دوستۇم ھەققىدە مۇخەممەس
(بىر دوستۇمغا بېغىشلايمەن)
مۇھەممەتئىمىن توختىمۇھەممەت
پاساھەتتە تۆۋەندۇرمەن شۇڭا ئەپۇ سوراي دوستۇم،
سىنىڭ بار بىساتىڭنى ئەلگە مەن ياياي دوستۇم ،
ئەگەر يازغانلىرىم تۆھمەت بولسا ئۆلەي دوستۇم ،
يالغاننى قۇشۇپ قويسام دوزاقتا گۈيەي دوستۇم ،
ئۆزۈڭ قىلغان مىڭ ئىشتىن بىرىنى يازاي دوستۇم ؛
شۇڭا مەن باشلىدىم ئەپۇ ھەم قەسەملەردىن ،
ئۆزۈمگە بالا تاپماي يارۇ –دوست ھەقەملەردىن ،
قىلىپ يۈرسەممۇ ھەر ئىشتا ئىھتىيات پەكەملەردىن ،
تاپار ھەتتاكى جىنايەت مەن يازغان رەقەملەردىن،
شۇڭا دەيمەن ھەر ئىشتا ئىمكان مەن قالدۇراي دوستۇم؛
ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق دوست ئىدۇق پادا باققاندا ،
يىيىشكە تەنھا قىيمايتتۇق پۇچۇق مېغىزنى تاپقاندا ،
بىر كىگىزدە تەڭ ياتقان قار-يامغۇرلار ياققاندا ،
تەڭ تۆككەن ئىدۇق ياشنى قىيان سۇلاردا ئاققاندا ،
ئۆتۈنۈپ بىز دىيىشكەن سىنى ساق قالدۇراي دوستۇم؛
ئەگەر ئۇچراشمىساق بىر كۈن دىمەيتتۇق ئەتىگە مەيلى ،
ئەيىپلەپ ئۆزىمىزنى قىلاتتۇق بىز نۇمۇس خەيلى ،
كىچىلەر بۇلۇپ مۇڭداش قىلاتتۇق باغ ئارا سەيلى ،
ئۈتۈشكە مەڭگۈگە شۇنداق چىن دىلدىن قەسەم دەيلى ،
ئەگەر سەندىن ئايرىلسام تىنىم تاپماي ئۆلەي دوستۇم ؛
سىنى بىر خېزىر بىلدىم مىنىڭ قاشىمگە كەلگەندە ،
ئىززىتىڭنى قىلاي دىدىم مىنىڭ قەدرىمنى بىلگەندە،
ئۆزۈمنى چاغلىماي قالدىم ماڭا باققاندا كۈلگەندە ،
يۈرەكتە چوڭ ھۇزۇر بىلدىم كۈلۈپ شادلىقتا يۈرگەندە ،
دىدىم شۇ چاغدا سەن ئۈچۈن زەھەرنى مەن يۇتاي دوستۇم ؛
بېشىڭغا تاجى قونغاندا سىنىڭ شۆھرەتلىرىڭ ئازدى ،
بېشىڭ غەملەرگە پاتقاندا رەقىبكە ھۆر باھار يازدى ،
قالساڭ ئەگەردە مۈشكۈلدە رەقىبنىڭ چالغىنى سازدى ،
گەر ماڭساڭمۇ تۈز يولدا دەيتتى سىنى يامان ئازدى ،
قەسەم قىلغان ئىدىم شۇندا ساڭا ھەمدەم بۇلاي دوستۇم ؛
ساڭا كىملەر رەقىپ بولسا ئاڭا قارشى ئوت ئاچتىم ،
سىنىڭ دوستۇڭنى كۆرگەندە ئاڭا قۇچاقنى كەڭ ئاچتىم ،
سىنىڭ ئارقاڭدا سۆز قىلسا يۈز-كۆزىگە توپا چاچتىم ،
سىنىڭ ئالدىڭدا گېدەيگەننى بىلىنى پوكلىدىم باستىم ،
دىدىم شۇچاغدا مۈشكۈلدە ھىماتىڭ بولاي دوستۇم .
سىنىڭدەك بىر قانات بار دەپ ئاسمان قەھرىدە ئۇچتۇم ،
يېنىمدا تاغ كەبى يۆلەك سىنىڭدەك ياخشى بىر دوستۇم ،
رەقىپلەر ئالدىدا مەغرۇر ئوينىدى تۆمۈر مۇشتۇم ،
قۇيۇپ مەيلىمگە پەرۋاسىز ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشتۈم ،
نىمىشقا دەر ئىدىم شۇ چاغ رەقىپنى مەن ئۇراي دوستۇم .
بېشىڭغا ئامەت قونغاندا مىنىڭ ئۈستۈمگە ئاتلاندىڭ ،
ماڭا كەلگەن ئاپەتتىن كۈلۈپ- يايراپ شاتلاندىڭ ،
دىدىڭ :ئۆزۈڭنى چوڭ چاغلاپ ئەجەپ ياخشى باپلاندىڭ ،
سىنىڭدىن قاچتى يارەنلەر ئۆزۈڭ نەزەردىن تاشلاندىڭ ،
كىلەرسەن ئاقىۋەت بىر كۈن قولۇڭغا مەن سۈيەي دوستۇم .
بېشىمغا كۈلپەت چۈشكەندە مىنى نامەرت ئوسال بىلدىڭ ،
گىپىدە تۇرماس بىر پىخسىق ساقىلى يوق سوكال بىلدىڭ ،
قىلساممۇ بىر توغرا ئىشىنى گۇمان بىلەن سوئال بىلدىڭ ،
جاھان ئىچرە بىر ئاخماق ئەقلى يوق مىسال قىلدىڭ ،
سەن دىگەندەك مەن بولسام ئۈزۈم رەسۋا بولاي دوستۇم .
مىنى سۇندۇرسا رەقىپلەر سىنىڭ كۆڭلىڭگە خوش ياقتى ،
ئەرزىگەچكە قىلغىنىڭ كىچە يۇ-تۈن ئىشىك قاقتى ،
ئېتىپ ئۆيىدە پولو- مانتا سىنى داڭلىدى باقتى ،
مىنىڭدىن ئۆتسە سەۋەنلىك كۆپتۈرۈپ ساڭا چاقتى ،
دىدىڭ شۇ چاغدا دەككىنى تازا ئەپلەپ بىرەي دوستۇم .
ئۆيۈمدە چىقسا غەۋغالار كۆرمەي دەپ يىراق قاچتىڭ ،
ئەگەر پۇرسەتنى تاپقاندا ئوت ئۈستىگە ياغ چاچتىڭ ،
ئۆتۈپ خالىيغا بارغاندا شىكايەتتىن ئېغىز ئاچتىڭ ،
قۇيۇڭ ئۇنداق نامەرتنى دەپ غەزەپتە قاينىدىڭ تاشتىڭ ،
ئۇنىڭ ئۆيىدە يىگەننى ياندۇرۇپ قۇساي دوستۇم .
ئاڭلىسام دەپ يۈرۈپسەن ئارقىمدىن قىلىپ غەيۋەت ،
ئەگەر بىر چىن چاي ئىچسەڭ تويغۇزار قىلىپ مىننەت ،
توۋا دەيمەن يىگەنتىڭ ئۆيۈمدە تۈگىمەس نىممەت ،
ئىچىمنى قاينىتار شۇنچە دۆت –ئاخماق دىگەن تۆھمەت ،
شۇ قىلغان گىپىڭگە مەن بىر كاچات سالاي دوستۇم .
يېقىن بىلدىڭ ئۈزۈڭگە ساڭا سىنچاينى قۇيغاننى ،
ۋاپادار بىلىپ يۈردۈڭ سالام تەزىملەر قىلغاننى ،
دۈشمىنىڭ رەقىپ بىلدىڭ يامان يولدىن توسقاننى ،
قالارسەن بىلمەيلا بىر كۈن رەقىپ تىرەڭنى سويغاننى ،
قالساڭ ئەشۇ ھالەتكە مەن قانداق كۆرەي دوستۇم .
كۆرەڭلەپ بىر مەھەل سەكرەپ تىرەڭگە پاتمىدىڭ دوستۇم ،
ئىزدەپ ئۈلپەت يارەننى ئۆيۈڭدە ياتمىدىڭ دوستۇم ،
ئىزلەپ مەندىن ھەر گۇناھ مۇراتقا قانمىدىڭ دوستۇم ،
بىراق ئالدىمغا سەن ئاتلاپ دىدىڭ يا ئاتمىدىڭ دوستۇم ،
دىدىڭ شۇ چاغدا بۇ يۇرتتا مەن قانداق تۇراي دوستۇم .
رەقىبىم سەكرىشىپ كەتسە ئۆزۈڭ سەۋرى سۈكۈت قىلدىڭ ،
كىچىلىرى ئۇخلىماي ئىزلەپ پاراسەت ئۈگۈت قىلدىڭ ،
قىز بولسىمۇ باش ئۇرسا ئۇنى نوچى يىگىت قىلدىڭ ،
مىنى غەملەردە پارچىلاپ چەيلىدىڭ چىگىت قىلدىڭ ،
دىدىڭ بىراق ئۈزۈڭ ئاقلاپ :سىنى قانداق ئۇراي دوستۇم .
كىچىك ئەيۋىمنى كۆپتەردىڭ كىچىك ئىشنى يۇغان قىلدىڭ ،
قەدەمدە بىر قۇرۇپ قاپقان ئالدىمغا تۇغان قىلدىڭ ،
جاكالاپ ئەل ئىچرە ئەيىۋىم ئىشىمنى سەن چۇقان قىلدىڭ ،
دىدىڭسەن ھەر بالا ئەيلەپ كۆڭلۈمنى پىغان قىلدىڭ ،
بىراق قاچتىڭ ساڭا ئەمدى مەن قانداق قاراي دوستۇم .
ئوت قويغاندا كارىڭ يوق چىراق ياقسام گۇناھ تاپتىڭ ،
نەسىھەت ئەيلىسەم توغرا ئۆزۈڭ باشقا مەنا تاپتىڭ ،
چەيلەپ مىنىڭدەك دوستنى سەن ئەقىللىق دەنا تاپتىڭ ،
قەلبىڭگە يېقىن سىرداش شىرىن سۆز رەنا تاپتىڭ ،
يازغىنىم ھەرگىز ئەمەس قارا مەن سۇراي دوستۇم .
سۆزىڭگە كىرمىسە كىم گەر ئۇنىڭ بەختىگە قەست قىلدىڭ ،
قىسىپ بۇرنىڭنى ھەر دائىم ئۆزگىلەرنى پەس قىلدىڭ ،
ئېيتىپ ئەللەي مۇقامىڭنى ئۇنىڭ ئەقلىنى مەست قىلدىڭ ،
خاراپ ئەيلەپ جاھان ئىچرە كىرەكسىز نەرسە خەس قىلدىڭ ،
نەسىھەت ئەيلىسەم ھەر چاغ دىدىڭ قانداق ئازاي دوستۇم .
كىشىنى كۆزگە ئىلمايسەن پاتمىدىڭ تىرەڭگە ھازىر ،
ئابرويلۇق كىشىدۇرسەن سىنى ماختاپ يۈرەر نازىر ،
ئۆيۈڭگە كەلسە گەر باشلىق تەيياردۇر پولو گازىر ،
شۇڭا بولدى يۈزۈڭ يورۇق ھەر ئىشقا بولۇپ قادىر ،
شۇڭا دەيمەن قىلىپ سەۋرى غەزەپنى باساي دوستۇم .
كۆرەڭلەشكە ھەقلىقسەن يۇقۇردا تىرىكىڭ بار دۇر ،
تۆۋەندە دوستلىرىڭ كۆپ يۆلەنچۈك شىرىكىڭ باردۇر ،
كىشى ئالداشقا كامىلسەن ھەييارلىق سىرىگىڭ باردۇر ،
تاماخور بەندە باشلىققا سىنىڭمۇ كىرىگىڭ باردۇر ،
شۇڭا مەن يىنىكلىك قىلىپ قانداقمۇ تاشاي دوستۇم .
مەن يۇرتۇمدىن پالانسام دەردىڭ چىقتىمۇ دوستۇم ،
رەقىپلەر سەن ئۈچۈن بايلىق سوڭلاپ تىقتىمۇ دوستۇم ،
مىنىڭدىن يىگەن تۇز –تائام گېلىڭدىن سىقتىمۇ دوستۇم ،
رەقىبىم سىنى قۇتلاپ تون –سەرپاي تىكتىمۇ دوستۇم ،
شۇڭا دىلدىكى ئاچچىقتىن مەن قانداق ياناي دوستۇم.
مەن بوستانغا كۆچكەندە ئىككى ئايلىق بالام بار ئىدى ،
سەكسەن ياشتىن ھالقىغان قېرى ئاجىز دادام بار ئىدى ،
ئۆزۈم يالغۇز ئوغۇل ئەردىم كىسەلچان ئانام بار ئىدى ،
يوق ئىدى ھېچ يۈلەنچۈك ماڭا قانداق ئامال بار ئىدى ،
دىدىم ئۇشبۇ بالالارغا مەن قانداق چىداي دوستۇم .
دىدىم باشلىققا گۇناھسىزمەن مىنىڭ ئىشىم كىچىك ئىشتى ،
دىدى باشلىق كەسكىن قىلىپ بولدى قوي قارار پىشتى ،
سەن بوستانغا لازىمدۇر ئېھتىياج ساڭا چۈشتى ،
دىسەممۇ ئۆتمىدى سۆزۈم ئون ئىككىنجى ئاي سوغۇق قىشتى ،
دىدىم ئەپۇ قىلماققا تەشكىلدىن مەن سۇراي دوستۇم .
ئەشۇ چاغدىمۇ ئىچىڭ ئاغرىپ دىمىدىڭ بۇ كىرەك بىزگە ،
تەنقىدنى قىلىپ قاتتىق تەربىيە بىرەي ئۆزگە ،
تىرىشچانتى ھەر ئىشتا كىرەتتى ئەڭ بۇرۇن سۆزگە ،
بۇنى ھازىر قوغلىساق بىرەر تەسىر يامان ئۆزگە ،
بىزلەر چىڭ ياران تۇرساق مەن كىمگە چاقاي دوستۇم .
سوغۇق قىشتا ئامالسىز يېنىپ چىقتىم بوستانغا ،
دىدىم دوستۇمنىڭ ۋىجدانى قالارمۇ ھەسرەت –پۇشمانغا ،
دەپسەن تېخى يەنە قانماي ھەقلىق بۇرۇن قىلغانغا ،
مەندىن كۆرۈپ يۈرۈپتۇ ئۆزى رەسۋا بولغانغا ،
دىدىڭمۇ شۇ چاغدا بىر ئېغىز سىنى مەن ئۇزۇتاي دوستۇم .
ئۆزىگە تىلەپ تاپتى نەسىھەتكە قۇلاق سالماي ،
ئۆزىنى چاغلىماي قالدى ئېغىزغا تۇراق سالماي ،
چوڭ سۈرەت سىزار بولدى رەڭگارەڭ بۇياق سالماي ،
ئۆزىگە بالا تاپتى ئۆيىگە سۇۋاق سالماي ،
ئۇنىڭ ئەيىپ –گۇناھىنى مەن قانداق ياپاي دوستۇم .
مەن شۇنداق گۈناھكارمەن سەن شۇنداق ئۇلۇغدۇرسەن ،
كىچىپ ئۆتسەڭمۇ دەريادىن سۇ يۇقماس قۇرۇغدۇرسەن ،
ئۆزۈڭنى كاتتا چاغلايسەن شۇنچە پاك يورۇقتۇرسەن ،
كەمسىتەرسەن ئۆزگىنى لاي پاچاق چورۇقدۇرسەن ،
دەيسەن ئاقلاپ ئۆزۈڭنى مەن قانداق قىلاي دوستۇم .
بوستانمۇ يامانمەسكەن يوللىرى توقاي ئەگرى ،
ئادەملەر شالاڭ ئىكەن مەھەللە ئارلىقى كەڭرى ،
سوغۇق ھەم ئۇزۇن يوللار سالاركەن زۇلۇم –جەۋرى ،
ۋەلېكىن ئۇشبۇ دەرتلەرگە مەمتىمىن قىلار سەۋرى ،
چىداملىقنىڭ تۇمارىنى بوينۇمغا ئاساي دوستۇم .
باردۇر ئۇشبۇ يۇرتلاردا ئىماملارنىڭ مازار –قەۋرى ،
كۈلەرمەن شاد –خۇرام بۇندا تېپىپ يولنى ئۆزۈم كەڭرى ،
كىلەر دەپ مەن ئۈچۈن بىر كۈن كۈلۈپ ياشاشنىڭ دەۋرى ،
ماڭا شادلىق ئېلىپ كەلگەي چىداملىقنىڭ ئەلچىسى خەۋرى ،
قىلىپ سەۋر جاسارەتتە داۋانلاردىن ئاشاي دوستۇم .
سىنىڭ ئۆستى شەرەپ- شانىڭ ئۈستىلەپ ئەمەل –مەنسەپ ،
ۋاپاغا ئەيلىدىڭ جاپا ئۆزگىلەرنى سەن قەستلەپ ،
جاھانغا پاتمىدىڭ تاشتىڭ باشقىلارنى سەن پەسلەپ ،
بىر مەھەل يۈرۈپ تۇرغىن ئىگىز- پەس ئالا دەسسەپ ،
شەرەپنىڭ تاجىنى تاقاپ توۋلىدىڭ ھاي –ھاي دوستۇم .
ئەقىلىڭنى سېتىپ يىدىڭ نام –شۆھرەتكە تاماغا ،
ۋاپاغا سەن جاپا ئەيلەپ دوستۇڭنى قويدۇڭ بالاغا ،
ھاراقنى قۇيمىسا گەر كىم بەردىڭ سوتقا داۋاغا ،
خۇشامەت قىلسا ئەگەر كىم سۈكۈت قىلدىڭ ھەر گۇناغا ،
ھەسەتخور كۆرەلمەسكە دىدىڭ:گۆرنى قازاي دوستۇم .
شۇڭا ئويلايسەن سەن ھازىر ئۆزۈڭنى غالىپ بىر كاتتا ،
سىنىڭدەك كىشى يوقتۇر ئىناۋەتلىك بۇ يۇرتتا ،
ئەل سەندىن گۇمانلانماس بولساڭمۇ گەر بىر ساختا ،
چىقارسەن تىرىك ئاخىر چۈشۈپ قالساڭمۇ دۇزاخ ئوتقا ،
بىراق ھىيلە تونىڭغا ئوتنى مەن ياقاي دوستۇم .
كىرەك قىلمايسەن دوستلۇقنى سەن ئۈچۈن ھاراق لازىم ،
ۋاپادار يارەن بۇلۇر ساڭا قىلسا كىم تازىم ،
چۆچۈرىنى خام ساناپ يۈردىڭ مەڭگۈ دەپ باھار –يازىم ،
جاراڭلار توختىماي دەمسەن خۇشال ناخشا ناۋا سازىم ،
قۇرۇق ئارزۇ ھەۋەسلەردىن سېلىپسەن ساراي دوستۇم .
گەر كۆيدۇرمىسە نەپسىڭ ئىتەرسەن ھاپ دوزاق ئوتنى ،
نام –مەنپەئەت تاماسىدا ئۇنتۇپسەن ئانا يۇرتنى ،
ۋاپاغا سەن جاپا ئەيلەپ ياندۇرۇپ زۇلۇم جۇتنى ،
ئۆزۈڭگە جاپا تاپتىڭ بىشىڭدىن ئاغدۇرۇپ قۇتنى ،
كىيىننى ئويلىماي دەمسەن نىمە بولسام بۇلاي دوستۇم .
خۇشامەت قىلمىسا كىم گەر بەرمەيسەن ئاڭا سەن ئۆي ،
خوش ياقىدۇ قۇلىغىڭغا خۇشامەتنىڭ مۇقامى –كۈي ،
سىنىڭ ئالدىڭدا ئادەم ئەمەس پۈكىلىپ ئەگمىسە كىم بوي ،
دەپ قالما كىيىن دوستۇم قىلغىنىڭغا ئەمدى توي ،
ئالدىڭغا كىلەر ئىشنى سەمىڭگە سالاي دوستۇم .
سۈرۈپ دەۋران يۈرۈپ تۇرغىن ئەنە شۇنداق ساما ئەيلەپ ،
كۆرەڭلەپ خۇدىڭ بىلمەي ۋاپاغا سەن جاپا ئەيلەپ ،
ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ تۇرغىن ھەر ئىشقا بانا ئەيلەپ ،
كىلەرسەن ئاخىر بىر كۈن دەردىڭگە داۋا ئەيلەپ ،
ئاشۇ كۈننى سەۋر بىلەن سۈكۈتتە كۈتەي دوستۇم .
قىساس تۇتماس دەپ ئويلامسەن سىنىڭ قىلغانلىرىڭ ئازمۇ ،
سىنىڭ ئۈچۈن بۇ زامان مەڭگۈلۈك باھار يازمۇ ،
غېرىپلارنىڭ كۆز يېشى سەن ئۈچۈن مۇقام –سازمۇ ،
بۇلار سىرىڭ ئاخىر پاش پارا بەرسەڭمۇ قوي –غازمۇ ،
ساڭا نەپرەت قىيان سۇدەك دەپ قالدى تۇشاي دوستۇم .
ئۆلەرسەن نۇمۇس- دەرتتە ئەگەر چاۋاڭنى مەن يايسام ،
سىنىمۇ قىلاتتىم سەرسان ئەگەر ۋىجداندىن مەن تايسام ،
يۈرەلمەيسەن بۇ يۇرتتا توغرا يولدىن مەن تايسام ،
ئۆزۈڭ قىلغان مىڭ ئىشتىن ئەگەر مەن بىرىنى قىلسام ،
ساداقەت لەۋزىدىن قىلغان ۋەدەمدە تۇراي دوستۇم .
ئوقۇپ ئۇشبۇ مۇخەممەسنى چىچاڭشىپ كەتمىگىن دوستۇم ،
يۈزۈم قالمىدى ئەلدە دەپ ھەسرەتلەر چەكمىگىن دوستۇم ،
تۈزەتكىن ئەسكى ئىللەتنى يەنە داۋام ئەتمىگىن دوستۇم ،
دوستلىرىڭنى قاقشىتىپ يېشىنى سەپمىگىن دوستۇم ،
سىنىڭدەك قىلمىدىم خىيال چاۋاڭنى چۇۋاي دوستۇم .
بولدى بەس! سۆزۈم ئەمدى شۇنچىلىك يىتەر دوستۇم ،
سەن ئۈچۈن بۇ سۆزلەر بەك ئارتۇق كىتەر دوستۇم،
بەك ئارتۇق يېزىۋەتسەم خەق زاڭلىق ئىتەر دوستۇم ،
ئىچى تار ھەسەتخور دەپ كۆتىمگە تىپەر دوستۇم ،
ساڭا ئارتۇق تۆھمەتنى دىمىدىم مەن سۇۋاي دوستۇم .
يېزىپ مەمتىمىن شۇنچە ئۇزۇن بىر مۇخەممەسنى ،
قىلدى ئاشكارە ئۆزىگە قىلىنغان تۆھمەت سۈيقەستنى ،
ئەمدى ھەرگىز دوست دىمەس بەدنىيەت تىگى پەسنى ،
ئەقلىنى ساتقان ھاراققا ۋاپاسىز ئاشۇ مەستنى ،
سۆزۈمنى بەس قىلىپ ئەمدى مەشەدە توختىتاي دوستۇم .
1991-يىلى 1-ئاي
مەنبە: دادام قەلىمى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-25 02:08 PM