بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۇرۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
بالىلار تېخى گۆدەك،ھەركەت قىلىشقا ئامراق، يېڭى نەرسىلەرگە بەك قىزىقىدۇ،خەتەرنى بىلىپ كەتمەيدۇ.چوڭ بولۇش جەريانىدا ئۇلار تۈرلۈك خەتەرلىك دەقىقىلەرگە دۇچ كېلىدۇ.ئەگەر ياخشى بىرتەرەپ قىلمىغاندا قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنگەن ئىش ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئېلىپ كېتىشى، بەختلىك ئائىلىنى نابۇت قىلىشى مۇمكىن.تۈرلۈك تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە،ئۆيدىكىلەرقانداق قىلغاندا بالىلىرىغا ياردەم قىلالايدۇ؟
ئاتا ئانىلار ھېملىكچە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى بىلىۋېلىشى كېرەك.
يەر ياڭىقى، مىۋە ئۇيۇتمىسى،ئۈزۈم،ئويۇنچۇقلارنى ئۇششاق زاپچاسلىرى...بالىلار دائىم بۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەر ۋە بويۇملار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ھەممە نېمىگە سەپسالىدۇ، لىكىن بىلىپ-بىلمەي خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ.بالىلارنىڭ كانىيىغا تۇرۇپ قالغان نەرسىكەرنىڭ ئىچىدە يەر ياڭىقى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ %40نى،گازىر 2-ئورۇندا،پۇرچاق تۈرىدىكىلەر 3-ئورۇندا تۇرىدىكەن.بۇنىڭدىن باشقا مىۋە ئۇيۇتمىسى،سېغىز قاتارلىق يۇمشاق نەرسىلەرنىڭمۇخەتىرى بار ئىكەن.بولۇپمۇ مىۋە ئۇيۇتمىسى تۇرۇپ قالسا ئۆلۈپ كىتىش نىسپىتى يۇقۇرى بولىدىكەن.گېلىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغان بالىلارنىڭ ئىچىدەئەڭ كىچىكى بىر ئايلىق،چوڭى 11ئايلىق بولغان بوۋاقلار ئىكەن،يەنە كېلىپ بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بۇنداق ئەھۋال كۆپ يۈز بېرىدىكەن.
بالىلارنىڭ كانىيىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندائادەتتە قېقىلىپ يۆتىلىپ،يا ئاۋازى چىقماي،يا يىغلىماي،خىرىلداپ،نەپىسى تىزلىشىپ كۆكىرىپ كېتىدىكەن. ئېغىر بولغاندا ھوشىنى يوقىتىپ،ھەتتا نەپسى، يۈرىكى توختاپ قالىدىكەن.مۇتەخەسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندەئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالا بولسائانىسى بالىنى شۇ زامان بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ بىر قولىدا بالىنىڭ ئىككى ياڭاق سۆڭىكىنى سىقىپ تۇرۇپ،بىلىكىنى بالىنىڭ كۆكرىكىگە تاقاپ،يەنە بىرقولىدا بالىنىڭ گەدىنىنى تىرەپ،يۈزىنى تۆۋەنگە قارىتىپ،تىزىغا دۈم ياتقۇزۇشى لازىم. بۇ چاغدا بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە1-5قېتىمغىچەئۇرۇپ،بالىسىنىڭ كانىيىغا تۇرۇپ قالغان نەرسىنى قۇسۇپ چىقارغان-چىقارمىغانلىقىنى كۆزەتسە بولىدۇ. ئەگەر ئۇ نەرسە يەنە چىقمىسا.بالىنىڭ دۈمبىسىگە ئۆرۈپ ئۆزىگە قارىتىپ بارمىقىنى جۈپلەپ،بالىنىڭ كۆكرەك قىسمىنىڭ تۆۋەنكى يېرىمىنى 1-5قېتىمغىچە بېسىپ بېرىشى لازىم،ئاتا ئانىلار بالىسىنىڭ ئاغزىدا نەرسە بار يوقلىقىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ،ئەگەر نەرسە بولسا،ئۇ نەرسىنى بارمىقى بىلەن چىقىرىۋېتىشى،ھەرگىزمۇ تۇرۇپ قالغان نەرسىنى ئىچىگە تىقىۋەتمەسلىكى لازىم.يۇقۇرقى بارلىق ھەركەتلەرنى ئاتا ئانىلار بالىنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ تۇرۇپ تاماملىشى لازىم. چوڭراق بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۇرۇپ قالغاندائاتا ئانىلار بالىنى كەينى تەرەپتىن قۇچاقلاپ ئىككى قولىنى قوشتۇرۇپ،بالىنىڭ قورساق قىسمىغا قويۇپ، قورساقنى يۇقۇرغا قارىتىپ كۈچەپ بېسىپ بەرگەندە،ھاۋا ئېقىمى بىلەن نەپەس يولىدىكى تۇرۇپ قالغان نەرسىنى ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىشكەياردىمى بولىدۇ.يۇقۇردا بايان قىلغىنىمىز دۇنياغا داڭلىق<<ھېملىكچە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى>>دۇر.
مۇتەخەسىسلەر مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى:ئاتا-ئانىلار بالىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش بىلەن بىللە<<120>>جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە مەلۇم قىلىشى لازىم.ئاخىرىدا بالىنىڭ كانىيىغا تۇرۇپ قالغان نەرسەچىقىرىۋېتىلگەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر يەنىلا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشى لازىم.بالىنىڭ دۈمبىسىگە كۈچەپ ئۇرۇش، قولىنى بالىنىڭ ئاغزىغا تىقىشنىڭ ھەممىسى خاتا ئۇسۇلدۇر. ئەگەربالا بىر نەرسىنى يۇتىۋالغان بولسا ئاتا ئانىلار بالىنىڭ چوڭ تەرىتىنى تەكشۈرۈپ ، بۇ نەرسىنىڭ تەرەت ئارقىلىق چىققان-چىقمىغانلىقىغا دىققەت قىلىشى،ئەگەر بالا ئىلغۇچ قاتارلىق ئۇچلۇق نەرسىلەرنى يۇتۇۋالسا،بىرەر يېرىنى تىشىۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىشى لازىم.
ھېملىكچە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى
ئىلگىرى دوختۇرلار ئاغرىقنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇش ياكى ئاغزىغا قولىنى تىقىپ قالغان نەرسىنى چىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى، بۇ خىل ئۇسۇل ئۈنۈمسىز بولۇپلا قالماي،ئەكسىچە تۇرۇپ قالغان نەرسە تېخىمۇ بەك ئىچىگە كىرىپ كېتىپ قالاتتى.ئامرىكىلىق پىروفېسسور ھېنرى ھېملىك قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئۆپكىدە قېپ قالغان ھاۋا بىلەن ھاۋا ئېقىمى شەكىللەندۈرۈپ،تۇرۇپ قالغان نەرسىنى بۇ ھاۋا ئېقىمى ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلاشتەك جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان.1974-يىلى ئۇ قورساق قىسمىغا بېسىم بېرىپ كانايغا تۇرۇپ قالغان نەرسىلەرنى چىقىرۋېتىش توغرىسىدىكى تۇنجى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.1975-يىلى ئۆكتەبىردە<<ئامرىكا تىبابەت ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى>>بۇ تېخنىكىغا ئۇنىڭ ئىسمى بويىچە<<ھېملىكچە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى>>دەپ نام بەردى.1985-يىلى ئامرىكا ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇ ئۇسۇلغا<<ئەڭ ياخشى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى>>دەپ نام بەردى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلى كانايغا نەرسە تۇرۇپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇشتىكى ئۆلچەملىك ئۇسۇل بولۇپ قالدى.1975-يىلىدىن تا ھازىرغىچە بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىندى.
مەنبە-ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا naima-0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-26 07:10 PM