|
|
|
|
چەرچەنلىكلەرنىڭ ئىپتىدائىي چالغۇسى -ئاللىچە راۋاپ
ئاللىچە راۋاپ چەرچەنلىكلەرنىڭ تارىخى ئۇزۇن ئەڭ ئىپتىدائىي چالغۇ ئەسۋابى.ئۇ ناھىيىەمىزدە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئىپتىدائىي چالغۇ.شۇنداقلا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قوغداپ قېلىشقا تىگىشلىك غەيرى مەدىنى مىىراسمىز.ئاللىچە راۋاپنىڭ كىلىپ چىقىشى يىراق قەدىمكى زامانلاردىكى شامان دىنىغا تۇتۇشىدۇ.شامان دىنىدا پىرخونلۇق ئاساسىي ئۇرۇندا تۇرغان بۇلۇپ ،يېڭى تاش قۇراللار دەۋرىدىكى ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى چۈشىنىشى <<دۇنيانى ياراتقان ئىلاھى قۇدرەت مەۋجۈت>>دېگەن ئىدىيە بىلەن باغلانغان.بەخىت -سائادەتكە ئېرىشىش ، پەسىلنىڭ ياخشى كىلىشى ، ئۆلۈم يىتىمنىڭ ئاز بۇلۇشى كىسەللىكتىن ساقلىنىش ،كىسەل بولسا تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۇش ،بالايى- قازادىن ئامان بۇلۇش...قاتارلىق ئىشلاردا دۇئا -تىلاۋەت قىلىش بارلىققاكەلگەن .بۇ دۇئا -تىلاۋەتلەر رىتىملىق ،قاپىيىلىك ئاھاڭدارلىققا ئىگە بولغان شېئىر -قوشاقلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.بۇ دۇئا -تىلاۋەتلەر كىيىنچە تېخىمۇ سىرلىق ،تەسىرلىك تۇيغۇ بېرىش ئىھتىياجى بىلەن چالغۇ ئەسۋاپلارغا تەڭكەش قىلىنىپ ئۇرۇنلانغان .قەدىمكى دەۋىرلەردە بۇ چالغۇنىڭ نىمە دەپ ئاتالغانلىقى بىزگە نامەلۇم .بۇ خىل ئەھۋال ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھەرخىل دەۋىرلەردىكى ،ھەرخىل ئىتىقاتلاردىكى ئىلاھ چۇشەنچىسىنى ئۈزىگە مۇجەسسەم قىلىغان ھالدا داۋاملاشقان .كىيىنكى دەۋىرلەردە ئەجداتلىرىمىز ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كىيىن بۇ چالغۇ ئىسلام دىنىدىكى ئەۋلىيا -ئەنبىيالارنى مەدھىيەلەش،ئۆلۈم -يىتىملەردە ھازا قۇشاقلىرىغا تەڭكەش قىلىنىشنى مەزمۇن قىلغان ھالدا بىر مەزگىل ئىشلىتىلگەن ھەمدە<<ئاللىچە راۋاپ>>دەپ ئاتالغان.ئۆز دەۋىرلىرىدىكى مەشھۇر كىشىلەرنى مەدھىيەلەش ئاساسىدا يارىتىلغان خەلىق داستانلىرىنى ئۇرۇنلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ ئەسۋابى بۇلۇپ كەلگەن.ئۇندىن باشقا كىيىنچە دىنى مەدھىيەلەر بىلەن بىللە ھەرخىل ئىشقى مۇھەببەت،غېرىپ مۇساپىرلىق ،جۇدالىق......قاتارلىق خەلىقىمىزنىڭ ئىسستىك تۇيغۇ- سىزىملىرىنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلىپ ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىدا مىراس چالغۇ بۇلۇپ كەلگەن.
ئاللىچە راۋاپ شەكلى جەھەتتىن ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابى راۋاپقا ئوخشايدۇ.ياسىلىش قەدىم باسقۇچلىرى ماتىرياللرىدىن قارىغاندا ئىپتىدائىي چالغۇلۇق خۇسۇسىيىتىنى ئۆز پېتى ساقلاپ كەلگەن.يەنى راۋاپنىڭ ئۇمۇمىي گەۋدىسىدىن قارىغاندا مۆڭگۈز شەكىللىك قۇلاق چىقىرىش ،قارنى يۈزىگە ھايۋاننىڭ تىرىسىنى يېپىش (قوي،ئۆچكەتىرىسىنىڭ يېپىلىشى)،تارىلىرىنىڭ قوي ئۈچەيلىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلىنىشى قاتارلىقلاردىن بۇ چالغۇنى خەلىقىمىز ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق ، ئوۋچىلىق شارائىتىدا بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بۇلىدۇ. ئاللىچە راۋاپنىڭ ئۇزۇنلىقى ئىنتايىن ئەپچىل ياسىلىپ كۆكرەك ئۆلچىمىدە (راۋاپ ياسىغۇچىنىڭ ئىختىيارىدا)بۇلۇپ،ئادەتتە 75سانتىمىتىردىن ئاشمايدۇ.راۋاپ ئادەتتە باش قىسىم (راۋاپ قارنى)،دەستە، قۇلاق قاتارلىق قىسىملاردىن تۈزۈلىدۇ.باش قىسىمى چوڭراق ئۈجمە ،جىگدە ،چىلان ياغاچلىرىدىن دەستە قۇلاقلىرى بىلەن قۇشۇپ ئۇيۇپ ياسىلىدۇ.باش(قارنى) ئامۇت شەكلىگە كەلتۈرۈلۈپ ياسىلىپ ،ئىچىگە قارىتىپ ئۇيۇلۇپ ئويمان شەكلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن ، ئۈستىگە ئۆچكە تىرىسدىن قىلىنغان تۈپۈلۈك بىلەن يېپىلىدۇ(كېرىلىدۇ).تۈپۈلۈككە يېپىشقا تەييارلانغان تىرە مويلىرى قىرقىۋېتىلگەن(ئاشلانغان)ھۆل تىرە بۇلۇپ ،ئالدى بىلەن تىرىدىن تۈپۈلۈككە يېپىلىدىغان دائىرە تاللىۋېلىنىپ ،دائىرنىڭ ئەتراپى تاسمە قىلىپ تىلىنىدۇ. باشلىقنى ياپقاندا(كەرىگەندە)تاسمىلار ناغرا كەرگەندەك راۋاپنىڭ ئاستىغا تارتىلىدۇ. راۋاپنىڭ باش قىسىمىغا يېپىلغان تۈپۈلۈك (تىرە)تەكشى چىڭ تارتىلغاندىن كىيىن (يېپىلغاندىن كىيىن)،بىر مەزگىل قۇرۇتۇلۇپ،تازا چىڭ ھالەتكە كەلگەندە،راۋاپنىڭ تۈپۈلۈكى (قارنى) پۈتكەن بۇلىدۇ. دەستىنىڭ دىئامىتىرى ئادەتتە 3-4سانتىمىتىر ئەتراپىدا بۇلىدۇ. دەستىنىڭ ئۇستۈنكى قۇلاققا ئەگىلىدىغان ئەگمە ئۈستىگە دەستىگە توغرا كەلتۇرۈلۈپ تارى كۆتەرگۈچ(بۇلبۇلەك) ئورنىتىلىدۇ.بۇ خىل راۋاپنىڭ قۇلاق قىسىملىرى ئاستىنقى قۇلاق ۋە ئۇستۇنكى قۇلاق دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئاستىنقى قۇلىق ئادەتتە جۈپ قۇلاق دېيىلىدۇ. راۋاپ باشلىقنىڭ ئىككى تەرىپىگە يۇمىلاق شەكىلدە ئۇيۇلۇپ شەكلى مۆڭگۈز شەكلىگە كەلتۈرىلىدۇ.راۋاپ دەستىسىنىڭ ئۈستۈنكى ئۇچىدىكىسى ئۈستۈنكى قۇلاق بۇلۇپ ،بۇ قۇلاق تۆۋەنگە ئەگمە ھالەتتە چىقىرىلىپ ئوتتۇرىسىدىن يېرىقچە ئۇيۇلىدۇ. ئۇيۇلغان يېرىقچىنىڭ ئككى تەرىپىگە ئۇدۇل كەلتۇرۇلۇپ ئككى3 تۆشۈك ئېچىلىپ ،راۋاپ تارىنىڭ تارىنى يۆگەپ چىڭىتىدىغان ياغاچتىن ياسالغان تارى چىڭىتقۇچ بىكىتىلىدۇ .راۋاپ قارنىغا يېپىلغان تۈپۈلۈك قۇرۇپ تازا چىڭ ھالەتكە يەتكەندە ،ئاندىن ئۈستىگە خەررەك(ئىشەك)ئورنىتىلىپ،راۋاپ قارنى باشلىقنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن دەستىگە قارىتىپ 3 تال تار تارتىلىدۇ. ھەربىر تارىنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن 1سانتىمىتىر ئەتراپىدا بۇلىدۇ.راۋاپ دەستىسىگە پەدە باغلانمايدۇ.تارى ئادەتتە راۋاپنىڭ ئۇمۇمى ئۇزۇنلىقىدا تارتىلىپ ،دەستىنىڭ ئۇستۇنكى ئۇچىدىكى تارى كۆتەگۇچ (بۇلبۇلەك)تىن ئۈتۈپ ،ئۇستۇنكى قۇلاقتىكى 3تۈشۈككە تارى يكگەش ئۈچۈن تەييارلانغان تارى چىڭىتقۇچقا يۆگىلىپ ،چىڭىتىپ تەڭشىلىدۇ.راۋاپ تارى ئادەتتە ئۆچكە ئۈچىيىنى تۇز سۈيىگە چىلاپ سىرىپ يۆگەپ تارتىپ (ئۈچەينىڭ ئىككى ئۇچچىنى تۈۋرۈككە باغلاپ ئارلىققا ئېغىر تاشلارنى ئېسىپ )قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.ئاللىچە راۋاپنىڭ ئالدىنقى بىرىنچى تارىسى -ئاساسى مىلۇدىيىنى ئۇرۇنلاش ئۈچۈن ، قالغان ئككى تارىسى ئاككورد ياكى سادا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .راۋاپنىڭ بىرىنچى تارىسى (رەي)،ئككىنچى تارىسى (لا) ،ئۈچىنچى تارىسى (سو)شەكىلدە تەڭشىىلىدۇ،يەنى 5-6-2.ئاللىچە راۋاپ ئكزىنىڭ قەدىملىكى ھەم ئۆزگىچىلىكى بىلەن بۇ قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق غەيرى مەدەنىيەت مىراسلار تىزىملىكىدە قوغداش تۈرى قىلىپ بىكىتىلدى.
مەنبە:<<گۆھەر ماكان-چەرچەن>>ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى. تەييارلىغۇچى:ئالىمجان ياسىن شىر يازدان ۋاقىت:2012-يىلى11-ئاينىڭ 25-كۈنى
|
|
|
|
|
|