دېڭىز بويىدا ئولتۇرۋېتىپتىمەن
*
(نەسىر)
*
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
دېڭىز بويىدا ئولتۇرۋېتىپتىمەن .شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە تىنىمسىز شاۋقۇنلاۋاتقان دېڭىز سۈيىنىڭ مەۋىج ئۇرۇشلىرىغا قاراپ قەھرىتان قىشنىڭ نەشتەردەك سانجىلۋاتقان جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇقلىرىدىمۇ ئىچ-ئىچىدىن پىژ -پىژ كۆيۈۋاتقان تەكتىماكاننى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم . ئەگەر شۇنداق بىر كۈچ قۇدرەت بولغان بولسا ، دېڭىز سۈيىنى تەكتىماكانغا باشلاپ قانچىلىغان يىللارغا شاھىد بولغان ئاشۇ توغراقلارنىڭ چىھرىدە كۈلكە پەيدا قىلسام ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك تەكتىماكان قۇملۇقنى تەكتىماكان بوستانلىقىغا ئايلاندۇرسام ......
باج ئېلىنمايدىغان ئەنە شۇ ئۇغۋار دەبدەبلىك خىياللىرىمدىن ئويغىنىپ قارىسام يەنە دېڭىز بويىدا ئولتۇرۋېتىپتىمەن .
يەنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ساپ سۇ تۇرسا ئەجەپ نەملىك تەكتىماكانغا ئۆتمەپتا؟ يەر تارتىپ تۇرمىغان بولسا ئۇچۇپ-ئۇچۇپ نەلەرگە بارار بولغىيتۇق ؟ يەرنىڭ مىھرى شۈنچىلىك ئىسسىقمىدۇ ؟ياكى يەر بارچە مەخلۇقاتقا شۈنچىلىك ئامراقمىدۇ ؟ ئىچىمىزگە كىرۋالغىنى يەرنىڭ مىھرىمدۇ ؟ياكى توپسىمىدۇ ؟ ئاڭلاشلارغا قارغاندا يەردىكى 10 كېلو شەيئى ئايدا بىر كېلو كېلەرمىش ،ئەجابا ئاينىڭ مىھرى شۈنچىلىك سوغۇقمىدۇ ؟ ...
كىچىك بالىلارنىڭ خىيالىدەك خىياللار كاللامنى مالماتاڭ قىلىپ ئۆزۈمچە بىر ھازا تاتلىق كۈلۈپ كېتىپتىمەن . كۈلكىدىن تەستە ئۆزۈمنى تۇتۋېلىپ قارىسام يەنە دېڭىز بويىدا ئولتۇرۋېتىپتىمەن . <<دېڭىز -ئوكيان ،دەريا -ئۆستەڭ سۇلىرىنى باشقۇردىغان شاھلار بارمىدۇ ؟ >> يەنە بالىلارچە خىيالىم باشلاندى . بىر چاغلاردا مومامدىن مۇنداق بىر چۆچەكنى ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە .
<<... سۇ خەلقى دەپ بىر خەلق بولۇپ ئۇلار سۇ دا ياشايدىكەن . ئەمما ئۇلار ئىنسانلارغا كۆرۈنمەيدىكەن . ئۇلار سۇدا قەرەللىك پائاليەت ئېلىپ بارىدىكەن .ئۇلار پائاليەت ئېلىپ بېرۋاتقان چاغلاردا ئادەم سۇغا چۈشۈپ كەتسە ساق قۇتۇلۇپ چىقىدىكەن .ئۇلار پائاليەت ئېلىپ بارمىغان چاغلاردا ئادەم سۇغا چۈشۈپ كەتسە تۇنجۇقۇپ ئۆلدىكەن ..>>
ئەگەر مومامنىڭ ئېيتقان چۆچىكىدىكىدەك راستىنلا سۇ خەلقى بولسا دېڭىز سۈيىنى تەكتىماكانغا ئاقتۇرسىكەن . تەكتىماكان دەرياسى ،تەكتى ماكان ئۆستىڭى ،تەكتىماكان شەھرى ،تەكتى ماكان باغچىسى ،تەكتى ماكان ساياھەت رايونى بەرپا قىلسىكەن .پۈتۈن دۇنيا خەلقى تەكتىماكاننى تونۇسىكەن ...
قىلۋاتقان ئۈمىدلىرىمنىڭ ھېچ ئايغى چىقىدىغاندەك ئەمەس . كۆزۈمنى ئۇۋلىۋېتىپ قارىسام يەنە شۇ دېڭىز بويىدا ئولتۇرۋېتىپتىمەن .
ئۇ،قاراڭلار ؛ دېڭىزدا قۇم ئېقىۋاتىدۇ .ھۆلمۇ ئەمەس دانە-دانە ،ئۇششاق -ئۇششاق 90گىرادۇس قىززىغان قۇم ئىقىۋاتىدۇ .توۋا ،بۇ نىمە ئىش ؟ئەجىبا تەكتىماكان ئۇچۇپ كېلىپ دېڭىزنى يۈتۋەتتىمۇ نىمە ؟؛
ئويغاق داۋاملىشۋاتقان چۈشتىكى ھەيرانلىقىمنى باسالماي تۇرۇشۇمغا ،تۇيۇقسىز چىققان شامالنىڭ زەربىسدىندۇرمۇ ،ئېھتىمال ، دەھشەتلىك ئۇرۇلۇپ چېچىلغان دولقۇن تامچىلىرىدىن چۆچۈپ قارىسام يەنە دېڭىز بويىدا ئولتۇرۋېتىپتىمەن .
ئېقۋاتقىنى قۇم ئەمەس سۇ ئىكەن ... ... ...
تاتلىق خىياللىرىم دوستۇمنىڭ <<ھوي ،ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار ،كەچ بولدى قايتايلى >> دەپ توۋلىشى بىلەن ئۈزۈلۈپ قالدى . قارىسام سۈپسۈزۈك ئاسماندا يۇلتۇزلار بىر-بىرلەپ كۈلۈپ ئون بەش كۈنلۈك تولۇنئاي تولمۇ يىراقتىن ماڭا قاراپ يېقىملىق جىلمىيۋېتىپتۇ ...
(ئەسكەرتىش:تەكلىماكاننى تەكتى ماكان دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم)
2012-يىلى 25-نويابىر يەكشەنبەشەھرى شاڭخەي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalamiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-25 08:08 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-1 05:49 PM):
دېڭىز بويىدا ئولتۇرۇۋېتىپتىمەن
*
(نەسىر)
*
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
دېڭىز بويىدا ئولتۇرۇۋېتىپتىمەن.شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە تىنىمسىز شاۋقۇنلاۋاتقان دېڭىز سۈيىنىڭ مەۋىج ئۇرۇشلىرىغا قاراپ قەھرىتان قىشنىڭ نەشتەردەك سانجىلىۋاتقان جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇقلىرىدىمۇ ئىچ-ئىچىدىن پىژ -پىژ كۆيۈۋاتقان تەكتىماكاننى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم . ئەگەر شۇنداق بىر كۈچ- قۇدرەت بولغان بولسا ، دېڭىز سۈيىنى تەكتىماكانغا باشلاپ قانچىلىغان يىللارغا شاھىد بولغان ئاشۇ توغراقلارنىڭ چېھرىدەكۈلكە پەيدا قىلسام ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك تەكتىماكان قۇملۇقىنى تەكتىماكان بوستانلىقىغا ئايلاندۇرسام ......
باج ئېلىنمايدىغان ئەنە شۇ ئۇلۇغۋار، دەبدەبىلىك خىياللىرىمدىن ئويغىنىپ قارىسام يەنە دېڭىز بويىدا ئولتۇرۇۋېتىپتىمەن.
يەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ساپ سۇ تۇرسا ئەجەپ نەملىك تەكتىماكانغا ئۆتمەپتا؟ يەر تارتىپ تۇرمىغان بولسا ئۇچۇپ-ئۇچۇپ نەلەرگە بارار بولغىيتۇق ؟ يەرنىڭ مېھرى شۇنچىلىك ئىسسىقمىدۇ ؟ياكى يەر بارچە مەخلۇقاتقا شۇنچىلىك ئامراقمىدۇ ؟ ئىچىمىزگە كىرىۋالغىنى يەرنىڭ مېھرىمىدۇ ؟ياكى توپىسىمىدۇ ؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يەردىكى 10 كېلو شەيئى ئايدا بىر كېلو كېلەرمىش ،ئەجابا ئاينىڭ مېھرى شۇنچىلىك سوغۇقمىدۇ ؟ ...
كىچىك بالىلارنىڭ خىيالىدەك خىياللار كاللامنى مالىماتاڭ قىلىپ ئۆزۈمچە بىر ھازا تاتلىق كۈلۈپ كېتىپتىمەن . كۈلكىدىن تەستە ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ قارىسام يەنە دېڭىز بويىدا ئولتۇرۇۋېتىپتىمەن. <<دېڭىز -ئوكيان ،دەريا -ئۆستەڭ سۇلىرىنى باشقۇرىدىغان شاھلار بارمىدۇ ؟ >> يەنە بالىلارچە خىيالىم باشلاندى . بىر چاغلاردا مومامدىن مۇنداق بىر چۆچەكنى ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە .
<<... سۇ خەلقى دەپ بىر خەلق بولۇپ ئۇلار سۇ دا ياشايدىكەن . ئەمما ئۇلار ئىنسانلارغا كۆرۈنمەيدىكەن . ئۇلار سۇدا قەرەللىك پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن .ئۇلار پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چاغلاردا ئادەم سۇغا چۈشۈپ كەتسە ساق قۇتۇلۇپ چىقىدىكەن .ئۇلار پائالىيەت ئېلىپ بارمىغان چاغلاردا ئادەم سۇغا چۈشۈپ كەتسە تۇنجۇقۇپ ئۆلىدىكەن ..>>
ئەگەر مومامنىڭ ئېيتقان چۆچىكىدىكىدەك راستىنلا سۇ خەلقى بولسا دېڭىز سۈيىنى تەكتىماكانغا ئاقتۇرسىكەن . تەكتىماكان دەرياسى ،تەكتى ماكان ئۆستىڭى ،تەكتىماكان شەھىرى ،تەكتى ماكان باغچىسى ،تەكتى ماكان ساياھەت رايونى بەرپا قىلسىكەن .پۈتۈن دۇنيا خەلقى تەكتىماكاننى تونۇسىكەن ...
قىلىۋاتقان ئۈمىدلىرىمنىڭ ھېچ ئاخىرى چىقىدىغاندەك ئەمەس . كۆزۈمنى ئۇۋىلىۋېتىپ قارىسام يەنە شۇ دېڭىز بويىدا ئولتۇرۇۋېتىپتىمەن .
ئۇ،قاراڭلار ؛ دېڭىزدا قۇم ئېقىۋاتىدۇ .ھۆلمۇ ئەمەس دانە-دانە ،ئۇششاق -ئۇششاق 90گىرادۇس قىززىغان(قىزىغان) قۇم ئېقىۋاتىدۇ .توۋا ،بۇ نېمەئىش ؟ئەجىبا تەكتىماكان ئۇچۇپ كېلىپ دېڭىزنى يۈتىۋەتتىمۇ نېمە؟؛
ئويغاق داۋاملىشىۋاتقان چۈشتىكى ھەيرانلىقىمنى باسالماي تۇرۇشۇمغا ،تۇيۇقسىز چىققان شامالنىڭ زەربىسدىندۇرمۇ ،ئېھتىمال ، دەھشەتلىك ئۇرۇلۇپ چېچىلغان دولقۇن تامچىلىرىدىن چۆچۈپ قارىسام يەنە دېڭىز بويىدا ئولتۇرۇۋېتىپتىمەن.
ئېقىۋاتقىنى قۇم ئەمەس سۇ ئىكەن ... ... ...
تاتلىق خىياللىرىم دوستۇمنىڭ <<ھوي ،ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار ،كەچ بولدى قايتايلى >> دەپ توۋلىشى بىلەن ئۈزۈلۈپ قالدى . قارىسام سۈپسۈزۈك ئاسماندا يۇلتۇزلار بىر-بىرلەپ كۈلۈپ ئون بەش كۈنلۈك تولۇنئاي تولىمۇ يىراقتىن ماڭا قاراپ يېقىملىق جىلمىيىۋېتىپتۇ...