مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1278|ئىنكاس: 8

مەشھۇر ئەدىبلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ( 3 ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83018
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5473
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 402 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 10:44:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                نىمشېھىت ( 1906 - 1972 )
          ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى ، داڭلىق شائىر ۋە جامائەت ئەربابى نىمشېھىت 1906 - يىلى باي ناھىيەسىنىڭ سايرام رايونىدىكى تېزەكقاغا كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا زىيەنكىشلىككە ئۇچراپ ، 1972- يىلى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى 66 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن . ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى نىمشېھىت ئەرمىيا ئېلى سايرامى بولۇپ ، ئۇرۇشتا ئېغىر يارىلانغانلىقتىن ‹‹ نىمشېھىت ›› دېگەن تەخەللۇسنى ، تۇغۇلغان ئانا يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ ‹‹ سايرامى ›› دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان .
         ئۇنىڭ ‹‹ بازار ۋە مازار ›› ، ‹‹ مادارا ئەئىزەم ›› ، ( ‹‹ چوڭ ياراشتۇرۇش ›› ) ، ‹‹ ۋەتەن مۇھەببىتى ›› ، ‹‹ يۈرەك سۆزى ›› ، ‹‹ مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد - شېرىن ›› ، ‹‹ نىمشېھىت ئەسەرلىرى ››  قاتارلىق توپلاملىرى بار .
                                           زۇنۇن قادىر ( 1912 - 1989 )
         شۆھرەتلىك يازغۇچى ۋە دىراماتورگ زۇنۇن قادىرى 1912 - يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە شەھەر كەمبەغەل ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1989 - يىلى قازاقىستانغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ ، كېسەللىك سەۋەبى بىلەن شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولغان . جەسىتى شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان ھەم ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان .
         زۇنۇن قادىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا تۆھپىسى ، تەسىرى چوڭ يەزغۇچىلارنىڭ بىرى . ئۇ ، ‹‹ غۇنچەم ›› ، ‹‹ گۈلنىسا ›› قاتارلىق دىرامىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان دىرامىچىلىقىغا ئاساس سالغان بولسا ، ‹‹ ماغدۇر كەتكەندە ›› ، ‹‹ مۇئەللىمنىڭ خېتى ›› قاتارلىق ھېكايىلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر رېئالىستىك پىروزچىلىقى ئۈچۈن تۇنجى يولنى ئېچىپ بەرگەن .
         ئۇنىڭ ‹‹ غۇنچەم ›› ناملىق دىرامىلار توپلىمى ، ‹‹ چىنىقىش ›› ناملىق ھېكايە - ئوچېرىكلار توپلىمى ، ‹‹ خاتىرىلەر ›› ناملىق ئەسلىمىلەر توپلىمى ، ‹‹ مەسەل ۋە چۆچەكلەر ›› ناملىق شېئىرىي مەسەل - شېئىرىي چۆچەكلەر توپلىمى ، ‹‹ غېرىپ - سەنەم ›› ( باشقىلار بىلەن بىللە يازغان ) ناملىق كىنو سېنارىيەسى ۋە ‹‹ زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرى ›› ناملىق پۈتكۈل ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق توپلىمى قاتارلىقلار بار .
                                         ئەھمەد زىيائى ( 1913 - 1989 )
          ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىدىن بىرى ، شائىر ، تالانتلىق دىراماتورگ ۋە ئەدەبىيەتىشۇناس ئەھمەد زىيائى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان . ئەھمەد زىيائى 1947 - يىلىلا ‹‹ توزىماس چېچەكلەر ›› ، ‹‹ لاداخ يولىدا كارۋان ›› ، ‹‹ ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە ›› قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇپ زور شۆھرەت قازانغان .
          ئازادلىقتىن كېيىن ئۇنىڭ ‹‹ رابىيە - سەئىدىن ›› ناملىق چوڭ ھەجىملىك داستانى ، ‹‹ ئەھمەد زىيائى ›› ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان . ئۇ يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان .
                                          سەيپىدىن ئەزىزى ( 1915 - 2003 )
           مەشھۇر دۆلەت ئەربابى ، سىياسىيون ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى ، تۇنۇلغان يازغۇچى ، دىراماتورگ ، شائىر سەيپىدىن ئەزىزى ئاتۇشتا تۇغۇلغان . مەشھۇر مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قولىدا تەربىيلەنگەن ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان . ‹‹ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ›› غا قاتناشقان . ئۇنىڭ ‹‹ سۇلتان سۇتۇق بوغراخان ›› ناملىق تارىخىي رومانى ، ‹‹ تەڭرىتاغ بۇركۈتى ›› ناملىق بىيوگرافىك قىسسىسى ، ‹‹ ئەۋلىيا ئاتا ›› ناملىق ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلىمى ، ‹‹ كۈرەش يولى ›› ناملىق دىرامىلار توپلىمى ، ‹‹ ساما ناخشىسى ›› ناملىق نەسرىي ئەسەرلەر ۋە شېئىرلار توپلىمى ، ‹‹ ئۆمۈر داستانى ›› ( ئۈچ قىسىم ) ، ‹‹ سەيپىدىن ئەزىزى شېئىرلىرى ›› ، ‹‹ سەيپىدىن ئەزىزى رۇبائىيلىرى ›› قاتارلىق ئون پارچىدىن ئارتۇق كىتابى نەشر قىلىنغان .
                                        لۇتپۇللا مۇتەللىپ ( 1922 - 1945 )
          ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1922 - يىلى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يەتتە سۇ ۋىلايىتىنىڭ چونجى رايونى ( ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونى ) چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كېلىپ ، 1945 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە ياشاپ ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان .
           ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك شېئىرلىرىدىن ‹‹ يىللارغا جاۋاب ›› ، ‹‹ خىيالچان تىلەك ›› ، ‹‹ تەسىراتىم ›› ، ‹‹ تۈن يېرىپ ئىزلار باشقاندا ›› ، ‹‹ يانار تاغلار ›› قاتارلىقلار بار ، ئۇ يەنە ‹‹ كۈرەش قىزى ›› ، ‹‹ سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ ›› ، ‹‹ چىمەنگۈل ›› ، ‹‹ تاھىر - زۆھرە ›› قاتارلىق دىرامىلارنى يازغان . يۇقىرقىلاردىن تاشقىرى ، لۇتپۇللانىڭ ‹‹ ئەجەل ھۇدۇقۇشدا ›› ، ‹‹ پادىشاھ سامورايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ ›› دېگەن داڭلىق فېليەتونلىرى ، ‹‹ تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىش تارىخى ›› ، ‹‹ سەنئەتكە مۇھەببەت ›› دېگەن ئىلمىي ماقالىلىرى بار . لۇتپۇللا يەنە ‹‹ داۋانلار ئاشقاندا ›› دېگەن نامدا رومان يېزىشقا باشلاپ ، 11 بابىنى يېزىپ تۈگەتكەن . ئەپسۇسكى بۇنىڭ قول يازمىسى ھازىرغىچە تېپىلمىدى .
                                       ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ( 1933 - 1995 )
           ئالىم ، مۇتەپەككۇر ، ئەدىب ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پىروفېسسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاتۇشتا تۇغۇلغان . ئۇ ئۆزىنىڭ چەكلىك ھاياتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسدىكى كۆزگە چېلىقارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ . ئۇنىڭ ‹‹ شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا - ئۇسسۇل سەنئىتى ›› ، ‹‹ ئومۇمىي ئېستېتىكا ›› ، ‹‹ فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى ›› ، ‹‹ قاتلاملىق ئېستېتىكا ›› ، ‹‹ ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى ›› ، ‹‹ ‹ قۇتادغۇبىلىك › خەزىنىسى ›› ،‹‹ قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا ›› ، ‹‹ ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى ›› ، ‹‹ رۇبائىيات ›› ( 1 - 2 ) ، ‹‹ ئائىلە ›› قاتارلىق 20 پارچە كىتابى نەشر قىلىنغان . 200 پارچىغا يېقىن ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ، 2000 پارچىدىن كۆپرەك شېئىر غەزىلى ، نەسرلىرى ۋە ‹‹ كۇماراجىۋا ›› ناملىق كىنو سېنارىيەسى ئېلان قىلىنغان . ‹‹ شاھنامە ›› قاتارلىق ئۈچ پارچە تەرجىمە كىتابى نەشر قىلىنغان .  
         
          مەنبە : ئەدەبىياتتىكى زۆرۈر بىلىملەر كىتابىدىن ئېلىندى .

ھاياتىڭىزدا كىشىلەر دېڭىز دولقىنىغا ئوخشاش كېلىپ - كېتىپ تۇرىدۇ . لېكىن ناھايىتى ئاز كىشىلەر قەلبىڭىزدە ئۆچمەيدىغان ئىزلارنى قالدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73721
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3573
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 06:55:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سەيپىدىن ئەزىزى دىگەن ئادەم زادى قانداق ئادەم بولغۇيتى؟؟؟؟؟؟؟


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80157
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3299
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2013-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 01:57:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alemdarapandem يوللىغان ۋاقتى  2012-11-29 06:55 PM
بۇ سەيپىدىن ئەزىزى دىگەن ئادەم زادى قانداق ئادەم بولغۇ ...

سەيپدىن ئەزىزى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىدىن كېيىن دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇق تۇتقان مەشھۇر زات، يازغۇچى، يېقىنىقى زمان تارىخمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى شاھىتلىرىدىن بىرى. مىللەت ۋە خەلقنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ھەر تەرەپلىمە كۆپ كۈچ چىقارغان . بەزى مەنبەلەردە ئاشۇ زۇلمەت دەۋىرلەردە ئا.مۇھەممەتئىمىننىمۇ سەيپىدىن ئەزىزى ياردەم قىلىپ كۇتۇپخانىغا بەند قىلغان ئىكەن. بۇ چوڭ ياردەم ئا.مۇھەممەتئىمىننى كۆپلىگەن ماتىريال كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. ھەمد بۈگۈنكى كۈندە ئالىمنىڭ كىتاپلىرىنىڭ بىز بىلەن ئۇچرشىشىنىمۇ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
لىكىن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ مەلۇم ئەسلىمىسىدە،( ئەخمەتجان قاسىمى ئۆلۈپ كېتىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ) «مەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كىشىلەر ۋاپات بولغان (ئايروپىلان ۋەقەسىدە) بۇ يەردىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋېتىپ قاتتىق ھاياجانلاندىم ...»دېگەن بىر بايان بار. ئەخمەتجان قاسىمنىڭ نېمە ئىش ئۈچۈن ماڭغانلىقى ھەممىزگە ئايان. شۇنداق تۇرۇپ سەيپدىن ئەزىزى نېمە ئۈچۈن قاتتىق ئازاپلانماقتا يوق ھاياجانلىنىدۇ؟ ھاكىمىيەت ئەمدى ماڭا ئوڭچە قالدى دەپمۇ ياكى.........؟
  چەتئەلدە نەشىر قىلىنغان «چېقىن» ناملىق بىر كىتاب ئوقۇغان ئىدىم.ئۇ كىتابتا بۇ زات ۋە ئەزىزلىرىمىزدىن ئۆتكۈر ئەپەندى، سابىت داموللام(مېنىڭچە بۇ كىشى شاپتۇل داموللام ئەمەس) ... توغرۇلۇق نورغۇن مەلۇماتلار بار . ئۇ كېتابتا سابىت داموللا ئىسىملىك بىر كىشى سەيپىدىن ئەزىزىگە مۇنداق دەيدۇ: « سەيپىدىن بىر خەلقنى ھۆرلۈككە ئىرشمەي تۇرۇپ،‹ئىزم،پىزم›يولىدا ماڭغىلى بولمايدۇ ، كاللاڭنى ئىشلەت، باشقىلارنىڭ ئەندىزىسنى خەلق ھۆر بولغاندىلا ئاندىن ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ..........» شۇندىن كېيىن سەيپىدىن ئەزىزى قاتتىق چۆچۈيدىيۇ، ئەمما ئاللىقاچان كىچىككەن بولىدۇ.
مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي ، ئىشقىلىپ بۇ شەخىسكە باھا بىرىشكە ۋە ئەتراپىلىق شەرھىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. قالغىنىنى مۇنبەرداش دوسلارنىڭ ئىلىمى ئۇچۇرلىرىدىن بىلىۋالساق بولىدۇ .   

يۈرىكىم يىغلايدۇ، لىكىن ئوغۇل بولغانلىقىم ئۈچۈن ياش تۆكۆشكە ئامالسىزمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 02:09:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80765
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4728
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 02:10:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barghut يوللىغان ۋاقتى  2013-2-1 01:57 PM
سەيپدىن ئەزىزى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىل ...

شۇنداق ، سەيپىدىن ئەپەندىنىڭ ھاياتى ناھايىتى مۇرەككەپ ، ئەگرى -توقاي  . شۇڭا ئۇنىڭغا باھا بىرىشكە بىزلەر سەل ئاجىزلىق قىلىمىز .
ھەي ، تارىخ ، ئادەمنى ئويغا سالىدۇ ....

قىياس ئۇچۇر تورىغا مەرھەممەت!! www.qiyas.cn  99780397  چ چ توپ نۇمۇرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 05:26:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barghut يوللىغان ۋاقتى  2013-2-1 01:57 PM
سەيپدىن ئەزىزى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىل ...

سابىت داموللام شاپتۇل داموللام ئەمەس دىگىنىڭىز ئىنتايىن توغرا قېرىندىشىم،چۈنكى ،سابىت داموللا شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە يېتىپمۇ قۇرئان كەرىمنى ئانا تىلىمىزغا ئاغدۇرغان كىشى،شاپتۇل داموللا بولسا لەنىتى شىڭ شىسەينى پەيغەمبەرگە ئوخشاتقان مۇناپىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88973
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1062
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-12-22
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 03:04:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نىم شىھىتنىڭ شىئىرلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن.

مەن كىم ؟ نەدىن كەلدىم؟ نەگە بارىمەن؟ مەنزىلىم قايان؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65609
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3578
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-11-17
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 03:40:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹چىقىن ›دىگەن كىتاپنى  كۆرگىلى بولارما ؟ئ چ چ  22682984

ئەسلىنى ئۇنۇتقان-ئاسىيدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88120
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 11:02:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىز گە رەھمەت ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش