مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1096|ئىنكاس: 29

پاكىزلىق ۋە ياسىنىش ئىسلامنىڭ ئەسلى قىممەت قاراشلىرىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86886
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2012-11-29
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دىنى ھېچقانداق بىر دىن ياكى ھېچقانداق بىر پەلسەپە كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغان دەرىجىدە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەردى. ئىسلام دىنى پاكىزلىقنى ئىبادەت تۈزۈمىگە كىرگۈزدى، شۇڭا پاكىزلىق مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.

ئىسلام دىنىنىڭ ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ۋە ئايالغا بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان، بەش ۋاقىت ناماز ھەر كۈنى بەش قېتىم يۇيۇنۇپ تۇرىدىغان روھى مۇنچىنىڭ ئورنىدىكى ئىبادەت بولۇپ، مۇسۇلمان بۇ نامازلىرى ئارقىلىق خاتالىقلىرى ۋە يامان ئىشلىرىدىن پاكلىنىدۇ ۋە قول يىغىدۇ.

ئىسلامدىكى ناماز باشقا دىنلاردىكى نامازلاردىن نۇرغۇن ئارتۇقچىلىققا ئىگە. بۇ ئارتۇقچىلىقلارنىڭ قاتارىدىن ھېسسىي پاكلىنىشنىڭ شەرت قىلىنغانلىقىدۇر. ناماز جەننەتنىڭ ئاچقۇچى بولسا، تاھارەت ئېلىش نامازنىڭ ئاچقۇچى، رەسۇلۇللاھ: «تاھارەتسىز ئوقۇلغان نامازنى ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەنىدى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

تاھارەت ۋە پاكلىق: نىجىس (مەينەت) نەرسىلەردىن پاكلىنىش ۋە تاھارەتسىزلىكتىن پاكلىنىش دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. نىجىس نەرسىلەردىن پاكلىنىشتىن مەقسەت: ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ بەدىنى، كىيىم-كىچەكلىرى ۋە ناماز ئوقۇيدىغان ئورۇننىڭ قان يۇقى، چوشقا، ئىنسان ۋە ھايۋاننىڭ تەرەتلىرىگە ئوخشاش نىجىس ياكى مەينەت نەرسىلەردىن پاكىز بولۇشنى كۆزدە تۇتىدۇ.

يەنە بىر تۈرلۈك تاھارەت ھېسسىي مەينەتچىلىكتىن پاكىزلىنىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، بەلكى ھۆكمىي نەرسىدىن پاكىزلىنىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. شەرىئەت كىچىك پاكلىق ئۈچۈن تاھارەتنى شەرت قىلدى، يەنى توپا، چاڭ-توزاڭ ۋە كىرلىشىشكە ئۇچرايدىغان مۇئەييەن ئەزالارنى يۇيۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. چوڭ تاھارەت ئۈچۈن غۇسلى قىلىش (يەنى بەدەنلىرىنى تولۇق يۇيۇش)نى شەرت قىلدى. كىچىك ۋە چوڭ پاكلىقنى كۆپ تەكرارلىنىدىغان سەۋەبلەرگە باغلىدى، شۇڭا مۇسۇلمان كىشى ئۇ سەۋەبلەرگە تاھارەت بىلەن تاقابىل تۇرۇشى لازىم.

ئۇنىڭدىن سىرت ئىسلام دىنى مۇسۇلماننىڭ بەدەن ۋە مۇھىت تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى سۈننەت ۋە مۇستەھەپ (يەنى ساۋابلىق ئىش) دەپ قارايدۇ، بولۇپمۇ جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇش جەريانىدا قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا پاكىزلىنىشنى تېخىمۇ مۇستەھەپ دەپ تەكىتلەيدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا بېرىشتىن ئىلگىرى غۇسلى قىلىش يەنى يۇيۇنۇشنى مۇستەھەپ دەپ بەلگىلىدى. رەسۇلۇللاھ: «ھەر بىر مۇسۇلمان ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر كۈن يۇيۇنۇشى لازىم» دېگەن. (ئىمام ئەھمەد، نەسەئى، ھاكىم رىۋايەت قىلغان. سۈننەت (يەنى ھەدىس شەرىف يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمە ۋە يوليورۇقلىرى) ئېغىز، قولتۇق، ئەۋرەت ۋە چاچ… دېگەندەك مۇئەييەن ئەزالارنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. رەسۇلۇللاھ: «كىمنىڭ چېچى بولسا (يەنى كىم چاچ قويغان بولسا) چېچىنى ھۆرمەتلىسۇن» (يەنى چېچىنى تاراپ ۋە يۇيۇپ تۇرسۇن) دېگەن. (ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان).

ئىمام مالىك رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «رەسۇلۇللاھ بىر كۈنى مەسجدتە ئىدى، شۇ چاغدا چاچلىرى ۋە ساقاللىرى چۇۋالچاق بىر ئادەم كىرىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئادەمگە -خۇددى چېچىڭنى ئوڭشىۋال دېگەن تەرىقىدە- ئىشارەت قىلغان ئىدى، ئۇ ئادەم چېچىنى ئوڭشاپ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ: «چېچىڭ چۇۋالچاق كەلگىنىڭدىن، چېچىڭنى ئوڭشاپ كەلگىنىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟» دېگەن. (مالىك رىۋايەت قىلغان).

دېمەك، رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيەتكە كۆڭۈل بۆلگەندەك، كۆرۈنۈشكىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى توغرىسىدا يوليۇرۇق بەرگەن.

شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ بىر ئادەم ئۇيقۇسىدىن ئويغانسا، قولىنى يۇيماي تۇرۇپ، يەپ-ئىچىدىغان نەرسىلەرگە قولىنى سېلىشتىن توسقان. تاماق يەپ بولغاندىن بولۇپمۇ گۆش يېگەندىن كېيىن قولىنى يۇيۇشقا بۇيرۇغان ۋە گۆش يەپ قولىنى يۇيماي كېسەل بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان: «كىم گۆشنىڭ يۇقىنى قولىدىن يۇيۇۋەتمەي ئۇخلاپ قېلىپ، كېسەل بولۇپ قالسا، ئۆزىدىن باشقىسىنى ئەپىيلىمىسۇن»، (ئەبۇداۇۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).

رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى يەنى كۆرسەتمىلىرى ھويلا ئارام، كوچا ۋە يوللارنىڭ پاكىزلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. رەسۇلۇللاھ: «ھويلا ئاراملارنى پاكىز تۇتۇڭلار، يەھۇدىيلارغا ئوخشاش مەينەت بولماڭلار» دېگەن، (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).كوچا ۋە يوللارنىڭ پاكىزلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كوچا ۋە يوللاردىن كىشىلەرگە زىيانلىق بولغان ھەر قانداق بىر نەرسىنى ئېلىۋىتىشنى ياكى تازىلىۋېتىشنى سەدىقە قىلغانلىق بولىدۇ دەپ كۆرسەتمە بەرگەن. شۇنداقلا كوچا، يول ياكى كىشلەر سايىدايدىغان ۋە ئارام ئالىدىغان ھەر قانداق بىر ئورۇنغا چوڭ كىچىك تەرەت قىلىپ قويۇشتىن قاتتىق چەكلىگەن. بۇ توغرىدا: «سۇ بويى، يولنىڭ دوقمۇشى ۋە سايىدايدىغان ئورۇنغا تەرەت قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار، بولمىسا لەنەتكە قالىسىلەر» دېگەن.

دېمەك، ئىسلامنىڭ بۇ كۆرسەتمىلىرى پاكىزلىق ۋە مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىنى قوغداشتا ھەر قانداق بىر نەزەرىيەدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئىسلام دىنى پاكىزلىققا نېمە ئۈچۈن مۇنچىۋالا كۆڭۈل بۆلىدۇ؟

ئىسلام دىنىنىڭ پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىشى بىر قانچە ئېتىبارلار ئۈچۈن بولغان.

-1پاكىزلىق ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان خىسلەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ: «اﷲ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ» (بەقەرە سۈرىسى، 222-ئايەت) .شۇنىڭ ئۈچۈن پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمى ھېسابلاندى: «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) .بۇ يەردىكى پاكلىق ياكى پاكىزلىق مەنىۋى پاكىزلىقنى يەنى شېرىك، مۇناپىقلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتىن پاك بولۇشنى؛ شۇنداقلا ھېسسىي پاكىزلىق يەنى ئومۇمى ۋە خۇسۇسي پاكىزلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

-2پاكىزلىق سالامەتلىك ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ يولى، ئىسلام دىنى بەدەننىڭ ساغلام ۋە كۈچلۈك بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، سالامەت بولۇش يەككە ئادەمنىڭ تەييارلىقى بولسا، كوللېكتىپ ئۈچۈن زاپاس بايلىقتۇر، كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ئەۋزەلدۇر. بەدەن مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئامانەت، شۇڭا بەدەن مەسىلىسىدە سۇسلۇق قىلىش ۋە بەدەننى كېسەلگە تاشلاپ بېرىش توغرا بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ: «بەدىنىڭنىڭ سەندە ھەققى بار» دېگەن (بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

-3پاكىزلىق ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان گۈزەللىك كۆرۈنىشى بىلەن ياسىنىش ئۈچۈن شەرتتۇر، رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ گۈزەلدۇر، ئۇ گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن. چىرايلىق كىيىم-كىچەكلەر بىلەن ياسىنىش ۋە ئىسراپ قىلماستىن ياخشى نازۇ نېمەتلەردىن ھۇزۇرلىنىش ۋە بەھرىمەن بولۇشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان) كىيمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، اﷲ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ. ئېيتقىنكى، «اﷲ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان كىيىم-كىچەكلەرنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟»، (ئەئراف سۈرىسى، 31،32-ئايەت).

-  4پاكىزلىق ۋە چىرايلىق كۆرۈنۈش كىشلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىسىدۇر، چۈنكى قەلبى رۇس ئىنسان مەينەت ۋە پاسكىنا ئىشلاردىن سەسكىنىدۇ ۋە شۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلاردىن نېرى تۇرىدۇ. مانا بۇ جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا بېرىشتىن ئىلگىرى يۇيۇنۇشقا قىزىقتۇرۇشنىڭ سىرىدۇر.

شۇنداقلا ئۇ مەسچىتكە بارماقچى بولغانلارنىڭ باشقىلارنىڭ پىيازنىڭ پۇراقلىرىدىن يېقىمسىزلىق ھېس قىلماسلىقى ئۈچۈن سامساق ۋە پىيازنى خام يېيىشتىن چەكلەشنىڭ سىرىدۇر. رەسۇلۇللاھ: «كىم سامساق ياكى پىياز يىگەن بولسا، مەسچىتكە كەلمەي ئۆيىدە ئولتۇرسۇن» دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

دېمەك، بۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ھەدىسلەر سامساق ۋە پىيازغا ئوخشاش يېقىمسىز پۇرىقى بار نەرسىلەرنى خام يىيىشتىن چەكلەيدۇ ۋە ئۇ ئادەمنىڭ شۇ ۋاقتىدا مەسچىتكە يېقىنلىشىشتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە. ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تاماكا چېكىپ، كىشىلەرگە ئازار بېرىدىغان كىشلەر ئەلۋەتتە مەسجدنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالىدۇ. سامساق ۋە پىياز ھالال نەرسە، تاماكا دېگەن ھارام نەرسە: «ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ»، (ئەئراف سۈرىسى،157-ئايەت).ساغلام مىجەز، ئەقىل ۋە تەجرىبە تاماكىنىڭ ھەر ھالدا ياخشى نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ


ھەق  دىن  ئىسلام

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TaRKiN + 50 اللاھ سىزدىن رازى بول.
دىيارىم + 55 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 105   باھا خاتىرىسى

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17720
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7189 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-11-30
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىما . ئىسىل گەپ ، ئىسىل ئادەم ئوقۇيدۇ . ئىسىل ئادەم چۈشىنىدۇ . ئىسىل ئادەم ئەمەل قىلىدۇ .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،
ئەقىلسىز دۈشمەننى دۈشمەن تۇتقان پىشاناڭدىن كۆر .

ئۈزۈم تال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 1714
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12972
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1042 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-11-29
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-26 08:17 PM
ئىسىل تىما . ئىسىل گەپ ، ئىسىل ئادەم ئوقۇيدۇ . ئىسىل ئاد ...



مەنمۇ سىللىىسگە ئەگەشتىم ئاپتاپجان .

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17720
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7189 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-11-30
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2012-11-26 08:23 PM
مەنمۇ سىللىىسگە ئەگەشتىم ئاپتاپجان .

رەخمەت ، تىخىچە مۇساپىرما سىلە ، كۈندە بەسەي بۇراپ يۈرىۋەمەي ، ئانچى مۇنچە مىللىي پۇراپ قويايلى ماندا ...

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،
ئەقىلسىز دۈشمەننى دۈشمەن تۇتقان پىشاناڭدىن كۆر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87014
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-11-9
ئاخىرقى: 2012-11-26
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-26 08:28 PM
رەخمەت ، تىخىچە مۇساپىرما سىلە ، كۈندە بەسەي بۇراپ يۈ ...

ئۈزۈمتال سىلىگە ئەگەشكەندىن كېيىن بەسەي پۇرىماي ئاپتاپ پۇرىشى مۇمكىن.

كەمىنە زۇڭتۇڭ ئوبامادىن تورداشلارغا سالام!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2012-11-29
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز  ھەقىقەتەن شۇنداق  ‹پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر ›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2012-11-29
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا  دەرت بەرمىسۇن   مۇشۇنداق تېمىلارنى ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن

ئۈزۈم تال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 1714
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12972
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1042 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-11-29
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-26 08:28 PM
رەخمەت ، تىخىچە مۇساپىرما سىلە ، كۈندە بەسەي بۇراپ يۈ ...



  ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىمغۇ مۇساپرلىق ھاياتى بىلەن كىلەر يلىى -3 ئايدا ئىچكىردىكى مۇساپرلىقتىن خوشلىشىپ شىنجاڭدا چۈشۈپ شىمال تەرەپتە مۇساپىر بولاي دەپ . ئىشقىلپ ئۆيۈمگە بارا-بارا يىقىىنلاۋاتىمەنغۇ

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17720
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7189 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-11-30
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2012-11-26 08:33 PM
ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىمغۇ مۇساپرلىق ھاياتى بىلەن ك ...

ھە  ئۇنداق بولسا مەيلى ! ئىچكىردىن سوۋغا ئەكىلمەن دەپ تۇرسا ئەمسە ، بىر تال نەرسە بۇيراتتىم تاپالالىما ، ئۇچۇر قىلاي ئاۋال ..

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،
ئەقىلسىز دۈشمەننى دۈشمەن تۇتقان پىشاناڭدىن كۆر .

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17720
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7189 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-11-30
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2012-11-26 08:33 PM
ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىمغۇ مۇساپرلىق ھاياتى بىلەن ك ...

گەپ قىلسا قارىم  ئۇچۇر كەتتى ...

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،
ئەقىلسىز دۈشمەننى دۈشمەن تۇتقان پىشاناڭدىن كۆر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش