دېھقانلار (شېئىر)
(دادامغا ئوخشاش بارلىق جاپاكەش دېھقانلارغا بېغىشلايمەن)
دېھقانلار ئاجايىپ جاپاكەش ئىنسان،
ئاتىغان ئېتىزغا پۈتۈن مېھرىنى.
ئىشلەيدۇ ئەل-ۋەتەن،باللىرىنى دەپ،
شۈنىڭچۈن قورۇقلار باسقان چېھرىنى.
دېھقانلار ئاجايىپ جاپاكەش ئىنسان،
ئىشلەپ ئۇ كەلتۈرەر پايدىنى ئەلگە.
ئويلاڭلار دوستلىرىم دېھقان بولمىسا،
كىرەمتى قوغۇنلار ،مېۋىلەر تەمگە؟
دېھقانلار ئاجايىپ جاپاكەش ئىنسان،
قورقمايدۇ مۇشەققەت ھەمدە جاپادىن.
قىلساڭلار ئۇنىڭغا ئازراق ياخشىلىق،
سۇ ئىچەر دىلىڭلار مېھرى-ۋاپادىن.
دېھقانلار ئاجايىپ جاپاكەش ئىنسان،
ئاققۇزار تەرىنى توغرا ھەق يولغا.
كەمبىغەل ئۆتسىمۇ بىر پۈتۈن ئۆمرى،
سالمايدۇ كۆزقىرىنى ئالتۇنغا،پۇلغا.
دېھقانلار ئاجايىپ جاپاكەش ئىنسان،
ئۈمىد قىلمايدۇ تاجۇ-تەخىتتىن.
تەرتۆكۈپ ئېتىزغا ،ئىشلەپ ھەركۈنى،
بەھرىمان بولىدۇ شەرەپ-بەخىتتىن.
ئاپتور: تاش1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-26 03:38 PM