مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1500|ئىنكاس: 19

سىز مۇھەببەتتە يەڭدىڭىزمۇ ؟... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75569
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3433
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 05:48:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

        سىز مۇھەببەتتە يەڭدىڭىزمۇ ؟...

          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تورداشلار ، ياخشىمۇسىلەر؟..
          مەن يوللۇغ  مۇرەككەپ  تۇرمۇش قاينىمى  ئىچىدە  سېلەرگەيەنە بىر تېمىنى يوللىدىم .
          دىسەك يەنە شۇ گەپ ، ئەمما بۇ تۇرمۇشتا خوشال ياشايمەن - دەيدىگەنمىز بىر قىسىم ئىشىلارنى  چۇقۇم بىلىشىمىز ۋە چۈشنىشىمىز كېرەك - دەپ ئويلايمەن. شۇڭا بۇ ھەقتە  تەكلىپ پىكىرىڭلار بولسا ئايىمىغايسىلەر !..... ئۇنداق بولسا مۇنازىرە تېمامنى باشلىدىم ...
ئادەم تۇغۇلۇپ ياشىلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كىيىن ئادەمدە بىر خىل يات جىنىسلەرگە بولغان قىزىقىش پەيدا بۇلدىگەن ، ئەلۋەتتە بۇ دىگەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ قۇدىرىتى ، بۇنى  بەلكىم  ھەممىمىز بىلىمىز ، شۇنداق قىلىپ تۇرمۇشتا تەبىيئىلا ئادەم بىرسىنى ياخشى كۈرۈپ قالدىغان ،ۋە ھەرقانداق جاپا بولسىمۇ ئۇنىڭغا باش ئەگمەي تاللىغان شۇ ھەمراھ بىلەن  ئۆي تۇتۇپ ، تۇرمۇش قۇرۇپ ، كەلگۈسى گۈزەل تېلەكلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ياشاش  ئىسىتكى پەيدا بۇلۇپ قالدىگەن ، بەلكىم بۇنىڭ ئۈزى دەل شۇ قىز - يېگىت ئوتتورىسىدىكى  مۇھەببەت ۋە ئىرادە دىگەنلەرنىڭ بىر قىسىمى  بولسا كېرەك . شۇڭا بۇ مۇھەببەتتىن  ياخشى نەتىجە چىقىرىشنى ھەممەيلەن ئىنتايىن خالايمىز ...بىراق بۇنىڭ ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى باشىتىن ئۆتكۈزگەنلەر يەنىلا  ئوبدانراق بىلىدۇ .
   بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىز مۇنداق بىر ئوخشاش قىسىمەتنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان - دەپ ئويلايمەن .
    يەنى ھەممىزنىڭ ئاساسەن كۈڭۈللۈك مۇھەببەتلىشىپ ئۆتكەن كۈنلىرىمىز بولغان ، ئەمما تۇيۇقىسىز مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەپلى ئاردىكى مۇھەببەتكە سۇغاقچلىق چۈشكەن ،   بىرقىسىم ئىرادىلىك ياشلار بولسا ئۆز- ئارا خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىپ ، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئىش تۇتۇپ ، قېينچىلىقلارغا سەۋىر قىلىپ ، ئاخىرىدا يەنىلا بۇ پاك مۇھەببىتىنى ساقلاپ قالغان ، يەنە بىر قسىم ياشىلار بولسا ئۆز خاتالىقلىرىنى بوينىغا ئالماي ، قېينىچقلارغا سەل قاراپ ، سەۋىر قىلىشنى بىلمەي ، ئىرادىسىزلىك بىلەن مۇھەبىتىنى قولدىن بىرىپ قويغان دىگەندەك  ئەھۋاللار ......
   ئەمدى بىز بۇيەردە مۇنداق بىر ئالاھىدە ئەھۋالغا دىققەت قىلشىمىز كېرەك ، يەنى ھەرقانداق باھارنىڭ گۈزەل پەسىلى بولغاندەك  ھەر قانداق قىشنىڭ زىمىسىتان سوغۇقى بولىدۇ ، شۇنىڭدەك ھەرقانداق شىرىن مۇھەببەت ۋە تۇرمۇشنىڭمۇ بىر كۈنلەردە ئۇچرايدىغان قاتتىق سىىنقى ۋە جاپا - مۇشەققىتىمۇ بۇلىدۇ ، شۇڭا كۈڭۈللۈك مۇھەببەتلىشىپ ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئۇزىدىمۇ، يەنە بىر كۈنلەردە تۇيۇقسىز قاتتىق سىىناققا دۇچ كېلىدىغانلىغنى ھەر دائىم ئىسىدە ساقلاش ۋە ئىدىيە جەھەتتە مەلۇم تەييارلىق بۇلىشى لازىم ،چۈنكى  بىر قسىم ئىرادىسىز  ياشىلىرىمىز ئايرىلىش ئازابىغا  بەرداشلىق بىرەلمەسلىكى مۈمكىن ، بىراق چۈقۇم بەرداشلىق بىرىشمىز كېرەك ، چۈنكى ئاتا - ئانىمىزدىن ئايرىلىپ چىدايدىكەنىمىز - يۇ ئاشۇ ئەرزىمەس كىشى ئۈچۈن ياش تۈكۈش  ئەرزىمدۇ؟... . بەلكىم ئاخىرىدا ياش تۈكىدىغىنى شۇنداقلارنىڭ دەل  ئۈزى بۇلىشى مۈمكىن .
  مۇشۇ كۈنلەردە مەيلى توردا بولسۇن ياكى ئۈن - سىن بازىرى ۋە  تېلۋىرزۇر پىروگراممىلىرىدا بولسىۇن مۇھەببەتىتىكى ئازاپلارنى ناخشا قىلىپ ئېيتىش بەك مودا بۇلۇپ كەتتى ، بەلكىم شۇ ناخشىنى ئېيىتقانلار راسىتىنلا شۇنداق ئازاپلىق كۈنگە قالغاندۇ ؟..ئادەم بۇنداق ناخشىلارنى ئاڭلاۋەرسە مۇھەببەتكە ئىشەنمەس بۇلۇپ قالدىكەن ...
  بىراق بىز دىگەن ئۇغۇل بالا ، ھەر قانچە ياخشى كۆرسەكمۇ  ئۆز ئانىمىزدىن  ئارتۇق بولماس ، شۇڭا  بىر  قىز ئۈچۈن ئۇنچىلىك ھەسرەت چىكىش ئەرزىمەيدۇ ، ياكى ئازاپنى بەك  ئىچىگە سىغدۇرالمىغانلار بولسا بېرىپ شۇ قىزنى ئۇبدان بىر ئەيىبلەپ قويسا دەردى چىقىپ قالار ، شۇ كەمدە ئۇغۇللارنى ئالدىغان شۇ ۋىجدانسىز قىزلارمۇ بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس ، ئەمما يەنە بىر قىسىم  قېلىنلارغا ئامال يوق ، ئۇنداقلارنىڭ جاجىسىنى خۇدايىم ئۈزى بىرىدۇ . شۇڭا ئادەم بۇنداق ئىشلاردا كەڭ قورساق بولغان ياخشى .....
   ئايرىلىش ئازابى خېلى ئېغىر ، ئەمدى ئۇنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىش ياكى مۇھەببىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ  بىردىنبىر چارىسى بولسا ئۇچرىغان قىېينچىلىقلارغا سەۋىر قىلىش ، كەڭ قورساق بۇلۇش ،ياخشلىقنى كۆپ قېلىىش ،ھەمدە   ئۇلۇغ ئاللاھدىن شۇ بەختىنى تىلەپ زىكرى قىلىشتىن  ئىبارەت - دەپ قارايمەن ، شۇندىلا ئادەم ئۈزىنىڭ زادى نىمىنى خاتا قىلىپ قويغانلىغنى ۋە قانداق ئامال  قىلسا ياخشى بولدىغانلىغى ئۇلۇغ خۇدا شۇ كىشنىڭ دىلىغا سالىدۇ . ۋە شۇ بۇيىچە قىلالىسا قىلغان ئىشلىرى راۋان بۇلىدۇ - دەپ ئويلايمەن .
   تېمىنىڭ ئىسمىدا << يېڭىش >> دىگەن گەپ بار ، بۇ گەپ خۇددى جەڭنى ئەسلىتىدۇ ، بىراق مۇھەببەتمۇ مەلۇم مەندىن جەڭگە ئوخشاپ قالىدۇ ، جەڭدە بولسا بىر تەرەپ يەنە بىرتەرەپنى يېڭىشنى نىشان قىلىدۇ ، بىراق مۇھەببەتتە بولسا ئىككى تەرەپ ئارىلىققا چۈشكەن شەيتاننى ۋە قېينىچىلىقنى يېڭىشنى نىشان قىلىدۇ ، شۇڭا بۇ ئىككى گەپ ئوتتورىسىدا مەلۇم ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەرمۇ بار دەپ قارايمەن . ...
    مەن ئىلگىرى مۇنداق بىر ھەيۋەتلىك جەڭ فىلىمىنى كۆرگەن ، ئۇنىڭ ئىسىمى 征服 بۇلۇپ تۈركلەر بىلەن مەلۇم بىر ياۋۇپا دۆلىتى ئوتتورىسىدىكى كەسكىن جەڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ، يەنى تۈركلەر بۇ دۆلەتكە 40 كېچە - كۈندۈز ھۇجۇم قېلىپمۇ ئالالمايدۇ ، شۇ ۋاقىتتا بىر مۇسۇلمان دانشىمەن جەڭ مەيدانىغا يېىتپ كېلىدۇ ، ۋە  پادىشاھنىڭ ئۈمىدسىز ھالىتىنى كۈرۈپ  ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ : << سەن سەۋرچان بولغىن ، سەۋرچانلىق ئادەمنىڭ ئىككىنچى ئىسىمى ، سەن چۇقۇم غەلبە قىلالايسەن >> . پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ،قايتا  ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ ، پۈتۈن ئەسكىرىي كۈچنى قايتا تەشكىللەپ بۇ شەھەر سېپلنىڭ ئەڭ ئاجىز يېرىدىن بۈسۈپ كېرىپ بۇ دۆلەتنى بويسۇندۇرىدۇ .....
    ئەمدى مېىنىڭ بۇيەردە دىمەكچى بولغىنىم سىز تاللىغان ئادەمنىڭ پېشانىسىگە ياخشى دەپ خەت چىكىلگەن ئەمەس ، ۋە يامان دەپمۇ خەت چىكىلگەن ئەمەس ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلۇغ خۇدادىن تاللىغان شۇ كېشىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بىرىشنى تىلسىەكلا بۇلىدۇ .... شۇڭا سىز مۇھەببەتتە ۋىجدانسىزلىق قىلمىسىڭىزلا ، سىلەر ئايرىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ سىز يەڭگەن بۇلىسىز ، خۇدايىم سىزنىڭ بەختىڭىزنى يەنە چۇقۇم بىرىدۇ ، ئەگەر سىز ۋىجدانسىزلىق قىلغان بولسىڭىز سىز ئۇتتۇرغان بۇلىسىز ..، ۋىجدانسزلىق قىلغان تەرەپ مەيلى قىز ياكى ئۇغۇل بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر  ئۇلۇغ خۇدا ئۇ ۋىجدانسىزنىڭ  جاجىسىنى ئۈزى ئوخشىتىپ  بىرىدۇ .  

   مەنمۇ بىر يىگىت  بۇلۇش سۈپتىم بىلەن ئۈزىنى يىگىت دەپ بىلگەن كەڭ دوسلىرىمغا شۇنى دىگۈم كىلىدۇ .
   قىزلارنىڭ مۇھەببىتىنى قەدىرلەيلى ، ئۇلارنىڭ پاكلىقىنى ساقلايلى ، ئۇ بىزنىڭ مۇھەببتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ ، قۇلىمىزنى تۇتقان ئىكەن ، ئۇنداقتا بىزمۇ ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتايلى ،ھەرقانچە قېينچىلىق بولسىمۇ  قۇيۇۋەتمەيلى ،  ئەگەر ئۇ قىزنى شەيتان ئازدۇرۇپ كەتسىمۇ ئۇنىڭغا يول قۇيۇپ قاراپ تۇرمايلى ، چۈنكى ئەقلى بولسا ئۇنداق قىلمايتى،شۇڭا قىزلار يەنىلا بىزنىڭ  يىتەكلىشىمىزگە مۇھتاج !!!...بىز تۇنۇشقاندىن  باشلاپلا ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ يارىماس ئەمەسلىكىكىمىزنى ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلىشىمىز كېرەك ، چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدۇ ، پەقەت بىز ئۇغۇللار  پاك قەلبىمىز ۋەپولاتتەك  ئىرادىمىز بىلەن  سۈيگەن ئادىمىمىزنى ئەدەپ -ئەخلاق ۋە ساداقەت بىلەن چىڭ تۇتساقلا  ئۇلۇغ خۇدا ھامان بىزنىڭ تەلىيمىزنى بىرىدۇ . .ناۋادا  ئىشلار ئەكسىچە بۇلۇپ قالسىمۇ ئۇنىڭغا سەۋىر قىىشنمۇ بىلىشىمىز كېرەك ، چۈنكى خۇدا بۇيرىسا ئىشلار ھامان ئۆزگىرىدۇ ..
  تۇرمۇشتا بەزى ئىشلار بىزنىڭ چاققانلىمىزنى ۋە زىېھنىمىزنى سېنىسىا ، يەنە بەزى ئىشلار بىزنىڭ سەۋىر - تاقىتىمىزنى سىنايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئىشتا ئالدىغا ئۈتۈشنى تاللاش ياخشى ئىش ئەمەس ، بۇلۇپمۇ قىزلار بۇ جەھەتتە بەك ئالدىراڭغۇ كىلىدۇ .. چۇنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ تۇغما مىجەزى ، بىراق ئۇغۇللاربۇنى چۇقۇم  بىلىشى كېرەك ..
    ھەم شۇنداقلا مۇنداق بىرگەپ بار ئىكەن  ، يەنى << ئەقىللىق ئايال ئەرنىڭ  پىسىخىكىسىنى ئۇقۇيدۇ >>  ....
  قىزلار ھامان كۆڭلىدە باتۇر ، قەيسەر ، تېرىشىچان ، ئەخلاقلىق ، كەڭ قورساق ، بىلىملىك كىشلەرنى تاللايدۇ ، پەقەت شۇنداق ئەرلەرلا ئاياللارنىڭ ئىشىەنچىسىگە ئىرىشەلەيدۇ ۋە ھەر دائىم ئۇلارنىڭ   ئىززەت -  ھۆرمىتىنى قىلالايدۇ. شۇڭا بىز  ئۇغۇللارمۇ قىزلارنىڭ تاللىشىدىن بەك رەنجىىپ كەتمەي ، ئۈزىمىزدىكى كەمچىلىكلەرنى ئېىنق تۇنۇپ ، ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق يېتىلىشكە ئەھمىيەت بىرىپ ،  ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۆز ئورنىمىزنى تېكلىيەلىسەكلا ، ئۇلار بىزگە تەبىئيلا باش ئىگىدۇ .   ئەگەر بىز رىئال تۇرمۇشىمىزدا بۇ ئىشلارنى قىلالمىساق ، ئۇلارنى يولدىن چىقىرىپ قۇيىمىز ، ئەرلىك غۇرۇرىمىزنى ۋە مەسئۇلىيتىمىزنى يۇقىتىپ قۇيىمىز ، جەمئىيەت بۇزۇلۇپ كىتىدۇ ، كىينىچە باشقىسى بىلەن توي قىلىپ قالساقمۇ ئالغان خۇتۇنىمىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قۇيشىمىز مۈمكىن ....دىمەكچى مەن ئەڭ مۇھىم گەپ يەنىلائۇغۇللاردا ، يەنى  ئۇغۇللارنىڭ مۇستەھكەم ئىرادسى  ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى،  ئەدەپ - ئەخلاقى ۋە ئائىلىسى ۋە مۇھەببىتىگە  بولغان ساداقەتمەنلىكى ، ھەم شۇنداقلا  ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھقا بولغان  چىن ئىېتىقادى ۋە تۇنۇشىدا ، شۇڭا بىز بۇھەقتە ياخشى ئويلىنشىمىز ، ھەرگىزمۇ تۇرمۇشتىكى بۇ ئىشلارغا چاقچاق تەرىقىسىدە مۇئامىلە قىلماسلىقىمىز كېرەك . شۇندىلا ئىشلار تاسادىبىي كۆڭلۈللۈك بولماي قالغان تەقدىردىمۇ بىز  ۋىجدان سوتىغا چۈشۈپ قالماي ، كىينىچە تۇرمۇشتا يەنىلا  ئەركىن - ئازادە ياشىيالايمىز ، ۋىجدانسىزلار بولسا يېغلاپ ئۈتىدۇ .....
  ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ئۇلۇغ ئاللاھ  ئاياللارنى ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە ئەرلەرگە بۇيسۇنۇپ ، بېقىنىپ ياشاشقا   بۇيرىمىغان بۇلاتتى ...
.



2012 يىل 11- ئاينىڭ 27- كۈنى .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yollugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-27 09:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1470
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 01:09:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 01:11:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72641
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4083
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-1-5
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 01:18:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۈچۈن بەرىبىر. چۈنكى ھازىرقى دەۋىردە «ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماس» بولۇپ قاپتۇ.
ھەتتا مەن ئىشەنمەيدىغان « مەكتەپتىكى مۇھەببەت، خۇدايېمغا ئامانەت» دېگەن گەپلەر راست بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.
قارغان ھازىر قىزلارغا(بىر قسىمىغا) يانچۇقتا دوللار بولمىسا مۇھەببەت مۇھەببەت ئەمەس ئوخشايدۇ. ئۇلاردىكى سادىقلىق، مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچ دېگەن گەپلەر يوق ئوخشايدۇ.
« ئۇيغۇر قىزلىرى ئەسلى ئېسىل ھەم ئېسىل ئىدى، بىراق، بىر قىسىم كىچىك بالا مىجەزلەر ۋىجدانلىق، غۇرۇلۇق ئوغۇللارنى قىزلار غا ئىشەنمەس قىلىپ قويدى»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 2050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10635
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 01:42:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىق يالغۇز ئوغۇللار ئەمەس مۇشۇ سەۋەپتىن يۈركى لەختە قان بولۇپ كەتكەن قىزلارمۇ ئاز ئەمەسقۇ ،ئوغۇللار ھامان ياخشى كۆردۈم دىگەندىكىن كۆڭۈل خوشنى مەخسەت قىلماي ،كىيىنكى پىلاننى ياخشىراق تۈزۈپ نىيىتىنى ئالا قىلمىغان بولسا دۇنيادا قىز تولا دەپ ئويلاپ قالمىغان بولسا بۇنداق تىراگىدىيەلەر بولمايتى ،ھەر ئىككى تەرەپكە ياخشلىق يوق بولمىسا ،بىلىپ تۇرۇپ بەزى ئوغۇللار بەك بوشاڭ ھازىر، قىزنىڭ ئۆزىگە ئۆزەڭ چىڭ تۇر ئۆزەڭ ئامال قىلساڭ ھە دەيمەن بولمىسا دەپلا قاراپ ئولتۇرغان ،ئوغۇل بالا ئاتا- ئانىسىغا پالانچىنى ئالمەن دىيەلمەيدۇ يۇ ،قىز بالغا سەن چىڭ تۇر بىرگە بىرىمەن دىسە ھەرىگىز ئۇنىما دەپ تىخى ،مىنىڭ بىر تاغام بارتى مەكىتتە بىر مەزگىل تۇرۇپ قەپتۇ شۇ مەزەىلدە بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىكەن ،كۆمسەم پىشارمۇ ياپسام پىشارمۇ دىمەي ،ئانام كىلىپ ئەلچى بولۇپ بىرەر ،ئاچام كىلەرمۇ دەپ ئولتۇرماي نەچچە ئاغىنىسىنى باشلاپ ئۆزىلا كىرىپتىكەن ،ئايالى ھازىرغىچە ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ شۇنداق پەخىرلىنىپ .ئەركەك دىگەن شۇنداق بولمامدۇ ھەققى ئىرىشكىسى بولسا ،ئانا دىگەن ئانا ،خوتۇن دىگەن خوتۇن سىز ئانىڭىزغا چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ رەنجىتمەيمۇ شۇ ئىشنى ھەل قىلالايسىز ،ئانىڭىزغا يالۋۇرسىڭىز بولىدۇ ،خوشامەت قىلامسىز شۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارسىڭىز بولدىغۇ ،ئوغۇللىرىمىزنىڭ بوشاڭلىقىدىن بىر قىزنىمۇ قولغا چۈشرەلمەي ئالمەن دىگىننى يۇلۇپلا ئالالماي يەنە نىمە قاقشاش بۇ ئەمدى ،مەيدە كىرىپ چىقىپ بىقىڭە ئوتتۇرغا قانداق ئاتا- ئانا ئۇ قىزنى بەرمەيدىغان خوش بولۇپ بىرىدۇ تىخى ،مىنىڭمۇ غورۇرۇم بار دىيىشى مۆمكىن ،ئۆزى ياخشى كۆرگەن گۈلىنى يۇلۇپ ئالالماي ،غورۇردىن سۆز ئاچمىسۇن ھەر قانداق ئادەم بولسا ،ئەركەك دىگەن ئۇنداق بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81966
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3469
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 01:45:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىراق بىز دىگەن ئۇغۇل بالا ، ھەر قانچە ياخشى كۆرسەكمۇ  ئۆز ئانىمىزدىن  ئارتۇق بولماس ، شۇڭا  بىر  قىز ئۈچۈن ئۇنچىلىك ھەسرەت چىكىش ئەرزىمەيدۇ .
بۇ پىكرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق، دىمىسىمۇ بەزىبىر ئوغۇللار شۇ قىزلارنى دەپ ئۆز غايىسىدىنمۇ كېچىپ كېتىدۇ. ۋاقتى سائىتى كەلگەندە سىزگە ئۇ قىز ئەمەس، بەلكى شۇ غايىڭىز سىزگە ئەسقاتىدۇ. ئوغۇل بالا دېگەن چوقۇم بىر كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك، مەيلى ئۇ قانداق كەسپت بولۇشتىن قەتئىنەزەر. نۇرغۇن ئەركەكلىرىمىز بار. ئۇلار ئۆز كەسپنى سۆيگەچكە ئائىلىسىنىمۇ سۆيىدۇ، ھەتتا كەسپ، ئائىلە ئىشلىرىدىن تارتىپ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشى يوق.
  قىزلار ھامان كۆڭلىدە باتۇر ، قەيسەر ، تېرىشىچان ، ئەخلاقلىق ، كەڭ قورساق ، بىلىملىك كىشلەرنى تاللايدۇ ، پەقەت شۇنداق ئەرلەرلا ئاياللارنىڭ ئىشىەنچىسىگە ئىرىشەلەيدۇ ۋە ھەر دائىم ئۇلارنىڭ   ئىززەت -  ھۆرمىتىنى قىلالايدۇ

ناھايىتى توغرا دەيسىز، شۇنداق ئەسكى، ئەخلاقسىز قىز بولسىمۇ ، لېكىن كۆڭلىدە يەنىلا سىز دېگەندەك ئوغۇللارغا ئۇچراشنى خالايدۇ.
مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن ھەرگىز ئۆز غايىمىزدىن كەچمەيلى، ئالدى ئۆزىڭىز ئادەمدەك ياشىيالىسىڭىز سىزگىمۇ چوقۇم ئادەمدىن بىرسى ئۇچرايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 2050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10635
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 01:46:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار ئاجىز ،ئەر كىشىگىمۇ ئايال لازىم ،ئايالغىمۇ ئەر لازىم ئۆز -ئارا بىقىنىپ ياشايدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاھلالە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-28 02:07 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6507
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 738 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 01:46:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.كۈڭۈللۈك مۇھەببەتلىشىپ ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئۇزىدىمۇ، يەنە بىر كۈنلەردە تۇيۇقسىز قاتتىق سىىناققا دۇچ كېلىدىغانلىغنى ھەر دائىم ئىسىدە ساقلاش ۋە ئىدىيە جەھەتتە مەلۇم تەييارلىق بۇلىشى لازىم .... چۈنكى ئاتا - ئانىمىزدىن ئايرىلىپ چىدايدىكەنىمىز - يۇ ئاشۇ ئەرزىمەس كىشى ئۈچۈن ياش تۈكۈش  ئەرزىمدۇ؟
تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرى،تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئايرىلىپ كەتسمۇ ،بۇرۇنقى يارىنى ئەرزىمەس بىلىش ؟ئەلۋەتتە ۋاپاسىز بولسا ئەرزىمەيدۇ
2.بىز دىگەن ئۇغۇل بالا ، ھەر قانچە ياخشى كۆرسەكمۇ  ئۆز ئانىمىزدىن  ئارتۇق بولماس ، شۇڭا  بىر  قىز ئۈچۈن ئۇنچىلىك ھەسرەت چىكىش ئەرزىمەيدۇ .
كەينىنى مەن تولۇقلىۋىتەي،بىز دىگەن قىز بالا،ھەر قانچە ياخشى كۆرسەكمۇ  ئۆز ئاتىمىزدىن  ئارتۇق بولماس ، شۇڭا  بىر  ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئۇنچىلىك ھەسرەت چىكىش ئەرزىمەيدۇ
3.بىز  ئۇغۇللارمۇ قىزلارنىڭ تاللىشىدىن بەك رەنجىىپ كەتمەي ، ئۈزىمىزدىكى كەمچىلىكلەرنى ئېىنق تۇنۇپ ، ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق يېتىلىشكە ئەھمىيەت بىرىپ ،  ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۆز ئورنىمىزنى تېكلىيەلىسەكلا ، ئۇلار بىزگە تەبىئيلا باش ئىگىدۇ .   ئەگەر بىز رىئال تۇرمۇشىمىزدا بۇ ئىشلارنى قىلالمىساق ، ئۇلارنى يولدىن چىقىرىپ قۇيىمىز
مۇھەببەتمۇ بويسۇندۇرۇشمۇ؟ ياقەي،

مۇھەببەتتە بولسا ئىككى تەرەپ ئارىلىققا چۈشكەن شەيتاننى ۋە قېينىچىلىقنى يېڭىشنى نىشان قىلىدۇ ،
ئۇلارنى يولدىن چىقىرىپ قۇيىمىز ؟نىمىشقا مەن بۇنى ئوقۇغانسېرى،قىزلارنىڭ چوڭ مېڭىسى تەرەقىي قىلمىغان دىگەن تۇيغۇغا،ياكى قىزلارنى ،سەللا دىققەت قىلمىسا رېلىستىن چىقىپ كېتىدىغان پۇيۇزغا ئوخشىتىۋاتقان تۇيغۇغا كېلىپ قالدىغاندىمەن،مېنىڭ مۇشۇ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىمنى زە...
4. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ئۇلۇغ ئاللاھ  ئاياللارنى ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە ئەرلەرگە بۇيسۇنۇپ ، بېقىنىپ ياشاشقا   بۇيرىمىغان بۇلاتتى ...
.

بېقىنىپ ياشاش ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tapalmidim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-28 01:55 PM  


ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 2050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10635
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 02:07:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tapalmidim يوللىغان ۋاقتى  2012-11-28 01:46 PM
1.كۈڭۈللۈك مۇھەببەتلىشىپ ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئۇزىدىمۇ، ي ...

يازغۇچىمۇ يىزۋىتىپ سەل رىلىسىتىن چىقىپ كىتىپ قاپتۇ قارماققا ھەر ئىككى تەرەپنى چىقىش قىلىپ يازغاندەك تۇرسىمۇ پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس ،نىكاھ تا ئوغۇل ئاساسى ئورۇندا، ئالدىغىنى ئوغۇللار ھىچقاچان ئوغۇل بالىنى قىز بالىنىڭ ئالغىننى مەن كۆرمىدىم ،بۇ خوتۇن دىگەن خوتۇن ،ئانا بىلەن خوتۇننى چىتۋالغىنىڭىز قانداق گەپ ئۆزى دەيمەندە ،خوتۇننىڭ ئاننىڭ ئورننى باسالمايدىغىنى ھەر قانداق قىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان ،بۇ گەپنى تويدىن كىيىنكى مۇئامىلگە ئىشلەتسە توغرا بولا ،تويدىن بۇرۇن ئىشلىتىش تازا ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەسمىكى دەيمەن ................................توۋا بىزنىڭ تەپەككۇرمىز نىمىشقا دائىم چىلىپ كىتىدىغاندۇ ئەمدى .....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75569
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3433
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 02:17:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھلالە ، ياخشىمۇسىز ؟...مەن نىكاھتا سىزدىگەندەك ئۇغۇللارنى ئاساسىي ئۇرۇندا قويدۇم ، ئەمدى خۇتۇن بىلەن ئانا مۇناسىۋىتىگە كەلسەك بىر قسىم ياشىلىرىمىزدىكى مۇھەببەتلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەندىن كىينكى بەزى ئازاپلىرىغا قاراپ شۇنداق دەۋاتىمەن .. . يەنە بەزى پىكىرلىرىڭىزگە نىسبەتەن تېمىنى ئاخرىغىچە يەنە بىر قېتىم تۇلۇق ئۇقۇپ كۆرسىڭىز جاۋابىنى تاپالايسىز  ..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yollugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-28 02:20 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش