ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ
ياپونىيە مالىيە ۋازارىتى يېقىندا ئېلان قىلغان 10-ئايلىق سودا ئىستاتىستىكىسىنىڭ دەسلەپكى قىممىتىدىن كۆرسىتىلىشچە، سودا پاسسىپ بالانىسى 549 مىليارد ياپونىيە يىنىغا يېتىپ تارىختىن بۇيانقى 10-ئايلىق سانلىق مەلۇماتلار بويىچە ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن، بۇنىڭ بىلەن ياپونىيەدە ئۇدا 4 ئاي سودا پاسسىپ بالانىسى كۆرۈلگەن. مالىيە ۋازارىتى ئىستاتىستىكا قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، جۇڭگوغا قىلغان ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82 ئازىيىشى ئېكسپورتنىڭ ئازىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. ياپونىيە سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ سودا پاسسىپ بالانىسى «قۇرۇلمىلىق مەسىلە، بۇنى تۈگەتمەك تەس»، ياپونىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى ئېكسپورتنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى، سودا پاسسىپ بالانىسى ئۆزگەرمەسلىكى مۇمكىن.
تىپىك تاشقى يۈزلىنىشچان چوڭ سودا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياپونىيەنىڭ ئېكسپورتى ناچارلاشسىلا ئىقتىسادنى چېكىندۈرۈۋېتىدۇ، ئىقتىساد چېكىنسە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. ياپونىيە ئەمگەك ۋازارىتى 21-نويابىر، مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 8-ئايدىن كېيىن ئۇدا 4 ئاي يېڭى سەۋىيەنى يارىتىپ، 2 مىليون 130 مىڭغا، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە 1 مىليون 550 مىڭغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقتى دېدى.
ياپونىيە ئىقتىسادى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل چېكىنىش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى، ياپونىيە ئىقتىسادىنى قوزغىتىش ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئوسامۇ فۇجىمۇرا 20-نويابىر مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىنى قوللاش ئۈچۈن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەخمىنەن 1 تىرىليون ياپونىيە يىنىلىق زاپاس فوندنى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىقتىسادنى قوزغىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، مۇئاۋىن باش ۋەزىر ئوكادامۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىن 22-نويابىردىن بۇرۇن كونكرېت تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. ئاۋام پالاتاسى 16-نويابىر تارقىتىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، رەسمىي تولۇقلىما خامچوت لايىھەسىنى تۈزۈش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدۇ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىقتىسادنى قوزغىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن كېتىدىغان مەبلەغ زاپاس پۇلدىن غەملىنىدۇ. ئىقتىسادنى قوزغىتىشنىڭ يادروسى «ياپونىيەنىڭ قايتا گۈللىنىش ئىستراتېگىيەسى» شۇنداقلا ئاپاتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش تۈرى، لېكىن ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە قوزغىتىش مەبلىغى ئانچە كۆپ بولمىغاچقا، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش رولى چەكلىك ئىكەن.
ئىقتىسادتىكى مۇقىمسىز ئامىلنى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەۋپ ئاساسلىقى ياۋروپا قەرز كىرىزىسى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئالامىتى، جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتى تەسىرىنىڭ يامراش يامرىماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردىن ئىبارەت. ياپونىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ ئېكسپورتى ۋە ئىشلەپ چىقىرىشى چەتئەل ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە ياپونىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشدىن ئىبارەت قوش بېسىمغا ئۇچراپ كەينىگە چېكىندى، ئاممىمۇ مۇشۇ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ يامان ئايلىنىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ، لېكىن، ياپونىيە بانكىسى ھەر تەرەپتىكى ئامىللارنى ئويلىشىپ، يېڭىدىن مىقدارلاشتۇرۇلغان بوشىتىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى.
ھالبۇكى، ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەنىڭ رەھبىرى شىنزوئابې قاتارلىق سىياسىي كۈچلەرنىڭ مۇراجىئىتى تۈپەيلىدىن، ياپونىيە بانكىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مىقدارلاشتۇرۇلغان بوشىتىش بېسىمى، ياپونىيە يىنى داۋاملىق ئاجىزلاش بېسىمىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. كوسومو ئاكسىيە شىركىتى مەبلەغ تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى تاگۇچى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ياپونىيە يىنىنىڭ پاخاللىشىشى ياخشى خەۋەر ئەمەس، ياپونىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى دەرھال ھەل قىلىنماسلىقى مۇمكىن، ئېكسپورت ناچارلىشىۋاتقان ئەھۋالىدا، بۇندىن كېيىن سودا قىزىل رەقىمى داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ياپونىيە يىنىنىڭ داۋاملىق ئاجىزلىشىشى، پاي چېكى بازىرىغا نىسبەتەن ياخشى خەۋەر بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغان ساھەلەرگە نىسبەتەن يامان خەۋەر.
تەھلىلچىلەر مۇنداق ھېسابلىدى: ياپونىيە ئىقتىسادى ئۇرۇندىن بېرى جانلىنالمىدى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئالاقزادە بولۇپ، قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ زادى نېمىگە ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئويلاشماي قالايمىقان تەدبىر چىقاردى. ھازىر ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى قوزغىتىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى مىقدارلاشتۇرۇلغان بوشىتىش بولماستىن، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاش، چۈنكى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغاندىلا، جۇڭگوغا قىلىدىغان ئېكسپورتنى كۆپەيتىپ تاشقى ئېھتىياجغا تۈركە بولغىلى، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلەپ ياپونىيەگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ ئىچكى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى ۋاكاسۇگى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياپونىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرغان 40 يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستېمالچىلىرى ۋە ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى قىل سىغمايدىغان بۇ ھەقىقەتنى سەزگۈرلۈك بىلەن ھېس قىلالايدۇ. ئەگەر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسا، ياپونىيە مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلالمايدۇ، بۇ ياپونىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، دۇنيا ئىقتىسادىغىمۇ ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەنبە : خەلق تورى .
http://uyghur.people.com.cn/157596/15276496.html