ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر سودا ساھەسىدە توردا ئالتۇن-كۈمۈش، پۇل سودىسى قىلىش توغرىسىدا ھەرخىل گەپ-سۆزلەر ۋە قىزىققۇچىلارمۇ كۆپەيدى. مەركىزىمىز مۇشۇ نۇقتىدىن كەڭ خېرىدارلىرىمىزغا ۋە بۇ سودىغا قىزىققۇچىلارغا مەلۇم چۈشەنچە بېرىشنى لايىق كۆردۈق. بۇ نۇقتىدا بىزنىڭ قاراشلىرىمىز پەقەت ئۆزىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەرگىز بىز دىگەندەك قىلىڭ دىگەننى بىلدۈرمەيدۇ. توغرا-ياكى خاتا دەپ چۈشىنىشىڭىز ۋە قانداق يول تۇتۇش تامامەن سىزنىڭ ھوقوقىڭىز.
توردا ئالتۇن-كۈمۈش، پۇل سودىسى قىلىش ھەممە دۆلەتلەردە بار بولغان بىر خىل سودا شەكلىگە ئايلىنىپ بولدى. لېكىن بۇنىڭدا پايدا تېپىشنىڭ ئۆزىگە يارىشا تەلەي، تېخنىكا ئانالىزى، تەسىر قىلىدىغان دۇنياۋى كۈچلەر… قاتارلىق بىر قاتار تەلەپلىرى بار. ئادەتتە بۇ خىل سودا قىلىشنىڭ مەخسۇس تەربىيلەش كۇرۇسلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇ يۇقىرى خىراجەتلىك كۇرۇسلاردا سىزگە بۇنىڭ بارلىق تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىپ بولۇپ يەنە ئاخىرىدا دەيدىغىنى « مۇشۇ ئۇسۇللار بويىچە قىلسىڭىز پايدا ئېلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ» دىن ئىبارەت. شۇ تېخنىكىلارنى سىزگە ئۆگەتكەن كىشىمۇ بەلكىم بۇ سودىنى قىلماسلىقى مۇمكىن، بۇ خىل تىجارەت سورۇنى ھازىرلىغان شىركەتمۇ بۇ سودىنى ھەرگىز قىلمايدۇ، ئشلەيدىغان تېخنىكلىرىمۇ ئوينىماسلىقى مۇمكىن، بەزى شىركەتلەر ئاشكارە ھالدا ئۇلارنىڭ بۇ سودىنى ئوينىشىنى چەكلەيدۇ. چۈنكى بۇ ئىشقا كىرىشكەنلەرنىڭ ئەقلى-ھوشى شۇ تەرەپتە قېلىپ روھىي ئەھۋالى تۇراقلىق بولمىغاچقا خىزمەتكە تەسىر يېتىدۇ.
ئاددىي بولغان ئوخشۇتۇش قىلساق بۇنداق سودىنى يولغا قويغان شىركەت قىمارخانا ئاچقان شىركەتكە ئوخشايدۇ. يەنى سىز ئۇتۇڭ ياكى ئۇتتۇرۇڭ قىمارخانا يەنىلا پايدا ئالغىنىغا ئوخشاش، سىز بۇ سودىدا پايدا ئېلىڭ ياكى زىيان تارتىڭ شىركەت يەنىلا پايدا ئېلىۋىرىدۇ. دىمەكچى شىركەت زەھەرنى ئۆزى چەكمەيدۇ، سىزنى چەكتۈرۈپ پۇل تاپىدۇ. شۇڭلاشقا شىركەتلەر نۇرغۇن پۇللارنى ئېلان-تەشۋىقاتقا سېلىپ، كەتمەن چېپىپ يىرتىق ئىشتان كېيگەندىن كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ تېزلا مىليونېر بولۇشتەك بۇ ئاقىلانە سودىنى ئۆزلىرى قىلماي، سىزنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
ئومۇمى قانۇنى بولسا 10 ئادەمنىڭ توققۇزى زىيان تارتىپ، بىرسى پايدا ئېلىش. ( شىركەت 10 دا 10 پايدا ئالىدۇ )
چىقىپ تۇرۇپتىكى بۇنىڭغا مەبلەغ سالسىڭىز زىيان تارتىشىڭىز پايدا تېپىشىڭىزدىن يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى تولا ئويلىنىپ، باھا ئۆسەمۇ، تۈۋەنلەمۇ دەپ، بەك ئۆرلىسە ھەددىدىن زىيادە كۈلۈپ، بەك چۈشۈپ كەتسە يىغلاپ… دىگەندەك روھى كېسەل ۋە يۈرەك كېسىلى بولۇپ قېلىش خەۋپى يۇقىرى. بۇنىڭ بىلەن نەخ مەيداندا ۋە كېيىنچە مۇشۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ نۇرغۇن…
دىمەكچى بۈگۈن پايدا ياكى زىيان ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۈگۈن ئەتتىگەن كۈلىسىز، چۈشتە پايدا-زىيان بولماپتۇ دەيسىز، ئاخشاملىققا يىغلايسىز…
دوستلارنىڭ قاچان كۈلۈپ، قاچان يىغلايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان بىر ئىشقا قول تىقماسلىقىنى، ئاز بولسىمۇ ھەر ۋاقىت كۈلەلەيدىغان، شۇ ئىشنى قىلسا كۈلىشىگە ئىشەنچىسى بولغان ئىشنى قىلىشىنى، كۈلىشى ياكى يىغلىشىنى دوغا تىكىپ قۇرۇق خىيالنىڭ كېينىگە كىرىپ تەس تاپقان پۇللىرىنى ۋە ساغلام روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى ئىسراپ قىلماسلىقىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇ سودىدىكى يەنە باشقا بىر ئادەم ئۆزىنى-ئۆزى ئالدايدىغان پىسخىك خارەكتىر بولسا، « كىچىكرەك ئويناپ، چوڭ ئوينىمايمەن، ياكى راستىنلا ئېلىم-سېتىم قىلماي، يالغان ئېلىم سېتىپ قىلىپ ئۆزۈمنى چاغلاپ باقىمەن…» دېگەنگە ئوخشاش ئۆزىنى يالغان رازى قىلىش، قاندۇرۇش ھالىتى بولۇپ، بۇ كىچىك ئېلىم-سېتىممۇ، يالغان ئېلىم-سېتىممۇ سىزنى چوڭ بالا-قازاغا، ياكى ئويلىمىغان خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىشى مۇمكىن. لېكىن يەنىلا باشتا دىگەندەك «توققۇز ئادەم يىغلاپ، بىرسى كۈلۈش» قانۇنىغا رىئايە قىلغان ئاساستا بولىدۇ. بۇ توغۇرلۇق كىنو ۋە ھېكايىلەرنىمۇ ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. دىيارىمىزدىنمۇ بۇ تىز باي بولۇش سودىسىنىڭ شامىلىدا نۇرغۇن يىل جاپادا تاپقان-تەرگەنلىرىنى سورۇپ، ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلىپ سەرسان بولغانلارمۇ نۇرغۇن.
باي بولغۇسى بارلار بايلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئۆزىنىڭ كۈلىشى ياكى يىغلىشىنى بىلمەيدىغان بىر ئىشقا دو تىككەنلەر بارمىكەن؟ كۆپىنچىسى ئاز-ئازدىن تاپسىمۇ شۈكۈر قىلىپ، داۋاملىق كېڭىيىشنى، تەرەققىي قىلىشنى ئاساس قىلغانلار بولۇشى مۇمكىن.
ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز!
ئىستانبۇل ھېيتگاھ تاشقى سودا مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئۇيغۇرباي
www.uyghuristanbul.com