مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 885|ئىنكاس: 3

مەشھۇر ئەدىبلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ( 2 ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83018
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5473
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 402 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 06:11:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                ئابدۇقادىر داموللا ( 1862 - 1924 )

        تۇنۇلغان ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ، مەرىپەتپەرۋەر ، تەرەققىيپەرۋەر ئالىم ، ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشقەرى ( تەخەللۇسى غازى ) 1862 - يىلى ئاتۇشنىڭ مەھشەد يېزىسىدا ئابدۇۋارىس ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ << زۆرۈر ئەقىدىلەر >> ، << ئىسلام ئىبادەتلىرى >> ، << گۆدەكلەرگە تەلىم >> ، << ئاممىغا نەسىھەت >> ، << تەجۋىد تۈركىي >> ، << ئەدەپ ئاچقۇچى >> ، << مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس >> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان . 1924 - يىلى 8 - ئايدا قەشقەر كونا ئوردىدىكى ئۆينىڭ كۈتۈپخانىسىدا سۇيقەستىچىلەر تەرىپىدىن سۇيقەستكە ئۇچراپ ئالەمدىن ئۆتكەن .

                                  قۇتلۇق شەۋقى ( 1876 - 1937 )

         ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ، شائىر نەشىرياتچى قۇتلۇق شەۋقى قەشقەردە ئابدۇرېھىم بەگ ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر كىشى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ شەۋقى تەخەللۇسى بىلەن << ئويغاندى >> ، << ئانا تىل >> ، << ياتۇر >> قاتارلىق لىرىكىلارنى ، ماقالىلەرنى يېزىپ ، ئەينى دەۋردىكى ئىسلاھات ، مەدىنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى بولغان . ئۇنىڭ ئىجادىي مىراسى ئەدەبىياتتىن باشقا يەنە تارىخ ، پەلسەپە قاتارلىق ساھەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى . ئۇنىڭ تارىخىي ئەسەر << ۋاقىئى كاشىغەر >> ناملىق ئەسىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزېيدا ساقلانماقتا .

                                 ئابدۇخالىق ئۇيغۇر  ( 1901 - 1933 )

         ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رېئالىزملىق ئىجادىيەت مېتودىنى ئەۋج ئالدۇرغان خەلقپەرۋەر ، ۋەتەنپەرۋەر ، دېموكراتىك شائىر ، ھازىرقى زامان دېموكراتىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرىدۇر .ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۇنىڭ تۇلۇق ئىسمى ئابدۇخالىق ئابدۇراخمان ئۇيغۇر بولۇپ << ئۇيغۇر >> ئۇنىڭ تەخەللۇسىدۇر . ئۇ 1901 - يىلى تۇرپان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن . سەككىز - توققۇز يېشىدىن باشلاپ دىنىي مەكتەپتە ئوقۇشقا باشلىغان . پارسچە ، ئەرەبچە ئۆگەنگەن . كېيىنچە تۇرپان بازار  ئىچىدە خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان . ئۇ چوڭ دادىسى بىلەن بىللە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ شەمەي ، كېيىن موسكىۋا ، تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەردە بولغان . ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى يېڭى مەدەنىيەت ، ئىلىم - پەننىڭ تەشنالىرىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن ، شۇ چاغدىكى موستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ بېسىملىرىغا قارىماي بىلىم ئۈستىدە ئىزدەنگەن . 20 يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا باشلىغان . ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرى مەرىپەتپەرۋەرلىكنى ئاساس قىلغان بولۇپ ،كېيىنچە جاھانگىرلىك ، فېئودالىزمغا قارشى ئىنقىلابىي ئىرادە بىلەن تولۇپ تاشقان مەزمۇنلارغا كۆچكەن . ئۇنىڭ يازغان مۇھىم ئەسەرلىرى << پىغان >> ، ( 1927 - يىلى ) ، << كۆڭۈل خاھىشى >> ( 1930 - يىلى ) ، << قىل باھار >> ، << ئىشتىمەس >> ، << ئارمان >> ، << قىزىلگۈل >> ، << ئۇيغۇرۇم >> ، << باردۇر >> ، << ئويغان >> ، << ئاچىل >> قاتارلىق 200 نەچچە پارچە ھەر خىل تېمىدىكى شېئىرلاردىن ئىبارەت . ئۇنىڭ شېئىرلىرى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن << ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى >> دېگەن توپلام شەكلىدە قايتا نەشر قىلىندى . ئۇ قۇمۇل دېھقانلىرىنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرىدە ئۆز يۇرتى تۇرپاندا ھەرىكەن ئېلىپ بارغانلىقتىن ، 1933 - يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان .

                                   مەمتىلى ئەپەندى ( 1901 - 1937 )

          ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تۇنۇلغان ۋەكىلى ، ئوت يۈرەك شائىر ، كومپوزىتور مەمتىلى توختاجى ( تەخەللۇسى تەۋپىق ) ئاتۇشنىڭ بويامەت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . ئۇ قىسقىغىنە 36 يىللىق ھاياتىدا ئۆز خەلقىنىڭ مائارىپى ھەم ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان . ناھايىتى كۆپ بىلىملىك زىيالىيلارنىڭ بېشىغا چىققان قانخور جاللات شېڭ شىسەي مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۋەتكەن .
          شائىر مەمتىلى توختاجىنىڭ << بىز مۇئەللىم >> ، << ۋەتەن ئۈچۈن >> ، << ئويغان خەلق >> ، << ئەي ، ئانا يەر >> ، << ئىزچىلار مارشى >> قاتارلىق خېلى كۆپلىگەن ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بار . ئۇنىڭ << تەۋپىق شېئىرلىرى >> ناملىق توپلىمى نەشر قىلىندى

                                      ئەنۋەر ناسىرى ( 1914 - 1946 )

          شائىر ئەنۋەر ناسىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ئوينىغان رولى بىلەن ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ . شائىرنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە سان جەھەتتىن كۆپ بولمىسىمۇ ، ئەمما ناھايىتى قىممەتلىكتۇر . ئۇ ئىلغار ئىدىيەلىك شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ل . مۇتەللىپنىڭ << مېنىڭ دەسلەپكى ئۇستازىم ئەنۋەر ناسىرى ئىدى >> دەپ تەرىپلىشىگە ئېرىشكەنىدى . ئەنۋەر ناسىرىنىڭ << كۈن چىقىش شامىلى >> ، << قىشقا بېغىشلاپ >> ، << ئۆلۈم ئالدىدا >> قاتالىق شېئىرلىرى بار .


        داۋامى بار .

          مەنبە : ئەدەبىياتتىكى زۆرۈر بىلىملەر كىتابىدىن ئېلىندى .   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qiqak1219 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-25 06:13 PM  


ھاياتىڭىزدا كىشىلەر دېڭىز دولقىنىغا ئوخشاش كېلىپ - كېتىپ تۇرىدۇ . لېكىن ناھايىتى ئاز كىشىلەر قەلبىڭىزدە ئۆچمەيدىغان ئىزلارنى قالدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 01:14:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۈم ئالدىدا .
مەن بەك ئامراق ما شېئىرغا

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 06:14:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەخەللۇسى زادى نىمە ؟ قەبىرىسى يوقلىغان ۋاقىتتا مۇنداق كۆرگە ئىدىم . ئابدۇقادىر داموللا قەشقىرى ئارتىش  دەپ كۆردۈم .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81739
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3156
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-6-18
ئاخىرقى: 2014-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 07:57:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش