مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1555|ئىنكاس: 25

ئائىلە تاپشۇرۇقى قانچە كۆپ بولسا ئۆگىنىش ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17552
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 09:57:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە تاپشۇرۇقى قانچە كۆپ بولسا ئۆگىنىش ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ



  مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى : ئائىلە تاپشۇرۇقى قانچە كۆپ بولسا ئۆگىنىش ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.

  گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى سىدنېي 19 – نويابىر تېلېگراممىسى: ئاۋسترالىيە مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەيدۇ: ئائىلە تاپشۇرۇقىنىڭ ئانچە چوڭ رولى يوق.

  ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان بىر كىتابتا تونۇشتۇرۇشىچە، سائەت – سائەتلەپ تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە بالىلارنىڭ سىنىپتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆتۈرۈلمەيدىكەن.

  رىتچارد ۋالكېر ۋە مىك خورسلېي يازغان «ئائىلە تاپشۇرۇقىنى ئىسلاھ قىلايلى» ناملىق ماقالىدە، ئائىلە تاپشۇرۇقىغا سەرپ قىلىنغان ۋاقىت قانچە كۆپ بولسا، ئۆگىنىش ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ، دېگەن يەكۈن دەلىللەنگەن.

  سىدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ۋالكېر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ 70 – يىللاردىكى تەتقىقات ۋە ئەڭ ياخشى ئىستاتىستىكىلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان ناھايىتى ئېنىق خۇلاسە ، بۇ خۇلاسە ئىنتايىن ئىشەنچلىك».

  ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ نۇقتىئىينەزىرى ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىمۇ ئىلىم – پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى دەرىجىگە تۇرغۇزغاندا ئائىلە تاپشۇرۇقى كۆپ دۆلەتنىڭ ئائىلە تاپشۇرۇقى ئاز دۆلەتتىن كېيىن تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان.

  ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى گېرمانىيە تۇبىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دۇنياغا داڭلىق ئالىم ئۇلرىش تروۋتۋېينىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن ئوپئوخشاش چىققان.

  ئادەتتە ئائىلە تاپشۇرۇقىنى كۆپ بېرىشتىكى مەقسەت بالىلارنى ۋاقىتتىن پايدىلىنىش ۋە بىر قىسىم تەشكىللەش ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. لېكىن، ۋېلكېرنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارىشى ئوخشىمايدۇ. ئۇ: «تەشكىللەش ماھارەتلىرىنى بالىلار پۈتۈنلەي ئۆزىگە تايىنىش ئارقىلىق يېتىلدۈرمەستىن، بەلكى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يېتىلدۈرىدۇ» دەپ قارايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل ماھارەتلەر دەسلىپىدە ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولىدۇ، ئاتا – ئانىسى بىلەن پىكىرلىشىش داۋامىدا بالىلارنىڭ شەخسىي ماھارىتىگە ئايلىنىدۇ. بىراق، كىشىلەر نوقۇل ئۆگىنىش قىلىشقا تايىنىپ بۇنداق ماھارەتلەرنى ھەرگىز يېتىلدۈرەلمەيدۇ».

  بىراق، بىرقىسىم ئاتا – ئانىلار ئائىلە تاپشۇرۇقىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، تاپشۇرۇقنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ ئوقۇتقۇچىنى باھالايدۇ. (تۈرگەن تەرجىمىسى)





               مەنبە  :   خەلق تورى .
http://uyghur.people.com.cn/156017/15276480.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 655
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12139
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 12911 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 11:46:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشۇلىمەن مۇشۇ قاراشقا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2018
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 11:50:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قۇشۇلىمەن...ئىچىم ئاغرار بالامغا ،
                          بەكمۇ ئېغىر سومكىسى.
                          ئېڭىشىپلا يۈرۈيدۇ ،
                          بىسىلغاچقا يەلكىسى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 881
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5013
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 11:51:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى تىما يىزىپ يۈرۈپ قىزىڭىزنىڭ تاپشۇرىقى ئازايتىسىزغۇ سىز ھە..........
يىقىندا ئاۋۇستىرالىيىدىن بىر تۇققىنىمىزنىڭ بالىسى كەلگەن .ئەتتىگىنى ئىككى سائەتلا دەرىس ئۆتىدىكەن....بىزچۇ نەچچە سائەت قاتۇرۋالغان بىلەن نەتىجە يوق.
ھازىرقى مەكتەپلەر تەپەككۇرنى ئوجۇقتۇرىدىغان يەر بولۇپ قالدى.
مەن ھەيران چەتئەللىك بالىلارنىڭ دەرىسى بەك يىنىك يىرىم كۈن ئوقۇسىلا بولدى.ئەمما پۇتۇن كەشپىيات تەرەققىيات شۇلاردا.بۇ يەرچۇ كۈندە 9 سائەت ئەمما نەتىجە قازانغىنى% 20 كە يەتمەيدۇ . ئەسلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچىلەر بىزلەردىن چىقسا بولاتتىغۇ.
بۇ يەردە چوقۇم بىر گەپ بار -------گەپ مائارىپتا.

زۇلمەت كىرسە جاھانغا باسسا تۈن قارا،
مەيلىتى قۇياشنىڭ قەدرى ئۆتۈلسە.
ھىلىغۇ بىر جانكەن مىڭ جىنىم پىدا.
رازىمەن ۋەتەن دەپ قىنىم تۆكۈلسە!
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13246
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7809 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 11:56:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گېرمانىيە بىلەن جوڭگونىڭ مائارىپ باھالاش سېستىمىسى ئوخشىمايدۇ  .گېرمانىيەدە پارلامېنىت قارار چىقىرىپ يەسلى مائارىپىنى بىكار قىلدى ،بىز بولساق ئەمدى باشلىدۇق . شۇڭا ئۈلۈك ھالدا ئۇنداق سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ .ئائىلە تاپشۇرۇقى ھەممە دۆلەتلەردىلا بار ،بىراق شەكلى ئوخشىمايدۇ . ئامرىكىدا ئالتىنچى يىللىق ئوقۇچىلارغا بەرگەن ماۋۇ تاپشۇرۇقنى سىز ئىشلەپ بىقىڭ « ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سىز روزۋېلىت ئەل باشىنىڭ  مەسىھەتچىسى بولغان بولسىڭىز ،ئۇ ياپانىيەگە ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىش قارارىنى چىقارغاندا سىز نېمە دەپ مەسىلىھەت بېرەتتىڭىز؟ كۆز قارىشىڭىزنى دەلىللەر بىلەن شەرھىلەپ ،كومپىيۇتوردا   بېسىپ  چىقىرىپ ئەكىلىڭ .ۋاقتى بىر ھەپتە » .12 ياشلىق بالا بۇ تاپشۇرۇقنى قانداق ئىشلەيدۇ .بۇ بىزنىڭ ماگىستىر تەتقىقاتچىلىرىمىز يازىدىغان ماقالىلەرنىڭ تېمىسىغا ئوخشاپ كىتىدىكەن .بىزنىڭ كۆپمۇ ياكى ئۇلارنىڭ كۆپمۇ ،ئۆزىڭىز سېلىشتۇرۋىلىڭ ؟؟؟؟ مېنىڭچە تاپشۇرۇقنىڭ شەكلىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5769
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 448 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 12:00:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  دىمىسىمۇ توغرا گەپ،مىنىڭمۇ بالامغا ئىچىم ئاغرىيدۇ . ھەركۈنى مەكتەپتىن كىلىپلا تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن دەپ ئولتۇرغان ھەتتا تاماق يىگۈدەك ۋاقتىمۇ يوق ....

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19684
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7456 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 12:06:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلاپ باقمامسىلار جۇڭگۇدا قانچە نوپۇس بار ؟ ھەممىسىدىن نەتىجە چىقىۋەرسە ، يەنە قانچىلىك ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇ ، چىمەنلەرنىڭ ئىچىدە نازۇك چىمەن بار ، دىگەندەك شۇ تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ ، كۆنگەن ئادەمگە ۋەزىپە بەرسە چالا قىلىپ قويماي ئورۇندايدۇ . مەسئۇلىيەتچان بولۇپ چوڭ بولىدۇ . شۇڭا دۆلىتىمىزگە ئاشۇنداق ئىقتساس ئىگىسى لازىم . بىز ئۇنداق ، بۇنداق دىگەن بىلەن مائارىپ خىزمىتىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرسىمۇ ، تەمىي ئۆزگەرمەيدۇ .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 12:08:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بالىلارنىڭ يۈكى يىلسېرى ئېغىرلاپ بارماقتا ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 494
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 12:13:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغلۇمغا ئىچىم ئاغرىيدۇ.يەسلىگىمۇ ئېغر سومكا ئېسىپ باردۇ.

ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79331
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3794
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-4-25
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 12:26:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بالىلارنىڭ يۈكى يىلسېرى ئېغىرلاپ بارماقتا ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش