مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2878|ئىنكاس: 20

تۈركى تىللار دىۋانىنى تۈركىيەدە تۇنجى بايقىغان شەخىس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

القدس لنا ...!!!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79844
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3520
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-5-7
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 04:51:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                 timthumbCADGDOR7.jpg


2009 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى ئىستانبۇل شەھىرى فاتىخ رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئېلى ئەمىرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، تۈركىي تىللار دىۋانىنى تاپقان ۋە تۇنجى بولۇپ نەشر قىلدۇرغان شەخس ئېلى ئەمىرى ئەپەندىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ كۇتۇپخانىلار ۋە نەشرىياتلار مۇدىرى ئايتېكىن يىلماز، تۈركىيە دۆلەت مەجلىسى ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى بورھان كۇزۇ، سابىق پارلامېنت ئەزاسى مەرۋە كاۋاكچى، دوغان ھىزلان، ئىستانبۇل شەھىرىگە قاراشلىق فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دېمىر، ئىستانبۇل مىللەت كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرى مەلەك گەنچبوياجى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر قاتناشتى. مۇراسىمغا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالىملار، يازغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىمغا فاتىھ شەھەرلىك مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى ۋاھدەتتىن ئىشق ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىم ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى مۇراسىمدا فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دېمىر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.
مۇراسىمدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور مۇستافا كاچالان “تۈركىي تىللار دىۋانى” دېگەن تېمىدا، ساكارىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇستافا ئارسلان “ئېلى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ دىۋانى ھەققىدە” دېگەن تېمىدا، فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ‏- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سادىق يازار ئەپەندى “ئېلى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ ماقال‏ – تەمسىللىرى ” دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
پروفېسسور دوكتور مۇستافا كاچالان ئەپەندى “تۈركىي تىللار دىۋانى” دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: “مەن سىلەرگە تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ قول يازمىسىنى تونۇشتۇرىمەن. ئالدى بىلەن بۇ كىتاب بىر نەچچە يۈز يىل يوقاپ كېتىپ كېيىن قانداق بولۇپ ئىستانبۇلدا ئېلى ئەمىرى ئەپەندى تەرىپىدىن تېپىلدى، بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتىمەن، ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى بىر كىتاب دۇكىنىدا تۈركىي تىللار دىۋانى دېگەن كىتابنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالغان، چۈنكى بۇ كىتاب كۆپ ئىزدەپ تېپىلمىغان كىتابلاردىن بىرى ئىدى. ئېلى ئەمىرى ئەپەندى “تۈركىي تىللار دىۋانى” نى بۈگۈننىڭ پۇلىغا سۇندۇرغاندا 9000 تۈرك لىراسىغا سېتىۋالغان . بۇ پۇلغا ئىستانبۇلدا نورمال بىر ئاپتوموبىل كېلىدۇ، ئېلى ئەمىرى ئەپەندى بىر ئاپتوموبىل كېلىدىغان پۇلنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن بىر كىتابنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان. ئۇ كىتابنىڭ باھاسى قىممەت بولغاچقا يېنىدىكى پۇلى يېتىشمەي قەرز سوراشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما پۇل قەرز سوراشقا كەتكەندە كىتابنى باشقا بىرسىنىڭ ئېلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كىتاب دوكىنىنىڭ ئالدىدا تونۇشلىرىنىڭ ئۆتىشىنى كۈتۈپ ساقلاپ تۇرغاندا، يېقىن بىر دوستى دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭدىن پۇل قەرز ئېلىپ كىتابنى سېتىۋالغان ئېلى ئەمىرى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ ئۆيىگە قايتقان ۋە ئۇ كىتابنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ باشقىلارغا كۆرسەتمەي تۇرۇپ بىر نۇسخانى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ كۆچۈرۈپ چىققان.
مۇستافا كاچارىن ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: “ئۇ كىتاب رەتسىز قالايمىقان بولۇپ كىتابنى ئەڭ يېقىن ئىشەنچلىك دوستى كىلىسلى رىفات ئەپەندى ئىسىملىك شەخسكە تۈزىتىپ رەتلەپ چىقىش ئۈچۈن بەرگەن. شۇنداق قىلىپ كىلىسلى رىفات ئەپەندى بۇ كىتابنى تۈزىتىپ رەتلەپ 3 قېتىم ئوقۇپ چىققان . ئېلى ئەمىرى ئەپەندى تۈركى تىللار دىۋانىنى رەتلەپ تۈزىتىپ بەرگەن دوستىغا ئىستانبۇل قۇمقاپىدىكى بىر ئۆيىنى سوۋغا قىلغان، ئەمما ئۇ دوستى بۇ سوۋغىنى قوبۇل قىلماي كىتابنى نەشر قىلىدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. كېيىن، رىفات ئەپەندى ئۇ كىتابنى ئۈچ قىسىم شەكىلدە نەشرگە تەييارلىغان. شۇنداق قىلىپ ئېلى ئەمىرى ئەپەندى دوستلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ دۆلەت مائارىپ نازارىتىنىڭ ياردىمى بىلەن 1915 ‏- يىلى تۇنجى قېتىم 1 ‏- قىسمىنى نەشر قىلدۈرغان، 1917 ‏- يىلى 2 ‏- ۋە 3 ‏- قىسىملىرى نەشر قىلىنغان. تۈركىي تىللار دىۋانى مەھمۇت قەشقىرى تەرىپىدىن يېزىلىپ باغدات پادىشاھىغا تەقدىم قىلىنغاندىن كېيىن بىر قانچە يۈز يىل يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئاخىرى ئېلى ئەمىرى ئەپەندى تېپىپ چىقىپ تۇنجى قېتىم 1915 ‏- يىلى نەشر قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتاب تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان. تۈركىي تىللار دىۋانى يېزىلىپ بىر قانچە يۈز يىل يوقاپ كەتكەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ 1915 ‏- يىلى ئېلى ئەمرى ئەپەندى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.”
مۇراسىم ئاخىرىدا فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دېمىر ئەپەندى مۇراسىمدا سۆز قىلغۇچىلارنى تەبرىكلەپ تەقدىرنامە تەقدىم قىلدى. يىغىن زالىنىڭ كۆرگەزمە مەيدانىدا ئېلى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ كىتابلىرى ۋە خۇسۇسىي ئەشيالىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ “تۈركىي تىللار دىۋانى” نىڭ قوليازما نۇسخىسىمۇ قويۇلغان.
بىز مۇراسىم ئاخىرلاشقاندا فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دېمىر ئەپەندى بىلەن ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇستافا دېمىر ئەپەندى ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىي تىللار دىۋانى دېگەن بىر كىتابنىڭ بارلىقىنى ھەممە كىشى بىلگەن بولسىمۇ، بۇ كىتاب ئوتتۇرىدا يوق ئىدى. ئېلى ئەمىرى ئەپەندى بەيازىت ساھافلار بازىرىدىكى بىر كىتاب دۇكىنىدا تۈركىي تىللار دىۋانىنى تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالغان ۋە ئۇ كىتابنى سېتىۋالغان ۋە يوقاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ھېچكىمگە كۆرسەتمەي ساقلىغان. ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى مىللەت كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ ئۇ كۇتۇپخانىغا ئۆزى توپلىغان 16 مىڭ پارچە ئەسەرنى تەقدىم قىلغان. ئارىدىن 85 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىز ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ فاتىھ رايونىدا ئېلى ئەمىرى مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇپ چىقتۇق. ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ئۆزىنى كىتابقا ۋە كىتابلىرىنى مىللەتكە تەقدىم قىلغان ئىستانبۇل شەھىرىدىكى داڭلىق مىللەت كۇتۇپخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇنداقلا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى دېگەن مۇھىم كىتابنى تېپىپ چىقىپ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان شەخس . ئېلى ئەمىرى ئەپەندى 1857 ‏- يىلى دىياربەكىر شەھىرىدە تۇغۇلۇپ 1924 ‏- يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىستانبۇلدىكى مەشھۇر مىللەت كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
مۇستافا دېمىر ئەپەندى تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ يازغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ” مەن بىر فاتىھ رايونىنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنچ ۋە راھەت بىر مۇھىت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز، ئۆزلىرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىن، مەدەنىيەت ‏- كۈلتۈرىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلمايدىغان بىر ئورۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇلارغا دۇئا قىلىمىز.”
مۇستافا دېمىر ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ساللام يوللاپ مۇنداق دېدى: “بۇ يەردە يەنى ئىستانبۇلدا تەخمىنەن 1100 يىل ئىلگىرى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ بۇ يەرنى ۋەتەن تۇتقان ئۇ ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادلىرى، نەۋرىلىرى بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن، بىزدىن ئۇزاقتا بولغان، 1100 يىل ئىلگىرى ئايرىلغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىستانبۇلدىن ھۆرمەت ۋە سالام يوللايمىز.

مەنبە : ئۇيغۇرلار تورىدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بدر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-26 04:53 PM  


ئىمان ئىنساننى ئىنسان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سۇلتان قىلىدۇ.

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 08:18:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى كۈنى كەڭساي توردىن ئوقىۋىدىم ، بۈگۈن يەنە ئوقۇدۇم . مەھمۇد قەشقىرىنى بۇلار بايقان بەرمىگەن بولسا ، بىزمۇ تونۇماس بولغۇيمىتۇق دەپ ئويلاپ قالدىم .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 08:20:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمۇد قەشقىرى ۋە تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ بايقىلىشى بىلەن دۇنيانىڭ كۈزى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى يىپەك يولىغا جايلاشقان ئۇيغۇر رايۇنىغا چۈشتى،ئەمما تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ  قەشقەردە ئەمەس تۈركىيەدە ئالقىشلىنىشىمۇ بىز ئۈچۈن ئانچە ھەيران قالارلىق ئشمۇ تۇيۇلماي قالدى.
ئاخىرقى جۈملىلەردىن شۇنى ھىس قىلدىم،تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى ھۆرمەت قىلىدىكەن،قىرىنداش دەپ بىلىدىكەن،قىرىنداش دىگەن گەپ،قانداقتۇر ئەل ئاغىنە،يىقىن خۇشنا  دىگەنلىك بولماي،بەلكى بىر ئۇرۇق،بىر جەمەت ۋە قۇرساق قىرىنداش دىگەنلىك بولىدۇ.مۇشۇ كىتابنىڭ بايقىلىشى بىلەن ب د ت 2008-يىلنى مەھمۇد قەشقەرى يىلى دەپ بىكىتتى،دۆلىتىمىز ئولىمپىكىمۇ مۇشۇ يىلى بولدى،دۆلىتىمىز مۇشۇ ئىككى ئالەمچە نەتىنجسى بىلەن يۇمشاق كۈچىنى كۆتۈرۋالدى.،2008-يىلىنىڭ ئاخىرقى پەسلىدە بىيجىڭ ۋە قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە مەھمۇد قەشقىرى يىلىنى تەبىركلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.


بىراق ئاپتۇنۇمىيە رايۇنىمىزدا بۇ كىتاب ھىچقاچان دەرىسلىك قاتارىدا كىرگۈزۈلگىنى يۇق.ئۇقۇغۇچىلار بۇ كىتابنى بىلىشىمۇ ناتايىن.

تۈركى تىللار دىۋانى ۋە قۇتادغۇبىلىك ناملىق كىتابنى بىز قەدىرلىمگىنىمىز بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيتى قۇللاپ قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ.
مۇشۇ يىلى تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 4- ئايدا دۆلىتىمىزدە،شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغاندا شىياڭگاڭ سومۇرۇغ تىلىۋىزيەسىنىڭ ئۇلارنى زىيارەت قىلغانكى مەزمۇنىنى توردىن كۆرگەن ئىدىم.

گەپنىڭ  قىسقىسى بىز مەھمۇد قەشقىرى ئەۋلادلىرىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيتىگە ئوتلۇق سالام يوللايمىز،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-26 08:30 PM  


ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42929
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4029
تۆھپە نۇمۇرى: 242
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2011-6-2
ئاخىرقى: 2014-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 08:52:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىيە جۇمھورىيىتىگە بىز ئۇيغۇر رايونىدىن سالاملار بولسۇن،رەھمەت سىلەرگە تۈرك قېرىنداشلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 09:01:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى ئوقۇپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ئۇيغۇر بولغۇنۇمدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمىدىم.مانا بىز مۇشۇنداق ئىسىل كىشىلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى.ئەمما بىزدە تونۇش يوق .بۇ تىمىنى يوللىغان كىشىگە رەھمەت ئيتىمەن. بىزدىنمۇ تۈرۈك قىرىنداشلارغا سالام بولسۇن. بىزگە ئەڭ ياردەم قىلىۋاتتقان ئۇرۇقداشلارغا رەھمەت.

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10312
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2988 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 09:06:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىمىزنىڭ نەرسىسىنى ئۆزىمىز قەدەرلىسەك بۇلاتتى ، ئۆزىمىزنىڭ قەدرىنى ئۆزىمىز قىلمىساق باشقىلار كىلىپ قىلىپ بەرمەيدۇ

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9545
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 09:37:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ياخشى تىما.!

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4860
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 10:10:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەرەب ،  پارىس ،  شەرىق ۋە غەرىپ  قاتارلىق  گەۋدىلەر  قاتارىدا تۈركى مىللەتلىرىمۇ بار ، بىز شۇ گەۋدىنىڭ بىر قىسىمى  






ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 851
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6699
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 12:04:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79331
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3795
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-4-25
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 12:11:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«اللە»رەھمەت قىلسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش