مىسرانىم كىچىلىكى ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە ،تىيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا ، تەدىرىجى تەرەققىي قىلىپ بەشىنچى سانىغا كەلدى ،شۇڭا مىسرانىم كىچلىكىنى ئەمدى "مىسرانىم مەشىرپى "دەپ ئۆزگەرتىپ ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈپ تورداشلارغا ھوزۇر بېغىشلاشنى لايىق تاپتۇق ،
"مىسرانىم مەشىرپى " قىزنىڭ قولىدىن ئوغۇلنىڭ قۇلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ (ئالاھدە ئەسكەرتىش )
"مىىسرانىم مەشىرپى "
جاڭ ......جاڭ.....جاڭ ......
بېشىغا ئەسكى پى -پى توماق ،ئۇچسىغا كۆك سارجىدىن قېلىن پاختىلىق چاپان بىلەن پاختىلىق ئىشتان ،پۇتىغا سېرىق ھەربىيچە باسنۇشكا كېيىپ بېلىنى قارا پوتا ياغلىق بىلەن چىگىۋالغان قىزغىن يوغان جاڭدىن بىرنى چېلىپ مىسرانىم مەشىرپىگە ئادەم يىغىش ئۈچۈن كىرىشىپ كەتتى
جاڭ ....جاڭ....جاڭ ....
ئەيھاناس ،ئاڭلىمدىم دىمەڭلار ،مىسرانمدىكى بارلىق چوڭ -كىچىك ،قېرى -ياش ،ئورۇق -سىمىز ،چاچلىق -چاچسىز ئەزىز مۇنبەرداشلار بۈگۈن كەپسىز قىز ئويۇشتۇرغان "مىسرانىم مەشرىپى"نىڭ بەشىنچى سانى سىلەر بىلەن يۈز كۈرۈشمەكچى شۇڭا بارلىق ئەزاللار قىلىۋاتقان ئىشىنى قۇيۇپ مىسرانىم بارچۇق كۈلبىسىگە بېرىپ مەشرەپكە قاتناشقاي ...
جاڭ ....جاڭ.....جاڭ
يارلىق تامام
قىزغىن مۇشۇ يارلىقىنى يەتكۈزۋاتقان چاغدا مۇنبىرىمىزدىكى ،ئەزىزان ،يانغىن ،ھېسلىرىم ،ئۈزۈمچى ،يازىمەن ،كارۋان قاتارلىق بىر قىسىم ئەزاللار قاتتىق بالىلىقتىكى ياشلىقىنى ئەسلەپ بىر مېتىر كەلمەيدىغان لاي سۇدا پاقچىلاپ ئۈزۈپ ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتىۋاتقان ئىدى
ئۇلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا ئىشتان -چاپانلىرنى تەتۈر كېيىپ يالاڭ ئاياقلا بىر غېرىچ توپا يولدا چاڭ چىقىرىپ بارچۇق كۈلبىسىگە قاراپ ئاتتەك چاپتى .
ئۇلار يۈگۈرىپ كېتۋېتىپ يول بۇيدىكى ئۈزۈم بارىڭىغا چۈمىلىدەك يامىشۋالغان ،گۈل چۈشى ،مىھرىزات ،تۇلۇنئاي ،دىلسىرى، نازۈك ،شەھلانى كۆردى
ھى.....ھى.....دەپ كۈلدى ئەزىزان يۈگۈرىكىنى توختۇتۇپ بۇ قىزلارغا قاراپ
نمە بولدى خوجام دېدى مىھرىزات قاپاقلىرنى ئالايتىپ
نىمە بۇلاتتى،،، قىز بالا تۇرۇپ ئۇلۇغ رامىزاندا يۈگىمەچتەك ئۈزۈم بارڭىغا يامىشىشتىن ئويالمىدىڭلارمۇ ؟؟؟
نېمە ؟ ھەممە قىز قاتتىق توۋلىدى
ۋاي ئىسىت شەيتان پوقى يەپتۇق ،روزا بۇزۇلۇپتۇ ،
ھەي ...ھەي ھەمىسى ،مۇشۇ تۇلۇنئاينىڭ ئىشى ئۈزۈم يەيلى دىمگەن بولسا دېدى گۈل -چۈشى تۇلۇنئايغا خاپا بۇلۇپ
ئاللا ئاداش مىنىڭمۇ ئېسىمدە يوق
بولدى قىزلار گەپنى قۇيۇپ مەشرەپكە بارايلى مەشرەپكە دەپ ۋاقىردى ئۈزۈمچى
مەشرەپ نىمە مەشرەپ دەپ سوردى نازۈك
نىمە مەشرەپ بۇلاتتى كەپسىز قىز ئۇيۇشتۇرغان بارچۇق مەشرىپچۇ
ھە راس
ماۋۇ قىزلار ئۈزۈم بارىڭىدىن دىككىدە سەكرەپ چۈشۈپ مارافونچە يۈگرەشكە قاتناشقان تەنھەركەتچىلەردەك ئوغۇللارنىڭ ئالدىدا يۈگىرەپ ماڭدى
بۇلار بېرىپ بولغۇچە بايىقى قىزغىننىڭ يارلىقىنى ئاڭلىغان ،مۇڭلۇق قەدەم ،تاتلىق ،رومان ،ئويلان ،جىمغۇر ،پەخىركام ،بىلگقۇتلار ئىشەك ھارۋىلىرنى قۇشۇپ چىكلاڭ ...چىكلاڭ قىلىپ بارچۇق كۈلبىسىگە ئاتلانغان ئىدى .
توغراق ،پادىشاھ ،دىھقان ،يىلان ،مۇڭسىرداش ،پەرىشتە ،ئىزباسار،زۇلقەرجان ،زۇلپىقارلار قۇلقىنى تۆت كۇن بۇرۇن قىزغىننىڭ يارلىقىغا توغۇرلاپ ئولتۇرغان بولغاچ يارلىق ئاڭلىتىلىپ بۇلىشىغا بوز ئاتلىرىغا مىنگۈشۈپ ،يوللاردىكى توپىلارنى ئورنىدىن قوزغاپ ،يولدا ئۇچىرىغانلىكى مىسرانىم خەلقىگە
مەشرەپكە ماڭدۇق مەشرەپكە
دەپ ۋاقىراپ قاقاقلاپ كۈلۈشۇپ يولغا چىققان ئىدى
ئۆيلىرىدە سالقىن شامال يەپ ئولتۇرغان ،مەنزىل ،سوتۇق ،ئۆرلەش ،دىلناز ،سوبخان ،يالپۇز ،خاپىلىق ،تەنھا ،يانماسلارمۇ جىددى تەييارلىق قىلىپ ئاتوم بومبىسدىن ياسالغان تىك ئۇچارىغا ئولتۇرۇپ مەشرەپكە قاراپ ئۇچتى
ئۇلار يولدا ئىشەك ھارۋىسى ،ئاتلاردا ماڭغان مىسرانىم خەلقىگە قاراپ
ئالغاچ كېتەيلىمۇ ،خا....خا.....
قىلىپ زاڭلىق قىلىپ ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتتى
بۇ مۇنبەرداشلار كېلىپ بولغۇچە كىچىلىكىنىڭ ساھىبخانى بولغان كەپسىز قىزمۇ قاراپ ئولتۇرمىدى ئەلۋەتتە
ئالدى بىلەن يىگىت بىشى بۇلۇشقا مىسرانىمنى تەكلىپ قىلدى ،ئاندىن ئارشاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى سۆرەت تارتىپ بىرشكە تەكلىپ قىلدى ،كۆڭۈل قىزنى كىچلىكىنى سىنغا ئېلىپ بىرىشكە چاقىردى ،ئىدىرسجان ،ئۈرۈكجانلارنى" مىسرانىم ئالا -جوقا رادىئو ئىستانسى "ئارقلىق كىچىلىكنى بارلىق مىسرانىم دۈلىتىگە تارقىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى ،دىلاۋورنى رىژسورلۇققا ،ھىجىراننى مەسلھەتچىلىككە ،شاتئاينى گىرىمچىك ،كەترەننى سىۋىتچىك لىككە تەكلىپ قىلىپ بۇلۇپ يەنە بارچۇق كۈلبىسىگە قايتتىپ كەلدى
بۇ چاغدا بارچۇق قىزى ،بارچۇق گۈلى ، رۇمانتىكا،فاتىمە ،سۈزۈك ئاي ،نادىرە ،قەھۋە ،نازۈك ،مۇسىلمە ،مەلەك قاتارلىق كەپسىز قىزنىڭ يېقىن دوسلىرى ،لەغمەنگە خېمىر يوغرۇپ ،پولوغا سەۋزە قىرىپ ،چۈچۈرىگە قىيما قىلىپ كەچكى ئولتۇرشقا تۇتۇش قىلۋاتاتتى .
بارچۇق ئوغلى ،دۇلان بالسى ،ئوتقاش ، ،سەھرا ئوغلى ،بەھرام ،ئىنتىل ،جىدەلخور ،خوك ،شائىر ئەپەندىم ،دەقيانوس ،سۇلتان ،ئىنتىل
قاتارلىقلار ،ئوچاققا ئوت قالاپ، گۈش پۇشۇرۇپ ،كاۋابتان تەييارلاپ كاۋاب پۈشرۇپ ،قىزلارغا ياردەملىشىپ ئوتان كېسىپ جىددى تەييارلىق قىلۋاتاتتى .
گۈر ....قىلغان ئاۋاز بىلەن مىسرانىم خەلقى بارچۇق قەبىلىسىگە يېتىپ كەلدى
ھەي دەپ كەپسىز قىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشتى ،
ئىپتارغا چاقىرسا نىمانداق بۇرۇن كىلۋالغاندۇ بۇلار خەپ قىزغىن ،خەپ قىزغىن دەپ تۇرشىغا ئەقىللىق كامران
كەپسىز ھەدە دالا پائالىيىتى قىلمايلىمۇ دەپ مەسلھەت بەردى
بولدىغان گەپ ئەزاللار جىددى تۈردە سەينا راسلىدى
ئەنئەنۋىي مەشرەپ قائىدىسى بۇيىچە ئىپتار ۋاقتى بولغۇچە ئات بەيگسى ئۆتكۈزمەكچى بولدى
بۇ گەپ مىسرانىم خەلقىگە دەھشەت ياقتى
ئات ئۈستىدە ئوغلاق تارتىش باشلاندى
ئا تەرەپتە :يانغىن ،ئۈزۈمچى ،ھىجىران ،ھىسلىرىم ،توغرۇل ،مۇسەللەس ،تەكلىماكان ،ئەلگە نەپ
ب تەرەپتە :كەلكۈن ،ئەلشىر ،كۆكنۇر ،تاڭنۇر ،تۇز ،ئۈرۈكجان ،ئۈمىد ،ئۆرلەش
قۇماندان :سەردار
سەردار قۇلدىكى ئوغلاقىنى تەڭلاپ بىر پۈشتەك چېلۋىدى ئاق بوز ئاتقا مىنگەن چاۋاندازلار ئاتلارنى دەششەت چاپتۇرۇپ تەرەپ -تەرەپتىن ئوغلاققا ھوجۇم قىلدى
ماۋۇ ئىدىرسجان ناتىقلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ زاماندىن قالغان ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ قوغلاپ يۈرۈپ مەيداندىكى تاماشبىنلارغا مۇسابىقە ئەھۋالىنى بايان قىلۋاتاتتى ،
ئارشاڭمۇ مايماق ئىشكىدە رەسىمگە تارتىپ ھارمىدى ،
كۆڭۈل پىقىراپ يۈرۈپ سىنغا ئالدى ،
جانپۇلات ، قۇشاق ،سەرۋىن ، تۇرالاپ قاتارلىق ئوغۇللار قىقاس -چوقاس قىلىپ مەيداننى بىشىغا كىيۋاتقاندا قىزلار كەپسىز قىزنىڭ لاھىيلىگەن مودا كىيملەر كۆرگەزمىسىدە
مىھرىزات ،سىنى دەيمەن ،گۈل چۈشى ،ناز ،يالغۇز كىچە ،كەچمىشىم ،ياۋا گۈل ،شوخ قىز ،سابا ،دىلبەر ،مەلەك ،توزانلار
مودا كىيملەرنى كىيىپ سەھنىدە ماھارەت كۆرستىۋاتاتتى
تارىخ بوۋاي ھۆرىنساخان ھەدىنى ئۇرۇپ ئاپسىنىڭ ئۆيگە كەتكۈزۋتىپ ئۆيدە ھۆرىنساخان بولمىغاچقا مەھەلدىكى قاراياغاچ ئاستىدا بىر كىچە قۇنۇپ قېلىپ جىن چاپلىشۋالغانلىقى مىسرانىم خەلقىنىڭ ئاغزىدىن چۈشمىگەچكە ھەممە مىسرانىم خەلقى تارىخ تىن ئەنسىرەپ تۇراتتى دەل شۇ پەيىتتە بۇرۇنقى مۇنبەرداش داخانمۇ(كۈمىلگەن تۇيغۇ ) بۇ مەشرەپكە قاتناشلقى كەلدى ،مانا تارىخ قېرىنىڭ تەلىي
باشقىلار كىيىم كۆرگەزمىسى ،ئوغلاق تارتىش بىلەن مەشخۇل بولۋاتقاندا ،داخان ،ئاق چېچەك ،سابا ،تۈركناز ،دىلنازۇك ،مەلكە ،قەيسەر ،بىغەملەر ،داخانغا ماسلىشىپ داپ چېلىپ پىرە ئويناشنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشكە باشلىدى
داخان :چىننە پىننە پاتتارا ،
چىلتەنلىرىم قاتتارا ،
ئالدى ئاغزىڭدىن كىردى ،
كەينى كاساڭدىن كىردى ،
قاتار بولاپ ئاستا چىق ،
ماللىرىڭنى قوياپ چىق .
جىن چىق ... جىن چىق ... سۈف !
كەتمەنگە ساپلاپ ئوقۇرمەن ،
داپقا چاپلاپ ئوقۇرمەن ،
كۆتەك ھارۋىغا چاقلاپ ئوقۇرمەن ،
قازاندا داغلاپ ئوقۇرمەن ،
پولۇغا كاپلاپ ئوقۇرمەن .
جىن سەكرىسەڭ سەكرەۋەر ،
تېكەمگە داتلاپ ئوقۇرمەن .
ئىننە بىننە ئارسلانخانىم ،
ساڭا يەتتىمۇ دادىم ،
يەتكەن بولسا ئۆھۆ دە ،
ياغ پۇرىتاي ساڭا دائىم
مەنكى داخان ئوقۇيمەن ،
جىنغا توقام توقۇيمەن .
جىن سەكلىسە سەكلىسۇن ،
مەن سەكلىمەي ئوقۇيمەن .
پاتىمەگە خەت كەتتى ،
چاپسان چاپسان كەلسۇن دەپ .
چىلتەنلىرىم ئۆلەپ كەتتى ،
جاھىل جىننى چىقسۇن دەپ .
پاتىمەنىڭ كۆڭلەكى ،
يەتمىش يەردە ياماقى ،
ياماي دېسە ياماق يوق ،
باغلاپ كىيگەن پاتىمە .
ئىننە بىننە پاتىمە ،
قۇلىقىڭنى تاتىيمە ،
كەلسەڭ ئەگەر بۈگۈن كەل ،
قۇچىقىڭدا ياتىمە ...
سۈف كۆچ ... سۆف كۆچ ...
داخان شۇنداق ئوقۋېدى تارىخ بوۋاي شوخ بالدەك سەكرەپ تاقلاپ شۇنداق ياخشى بۇلۇپ قالدى
ئۇڭغۇچىمۇ كۇن بىر يەرگە بېرىپ كەچ كىرگەن ئىدى
مىسرانىم باشلىق ئوتتۇز ئوغۇل يەنى ،ئاقسۇ سېرى ،ئاتوش ئوغلى ،بوران ،ھۆكىمران ،چاپلىن ،لىرىكا ،شائىر ئەپەندى ،زامانى،ئاشكار ،كۆك سۇلتان ،ھەسەل ھەرىسى
توققۇز قىز ئورنىدا ،كۈل قىز ،يالپۇز ،سۇلغان گۈل .سۇبخان ،مەرھابا ،ئاي يامغۇرى
سەھنىدە نازۇك قەدەم ئالغان رىياسەتچى گۈل چۈشى بىلەن مىرشاب ئوتقاش كېرىپ كەلدى
ئالدى بىلەن گۈل چۈشى تاماشبىلارغا مۇنۇ شىئىرنى بەخىش ئەتتى
ﻳﯜﺭەﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻤﻪﺱ ﺑﻮﻟﺪﻯ،
ئاﺧﯩﺮﻗﻰ ئۈﻣﯩﺪﻧﻰ ﺗﻮﺯﯗﺗﯘﭖ ﻫﻪﺭﻳﺎﻥ.
ئۆﺗﻪﻟﻤﻪﻱ ﻫﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ،
ﻗﻮﻏﻠﯩﺪﯨﯔ ﺑﺎﻫﺎﺭﻧﻰ ئەﻳﻠﻪﭖ ﺯﯨﻤﯩﺴﺘﺎﻥ
ئاندىن ئوتقاش
يەتكۈز تىزراق ئارمانلىرىمغا،
بەرپات قىلما خىياللىرىمنى.
بولسۇن ساڭا كۆڭۈل ئىزھارىم،
قوبۇل قىلغىن بۇ پاك قەلبىمنى.
بۇ ئىككسىنىڭ شئىرى ھەمىنى چاۋاك چالدۇردى ،ئۇلار شىئىرنى ئوقۇپ بولغۇچە سەھھنىگە مىھرىزات ،قەھۋە ،كەترەن ،فاتىمە ،شوخ گۈل ،شاتئاي چىنلىرنى تاراقشىتىپ چىقىپ رىياسەتىچلەرنى سەھنىدىن چۈشۈرۋەتتى
ئالتە قىز ئاتوش پەدىسىدە چىنە ئۇسىلغا چۈشۈپ ھەممنى داڭ قالدۇرۋەتتى
ئۇلاردىن كىيىن تاڭنۇر سەھنىگە چىقىپ
مەن سېنى ئوخشاتتىم ئىشەككە
قاپقارا قاشىڭنى تىزەككە
دەپ سەھنىدە سوغوق كەيپىيات پەيدا قىلدى تاماشبىلارنىڭ ئاچچىقى كىلىپ بايا ئۈرۈكجان ھەقسىز تارقاتقان ئۈرۈك قېقىنى تاڭنۇرغا ئاتتى
تاڭنۇر ۋايجانلاپ سەھنىدىن چۈشتى
كەيندىنلا ،مۇسىلنە ھەدەم سەھنىگە چىقىپ "مۇئەللىم "دىگەن ناخشىنى ئېيتتى
مىسرانمدىكى جاپاكەش مۇئەللىملەر كۆزلىرىگە ئىسىق ياشلارنى ئېلىپ ماڭقلىرىنى شورشۇپ يىغلاپ ئولتۇرسا مىرشاب ئوتقاش سەھنىگە چىقىپ
ھۆرمەتلىك يىگىت بىشى مىسران ئەپەندىم ،ماۋۇ ئىدىرسجان بىلەن ئۈرۈكجان تەپ تارتماستىن ئەل -جامائەت ئالدىدا ،شەھلا بىلەن نازۇكقا چاقچاق قىلىپ ئۇلارغا قاراپ سەت ھىجىيپتىكەن بۇ ئىككى قىز بىزگە ئەرزىز قىلىپ كەپتۇ بۇلارنى قانداق جازالايمىز دەپ سوردى
مىسران قۇشۇمىسنى تۈرۈپ ئوتتۇز ئوغۇلغا مەسلھەت سالدى ،ھۆكىمران دەرھاللا
بۇ ئىككىسىنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەپ ،ئىشەككە تەتۈر مۈندۇرۇپ سازايى قىلايلى يەنە بەتبەشىر خوتۇن ئېلىپ بېرىپ ھاياسىزلىققا تويغۇزايلى دېدى
شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈكجانغا ھاشىمخان ،ئىدىرسجانغا ھوشۇرخاننى نىكاھلاپ قويدى
"ھوشۇرخان "
"ھاشىمخان "
سورۇننى ئەۋجىگە ئالدۇرۇش ئۇچۇن مىسران باشلىق ئۈزى ياش ۋاقتىدا ئوقىغان "بۇلماق يىمەيمەن چوڭ بولدۇم "دىگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردى،
سەردار شوخ مۇزىكىغا چالدى
ھىجىران شئىر دىكلاماتسىيە قىلدى
دەريالاردا ئاققان سۈزۈك سۇ
ئەسلىتىدۇ پاكىز قەلبىڭنى ،
شۇنچە ئامراق ئىدۇققۇ بىرچاغ ...
ئۇ كۈنلەرگە ئەمدى نىم بولدى .
كەچ كۈز دىكى يالغۇز يوپۇرماق.
شىۋىرلايدۇئېيتىپ ئىسمىڭنى،
سۆيەلمىدىم ھېچكىمنى سەندە ك .
سېغىنىدۇ يۈرۈكۈم سېنى .
بەلكىم ئۇنتۇپ كەتكەنسەن مېنى.
ئۇنتالمىدىم زادىلا سېنى ،
ئالداندىمۇ بىلمىدىم يۈرەك .
ھىجرانلاردا قالدۇردۇڭ مېنى ...
چۈش بۇلىشنى تىلەيمەن دائىم .
سىم - سىم يامغۇر ياغقان كۈنلەرنى ...
سېغىنىدۇ يۈرۈكۈم سېنى ،
ئۇزاتساڭچۇ قارا تۈنلەرنى ...
ھېجىران شئىرنى دىكلاتماتسىيە قىلىپ بولغۇچە
ئىپتار ۋاقتى بۇلۇپ تائاملار تارتىلىپ بۇ ئاچ بۈرە ئەزاللار تاماقلارغا بېقىشپ كەتتى
ئەلشىر تەلەيلىك قاپاقىنى كۆتۈرۇپ كېرىپ كېلەر قېتىملىق "مىسرانىم مەشرپى"نى كىمنىڭ ئۆتكۈزشىنى بىكىتمەكچى بولدى
مىرشاب ئوتقاش چەك تارتۋىدى كېلەر قېتىملىق مەشرەپ ئويۇشتۇرغۇچى
مىسرانىم مۇنبىرنىڭ داڭدار قۇشاقچىسى كۈكنۇر چىقتى
ھەممە چاۋاك چېلىپ كۈكنۇرنى مۇبارەكلىدى
سەرخل ،دوئىل ،خوك ،نازۇك ،رىشتەم،ئىزباسار قاتارلىق ئەزاللار ئوپچى
مىسرانىم ....مىسرانىم ..مىسرانىم
باقى ...باقىمەن
مىسرانمنى باقىمەن
مىسرانمىغا ئوغرى كىرسە
مەن قاراپ تۇرماي چىشنى چاقىمەن
مىسرانىم ئايدەك
شاتئاي كۈندەك
مىنى باقىدۇ
مىسرانمدا گۈلدەك دەپ خور ئورۇنلىدى
ئالقىش -سادا ئىچىدە پەردە يېپىلىپ بۇ قېتىمقى مەشرەپ مۇشۇ يەردە مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
كېلەر قېتىملىق "مىسرانىم مەشرىپى"دە كۆرۈشەيلى
كۆكنۇرغا بېرىلدى جۇمۇ كىچىدە خاتا يېىزپتىمەن