چەرچەندىكى مازارلارنىڭ تەسۋىرلىرى بايانىدا
چەرچەندىكى مازارلار باشقا يۇرتتىكى مازار ،قەبرىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.خادا تاش ئۇمۇميۈزلۈك ئادەت بۇلۇپ مەيلى قەبرە تېشى قويسۇن،سالاسۇن قويسۇن،تاش قويسۇن ياكى قەبرە ياساتسۇن چۇقۇم خادا قويىدۇ ۋە خادا يەڭگۈشلەشنى مۇھىم ئىش قاتارىدا كۆرىدۇ.
چەرچەندە قەبرىلەرگە ئاساسەن خادا قويۇلىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا سالاسۇن قويۇلىدۇ،قەبرە تېشى قۇيۇش يېقىندىن بۇيان پەيدا بولدى.قەبرە قاتۇرۇش بۇرۇندىن تارتىپ داۋام قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ دېگەندەك ئۇمۇملاشمىغان.ئۇنىڭدىن باشقا تاش قويىدىغان ئادەت بۇلۇپ بىر ئادەم كۆتۈرەلىگۈدەك ئۇزۇنچاق قورام تاش قەبرە بېشىغا قۇيۇپ قۇيۇلىدۇ. شۇ تاشقا مەرھۇمنىڭ نام ئەمالىنى ئۇيۇپ قويىدىغان ئىشلارمۇ قىسمەن ئۇچراپ قالىدۇ.خادىغا تۇغ باغلاش ،خادىغا گۈل ئېسىش قاتارلىق ئادەتمۇ بار..
سالاسۇننىڭ ياغاچلىرىغا قۇرئان ئايەتلىرىنى پۈتۈپ قۇيىدۇ،سالاسۇن ئاق سىرلىنىپ باش تەرىپىدىكى خەت يازىدىغان مەخسۇس تاختىغا مەرھۇمنىڭ تۇغۇلغان ،ۋاپات بولغان ۋاقتى،سىرتتىن كەلگەن بولسا ئەسلى يۇرتى قاتارلىقلار يېزىلىدۇ.سالاسۇننى يەنە تۈمۈردىن ياسايدىغانلارمۇ بار.يېقىندىن بۇيان مەخسۇس پىششىقلاپ ئىشلەنگەن شىپال تاشقا خەت ئۇيۇپ قەبرە تېشى قويىدىغان ئادەتمۇ شەكىللىنىشكە باشلىدى.
خادىلارغا تۇلۇم ئېسىش قوتاز قۇيرۇقى ئېسىش ،تۇمار ئېسىش بۇرۇندىن داۋام قىلىۋاتقان ئادەت بۇلۇپ يېقىندىن بۇيان يەنە خادىلارغا گۈل ئاسىدىغان ئىشمۇ پەيدا بولغان ، بۇ گۈللەرنىڭ سۈنئىي گۈلمۇ ، راسىت گۈللەرمۇ بار .ئۇنىڭدىن باشقا قەبرىلەردە دەرەخ ئۆستۈرۈش ئادىتى بۇلۇپ يۇلغۇن ، جىگدە ، ئۈجمە ھەتتا قارىغاي قاتارلىقلارنىمۇ ئۆستۈرۈۋاتقانلار بار .
چەرچەندە ھەر پەيشەنبە كۈنى قەبرە بېشىغا چىقىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانا ئۇرۇغ -تۇغقانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان ئادەت قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن.شۇنداقلا ھېيىت -ئايەم كۇنلىرىدە خادا يەڭگۈشلەيدىغان ئادەتمۇ ھەم بار.
مەنبە :<<گۆھەر زېمىن -چەرچەن >>ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
تەييارلىغۇچى:ئالىمجان ياسىن شىر يازدان
ۋاقتى:2012-11ئاينىڭ 26-كۈنى