينىغان سۆيۈملۈكسەن ئۈرۈمچى .
ئىشچانلارغا گۈل تۇتۇپ ئاش-نان بېرىپ سۇ بېرىپ،
كەلدىڭ شۇنداق ھەممىدىن كۆيۈملۈكسەن ئۈرۈمچى .
ماشىنىلار دۇنياسى ئاسفالىت كەڭ يوللىرىڭ ،
تازلىقچىلار تەپتىدە باغرىڭ جەننەت ئۈرۈمچى .
كەلمەس كىمنىڭ كۆرگۈسى تۇرساڭ شۇنداق بىر گۈزەل ،
بىلىنىدۇ سېنىڭدە قەدىر-قىممەت ئۈرۈمچى .
بىر كەلمىگەن كەلگۈلۈك كۆرۈپ بىر چاڭ كەتكۈلۈك ،
بارچە سۆيگۈ بىخلىغان باغۇ-بوستان ئۈرۈمچى .
رەھىمدىلگە رەھىمدىل رەھىمسىزگە بىر چايان ،
ھاجەتمەنگە ھەر زامان مىھرى فۇنتان ئۈرۈمچى .
دۆڭكۆۋرۈك ھەم چوڭ بازار ،مىللەتلەرنىڭ كوچسىدا ،
ئۇيغۇرلارئۈچۈن خۇش كۈلۈپ باققان سەھەر ئۈرۈمچى .
دىيارىمنىڭ كىندىكى - بار مەدەنيەت قاينىغان ،
شۇنداق بولغاچ سەن تەرەپ بولار سەپەر ئۈرۈمچى .
مۇڭداشقۇدىن دوسىت ئىزدىمەڭ ئالدىراپ
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
جاھان سىرلىق ئادەملەر بەك مۇرەككەپ ،
مۇڭداشقۇدىن دوسىت ئىزدىمەڭ ئالدىراپ.
بىلسە دۈشمەن بۇلدۇقلايدۇ ئۆسەك گەپ ،
مۇڭداشقۇدىن دوسىت ئىزدىمەڭ ئالدىراپ .
يېقىن دىگەن تۇرسا شۇنداق گۇمانلىق ،
ناتونۇشلار قەلبى ئاندىن تۇمانلىق .
ئەۋىج ئاپتۇ ساختىلىق ھەم يوغانلىق ...
مۇڭداشقۇدىن دوسىت ئىزدىمەڭ ئالدىراپ .
ياخشى بولسا توردا يولنى تورامتى ؟
تونۇماي تۇرۇپ دوسىت توزىقى قۇرامتى ؟
گەپ قىلمىسڭىز بىرسى سىزنى ئۇرامتى ؟...
مۇڭداشقۇدىن دوسىت ئىزدىمەڭ ئالدىراپ .
(2) مۇڭداشقۇ
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
گاھ ۋاقتىڭنى ئېلىپ كەتتى مۇڭداشقۇ .
گاھ ھىجرانغا سېلىپ كەتتى مۇڭداشقۇ .
گاھ كىمنىدۇر ھازىر قىلىپ ئكراندا ،
گاھ يۈرىكىڭنى تىلىپ كەتتى مۇڭداشقۇ .
گاھ يۈرىكىڭنى تىلىپ كەتتى مۇڭداشقۇ .
كىم - كىملەرنى كۆرۈشتۈردى مۇڭداشقۇ .
كىم- كىملەرنى ئۇچراشتۇردى مۇڭداشقۇ .
كىم-كىملەرگە تۇيدۇرماستىن شىپپىدە ،
كۈلكە -يىغا ئولاشتۇردى مۇڭداشقۇ .
گاھ توردىكى تېلىفۇن بولدى مۇڭداشقۇ .
گاھ سىھىرلىك ئەينەك بولدى مۇڭداشقۇ .
ئەقىلسىزلەر ئۈچۈن بولسا پىر - شەيتان ،
ئەقلى بارغا يۆلەك بولدى مۇڭداشقۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalamiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-28 09:39 AM