|
|
|
|
ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ساھەسىدىن كاتتا خوش خەۋەر شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتېتى يۇمشاق دېتاللار ئىنستېتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۆتكۈر ئەركىن 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش MM (Mobile Marketنىڭ قىسقارتىلمىسى) مىليونلىغان ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىسىقىسى»دە 2012-يىللىق چېمپىيون بولدى. ئۇنى ئېلىمىز بويىچە چىمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن يۇمشاق دېتالى، ئۇيغۇرچە تور كۆرگۈ 2.0 ئىدى.
ئىلگىرى مۇتلەق كۆپ ساندىكى تېلفۇنلار ئۇيغۇرچە تۇنىمايتتى، ئۇيغۇرچە خەت بۇلىقىنى قېتىشقا توغرا كېلەتتى ،ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى نۇرمال زىيارەت قىلغىلى بولمايتتى. ئۆتكۈر ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە يۈكسەك ئېرادە باغلاپ ،كۆپ يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىر مۈكەممەل بولغان ئۇيغۇرچە يان تېلفۇن كۆرگۈچنى ياساپ چىقتى. بۇ تورگۈچنى ئىشلەتكەندە ئۇيغۇرچە خەت بۇلىقىنى قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق،تېلېفۇنىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە تۇنۇش تۇنىماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.تور كۆرگۈچنى قاچىلىسىڭزلام ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى كومپىيوتىردا قانداق قانداق زىيارەت قىلغان بولسىڭىز شۇنداق زىيارەت قىلالايسىز. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنتېرنېت ساھەسىدە ئۇزۇندىن بۇيان تەقەززا بۇلۇپ كۈتىۋاتقىنى دەل يانفۇن تور كۆرگۈچى ئىدى.ئەمدى بۇ بوشلۇق تولدۇرىلدى،ئەمدى بىزمۇ يان تېلفۇندا خەنزۇچە تور بېكەتلەرنى نۇرمال زىيارەت قىلالىغانغا ئوخشاش ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىمۇ نۇرمال زېيارەت قىلالايدىغان بولدۇق.ئەمدى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ يانفۇن نۇسقىسىنى چىقىرىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى.تورداشلار ئەمدى بۇدېتالنى ئىشلەتمەسلىككە باھانەڭلار قالمىدى!!! بۇ تور كۆرگۈچنى چۈشۈرۈش ئادېرىسى:http://mm.10086.cn/1007/30000264 ... p;fw=000552&o=a
|
|
|
|
|
|