|
|
|
|
مۇئەللىم سىز قايسى مىللەتتىن؟ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى سۆزلەۋېتىپ: _ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇرۇن قارا چاچلىق،چاچلىرىنى 41تال ئۆرىۋالىدىكەنتۇق ھەمدە باشقا ئەللەر خەلقلىرىنىڭ مەستلىكى كەلگىدەك چىرايلىق،پەزىلەتلىك ئىكەنتۇق.مانا ھازىر بىز شۇ ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادى،-دېيىشىگە بىر ئوقۇغۇچى قولىنى كۆتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن: _مۇئەللىم،سىز قايسى مىللەتتىن؟-دېدى سوئال سوراپ. _مەن ئۇيغۇرغۇ،-دېدى ئوقۇتقۇچى سوئالدىن ئەجەپلىنىپ. _ئۇنداقتا،نېمە ئۈچۈن چېچىڭىزنىڭ ئالدى قىزىل،كەينى سېرىق ھەم قىسقا؟_دېدى ئوقۇغۇچى. ئاپتۇر:نۇرنىسا ئەخمەت.
|
|
|
|
|
|