مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1959|ئىنكاس: 27

ئائىلىگە قايتىش (ئىتوت سىنارىيەسى) مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11655
تۆھپە نۇمۇرى: 759
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 03:22:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                           ئىتوت ئائىلىگە قايتىش

                                                          ئاپتۇرى: ئارىش ئەپەندى

                                                            مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە

سەھنىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۈمىد بىر پۇتبۇلنىڭ ئۈستىدە غەمكىن ئولتۇرىدۇ، بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن بىرسىگە تىلفۇن قىلىدۇ.

− ئالو، قانداق ئەھۋالىڭ گۈزەل.

− ئالو ياخشىغۇ، بەك كەمدىدار بولۇپ كەتتىڭغۇ؟

− شۇ بۇ مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى چىقىپتىكەن، يا ئۆيگە كىرەلمەي دېگىنە، ئۈچ-تۆت كۈن بولدى، ئۆيگە كىرمەي، ئۆيدىكىلەرنى ئالداپ قويۇپ يۈرگىلى. شۇڭا مەكتەپكىمۇ بارمىدىم.

− سەنچۇ؟

− مەن قىز بالا بولغاندىكىن ئۆيگە كىردىم، يىلىمۇ دادام يوق ئىكەن ئۆيدە كاماندۇرۇپكىغا كىتىپتىكەن، تىل-دەشنەمدىن قۇتۇلدۇم دېگىنە.

− سەن ئۆيگە كىرمەي يۈرىۋەرسەڭ ياخشى بولماس.

− شۇ مەكتەپتىن چىكىندۈرەرمۇ دەپ غەم قىپ يۈرەرمەن. توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ بولماي 11 يىللىق بولغان بولسا بوپتىكەن، ئۇ ۋاقىتتا مەكتەپتىن چىكىنىدۈرۈشتىنمۇ ئەنسىرمەيتتۇق دېگىنە، مەجبۇرىي ئوقۇتاتتى. ئويۇن دېگەننى قورۇقماي ئوينايتتۇق.

− ھەراس گۈزەل، بۇگۈن ئازراق پۇل يىغىلىپ قاپتىكەن، كەچتە بىرەر يەرگە بارامدۇق؟

− نەگە بارىمىز؟

− يىقىندا سادام دەپ بىر دىبا ئىچىلىپتىكەن دېگىنە، بالىلارنىڭ ھەممىسى سادامدا ئوينايمىز دەپ يۈرىشىدۇ، بىزمۇ بارمامدۇق؟

− ھەي سەن نەدە يېڭى كۇلۇب ئىچىلسا يۈگرەپ بارىسەن ھە؟

− سىلەرمۇ نەدە يېڭى كىيىم چىقسا ئاۋال كۆرۈپ بولىسىلەرغۇ؟

ئەمسە كەچتە كۆرىشەيلى؟

− چاتاق يوق، بەي-بەي.

− توختا، كەچتە ئۆزۈڭگە ئوخشاش دوسىتلىرىڭنى ئىلىپ چىققىن ھە،ئادەم ئاز بارسا تازا قىزىمايدىكەن. مەنمۇ بىر قانچە دوستلىرىمغا دەپ قويدۇم، ئۇرۇش چىقسىمۇ قورۇقمايمىز دېگىنە، ھەممىسىنى دەسسەپ.

− ھە بولىدۇ، بەي بەي.

ئۈمىد سەھنىدىن چىقىپ كىتىدۇ.

**************************************************

سەھنىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە پارتغا جەينىكىنى قويۇپ، ئىنەك يۆلەپ خىيالغا پاتىدۇ،

تۇيۇقسىز ئەلى كىرىپ:

ئوھوي، بۈگۈن بىزنىڭ سىنىپنىڭ مەلىكىسى ئەجەپ غەمگە پېتىپ كىتىپتىغۇ؟ بىرەر ئىش بولدىمۇ مەلىكە؟

− ياق ئەلى، بىر مەسىلىنى ئويلىنۋاتقان، شۇڭا؟

− يالغان سۆزلىدىڭ ھە، قارا قاپقارا كۆزلىرىڭدىن چىقىپ تۇرىدۇ؟

نېمە ئىش بولدى دېگىنە، قانداق گەپ بولسا مەن ساۋاقدىشىڭ، ھەم ئۇزۇن يىللىق دوستۇڭ، نېمە ئىش بولسا بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلايلى؟

− شەنبە كۈنى ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، ئانامغا ياخشىراق بىر سوۋغا ئالاي دەپ، بىر يېپەك ياغلىقنى كۆرۈپ قويغان، لىكىن پۇلۇم يېتىشمەيدىكەن، شۇڭا...

−قانچە پۇل ئېكەن؟

− 89 يۈەن ئىكەن، مەندە 60 يۈەنلا چىقتى؟

− ئەلى بىردەم ئويلىنۋالغاندىن كېيىن؟

− ھەي سەن شۇنچىلىك بىر كىچىك ئىشقىمۇ شۇنچىۋالا باش قاتۇرامسەن؟

− توختا بىز بىر ئويۇن ئوينايلى قارا؟

− قانداق ئويۇن؟

− مەن بىر بانكا بولاي قارا؟ سەن مەندىن 100 سوم قەرىز ئال. ئاندىن ئۇ پۇلنى ماڭا ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ تۆلە؟ ياق ساڭا ئۆسۈمسىز بېرەي؟

− ۋاي قويە، نەدىكى ئويۇننى تاپىدىكەنسەن؟

− مەن بىلىمەن، سەن ھەرقانداق قىيىنچىلىق تارتساڭمۇ ئەزەلدىن بىرسىدىن ياردەم سورىمايسەن، بۇ روھىڭدىن ھەمىمىز ئۈگىنىشىمىز، ئادەم كىچىكىدىن باشلاپ مۇستەقىللىق ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك. بۇ جەھەتتە سىنى قوللايمەن، ھەم سەندىن ئۈگۈنۋاتىمەن مەلىكە. لىكىن ئادەم بەزى ۋاقىتلاردا ھامان باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ، بولمىسا سەن قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ، ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىدىن مەھرۇم قالىسەن.

بۇ يۈز يۈەننى ئال، ئاشقىنىغا تورت ئېلىپ ئاناڭنى خوش قىلىۋەت.

ھە راسىت بەلكىم،

شۇ ۋاقىتتا رەنا يۈگىرەپ، سەھنىگە كىرىدۇ.

− ئوھوي، شۇنداق ياخشى ئىشتىن ئەجەپ مىنى ئايرىپ قويۇپسىلەرغۇ؟

بۇنداق ئىشلاردىن مىنى ئايرىپ قويساڭلار، چوقۇم بىر كۈنلەردە جازايىڭلارنى تارتىسىلەر، جاجاڭلارنى يەسىلەر جۇمۇ؟

شەنبە كۈنى بىرىپ ئۆيۈڭنى ئۆزۈڭلا ئاۋات قىلۋەتمىسەم؟

− سەن كۇك توخۇ بار ياردە ھەممە يەر ئاۋات بولماي قالمايدۇ جاۋۇلداق؟

− ھەي مەن دېگەن كۈلكىنىڭ خۇرۇچى تۇرسام، مەن بارمىسام سىنى چوقۇغىلى ئادەم بولمىسا بولماس.

− ۋاقىت بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ، قايتىلى ساۋاقداشلار.


سەھنىگە ئۈمىد بىرسىگە تىلىفۇن قىلىۋاتقان ھالەتتە چىقىدۇ؟

− نېمىشقا تىلفۇننى ئالمايدىغاندۇ؟

ئۈمىد تىلىفۇننى قويۋىتىپ تۇرىشىغا ئۇچۇر كىلىدۇ؟

− مەن ساقچىغا تۇتۇلۇپ قالدىم.

ئۈمىد قاتتىق بىرنى كۈلىدۇ.

− ئوھوي، بىزنىڭ پاشاخان بۈگۈن ساقچىغا تۇتۇلۇپ قاتتىق سوراق قىلىنۋىتىپتۇدە.

ئۇچۇردىن بىرسى كىلىدۇ.

− سەل تۇرۇپ بىر ئامال قىلىپ چىقىمەن، ساقلاپ تۇر.

ئۈمىد سەھنىدە ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ، تەقەتسىز ھالدا ئايپاشانى ساقلايدۇ.

− ئالو ئۈمىد بۈگۈن ساقچىغا تۇتۇلۇپ قىلىپ، سوراقتىن ئاران قۇتۇلدۇم دېگىنە، ھازىر يولدا.

− تېزرەك بولە پاشاخان، ھە راست ئۆزەڭگە ئوخشاش پاشاخانلارغا خەۋەر قىلدىڭمۇ؟

− پاشاخان دېمەي، ئايپاشا دېگىنە، يا مەن قىرى قىز بولمىسام، ئەمدى تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتسام،

− گۈزەل دەپ قويسام، مىنى شۇنچە ساقلاتتىڭ، شۇڭا پاشاخان دېسەم تىزراق كىلەمدىكىن دەيمىنا؟

− مانا ھازىر بارىمەن ئۇ دوسىتلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ مائارىپ ئىدارىسى دوقمۇشىدا كۆرىشەيلى.

− خوپ.

ئۈمىد تىلىفۇننى قويۇ تۇرىشىغا ئۈمىدنىڭ ساۋاقدىشى غېنى چىقىپ كېلىدۇ.

ئۈمىد ئاداش ئىككى كۈن بولدى، سېنى ئىزدەپ تاپالمىدۇق. مەكتەپكىمۇ كەلمىدىڭ، سەندىن بەك ئەنسىردىم.

ئۆيۈڭدىكىلەرنى ئەنسرەپ قالمىسۇن دەپ، ئۆيۈڭگە بىرىپ، ئۈمى بىلەن ئىككىمىز بىللە دەرس تەكرارلىشۋاتىمىز، ئەنسىرمەڭلار يەنە بىر پەن قالغان دەپ ئۆيۈڭدىكىلەرنىمۇ ئالداپ قويدۇم ئاداش.

− ئاغىنە دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ، رەھمەت ئاداش ساڭا.

مىنىڭ ساڭا دەيدىغان گىپىم يوق ئاداش، سىنىپىمىزدىكى ئاينۇر مەكتەپتىن چىكىنمەكچى ئىكەن، ئۆيىدە بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ، بۇ خەتنى ساڭا بېرىپ قويۇشۇمنى ئېيىتقان.

− بۇ نېمە خەتتۇ؟

− ئېچىپ ئوقۇپ باق؟

ئەسسالام ئۈمىد، قانداق ئەھۋالىڭ، ياخشى تۇرۋاتامسەن، بىر نەچچە كۈن بولدى، سىنى ئىزدەپ تاپالمىدۇق، شۇڭا بۇ خەت بىلەن سەن بىلەن خوشلاشماقچى بولۋاتىمەن، خېتىمنى باشلاشتىن بۇرۇن مۇنۇ بىر شېئىرن ساڭا ئوقۇپ بەرمەكچىمەن:

ياشلىق ھاياتنىڭ زىلۋا بىر چىغى،

تولىمۇ قىسقا ئۆمرى بىراق.

يىر تىلسا كاللىندارنىڭ بىر ۋارىقى،

ياشلىق گۈلىڭدىن تۆلىدۇ بىر يۇپۇرماق.

مەن سەن بىلەن تولۇقسىزدىن باشلاپ ساۋاقداش بولغان ئىدىم، شۇ ۋاقىتتا سەن بىزنىڭ سىنىپنىڭ، ياق، مەكتپىمىزنىڭ ئۈگۈنۈش پەخرى ئىدىڭ، مەن سەندىن تولىمۇ پەخىرلىنەتتىم، ياق بارلىق ساۋاقداشلار، مۇئەللىملەر پەخىرلىنەتتى. سەن مەكتپىمىزگە ياخشى نەتىجىلەرنى ئېلىپ بىرەتتىڭ.

ھەمىمىز سىنى ھۆرمەتلەيتتۇق، بەزى ئوقوغۇچىلار، ھەي، ئانام مېنىڭ ئىسمىمنىمۇ ئۈمىد قويغان بولسا، بەلكىم مەنمۇ ئۈمىدكە ئوخشاش دەرستە ياخشى بولار ئىكەنمەن دەپ ساڭا ھەسەت قىلىشتاتتى. شۇ ۋاقىتتا مەن سەندەك بىر ئوقۇغۇچى بىلەن ساۋاقداش بولۇپ، بىر سىنىپتا دەرس ئاڭلىيالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنتەتتىم.

بىز تولۇقسىزنى غەلبىلىك ھالدا ئاخىرلاشتۇردۇق، لىكىن سەن تولۇق ئوتتۇرغا چىقىپلا ئۆزگەردىڭ، پۇتبۇل كوماندىسىغا قاتنىشىمەن دەپ دەرسنى تاشلىدىڭ، ئۆيدۈڭدىكىلەر پۇتبۇل كوماندىسىغا قاتناشقىلى قويماي قارىشى چىقسا سەن ئۇلاردىن ئۆچ ئىلىپ دەرس تەكرارلىماس بولدىڭ. نەتىجەڭ بىراقلا چۈشۈپ كەتتى، لىكىن سەن بۇنىڭدىن قىلچە نۇمۇس ھېس قىلمىدىڭ.

گەپلىرىم خاتا بولسىمۇ ساڭا بىر قانچە ئىغىز گەپ قىلغىم كەلدى.

ياشلىق بىزگە داۋاملىق يار ئەمەس، ياشلىق بەك قىسقا، بۇز بۇ ياشلىق مەزگىلىمىزدە نېمىلا ئۈگۈنەيلى ئۈگىنەلەيمىز، بىزگە ئۈگۈنۈش ئۈچۈن سەھنە ھەرۋاقىت تەييار، لېكىن، كېيىن ئۈگىنەيلى دېسەكمۇ بۇنداق سەھنە يوق بولىدۇ. ئادەمنىڭ ئۈگىنىدىغان نەرسىلىرى بىر ئۆمۈر ئۈگەنسىمۇ تۈگىمەيدۇ، لېكىن، سەن تولۇق ئوتتۇردىن تاكى ئالىي مەكتەپتنى پۈتكۈزۈپ بولغىچە بولغان ئارلىقتا 10 نەچچە يىل ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ۋاقىت كېتەر، مۇشۇ قىسقىغا ۋاقىتتا سەن بارلىق نەزىرىڭنى ئۈگۈنۈشكە قاراتساڭ، مۇشۇ قىسقا ۋاقىتنى قەدىرلىسەڭ، بەلكىم كېيىن ھاياتىڭ تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتەر ئىدى ئۈمىد.

ھاياتنى بىز بىر يىلغا ئوخشاتساق، ياشلىق دەل، ياز ۋاقتى.

مۇشۇ قىسقا ۋاقىتنى قەدىرلە ئۈمىد، سەن پۇلبۇل كوماندىسىغا قاتنىشالمىساڭمۇ كېيىن، شۇ پۇتبۇل كوماندىسىنى قوللىساڭ، ئۇلارغا مەدەت بەرسەڭ بولىدۇ. سەن قانداق ئىش قىلساڭ ياخشى قىلالايسەن، بەلكىم ئۇلاردىن ئاشۇرۇپ قىلالايسەن، مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.

ئۆزۈڭنى ياخشى ئاسىرا، بەلكىم بۇ گەپلىرىم قۇلىقىڭغا كىرمەسلىكى مومكىن.

ئايپاشا قاتارلىق بىر نەچچە قىز مودا ياسانغان ھالدا سەھنىنىڭ بىر تەرىپىدە بايامقى خەتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولىدۇ.

خەت تۈگىشىگىلا،

− ۋاي بۇ ئاكتىپنىڭ تەربىيە قىلمىغان مۇشۇ ئۈمىد قاپتىكەنمۇ ئەمدى، ئۇ ئاكتىپ كەتسە كەتمەمدۇ، يۈرە ئۈمىد بىز ئوينىمىزنى ئوينايلى. بولمىسا ئورۇن قالماي قالمىسۇن.

ئۈمىد قاتتىق ئويلانماقتا

− ياق ئاداش،  ئاينۇر كەتمەيدۇ، بىز ساۋاقداشلىرى بارغۇ، ئۇنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى بولسا بىز بىرلىكتە باش قاتۇرساق بولىدىغۇ؟

− شۇنداق ئاداش، بىز ساۋاقداشلىرى بار، بىزنىڭ سىنىپىمىز بىر ئائىلە، بىز ھەربىر ئائىلە ئەزالىرىمىزغا كۆيۈنىشىمىز كېرەك.

مەن ئۆيگە قايتىپ خاتالىقىمنى تونۇيمەن، ئەمدى تېرىشىپ ياخشى نەتىجگە ئېرىشىدىغانلىقىمغا ۋەدە بىرىمەن ئاداش. ھەرگىزمۇ ئۆيدىكىلەرگە يالغان سۆزلىمەيمەن.

مەنمۇ بىللە باراي.

ئايپاشا قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن:

− بىز چۇ؟ بۈگۈنكى ئولتۇرۇشچۇ؟

ئارقىسىغا يىنىپ.

− ئايپاشا بىز بىرلىكتە ئائىلىگە قايتايلى، بىزگە پۇرسەت كۆپ، قارا پارلاق مەنزىل بىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، ئائىلىدە ئۆيدىلەر بىزنىڭ يولىمىغا قاراپ تۇرۇپتۇ:

مۇنۇ خەتنى كۆيدۈرۋىتەيلى: مۇشۇ خەت بىلەن بىزنىڭ گۈدەكلىكىمىز ئاخىرلاشسۇن؟

ئايپاشا بىر خىل ھاياجان بىلەن:

شۇنداق بىز ئائىلىگە قايتايلى، بۇ ئائىلىنىڭ بىرسى ئۆز ئائىلىمىز، يەنە بىرسى بىزنىڭ بىلىم ئۈگىنىدىغان ئائىلىمىز...

ئۇلار خوشلىشىپ، ئەتە سىنىپتا كۆرۈشمەكچى بولۇپ قايتىشىدۇ. ەخەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARIX تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-27 03:25 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kulayman + 20 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3027
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5971
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2547 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 05:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەقەلىكىنى سەل بېيىتسىڭىز بولاتتىكەنتۇق ، مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87258
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 855
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-11-15
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 05:36:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز ئەسىرىڭىز چوقۇم مۇكاپاتقا ئىرىشىدۇ،غەيرەت قىلىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xirinnisa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-27 05:36 PM  


ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 2005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32910
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12097 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 05:40:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ ئەسەرنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

نەئىمە0903

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45579
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2540
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 05:43:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ،لىكىن ئايپاشا قىزنىڭ  ياخشى يولغا قايتىدىغانلىقى سەل ئاددىي ئىپادىلىنىپ قىلدىمۇ نىمە؟

بۇ دۇنيادىكى بەخت كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈش بولسا،شۇنداق بەختنىڭ قۇلىمەن.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87759
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 486 سائەت
تىزىم: 2012-11-26
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 05:44:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىلدىغانغا ئىش تاپالماي تۇراتتىم ئەمدى يىڭى يىللىق سەنئەت كىچلىكگە بۇ ئىتتوتنى ئاچىقمەن رەھمەت ھە!!!!!!!    ناھايتى قىزقارلىق ئاچىقمەن خاتىرجەم بولۇڭ ھە!!!!!!!!!!!

ياشاش بىر جەريان ئۆلۈم بولسا مۇقەرەر نەتجە ئۆلۈمدىن قىچقپ قۇتۇلغلى بولمايدىكەن ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن قورقۇش نە ھاجەت!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81315
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3132
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 05:44:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنشائاللاھ ! ئەسىرىڭىز مۇكاپاتقا ئىرىشىدۇ ! داۋاملىق ئىزدىنىڭ !!!!!!

نادان سۆھبەتكە يارىماس ، پاكار سۆلەتكە يارىماس !

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4862
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1229 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 05:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كىشىنىڭ يامان يولدىن قايتىشىغا چوقۇم كاللىسىغا تەسىر قىلغۇدەك چوڭىراق ئىش بولمىسا ئالدىراپ يامان يولدىن قايىتمايدۇ . سەل ئاددى بولۇپ قاپتۇ . . لىكىن مۇكاپاتقا ئېرشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن .تىرشىڭ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 10 تۇغرا دەيسىز!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87606
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-11-23
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 05:53:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز تىخىمۇ تىرىشىڭ

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5910
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 06:07:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياخشى يىزىپسىز ، نەتىجە قازنىشڭىزغا تىلەكداشمەن ھەم ئۇتۇق تىلەيمەن .....

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش