رەھىمسىز كۈڭۈل
دۇنيادا مۇھاببەت ھەممىدىن ئۇلۇغ،
دىيىشىدۇ ئاتىلار قەدىمدىن تارتتىپ.
مەنمۇ ھەم قوشۇلغاچ ئاتىلار پىكىرىگە،
ئۆتمەكچى بولغانمەن مۆجىزە يارتىپ.
ۋە لېكىن رەھىمسىز شۇ "قۇرۇق ياغاچ"،
رەت قىلدى سۆيگۈمنى كۈڭۈلگە باقماي.
خارلاندى مۇھاببەت،ئۆتتى كۈنلىرىم،
كۈل بولدى يۈرۈگۈم كۈلكىلەر تاپماي.
شۇندىمۇ تىرىشتىم توختىماي بىراق،
نەتىجەم شۇ ئىكى قاچتى ئۇ يىراق.
يىغلىدى يۈرۈگۈم،ھەسرەتكە تولدى،
ياشلىقىم توزىدى ، قىينىدى پىراق.
شۇندىمۇ چۈشەنمەس كۆڭلۈمنى "ياغاچ"،
چۈنكى ئۇ رەھىمسىز،ھىسياتسىز بولغاچ.
ئۆتىدۇ كۈنلىرىم پىغانلار يۇتۇپ،
دۇنيادا تىكەندەك يارەنسىز قالغاچ.
قۇربانجان مەخەم
مەنبە:قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-26 04:45 PM