ئادىمىيلىك ئەخلاقىمىزنى ئاسىرايلى
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
(«ئا» ھەرىپى بىلەن باشلانغان ئەخلاق ھىكمەتلىرى)
ئادىمىيلىك ئەخلاق ئادەملەرگە ئاللا ئاتا قىلغان ئالاھىدە ئامانەتتۇر.
ئادەملەر ئادىمىيلىك ئەخلاقىدىن ئازماي،ئاللاھنىڭ ئامانىتىنى ئاقلىيالىسا،ئالەمدىكى ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكىنىى ئالىلاشتۇرۇپ،ئادەملەر ئارىسىدىكى ئابرۇيىنى ئالاھىدە ئاشۇرۇپ ئالەمدە ئالقىشنىلالايدۇ.
ئادەملەر ئادىمىيلىك ئەخلاقىنى ئالاھىدە ئاسىراپ،ئازازۇلنىڭ ئازدۇرشىغا ئازماي،ئائىلىنىڭ ئاۋاتلىقىنى،ئالەمنىڭ ئامانلىقنى ئاسراپ، ئادىمىيلىك ئەخلاقىنى ئالتۇندىن ئارتۇق بىلىپ،ئاق ئالۋاستىغا ئالدانماي،ئالەمدىكى ئادىمى ئالۋاستىلارغا ئارلاشماي،ئەيدىس ئاتالمىسلا،ئالەمدە ئالقىشلىنىپ،ئادەملەرنڭ ئارىسىدا ئابرۇي ئالالايدۇ.
ئادەملەر ئادىمى ئەخلاق ئارقىلىقلا ئەيدىستىن ئامان قالالايدۇ.
ئادەملەرگە «ئادىمى ئەخلاق »ئالەمنىڭ ئامانلىقىنى ئالقىنىغا ئالالىشىدا ئاساسنىڭ ئاساسىدۇر.
ئادەملەر ئادىمى ئەخلاقتىن ئايرىلىپ،ئالەمنىڭ ئالۋاستىلىرىغا ئايلىنىۋىلىپ،ئائىلىنىڭ ئاۋاتلىقىنى،ئالەمنىڭ ئامانلىقىنى ئاسىرمىسا،ئالەمدىكى ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكىدىن ئايرىلىپ،ئادەملەر ئارىسىدا ئادەم ئاتالمايدۇ.
ئاپتور: قاغىلىق ناھىيە شاتلىق دوختۇرخانسىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-27 07:31 PM