بەزى ياشلىرىمىزدىكى ساختا مۇھەببەتكە قامچا
ئاپتور: نىجات ئەكبەر
ئىلاۋە:
جەمئىيىتىمىزگە نەزەر سالساق، بەزى بىر قىسىم ياشلىرىمىزدا كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن مۇھەببەتلىشىدىغان، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئارىلىشىدىغان، پۇل ۋە باشقا ئىشلارنى كۆزلەيدىغان، مۇھەببەتنى بىر ئويۇنغا ئايلاندۇرۇۋالىدىغان ئىشلار كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھەببەتلەشتۇق دەپ غەربلىكلەرنى دوراپ، پەدىشەپنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدىغان، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر، بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، ئۆز ئەسلىگە پەقەتلا ماس كەلمىگەن قىلىقلارنى قىلىپ يۈرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مۇھەببەت يىگىت-قىزنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چىن ساداقىتى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. مۇھەببەتلىشىشتىكى ھەقىقىي مەقسەت، بىر-بىرىگە ساداقەتمەن بولۇپ ئاخىرىغىچە ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن بولۇش. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇسۇلمانلاردا ھەقىقىي مۇھەببەت ئەدەپ-ئەخلاقنى، شەرم-ھايانى قاتتىق شەرت قىلىدۇ، غەربلىكلەرنىڭ بولمىغۇر قىلىقلىرىنى قارىغۇلارچە دوراش قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئەمما جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ياشلىرىمىز بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەستىن ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ. مۇھەببەتنى بىر ئويۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. مەن مەزكۇر شېئىرىمدا مۇشۇ نۇقتىلارنى يىغىنچاقلىدىم.
نەزەر سالساڭ ئەتراپىڭدا چىن ھەقىقىي مۇھەببەت يوق،
ئۆز يارىغا ۋاپادارلىق، پاك ئەقىدە، ساداقەت يوق.
بەزىلەر بەك ئەقىلسىزكەن ئويۇن قىلدى مۇھەببەتنى،
كۆڭۈل خۇشى ئىزدەپ يۈرەر دىلدا ئىنساپ-دىيانەت يوق.
كۆيدۈم دەيدۇ سۆيدۈم دەيدۇ قىلىپ ئېغىزنى قەنت-ناۋات،
ئەمما دىلدا نىيەت باشقا زەررىچىلىك ھىدايەت يوق.
قولتۇقلىشىپ باغچىلاردا يۈرۈپ كېتەر بەك رومانتىك،
قايرىۋەتتى پەدىشەپنى قىلچە ئەخلاق-پەزىلەت يوق.
زوق-شوق بىلەن سۆزلەپ كېتەر :«يۈردۈم ھەپتە»«يۈردۈم تۆت ئاي»،
مەنمەنچىلىك قىلغان بىلەن مۇھەببەتتە بەرىكەت يوق.
سۇسلاپ كەتتى شەرمى-ھايا، بازار تاپتى مېھمانخانا،
ئازدۇرغاندا شەيتان راسا، قوغلايدىغان بىر جۈرئەت يوق.
مەۋجۇت ئەمەس ئۆز قەلبىدە چىن ئەقىدە چىن ساداقەت،
«ئۆمۈر بويى سۆيۈپ ئۆتەي» دەيدىغان بىر خىيالەت يوق.
زېرىكىدۇ تۆت كۈندىلا، تاشلاپ كېتەر بىر ياققىلا،
شۇمۇ مۇھەببەت بولامدۇ، بۇندىن ئېغىر ھاقارەت يوق.
ئويۇن قىلما مۇھەببەتنى، ئەقىدەڭگە قىلغىن ۋاپا،
ۋىجدانى يوق ۋاپاسىزدا ئىتتىن بۆلەك قىياپەت يوق.
كىرمە شەيتاننىڭ كەينىگە، باردۇر ئاللاھنىڭ سورىقى،
گەدىنىڭگە پاتسا گۇناھ ئۇندىن قاتتىق نادامەت يوق.
ئىمان ھەمراھ مۇسۇلمان بىز، ئەمەس كاپىر يا غەربلىك،
يوقاتقاندا ئەسلىڭنى سەن، بۇندىن ئارتۇق ھالاكەت يوق.
2012-يىلى كۈز، لەنجۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ehrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-27 02:54 PM